
تۇيۇقسىزلا كومپيۇتېرنىڭ تور ئۈزۈلۈپ قالدى. كەسىپ بېجىرگىلى بولمىغاچقا، «كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلدى!» دېگەن خەتنى تىكلەپ قويۇپ، ھەممىمىز قوللىرىمىزغا يانفونلىرىمىزنى ئېلىپ يانفون ئويناشقا باشلىدۇق، زالدىكى خېرىدارلار غۇدۇراشقا باشلىدى:
-ئۇكام ماۋۇ يانفونلىرىنى ئۆيدە ئويناپ، مېنىڭ ئىشىمنى بېجىرىپ بەرسىلە، ھېلىمۇ نەق بىر سائەت بولدى، ئۆچرەتتە تۇرغىلى، مېنىڭ نومۇرۇمغا كەلگەن ئۆچرەت.
دېدى، ئۆپكىدەك ئېسىلىپ بىر بودەك ئايال.
-ۋۇي ئاچا، مەندە ئامال يوق، تور بولمىسا ھېچقانداق كەسىپ بېجىرگىلى بولمايدۇ، يانفون ئوينىغۇم كېلىپ، كەسىپ بېجىرىشنى توختاتمىدىم، تور يوق، تور دېدىم.
ئېرەنسىزلىك بىلەن تېلېفوندا كۆزۈمنى ئۈزمەي.
كىچىك ناھىيە دېگەن شۇ، ھېلى توك توختىغان، ھېلى سۇ توختىغان، ھېلى تور توختىغان، دېگەندەك دائىم شۇنداق بۇنىڭغا بىزدىمۇ ئامال يوقتە، كۆڭلىمىزدە خوش بولىمىز تېخى كۆپرەك ئارام ئالىدىغان بولدۇق دەپ.
زال ئىچى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇشقا باشلىدى.
-ئۇكام سوراپ باقسىلا، قاچان كېلىدىكەن ماۋۇ تور ؟ئۆچرەتتە تۇرغىلى نە ۋاخ چۈش بولۇپ كېتەمدۇ تېخى.
خەقلەر بەس بەستە غۇدۇراشماقتا ئىدى، مەن تېلېفوننى قويۇپ قويۇپ، ئامانلىق ساقلىغۇچىنى چاقىردىم:
-ئەخمەتجان ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئالىم ئاكامنىڭ ئىشخانىسىغا چىقىپ سوراپ بېقىڭە. قاچان كېلىدىكەن ماۋۇ تور؟
ئەخمەتجان چاققانلىق بىلەن يۈگۈرۈپ ئىككىنچى قەۋەتكە ماڭدى، ھايال بولماي يۈگۈرۈپ چۈشتى.
-بۈگۈن پۈتۈن كۈن توك توختايدۇ، دەيدۇ تور يولىنى رەتلەۋاتىدۇ دەمدۇ نېمە؟
-ئەمىسە خېرىدارلارغا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭە، ئەتە كەلسۇن.
گېپىمنى ئاڭلىغان بىر دېھقان ئايال يۈگۈرۈپ دېگۈدەك يېنىمغا كەلدى:
-چىرايلىق ئۇكام نېمە بولىدۇ مېنىڭ ئىشىمنى بىر بېجىرىپ بەرسىلە، يېزىدىن ئاران تەستە كىردىم، ئۆيۈمدە ئىككى كۈن بولدى توك يوق. تۈنۈگۈن كىرسەم توك سائىتىنى رەسىمگە تارتىپ كىرسىلە دەپ بېجىرىپ بەرمىدىلە، ئاران دېگەندە ئۆيگە بېرىپ بۈگۈن توك سائىتىنى رەسىمگە تارتىپ ئەكەلسەم تور يوق دەپ بېجىرىپ بەرمىسەڭلار قانداق بولىدۇ؟
-ۋوي جېنىم ئاچا، تۈنۈگۈن كىرىپتىكەنلا «توك كارتام يوقاپ كەتتى كارتا تولۇقلاپ بېجىرەتتىم.» دەپ، مەنمۇ چىرايلىق توك سائىتىنى رەسىمگە تارتىپ ئەكىرسىلە دېدىم، راست قەستەن سىلەرگە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغىنىم ئەمەس، جېنىم ئاچا ئاۋۇ سائەتتىكى نومۇرغا قاراپ بېجىرىمىز ئۇ كارتىنى، بۈگۈن رەسىمگە تارتىپ ئېلىپ كېلىپلا، ئەمما تور توختاپ قالدى. تور بولمىسا توك سائەت نومۇرنى كىرگۈزۈپ، كارتىنى تونۇتۇپ قىلغىلى بولمايدۇ. قول بىلەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس بۇ چىرايلىق ئاچا، پەقەت خاپا بولمىسىلا، مەنچە بولسا تاققىدە بىردەمدە بېجىرىپ بەرسەم دەيمەن ھەممىڭلارنىڭ ئىشىنى، ئەمما ھەممە ئىش مۇشۇ يۈزى قېلىن كومپيۇتېر بىلەن بولىدىغان ئىش ئىكەن، تور ئۈزۈلۈپ بەزدەك قاراپ تۇرسا ھېچنېمە قىلغىلى بولمايدىكەن.
