大数跨境

روھىي ھالىتى ياخشى ئادەمدە كۆپ ھاللاردا بۇ ئادەتلەر بولىدۇ

روھىي ھالىتى ياخشى ئادەمدە كۆپ ھاللاردا بۇ ئادەتلەر بولىدۇ NepKan
2020-11-11
1
导读:ھايات ئەمەلىيەتتە شۇنداق. غەزەپ ئوتىدا كاللاڭنى قايمۇقتۇرۇپ قويما، بىردەملىك ئاچچىقنى دەپ ئۆزۈڭنى نا


روھىي ھالىتى ياخشى ئادەمدە كۆپ ھاللاردا بۇ ئادەتلەر بولىدۇ 
بىرىنچى، قارىغۇلارچە بەسلەشمەسلىك 
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھارغىنلىق ھېس قىلىمىز، بۇ ياكى تۇرمۇش بېسىمى ۋە ياكى قارىغۇلارچە بەسلىشىشتىن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق بەختى، ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بولىدۇ، لېكىن بىز دائىم باشقىلارنىڭ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان تەرىپىنىلا كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى جاپالارغا سەل قارايمىز. 

دۇنيادا مۇكەممەل كىشىلىك ھايات بولمايدۇ، پەقەت ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان كىشىلىك ھايات بار. كىچىك ئوت-چۆپلەر دەل-دەرەخلەر بىلەن ئېگىز-پەسلىك سېلىشتۇرمايدۇ، دەل-دەرەخلەر يەر يۈزىدە ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ، كىچىك ئوت-چۆپلەر يەردە ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ؛ سۇس چاينىڭ چايلىق خۇسۇسىيىتى بار، قەھۋەگە قارىغاندا قويۇق ئەمەس، قەھۋەنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى بار، سۇس چاينىڭ سۇس تەمى بار. 

قارىغۇلارچە بەسلەشمەي، قانائەت قىلىشنى بىلگەندىلا، تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تاپقىلى بولىدۇ. 
 
ئىككىنچىسى، سەرلەپ-مىسقاللاپ ھېسابلاشماسلىق (بەك زىغىرلاپ كەتمەسلىك)
«جاھاندارچىلىقتا بىر قەدەم يول قويۇش، كىشىلەرگە بىر ئۈلۈش كەڭچىلىك قىلىش بەخت.» دەيدىغان گەپ بار. ئادەم بۇ دۇنيادا دائىم چىقىشالمايدىغان، كۆڭۈلسىز ئىشلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئەگەر ھەمىشە يىپىدىن يىڭنىسىگىچە زىغىرلاپ كەتسە، ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ ئىسراپ بولىدۇ. ئۆزىڭىزنى خورىتىۋەتكەندىن كۆرە، ھەر ئىككى تەرەپ بىر قەدەمدىن چېكىنسە، باشقىلارنى كەچۈرىۋېتىش، ئۆزىنى كەچۈرگەنلىكتۇر.
 
كۆڭۈلدە يىپىدىن يىڭنىسىگىچە زىغىرلاپ كەتمىگەندە، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؛ ئادەم يىپىدىن يىڭنىسىگىچە زىغىرلاپ كەتمىسە، چىرايىدا كۈلۈمسىرەش بولىدۇ. ئاز ھېسابلاشساڭ، بەخت كۆپىيىدۇ؛ كۆپ ھېسابلاشسا، بەخت ئاز بولىدۇ. 
 
يىپىدىن يىڭنىسىگىچە زىغىرلاپ كەتمەي، يول قويۇشنى بىلگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 
 
ئۈچىنچى، ھەسەتخورلۇققا يول قويماسلىق 
 
تۇرمۇشتا بىز باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىغا ھەۋەس قىلىشتىن، ھەتتا ھەسەت قىلىشتىن خالىي بولالمايمىز، لېكىن ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى مەيلىگە قويۇۋەتسەك، تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۆزىمىزنى تۈگەشتۈرىۋېتىشىمىز مۇمكىن. ھەسەتخورلار ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرسە خاپا بولىدۇ، ھەتتا باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزۇپ قويىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ھەم باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدۇ، ھەم ئۆز كۆڭلىنى چارچىتىپ قويىدۇ.
 
باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىنىمىزدا، ئەگەر ئۇلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن مەدھىيەلەپ، پەرقنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرەلىسەك، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز. 
 
تۆتىنچى، زىيادە تەشۋىشلەنمەسلىك 
 
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىزنىڭ تەشۋىشلىنىشىمىز كەلگۈسىدىن گاڭگىراپ قالغانلىقىمىز ياكى قورقۇپ قالغانلىقىمىزدىن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۈز بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلار ھامان يۈز بېرىدۇ، قەيسەرلىك بىلەن يۈزلەنسەكلا بولدى. ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزىنى ۋەھىمىگە چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.  
نۆۋەتتىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر بىر كۈننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئەڭ ياخشى تاللاش. ئادەم بولۇشتا زىيادە تەشۋىشلەنمەي، كەڭ قورساق بولسا، بەخت يىراق بولمىغان جايدا بولىدۇ. 
 
