خېڭدانىڭ ئارقىسىدىن تۇيدۇرماي پىچاق تىققۇچى: رېن زېپىڭ
ئالدىنقى ئايدا ئىقتىسادشۇناس ليۇ شېڭجۈن يازما يوللاپ، رېن زېپىڭنىڭ 15 مىليون يۈەن يىللىق مائاش ئېلىپ شۈ جيايىننى قايمۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
ليۇ شېڭجۈننىڭ قارىشىچە، شۈ جيايىندا كەمچىل بولغىنى «يۈرەك» بولماستىن، بەلكى ئەقىل ئىدى، ئەمما رېن زېپىڭنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا «قۇتراتقۇلۇق»، «قايمۇقتۇرۇش»، «شامالنى كۆرسىلا يامغۇر دەپ قاراش»، «پو ئېتىش» ئىدى.
بۈگۈن (2021-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى) سەھەردە، رېن زېپىڭ ئۈندىدار سالونىدا بىر نەچچە ئېغىز «يۈرەك سۆزى»نى يېزىپ، ئۆزىنى پاك مەسلىھەتچى ئەمەلدار قىلىپ كۆرسىتىپ، خېڭدانىڭ «قازىنى (سەۋەنلىكى)»نى شۈ جيايىن بىلەن خېڭدانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىغا تاشلاپ بەردى.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، «جۇڭگونىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەرغىب قىلغان بىرىنچى كىشى» رېن زېپىڭغا قارىتا، كەمىنە ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئورا كولاپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 3-، 5-لىنىيەدىكى خېڭدانىڭ ئۆي-مۈلكىنى سېتىۋېلىشتىن توسۇپ بولالماي، كۆپ قېتىم رېن زېپىڭدىن تولىمۇ نەپرەتلەنگەن ئىدىم. ئەمما ئۇ ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن، كارىم بولمىغان ئىدى.
نېمىلا دېگەن بىلەن، تەرەققىيات سودىگىرىنىڭ مائاشىنى ئالغاندىكىن، ۋىجدانىغا خىلاپ گەپلەرنى قىلىشتىن، ۋىجدانىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ.
لېكىن، شۈ جيايىن تەكلىپ قىلغان ئالىي مەسلىھەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رېن زېپىڭ خېڭدانىڭ ئېقىم مىقدارى ۋە مائاشىدىن پايدىلىنىپ، مالىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئېقىمV غا ئايلاندى، ئەمما خېڭدانىڭ ھايات-ماماتلىق ئەڭ ھالقىلىق پەيتىدە، تۇيدۇرما ئۆز غوجايىنىنىڭ كەينىدىن قاتتىق پىچاق تىقتى.
بۇنداق ئەخلاقسىزلىق، مەندەك كۈن بويى خېڭدانىڭ ۋەيران بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەمنىمۇ چىداپ تۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇردى.
شۇڭا، بۈگۈن «جۇڭگونىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەرغىب قىلغان بىرىنچى كىشى» رېن زېپىڭدىن ئىبارەت بۇ ساختىپەزلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىماقچى بولىۋاتىمەن.
رېن زېپىڭ ئەمدىلا خېڭداغا كەلگەن چېغىدا، ھەمىشە ھەممىلا يەردە ئۆزىنىڭ گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىدىكى «مېھرىبان ئۇستازى» ليۇ مۇدىرنى تىلغا ئېلىشنى ياخشى كۆرەتتى، نۇرغۇن كىشىلەر خاتا ھالدا، رېن مۇئەللىم خېڭدانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىيەلەيدىغان ھېلىقى «نوپۇزلۇق زات» دەپ قاراپ، خاتا ھالدا شۈ جيايىن «نوپۇزلۇق زات»نىڭ ئاۋاز چىقىرىش كانىيىنى تەكلىپ قىلدى، دەپ ئويلاپ قالاتتى.
مانا بۇ رېن زېپىڭنىڭ ئەڭ لۈكچەكلىك قىلغان يېرى، ئۇ ھەقىقەتەن راست گەپ قىلدى، لېكىن ئامال قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئازدۇردى، ئۇ دەۋاتقان ليۇ مۇدىر باشقا بىر مۇدىر بولغاچقا، ئىقتىسادقا قارىتا تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ئەسلا يوق ئىدى.
رېن زېپىڭ بۈگۈنكى «يۈرەك سۆزى»دە مۇنداق دېدى: «مەن ئۇزاق يىل بېيجىڭدا تۇردۇم، شىركەتنىڭ باش ئىشتابى شېنجېندا ئىدى.»، ئۇ ئوقۇرمەنلەرنى ئازدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلمىغانلىقىنى، خېڭدانىڭ ھوقۇق مەركىزىدىن ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتماقچى ئىدى.