دېدىم ئايالغا سەل ئىچىم ئاغرىپ، ئاندىن ئۈنلۈك ئاۋازدا باشقا خېرىدارلارغا گەپ قىلدىم.
-خاپا بولماڭلار، بايام ھەممىڭلار ئاڭلىدىڭلار. بۈگۈن بىر كۈن تور توختايدىكەن. شۇڭا خاپا بولماي، ئەتە كەلسەڭلار. ھە راست، خالايدىغانلار ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ يېنىدىكى دەپتەرگە ئىسىمىڭلار بىلەن تېلېفون نومۇرۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار، تور كەلسىلا سىلەرگە تېلېفون قىلىپ قويايلى.
دېدىم ھەممەيلەن غودۇرغىنىچە ئىشىك تەرەپكە ماڭدى، بەزىلەر تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويدى، يەنە بەزىلىرى قېيدىغانچە چىقىپ كەتتى.
-پاتىمە ئاچا ئىشىكنى تاقىۋېتەيمۇ؟
-ۋاي ياق ئۇكام، قاراملىق قىلماڭ، ئىشىكنى تاقىۋەتكەن بىلەن، بىرەر باشلىق تەكشۈرۈپ قالسا بەك ياساپ كېتەرمىكىن بىزنى، تور توختاپ كەسىپ بېجىرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەي، شۇڭا ئىشىك ئوچۇق پېتى تۇرۇۋەرسۇن. كەلگەن خېرىدارلارغا تور يوق دەپ يولغا سالىمىز. ھە راست، ئۇكام، قولىڭىزغا سۈپۈرگىنى ئېلىپ يەرنى سۈپۈرگەچ تۇرۇڭە، بىزمۇ ماۋۇ قىزلار بىلەن قولمۇ-قول تازىلىق قىلايلى، پۇتىمىزنى مىنگەشتۈرۈپ تېلېفون ئوينىغان بىلەن، ھېلى ئالىمجان ئاكام چۈشۈپ قالسا سۆزلەپ بىر بولۇپ كېتىدۇ.
ماۋۇ يېنىمدىكى ئىككى پوكەيدە ئولتۇرغان ئىككى خىزمەتدىشىم چوكانلار خوش ياقمىغاندەك قولىدىكى تېلېفونلارنى قېرىغاندەك ئۈستەلگە تاشلىدى. لېكىن ئۇلار گېپىمنىڭ توغرىلىقىنى، ماۋۇ ئالىم دېگەن باشلىقىمىزنىڭ ئاچچىقىنىڭ يامانلىقىنى، مىجەزىنىڭ ئىتتىك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، مېنىڭ چېپىلغاقلىقىمغا ئارتۇقمۇ گەپ قىلماي، تازىلىق قىلىشقا تۇتۇندى، شۇنداق قىلىپ قولمۇقول چوڭ تازىلىق قىلىشقا باشلىدۇق. ئىشلار تۈگەپ، ھەممىمىز ئورۇنلىرىمىزغا كىرىپ، تېلېفونلىرىمىزنى سومكىلىرىمىزغا سېلىپ ئىشتىن چۈشۈشكە تەق بولۇپ تۇردۇق، بىردەمدىلا چۈش بولاي دەپ قالغان بولۇپ، قورساقلىرىمىز ئېچىپ كوركىراشقا باشلىغانىدى.
-پاتىمە، ئاچا بۈگۈن نەدە نېمە تاماق يەيسىز؟ بولمىسا ھەممەيلەن تەڭ پۇل چىقىرىشىپ بىللە كاۋاۋىچىن تەملىك توخۇ يەپ كېلەيلى.
-ۋېيىي مېنىڭمۇ يېگۈم بار ئىدى.
-ھە مەيلى، ئەمىسە بىللە بارايلى.
دېدىم ئۇلارنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ.
-ئەمىسە مەن شۇ ئاشخانىغا تېلېفون قىلىپ قويغاچ تۇرايمۇ؟ تاماقنى ئالدىن زاكاز قىلىپ قويايلى.
دەپ قولىغا تېلېفون ئالدى ئالىيە.
ئىشىك ئېچىلىپ يولدىشىم كىرىپ كەلدى.
-تېلېفون قىلسام ئالمايسىزغۇ؟
دېدى يولدىشىم، سومكا ئىچىدىكى تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپ:
-ۋىيەي قارىماپتىمەن تېلېفونغا، ئىشلەيدىغان چاغدا ھەممەيلەننىڭ تېلېفونىنىڭ ئاۋازىنى ئېتىۋېتىمىز ئەمەسمۇ؟
دېدىم ئېرىمغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ.
-ھە، بۈگۈن ناھىيەگە يېغىنغا كىرگەن، بالدۇرلا تۈگىدى يىغىنمۇ، شۇڭا سىز بىلەن بىللە تاماق يەپ چىقىپ كېتەي ئىش ئورنۇمغا دەپ يېنىڭىزغا كېلىشىم.
-ۋىيەي تاماقنى نەق يەپ بولۇپتۇق مانا!
دېدى ئالىيە شوخلۇق بىلەن.
-ۋاي، ھەممىمىز پاتىمىز بىر ئاشخانىغا.
