10-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو خەلق بانكىسى ھۆكۈمەت تورىدا «بانكا باشلىقى يى گاڭنىڭ 2021-يىلى G30 خەلقئارا بانكىچىلىق مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزى ۋە سوئال-جاۋابى» ئېلان قىلىندى.
سوئال-جاۋاب ھالقىسىدا، بەزى مۇخبىرلار: «خېڭدا ۋەقەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر دەپ قارامدۇ؟ پەقەت خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ خېڭدانىڭ زايومىنى سېتىۋېلىشىنى جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى ۋە دائىرىلىرى تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولامدۇ؟» دەپ سورىدى.
随着恒大事件的不断发酵,中国人民银行和中国政府是否认为有必要采取措施避免发生系统性风险?能否仅靠私营企业购买恒大债券来代替中国央行和当局采取更多措施?

يى گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېقىنقى مەزگىلدە خېڭدانىڭ ئەھۋالى بىر قەدەركۈچلۈك دىققەتنى قوزغىدى. خېڭدا بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئاساسلىق خېيىم-خەتىرى قەرەلى توشقان قەرزنى قايتۇرالماي، بىر قىسىم قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىش توختاپ قالغان، ئالدىن سېتىلغان ئۆي-مۈلۈكنىڭ ۋاقتىدا تاپشۇرۇلۇشى ئېنىق ئەمەس.»
近期恒大的情况引发了较多关注。恒大是一家房地产公司,目前的主要风险是到期债务未能偿还,部分工地停工,已预售的房产按时交付有不确定性。
«ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، خېڭدانىڭ خەۋپ-خەتىرى يەككە دېلو خەۋپ-خەتىرى ھېسابلىنىدۇ.» يى گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى جەھەتتە، بىرىنچىدىن، خېڭدانىڭ خەۋپ-خەتىرىنىڭ باشقا ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىغا يۇقۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، خەۋپ-خەتەرنىڭ پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىغا يەتكۈزۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك. خېڭدانىڭ قەرزى تەخمىنەن 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى پۇل مۇئامىلە قەرزى، ھەقدارلار تارقاق، يەنە رەنىگە قويغان نەرسىلىرى بار، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، خېڭدا ۋەقەسىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىگە بولغان سىرتقا يامرىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بىزنىڭ خېڭدا ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى پىرىنسىپىمىز، قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆلەم ئېلىش تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەقدار ۋە مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش. بۇ جەرياندا، بولۇپمۇ ئۆي سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداش كېرەك. بىز قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ھەقدار ۋە مەنپەئەتكە ئالاقىدار تەرەپنىڭ ھەققانىي، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئومۇمەن ئېيتقاندا، خەۋپ-خەتەرنى مەلۇم دائىرىدە كونترول قىلىپ، سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا ئىشەنچىمىز بار.»
“总体而言,恒大风险是个案风险。”易纲表示,应对措施方面,一是要避免恒大的风险传染至其他房地产企业。二是要避免风险传导至金融部门。恒大负债约3000亿美元,其中有三分之一是金融负债,债权人分散,还有抵押物,总体上恒大事件对金融行业的外溢性可控。我们应对恒大事件的原则是,严格按照法律规定的受偿顺序,充分尊重并保护债权人和产权人的合法权益。在此过程中,尤其是要保护好已购房消费者的合法权益。我们将坚持法治化的原则,确保所有债权人和利益相关方的正当合法权益得到公平对待。总体而言,有信心能把风险控制在一定范围,避免发生系统性风险。
مەنبە: چاڭئەن كوچىسى ئامبىلى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن!
تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.