ئەمما بۇمۇ راست گەپ بىلەن ئادەم ئالداش بولۇپ، شۈ جيايىن «ليۇ مۇدىرنىڭ ئوقۇغۇچىسى»نى تەكلىپ قىلىپ، مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسى ۋە تەمىنات بېرىشىدىكى مەقسەت، مەركەزنىڭ ئەڭ يېڭى سىياسىتى ۋە يۆنىلىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بولۇپ، رېن زېپىڭ «بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇدىر» بولماي، سىياسىي مەركەزدىن يىراق شېنجېنغا دەم ئالغىلى باراتتىمۇ؟
ئاندىن كېيىن، رېن زېپىڭ يەنە سادىق ۋەزىرلەرنىڭ قەسەم بېرىپ مەسلىھەت بېرىشىدىكى رولىنى ئالغۇچى كۆۋرۈك بۆلىكى بولۇپ، يازمىسىدا «شىركەتتىكى بىر قانچە ئاساسلىق مەسئۇل كىشىنىڭ ئالدىدا توغرا پىكىر بېرىپ، قەرزنى ئازايتىپ، كۆپ مەنبەلىشىشكە قارشى تۇرۇش»، «كادىرلار يىغىنىدا زور تەنقىدكە ئۇچراش» قاتارلىق كەچۈرمىشلىرىنى تىلغا ئالغان.
يېڭى ئوقۇرمەنلەرنى ئازدۇرۇپ، ئۇلار «رېن زېپىڭنى خېڭدادىكى پىشاڭنى تۆۋەنلىتىشنى مۇراجىئەت قىلغان "تىنچلىق تەرەپدارى."» دەپ قارىشىغا سەۋەبچى بولغان.
ئەمما ئەمەلىيەتتە، «جۇڭگونىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەرغىب قىلغان بىرىنچى كىشى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، رېن زېپىڭ خېڭدانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەڭ كەسكىن «تىنچسىزلىق تەرەپدارى» بولۇپ، خېڭداغا كەلگەندىن باشلاپ، جېنىنىڭ بارىچە: «دۆلەت ئۆسۈمنى چۈشۈرىدۇ»، «دۆلەت ھەقىقەتەن ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىدۇ»، «دۆلەت ئۆسۈمنى چۈشۈرىدۇ»، «دۆلەت ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىدۇ» دەپ جار سېلىپ كەلدى.

پۈتۈن دۇنياغا ئايانكى، ئۆسۈم تۆۋەنلىسىلا، ئۆي-زېمىن جەزمەن ئۆسىدۇ، كىم قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان يەر قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ پۇل تاپىدۇ.
«جۇڭگونىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەرغىب قىلغان بىرىنچى كىشى» بۈگۈنكى كۈندە خېڭدادىن ئايرىلىپ، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشنى تەرغىب قىلىدىغان ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، بۈگۈن 2018-يىللىق دوكلاتتا «ئوتتۇرا، كىچىك ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈش خەۋپ-خەتىرى» دېگەن بىر جۈملە سۆز بىلەن ئۆتمۈشتىكى قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ياپماقچى، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ئۆي-مۈلۈكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسىلىسىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى.
لېكىن ئەمەلىيەتتە، 2017-يىلىلا سان-ساناقسىز ئوتتۇرا، كىچىك ئۆي-زېمىن سودىگەرلىرى ۋەيران بولدى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سودىگەر ۋەندا بۇ بىر يىلدا «بىلىكىنى ئۈزۈپ ھاياتىنى ساقلاپ» قالدى، 2018-يىلى يەنە «خەۋپ-خەتەرنى پەقەت ئوتتۇرا، كىچىك ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ.» دەپ قارىغان رېن زېپىڭ پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەن ئىدى.
ئۇنىڭ بۈگۈنكى «يۈرەك سۆزى»دە شۈ جيايىننى ئۆزىنى قاپقانغا دەسسەتتى دەپ دەرد ئېيتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، رېن زېپىڭ دېگەن بۇ چوڭ ئازغۇن شۈ جيايىننى قاپقانغا دەسسەتكەن ئىدى.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ۋەندا، فەنخەي، يەر شارى قاتارلىق يەر مۈلۈك ماگناتلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، 2017-يىلىدىكى خېڭدا تەسىرگە ئۇچرىمىغان ئاز ساندىكى پۇقراۋى يەر مۈلۈك ماگناتلىرى بولۇپ، يۆتكىلىش بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى.
پەقەت كۆپلەپ 3-، 5-سەپتىكى يەرلەرنى سېتىۋالمىغان بولسىلا، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشتىن كېلىپ چىققان يەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرمىغان بولسىلا دەرىجىدىن تاشقىرى ماگناتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولالايتتى.
ئەمما «جۇڭگونىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەرغىب قىلغان بىرىنچى كىشى» رېن زېپىڭ كەلگەندىن كېيىن، خېڭدانىڭ تاكتىكىسىدا تەڭشەش كۆرۈلۈپ، 3-، 5-سەپتىكى شەھەرلەردە داۋاملىق يەر ئىگىلىدى، 2018-يىلى خېڭدا 50 مىليون يۈەنلىك يەر سېتىۋالغان، باھاسى ئاران 1600 يۈەن ئىدى.