دېدى، يولدىشىمدە بوش كەلمەي:
-قايسى ئاشخانىغا بېرىپ نېمە يېمەكچى ئىدىڭلار؟
دەپ سورىدى. يولدىشىم كەينىدىنلا.
-كاۋاۋىچىن تەملىك توخۇ يەپ كېلەيلى دېيىشكەن.
-خوتۇن خەقنىزە مۇشۇنداق پايدا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى يەپ، تۆت كۈندە ھېلى بېشىم ئاغرىدى، ھېلى بىر يېرىم ئاغرىدى دەپ. بولدى، بۈگۈن مەن مېھمان قىلاي، ئىككى زىخ تونۇر كاۋاپ بىلەن چارەكتىن لەڭمەن يەپ كېلەيلى.
ماۋۇ ئىككى چوكاننىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى بىكارلىق مېھمان قىلىدىغان ئادەم بولغاندىن كېيىن، «مەيلى» دېدىم. مەنمۇ سومكامنى قولۇمغا ئالغاچ «ئەمىسە ماڭايلى قىزلار» دېدىم ئىككىسىگە قاراپ.
ھەممىمىز بىللە ئاشخانىغا ماڭدۇق. يولدىشىم بەكلا گەپدان، خوش چاقچاق ئادەم بولغاچقا، ماۋۇ خىزمەتداش چوكانلار بىلەن بىردەمدە چاقچاقلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئاچا-سىڭىلدەك بولۇپ كەتتى، مېنىڭ كۈندەشلىكىم يوقمۇ ياكى قورسىقىم دەريادەك كەڭمۇ؟ ئۇلارنىڭ چاقچاقلىرىغا ئاچچىقىم كەلمەستىن، بەلكى كۈلۈپ ئولتۇراتتىم، ئالىيە بىلەن مەربىيەممۇ بەكلا شوخ قىزلاردىن، شۇنداق گەپدان، ئېرىم بىلەن چاقچاقلىشىپ، ئىش قىلىپ تاماقنى خېلى كۆڭۈللۈك يېدۇق، يولدىشىم تاماق پۇلىنى تۆلەپ بولۇپلا بىزنى ماشىنىغا چىقىرىپ، ئىدارىمىزنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئىش ئورنىغا ماڭدى. بىزمۇ زالغا كىرىپ زالنىڭ بىر چېتىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق، بەرىبىر ئىشقىمۇ بالدۇر كەپتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تور يوق، ئۈچىمىز بىر يەرگە كېلىپ مۇڭدىشىپ ئولتۇردۇق.
-ئالىيە بايام سىزنى يولدىشىڭىز ئىزدەپ كىرىپتىكەن.
دېدى، ئامانلىق ساقلىغۇچى.
-ئەكبەر؟ نېمە دەپ كېرىپتۇ ئۇ لامزەللە؟
دېدى، ئىشخانىدىكىلەر بىلەن تاماققا چىقىپ كەتتى دېدىم .
-ھە، بولۇپتۇ دەپ كەتتىغۇ.
ئالىيە سومكىسىدىن گىرىم بۇيۇملىرىنى چىقىرىپ، گىرىملىرىنى تولۇقلاشقا باشلىدى. مەربىيە ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە تەڭ قارىشىپ قالدۇق. يەنىلا مەن گەپ باشلىدىم:
-ئالىيە يولدىشىڭىز بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قالمىغانسىز؟
-ۋاي پاتىمە، نېمىسىنى دەي ئاجرىشىپ كېتەيمىكىن دەيمەن.
-ۋۇي پوق يېمەڭ، دېدى مەربىيەممۇ.
-راست دەيمەن، پۇرچىقىم پىشمىغۇدەك بۇ بىر نېمە بىلەن، يوتقان ئايرىپ يېتىۋاتقىنىمىزغا ئۈچ تۆت ئاي بولۇپ قالدى، شۇنداق سەسكىنىمەن، ئۇنىڭدىن.
-ۋىيەي، ئۇنداق دەپ كەتمەڭ، بىر بالىنى تاپقۇچە پۇرچىقىڭلار بەلەن پىشىپ ئەمدى بالاڭلارمۇ ئىككى ياشقا كىرىپ قالغاندا پىشماي قالامدۇ پۇرچاق، بۇرۇنراق نېمە ئىش قىلغان بالا يوق ۋاقىتتا؟
-تالاغا قاراپ قالمىغاندۇ ئېرىڭ ئاداش؟
دېدى مەربىيە ئىتتىكلىك بىلەن.
ئادەتتە ئۇ ئىككىسى مەندىن بەكرەك يېقىن بولغاچقا، بىر-بىرسىنىڭ گېپىگە ئانچە خاپا بولۇشۇپ كەتمەيتتى.
-ۋوي كۆڭلۈمنى بىر ئېلەشتۈرمىگىنە ئاداش، مەندىن باشقا كىم يارىتاتتى ئۇ لۆملۆمنى؟
دېدى ئالىيە چىرايلىق قاپاقلىرىنى سۈزۈپ.
-ئاشنا دېگەننىچۇ ئاداش، يانچۇقتا پۇل بولسا، قوڭىدا ئېسىل ماشىنىسى بولسا، قاملاشقان چىرايلىق بولسا ئوينايدۇ، قايسى بىرسى بار بۇ بۇقىدا؟ تۇرغىنى تۇرغان ئاشۇنداق مۆرىمەي.