بەشىنچى، ھەمىشە ئاغرىنىۋەرمەسلىك 
 
بەزىلەر: «ئاغرىنىش ئايىغىمغا سۇ قۇيغانغا ئوخشايدۇ، ئاغرىنغانسېرى ئۆزۈم شۇنچە بىئارام بولىمەن.» دېيىشىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا نۇرغۇن كۆڭۈلسىز ئىشلارغا دۇچ كېلىمىز، ئەگەر ھەمىشە ئاغرىنىۋەرسىڭىز، كۆڭۈلسىز ئىشلارنى چەكسىز چوڭايتىۋېتىسىز، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنى ئازابلايسىز. 
 
ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان ئادەم كۆز ئالدىدىكى نارازىلىققىلا قاراپ تۇرۇپ، يىراقتىكى گۈزەل مەنزىرىنى قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟ ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان ئادەم غەزىپىنى تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمىسە، قۇياش نۇرىنى قانداق قۇچاقلايدۇ؟ 
 
ئاغرىنىشنى ئازراق قىلىپ، كۆپ ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگەنگەندىلا، تۇرمۇش ئاندىن رەڭگارەڭ بولىدۇ. 
 
ئالتىنچى، مىجەزىنى كونترول قىلالايدىغان بولۇش 
 
خاپا بولۇش بىر خىل تۇغما قابىلىيەت، لېكىن مىجەزىنى كونترول قىلىش بىر خىل قابىلىيەت. كۆپ ھاللاردا، ئاچچىقلىنىش باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. 
 
مەن مۇنداق بىر ھېكايىنى كۆرگەن. بىر تۆگە قۇملۇقتا كېتىۋېتىپ، پۇتىغا بىر پارچە ئەينەك چۈشۈپ كېتىپ، قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. ئۇ ئەينەكنى قاتتىق تېپىپ چىقىرىۋەتمەكچى بوپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئەينەك كېسىلىپ، قان ئېقىشقا باشلاپتۇ. ئېقىپ چىققان قان قۇملۇققا تامچىلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا قاننىڭ پۇرىقى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرىنى جەلپ قىلىپتۇ. ئەگەر بۇ تۆگىمۇ ئويلىيالىسا ئىدى، ئۇ چوقۇم بۇ كىچىككىنە ئەينەككە نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلانغانلىقىغا پۇشايمان قىلغان بولسا كېرەك. 
 
ھايات ئەمەلىيەتتە شۇنداق. غەزەپ ئوتىدا كاللاڭنى قايمۇقتۇرۇپ قويما، بىردەملىك ئاچچىقنى دەپ ئۆزۈڭنى نابۇت قىلما. بىرەر ئىشقا يولۇققاندا مىجەزىنى كونترول قىلالىغاندىلا، ئۆمرىدە تېخىمۇ كۆپ غەم-ئەندىشىسىز بولغىلى بولىدۇ. 
 
يەتتىنچى، ئۆزىنى كەمسىتىشنى رەت قىلىش 
 
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ، شۇڭا كەمچىلىككە توغرا قاراشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، بەزى كەمچىلىك تۈپەيلىدىن مەيۈسلىنىپ كەتمەسلىك، شۇنداقلا بىر مەھەللىك خاتالىق تۈپەيلىدىن ئۆزىدىن زىيادە ئاغرىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. 
 
ئەسلەشنى خالىمايدىغان ئاشۇ مىنۇتلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، قايتىدىن يەڭگىل ئاتلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن بىر كىچىك قۇياش بولۇڭ، ئۆزىڭىزنىمۇ، باشقىلارنىمۇ يورۇتۇڭ. 
 
ئادەم بولۇشتا، ئۆزىنى كەمسىتمەي، ئۆزىگە دائىم ئىشىنىپ تۇرغاندىلا، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەممە يېرى يورۇق بولىدۇ. 
 
گەرچە بىز ھاۋارايىنى تىزگىنلىيەلمىسەكمۇ، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى ئۆزگەرتەلەيمىز؛ گەرچە قىيىنچىلىق ياكى ئوڭۇشسىزلىقلاردىن خالىي بولۇش تەس بولسىمۇ، لېكىن بىز روھىي ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا يۈزلىنەلەيمىز، جەڭ ئېلان قىلالايمىز ۋە ئۇنى بويسۇندۇرالايمىز. سىز ۋە مەن ھەممىمىزنىڭ ياخشى روھىي ھالەتكە ئىگە بولۇپ، ھەر بىر كۈننى ئاكتىپ ھالدا ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبە: خەلق گېزىتى سالونى
تىۋىش تەرجىمىسى

بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك كىتاب: قىمارغا تىكىلگەن خوتۇن

3-قىسىم
2-قىسىم
1-قىسىم
6-قىسىم
5-قىسىم
4-قىسىم
9-قىسىم
8-قىسىم
7-قىسىم
12-قىسىم
11-قىسىم
10-قىسىم
15-قىسىم
14-قىسىم
13-قىسىم
18-قىسىم
17-قىسىم
16-قىسىم
21-قىسىم
20-قىسىم
19-قىسىم
24-قىسىم
23-قىسىم
22-قىسىم
27-قىسىم
26-قىسىم
25-قىسىم
30-قىسىم
29-قىسىم
28-قىسىم
33-قىسىم 32-قىسىم
31-قىسىم
36-قىسىم
35-قىسىم
34-قىسىم


37-قىسىم
ياكى ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەن جاينى بېسىپ كىرىپ ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296