1-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك يەر باھاسىنى كۆرۈپ باقايلى، بۇنىڭدىن خېڭدانىڭ سېتىۋالغىنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، دوغا تىككىنى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆي باھاسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈش ئىدى.
ئەمما، خېڭدانى پاتقاققا پاتۇرۇپ قويغان بۇ كىشى، بۈگۈنكى كۈندە ئەكسىچە ئۆزىنى خېڭداغا «قەرزنى ئازايتىپ، كۆپ مەنبەلىشىشكە قارشى تۇرۇش» تەكلىپىنى بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇقۇمنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرنى بىر قۇر قايمۇقتۇرۇپ قويدى.
رېن زېپىڭ ئېيتقان «كۆپ مەنبەلىشىشكە قارشى تۇرۇش» شۈ جيايىننىڭ ئاپتوموبىل ياسىشىغا قارشى تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ خېڭدانى ئۆي -زېمىن ساھەسىگە پىشاڭ قوشۇش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىنى پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، دىققەتنى ئۆي-زېمىن ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈش، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
بۇ سەل ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدۇ.
ھازىر پۇقراۋى يەر مۈلۈك سودىگەرلىرى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ مۆلچەر قىممىتىنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى، يەنە ئىككى كەسىپنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنىڭ قولايلىق دەرىجىسىگە قاراپ باقايلى.
مەركەز قەتئىي ھالدا «ئۈچ چوڭ تاغ»نى ئاغدۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادنى باشلاش جاسارىتى ئاستىدا، خېڭدانىڭ بۇ يىل بىردىنبىر قايتىدىن باش كۆتۈرۈش پۇرسىتى شۇكى، يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىلىنى ياساپ چىقىش، كاپىتال بازىرىدىكى ئەرزان باھالىق مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، «بېلەكنى كېسىپ جاننى ساقلاپ قېلىش» ئارقىلىق خېڭدانىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىنى تاماملاشتۇر.
ھالبۇكى، «جۇڭگونىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەرغىب قىلغان بىرىنچى كىشى» رېن زېپىڭ بولسا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش جۆيلۈمىلىرى بىلەن شۈ جايىننى ئازدۇرۇپ، شۈ جايىننى كۆپلەپ يەر سېتىۋېلىشقا ئۈندەپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، يەرنىڭ قىممىتى ئۆرلىگەندە، پايدا ئېلىشنى كۆزلىگەن ئىدى، ئۇ شۇنىڭغا قاتتىق ئىشىنەتتىكى، ئۇنىڭ قارىشىچە «جۇڭگو چوقۇم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.» بۇنىڭ بىلەن خېڭدانىڭ نەچچە قېتىم باھانى چۈشۈرۈپ سېتىشنى تېزلىتىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى.
شۈ جيايىننىڭ خاتالىقى شۇكى، رېن زېپىڭغا پىسەنت قىلمىغانلىق بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ، يەنىلا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ئېلىپ كەلگەن يەر قوشۇلما قىممىتىگە ئۈمىد باغلىغانلىقىدا، شۇنىڭدەك كاپىتالنى جۇغلاپ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستراتېگىيەسىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كوللېكتىپنى سېتىۋالمىغانلىقىدا ئىدى.
ئاخىرىدا، مېنىڭ كۆزۈمگە ئەڭ سىغمايدىغىنى، ئۇ بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئىئانە جۇغلاپ نوپۇس تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىشىنى قېرىلىشىشقا، سەبىيلىشىشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، مەركەز ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئەرزان باھالىق يەسلىلەر، ياشلارنى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي بىلەن تەمىنلەپ، كاپىتالىستلارنىڭ كۆپچىلىك پىكرى تەرغىب قىلغان قورشاپ يوقىتىشىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتمىدى، ئۆزىنىڭ يەر مالىيەسىنى ئۈزۈۋېتىشكە بەرداشلىق بېرىپ، ئۆي باھاسىنى كونترول قىلىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ۋە بالا تۇغۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
ھالبۇكى، «جۇڭگونىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەرغىب قىلغان بىرىنچى كىشى» دەل تاراتقۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ كۆپچىلىك پىكرى پەيدا قىلىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇنازىرە دولقۇنى پەيدا قىلىپ (ئۆزى شۇنداق دېگەن)، يەر باھاسى ۋە ئۆي باھاسىنى ھە-ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈپ، پۇقرالارنى ئۆي سېتىۋالالماسلىق، توي قىلالماسلىق، بالىلىق بولالماسلىققا مۇپتىلا قىلىپ قويدى.
ئادەم بولۇشتا ئەخلاق تۆۋەن چېكى بولۇشى، ئىلىم تەھسىل قىلىشتا ھارارەت بولۇشى كېرەك.
خوجايىن خەتەر ئىچىدە قالغاندا، ئارقىسىدىن پىچاق تىقىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يىلىكىنى شوراپ تۇرۇپ، يەنە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن گەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش تولىمۇ شەرمەندىچىلىكتۇر.
مانا بۇ، «جۇڭگونىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تەرغىب قىلغان بىرىنچى كىشى» رېن زېپىڭدۇر.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.