بىلىشىمچە بۇ ئالىيەنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق توي تۇرمۇشى ئىدى. ئالدىنقى ئېرىدىن بىر قىزى ھازىرقى ماۋۇ ئېرىدىنمۇ بىر قىزى بار ئىدى، ئالدىنقى ئېرى بىلەن ئاجراشقاندا چوڭ قىزى ئۈچ ياشلاردا ئىدى. ئاجرىشىپ بىرەر يىل بولماي باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ماۋۇ ئېرىگە ياتلىق بولغان ئىدى، ئالىيەنىڭ دېيىشىچە ھازىرقى ئېرىمۇ بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان ئىكەن، سەۋەبى ئايالى تۇغماس ئىكەن، شۇڭا گەرچە ئالىيەنىڭ بىر بالىسى بولسىمۇ توي قىلىۋېرىپتىكەن. ئۇ ئېرى پات-پات ئىككى بالىسىنى ئېلىپ تاماق ئېلىپ بارغاچ ئوينىتىپ، يانار چېغىدا يېنىمىزغا كىرىپ ئالىيە بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ ماڭاتتى، ماۋۇ چوڭ قىزىمۇ يەتتە ياشقا كىردىغۇ دەيمەن ھازىر، لېكىن يەنىلا خۇددى ئۈچ ياشلىق بالىلاردەك مىجەزى بار، دادام دەپ ئەركىلەپ بويلىرىغا مىنىۋالسىمۇ، دادا كۆتۈر دەپ قەغىش قىلسىمۇ قىلچىمۇ بىزار بولماستىن، ئۇ قىزنى ئەركىلىتەتتى. قانداقمۇ بىر ئەر كىشى ئۆگەي قىزىنى شۇنداق كۆرەلەيدۇ، سەل ياۋاش بولۇپ قالغان يېرى بار شۇ، مۇشۇ ئالىيە يارىمايۋاتقان گەپ.
-ۋوي، ئالىيە بۇرۇنقى ئېرىڭىز بىلەن نېمىشقا ئاجرىشىپ كەتكەن؟
دەپ سورىدىم ئۆزۈمچە قىزىقىپ.
-نېمىشقا بولاتتى؟ ئۇ ئېرىم قىمارۋاز، پويىز خىزمەتچىسى ئىدى. بىر ئاي ئوتتۇز كۈننىڭ ئون بەش كۈن ئىشلىسە ئون بەش كۈن ئارام ئېلىش بار ئىدى. مائاش يۇقىرى ئىدى، بەلەن كۈن كۆرىدىغان بولدۇم دەپ تېگىپتىكەنمەن. ھاراقنى تولا ئىچىدۇ، تاماكىنى بولۇشىغا چېكىدۇ، تاپقان پۇلنىڭ ھەممىسىگە قىمار ئوينايدۇ، ھەتتا مېنىڭ تويلۇق ئالتۇنلىرىمنىمۇ ئۇ ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ قىماردا ئۇتتۇرۇۋەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاياقچى، تولا تاياق يەپ بىر قېتىم قوۋۇرغامنى سۇندۇرۇۋەتكەن، چىداپ ئۆي تۇتتۇم، كېيىن قورسىقىمدا قالدى، قېيىناتام، قېيىنانام بەك بەلەن خەقلەر ئىدى، بالىنى ئالدۇرۇۋېتىپ ئاجرىشىپ كېتىمەن دېسەم ماڭا يالۋۇرۇپ، ئاراڭلاردا بىر بالا بولسا ئوڭشىلىپ قالاتتى ئوغلۇم دەپ، ئېرىم ۋەدە قەسەملەرنى بېرىپ، ئالدىمدا يىغلاپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، مېنى ئۆيگە ئەكېلىۋالدى، دەرۋەقە خېلى ئوڭشىلىپ قالغانىدى. ھاراقنى خېلى ئىچمەس بولۇپ، قىمارنى تاشلىغان شۇنداق خوش بولدۇم، بالامنىمۇ تۇغدۇم، قىزىم بىر ياشقا كىرگەندىن باشلاپ، ئۇ ھاراققا، قىمارغا يەنە قايتىدىن كىرىشىۋالدى، مېنىمۇ پات-پات ئۇرىدىغان بولۇۋالدى، دەسلەپتە بالامنى دەپ چىداپ كەلدىم، كېيىن بىر قېتىم ھاراق ئىچىپ مەست كىرىپ مېنى يامان قاتتىق ئۇرۇۋەتتى. بېشىمنى تامغا شۇنداق قاتتىق بىر ئۆستۈرۈۋەتتىكى، ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن، ئارىلىقتىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەن قۇلاق تۈۋىمدە بىر يىغا ئاۋازى. خۇددى يەرنىڭ تېگىدىن چىقىۋاتقاندەك كۆزۈمنى ئاستا ئېچىپ قارىسام، بىر يېرىم ياشلىق قىزىم يىغلاپ قىقىراپ ئاۋازى پۈتۈپ كېتىپتۇ. ناھايىتى تەسلىكتە ئورنۇمدىن تۇردۇم، قىزىمنى قۇچىقىمغا ئېلىپ پەپىلىدىم، بالىنى كۆتۈرۈپ ياتاق ئۆيگە كىردىم، ئېرىم مەستلىكتە بەخىرامان خورەكنى تارتىپ ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى. مەن مېھمانخانا ئۆيدە سوغۇق پولنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ ياتقاندا، تەڭ كېچىگىچە يېتىپتىمەن، قىزىم قورقۇپ يىغلاپ يېنىمدا ئولتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈستى-بېشىدىكى كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ، بالامنى كۆتۈرۈپ ئانامنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەلدىم. شۇ پېتى سوتقا ئەرز سۇنۇپ يۈرۈپ ئاجرىشىپ كەتتىم، ئاندىن كېيىن بىرەر يىلدەك ئولتۇردۇم، ئېرىم يارىشىپ قالايلى دەپ جىق يالۋۇرغان بولدى، ئارىغا ئادەم سالغان بولدى، پەقەت ئۇنىمىدىم، مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويامدىكىن دەپ، ھازىرقى ئېرىم ئۆي بېزەكچىلىك قىلىدىكەن قوشنىمىز ئايىمخان ئاچامنىڭ ئۆيىنى بېزەپ بېرىپتۇ، ئۇنى ئانام كۆرۈپ شۇنداق ياراپ كېتىپتۇ. بىر ئاغزىدا مىڭ ماختاپ ھۈنەرگە ئۇنداق ئۇستا ئىكەن، بۇنداق ئۇستا ئىكەن، قولى بەك سىلىق ئىكەن دەپ ماختاپ، شۆلگەيلىرى ئېقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى ئۇنىڭغا بېزەتكۈزدۇق، ئۆزى ياۋاش، كەم سۆز، لېكىن ئىش قىلىشتا بەك ئەستايىدىل ئىكەن. مېنىڭ بالام تۆتكە كىرەي دەپ قالغان ۋاقتى ئىدى، قىزىمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ، كۈندە ئىشىك ئالدىدا تاللا بازىرىغا ئاپىرىپ ئويۇنچۇق، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ، قىزىممۇ شۇنداق ئامراق بولۇپ، ھە دېسە قۇچىقىغا چىقىپلا ئولتۇرىدۇ، چاپلىشىپ ئاجرىماي. شۇنىڭ بىلەن ئانام داداملارغا بەك يارىدى بۇ يىگىت، ئانام سوراپ ئايالى تۇغماس بولغاچقا، ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دادام ئاناملار ئامال قىلىپ يۈرۈپ بىزنى تېپىشتۇرۇپ تويىمىزنى قىلىۋەتتى. ئۇ قىزىمنى ئۆزىنىڭ قىزىدەكلا كۆرىدۇ، قىزىممۇ مەندىن بەكرەك دادىسىغا ئامراق، خۇددى ئۆز دادا بالىدەكلا بىر بىرسىگە ئامراق، كېيىن كىچىك قىزىم قورسىقىمدا قالدى، ئېرىم خوش بولۇپ، بېشى كۆككە يەتتى. ئاغزىمدىن چىققاننى تەل قىلىپ مېنى كۈتتى. چوڭ قىزىمغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتتى، ئايىغى ياراشتى، بىزگە ئامەت ئېلىپ كەلدى دەپ قىزىم تۇغۇلغاندا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈپ كەتتى، خۇددى گۆھەردەك كۆرىدۇ ئىككى قىزىمنى، ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار قالغىنىنى. بالىلارنى ئويۇنچۇقخانىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ ئەكېلىدۇ.
دېدى ئالىيە قولدا تۇتۇپ ئولتۇرغان ئەينىكىگە قايتىدىن قاراپ.
-ۋۇي خېنىم، ئەمىسە نېمىگە ئاجرىشىمەن دەيسىز؟
ئالىيە قولىدىكى ئەينەككە قاراپ سۈرۈۋاتقان لەۋ سۇرۇخنى ئاستا پەسكە چۈشۈپ تۇرۇپ:
-ۋاي خېنىم، سەن بىلەمتىڭ، ئىش قىلىپ دەپ بەرسەم چۈشەنمەيسەن.
-ۋوي دېمەمسىز ئاڭلاپ باقايلى.
-ماۋۇ ئېرىم راستلا ياۋاش، خۇددى قويدەكلا بۇ، قارىساملا ئىش قىلىپ كۆزۈمگە سىغمايدۇ. دەپ كەلسەم، بەك جىق سەۋەب بار، ئالدى بىلەن بەك مەينەت، پۇتى شۇنداق سېسىق پۇرايدۇ، ئەيھانناس ئۆيگە باش تىققىلى بولمايدۇ زادى. ئۇنىڭدىن كېيىن قارىسا قولتۇقى پۇرايدۇ، ئېچىپ قالغان پوقتەكلا، ئېغىزى تېخى پۇرايدۇ، تېنىقىمىز بىر يەرگە كەلسە ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قالىمەن، ھەر قېتىم ئوبورنىغا تەرەت قىلسا سۇ ماڭدۇرۇۋەتمەيدۇ، ئۆرە تۇرۇپ سىيگەچكە ئوبورنىنىڭ ئولتۇرغان يەرلىرىگە چاچراپ كېتىدۇ، بەزىدە مەن بىلىپ-بىلمەي ئولتۇرۇپ قالسام شۇ سۈيدۈك يوقۇشىدۇ، تېگىپ كەتسە شۇنچىلىك سەسكىنىپ كېتىمەن. قول يۇيىدىغان يەرگە تۈكۈرۈپ قويىدۇ، ئىش ۋاقتىدا كىيگەن كىيىمنى كىرئالغۇغا سېلىۋەتمەي، كىرئالغۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويىدۇ، ئىشقىلىپ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، بۇنداق مەينەت ئادەم بىلەن بىر ئۆيدە ياشىغۇممۇ كەلمەيدۇ، بىر كارىۋاتتا ياتقۇم كەلمەيدۇ. شۇڭا دېدىمغۇ زادىلا ئاجرىشىمەن، بۇ مەينەت ئەبلەختىن.
دېدى ئالىيە ئاچچىقى بىلەن.
-ۋىيەي نېمە ئىش بولدىكىن دەپتىمەن تېخى، شۇنىڭغىمۇ ئاجرىشىمەن دېيىش كېتەمدۇ خېنىم؟
-بىزنىڭ زۇۋۇلىمىزنى سىلەرنىڭكىدەك يوغان ئۈزمەپتىكەن خېنىم، سىلىدەك تەلەي بىزگە نېسىپ بولماپتىكەن، ئۆزلىرى بىر چىرايلىق قاملاشقان بوي دېسە بويى، سۆلەت دېسە سۆلىتى، خىزمەت دېسە دۆلەت مەمۇرى، يۈز دېسە يۈز ئابرۇيى بار، پۇل دېسە پۇلى بار ئادەمگە تېگىۋېلىپ راھەت كۆرۈۋاتقاندىن كېيىن بىلمەيلا، خېنىم بىزنىڭ دەردىمىزنى.
دېدى ئالىيە ماڭا دوق قىلىپ.
قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم، ئالىيە سەل تېرىكتى بولغاي.
-زاڭلىق قىلىۋاتامسىز نېمە خېنىم؟ بىر كىم دەردىم بار دەپ دەپ بېرىۋاتسا كۈلۈپ كەتكىنىنى.
-ھە، ۋۇي چىرايلىق خېنىم قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنۈپتۇ دەپ سىزگە مېنىڭ ئېرىم شۇنداق ئېسىل، چىرايلىق، پاكىز كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقان ئوخشايدۇ ھە خېنىم، ھەي مەنمۇ دەپ بېرەي سىلىگە بۈگۈن زادى ئىشلىمەي دەرد ئېيتىدىغان كۈن ئىكەن. سىلىنىڭ يولداشلىرىدا بار ئاۋۇ ئىللەتنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يولدىشىمدىمۇ بار. مېنىڭ يولدىشىمنىڭ پۇتى شۇنداق سېسىق پۇرايتتى، ئۆيگە كىرىپ شۇنداق ئاياغ سالسا، سېسىقچىلىقتا ئۆيگە بىلمەي كىرىپ قالغان چىۋىنلارمۇ ئۆلۈپ قالاتتى. دورىخانىغا كىرىپ دېسە، پۇتنى چىلايدىغان، پۈركۈيدىغان، ياغلايدىغان ئۈچ خىل دورا بەردى، بازاردىن يېڭى پايپاق، يېڭى ئاياغ ئېلىپ كىردىم، كۈندە كەچتە زېرىكمەي بەش كۈن پۇتىنى دورىغا چىلاپ، پۈركۈپ مايلاپ قىلىپ بەرسەم پۇتى ساقايدى، ھازىر ئازراقمۇ پۇرىمايدۇ. قولتۇقى پۇرايتتى، ھەتتا كىيىملىرىگە سىڭىپ كېتىپتىكەن شۇ پۇراق، قولتۇق ئەتىرى ئېلىپ بەردىم، ھەر كۈنى كەچتە ئىسسىق سۇغا لۆڭگىنى چىلاپ قولتۇقىنى سۈرتۈپ، ئاندىن قولتۇق ئەتىر سۈرۈپ قويىمەن، ئەتىگەندە ئىشقا ماڭىدىغان چاغدىمۇ قولتۇقىغا شۇنى سۈرۈپ يولغا سالىمەن، دەسلەپتە كۆنەلمىدىم دەپ سۈركىگىلى ئۇنىمىدى، كېيىن بارا بارا كۆنۈپ كەتتى، ھازىر ئۆزى سۈرۈۋاتىدۇ، تېخى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، مېنىڭ ئېرىمنىڭ ئېغىزى پۇرايتتى، مەنمۇ ئېغىزىمىز ئۇدۇل كەلسە ئىچىمدىن ھۆ چىقىپ كېتەتتى، لېكىن دېگىلى بولامدۇ ئېغىزىڭ سېسىق ئىكەن دەپ، شۇنىڭ بىلەن ئېرىمنى چىش دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردىم، بىر نەچچە چىشنى قۇرت يەپ كېتىپتۇ. چىش مىلىكى زەخىملەنگەچكە شۇڭا پۇراپتىكەن. چىشلىرىنى زاماسكا قىلدۇردۇق، ئەسلى ئېرىم يالپۇز پۇرىقىنى ياقتۇرمىغاچقا، چىش چوتكىلاش بىلەن خۇشى يوق ئىكەن، مەن يېشىل چاي پۇراقلىق بۆلجۈرگەن تەملىك بىر نەچچە تال چىش پاستىسى سېتىۋالدىم، ئۇمۇ بارا بارا چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەندى. ئەمدى ھاجەتخانا مەسىلىسىگە كەلسەك، مېنىڭ ئېرىممۇ ئەزەلدىن سۇ چۈشۈرمەيدۇ. بۇ ئادىتىنى مەنمۇ تاكى ھازىرغىچە ئۆزگەرتەلمىدىم. سىزنىڭ ئېرىڭىزغا ئوخشاش، مېنىڭمۇ ئېرىم ئۆرە تۇرۇپ سىيگەچكە، ئوبورنىنىڭ ئولتۇرغان يەرگە چاچراپ كېتىدۇ، لېكىن مەن ئوبورنىغا كىرىپ ئوبۇرنىنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەندىم، يۈز يۇيىدىغان يەرگە تۈكۈرۈپ قويۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، مېنىڭ ئېرىممۇ تۈزەتمىدى بۇ ئادەتنى. شۇڭا مەن قول يۇيىدىغان يەرگە چوتكا قويۇپ قويدۇم، ھەر ۋاقىت چوتكىلاپ تازىلىۋېتىش ئادىتىنى يېتىلدۈردۈم، مەنمۇ ئېرىمنى بىر كۈندىلا ئۆزگەرتكەن ۋە ياكى مەنمۇ بىر ئىككى كۈندىلا ماسلاشقان ئەمەس، مەنمۇ توي قىلغىلى سەككىز يىل بولدى، بۇ جەرياندا مەنمۇ تالاي جەبرى جاپالارنى تارتتىم. ئېرىمنى كۆردىڭىز مانا بەكلا شوخ مەنمۇ يېرىم كېچىلەردە دوستلىرى تېلېفون قىلىپ ئەكرەم مەست بولۇپ قالدى، جېدەل چىقاردى دېسە، ماقۇل دەپ بېرىپ، تالاي سورۇنلاردىن يۆلەپ، تالاي سورۇنلاردا مەستچىلىكتە خەق بىلەن جېدەل قىلىپ چېقىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن نەرسىلەرنى تۆلەپ ئۇرۇپ قويغان خەقلەرگە تەزىم قىلىپ، ئەپۇ سوراپ، ئۆيگە ئەكېلىپ ئەر قىلغان. ئۆيگە كىرىپ ھاجەتخانىدا ياندۇرۇپ ئۆزىنىڭ قۇسىقىغا ئۆزى تېيىلىپ يىقىلىپ، قولنى سۇندۇرۇۋالغاندىمۇ يۆلەپ ئۈستى-باشلىرىنى يۇيۇپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، نەچچە ئاي كىچىك بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك خەۋەر ئالغانلىرىم ۋاي خېنىم، مەن دەپ كەلسەم تېخىمۇ جىق. كونىلار دەپتىكەن «ئەگرى نەرسىدىن ئەگرى پېتى پايدىلان، تۈزلەيمەن دېسەڭ سۇنۇپ كېتىدۇ.» دەپ، ھازىر ماۋۇ ئېرىمنىڭ سىلەرگە ياراپ كەتكىنىنى نېمە دەي؟ ئەمدى ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ. كىم بىلىدۇ تېخى سىزگە ئوخشاش، باشقىلارغا سىزنىڭ ئېرىڭىز ياراپ كېتىۋاتامدۇ تېخى؟ دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق، خېنىم ھەممىمىز بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغاچقا، ھەممىمىزنىڭ خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. بىر ئائىلىدە ئوخشاش مۇھىتتا چوڭ بولمىغاچقا، ئالغان تەربىيەلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئەسكىنى ئەسكى دەۋەرمەي، كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرۈڭ، مۇنداق گەپ بارغۇ «تويدىن بۇرۇن ئىككى كۆزۈڭنى يوغان ئاچ، تويدىن كېيىن بىر كۆزۈڭنى قىس.» دەپ بېشىدىن ئۆتكەنلەر دېگەن گەپ بولغىيتتى ھەرقاچان، شۇڭا ھەممە ئىشتا قۇسۇر ئىزدەۋەرمەي ئانچە مۇنچە ئوڭشاشقا تىرىشايلى، ئەسلى بېقىنىڭىز قىچىشىدىكەن، سىزنىڭ ئالدىنقى ئېرىڭىزدەك ئۇرۇپ دەسسەپ تۇرسا بولىدىغان.
ئۇ ھەيرانلىقتا قېتىپ قالغانىدى.
-ۋاي توۋا دەڭە، دەپ قويۇۋاتامسىز يا خېنىم؟ ئېرىڭىز ئۇنداق كۆرۈنمەيدىكەن.
دېدى مەربىيە ئارىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ.
-بىكاردىن بىكار سىزگە يالغان گەپ توقۇپ بەرگىلى بېشىمغا خىش چۈشۈپ كەتمىدى مېنىڭ، ماۋۇ چوكانغا پايدىسى بولامدىكىن دەپ دەپ بەردىم، ئەمەلىيەتتە ئەر كىشى دېگەن كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ. ئالداپ سىلاپ، چىرايلىق گەپ قىلىپ ئەر قىلساق گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ. ھېلىمۇ رازى بولمايدىغان خېنىم ئىكەن ماۋۇ. ئۆزىنىڭكىنىمۇ، ئۆگەينىمۇ قېيىن ئانىسى ۋاي بالام دەپ باقىدۇ، چوڭ قىزىنى قېيىن ئانىسى ئاپىرىپ ئەكېلىدۇ مەكتەپكە، كىچىك قىزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ باقىدۇ، يا بالىنىڭ دەردىنى تارتمايدۇ. قېيىن ئانىسى چۈشتە كەچتە ئىككى ۋاق تاماقنى ئېتىپ تەييار قىلىپ تۇرسا، تېخى بېرىپ يەپ كېلىشنى ئېغىر ئېلىپ، تېخى بىز بىلەن توخۇ قوردىقى يەمدۇق، كاۋاۋىچىن تەملىك توخۇ يەمدۇق دەپ ئولتۇرىدۇ، بەخت ئىچىدە تۇرۇپ، بەختنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان...
دېدىم مەربىيە ئالىيە ئاڭلىسۇن دەپ.
-بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى باققىلى ئادەم يوق مانا، قېيىن ئاتام، قېيىن ئانام ياشىنىپ قالغان بالىغا قارىغۇدەك ئەھۋال يوق، ئانام، دادامنىڭ يېنىدا ئىنىمنىڭ، سىڭلىمنىڭ بالىلىرى بار، بىز يەسلىدىن ئەكېلىپ قاراپ تۇرىدىغان ئادەم يوق غەم، ماۋۇ خېنىمنىڭ ئۇنداق ئەمەس، تېخى تېخى پۇتى پۇرايدىكەن، ئېغىز پۇرايدۇ يەي دەپ ئولتۇرىدۇ، ھەممە ئادەم يۈز پىرسەنت بولمايدۇ. خېنىم، ئۇنداق مەينەتچىلىك يەردىنلا كۆرۈۋەرمەي ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ، مۇنداق «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن.» دەپتىكەن. كونىلار بۇ غوجامدىن ئاجراشسىڭىز، ئىككى بالا ئىككى باشلامدىن يېتىم بولىدۇ، سىز بۇدا ئەرگە تەگسىڭىز خەقنىڭ بالىسىنى باقىسىز، خېنىم، توي قىلمىغان يىگىت ئالمايدۇ سىزنى. بۇ ئەردىنمۇ بەلەن ئەر چىقىپ كېتىشىمۇ ناتايىن، شۇڭا تىرناقتىن كىر ئىزدىمەي، ئۆتكۈزۈۋەتكۈدەك يېرى بولسا ئۆتكۈزۈۋېتىڭ، خەقنىڭ ئېرىنى بەلەن دېگەن بىلەنمۇ خەقمۇ بەلەن ئېرىنى بەرمەيدۇ. ئۆزىمىز تىرىشىپ تىرمىشىپ بەلەن قىلىمىز. مەنمۇ مىڭبىر جاپادا بەلەن قىلغان ئېرىمنى، بەرمەيمەن، تۇرمۇش دېگەن شۇنداق بولىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئاياللارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ئەرلەرنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قانداق قىلىمىز؟ ئەمدى ئەر-ئايال باراۋەر دېسە شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ. خېنىم، ئەر-ئايال قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولغان بىلەن، تۇرمۇشتا ئازراق تۆۋەن تۇرمىساق بۇزۇلىدىغان گەپ، شۇڭا بەك باراۋەرلىك تالاشماي، ئىككى قىزىڭىز ئۈچۈن ئازراق ئېگىلىپ قويۇڭ، ماۋۇ بەدەندىكى، كىيىمدىكى، ھاجەتخانىدىكى مەينەتچىلىكنى يۇيۇپ تازىلاپ پاكىزلىغىلى بولغان بىلەن، كۆڭلىدىكى مەينەتچىلىكنى يۇيۇپ تازىلاپ پاكىزلىغىلى بولمايدۇ جۇمۇ خېنىم، نەچچە كۈننىڭ ياقى قاراپ باقسام كاللىڭىز سەل خوتتىن چىقىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. زاپاس چاقىڭىز بارمۇ نېمە؟ زاپاس چاق ھامان زاپاس چاق. ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى چاقنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. پاختىكىڭ بولاي، قۇرغۇيۇڭ بولاي دېگەنلەر ۋۇي سېنى ئالمىسام ئۆلەي دېگەنلەرمۇ ھەممىسى يالغان، بېشىمغا تاج تاقايمەن، چېكەمگە گۈل قىلىپ قىسىپ قويىمەن دېگەنلەر قوڭىنى قىسسۇن، ھەممىسى يالغان. قېنى بىر ئاجرىشىپ كېتىڭە، بېشىغا تاج قىلمايدۇ، سىزنى پۇتىغا پايتىما قىلىدۇ، ئۇ چاغدا بىر بەلەن ئېرىڭىزدىن ئاجرىشىپ، خەقنى ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن كۈنلەپ يۈرىدىغان كۈنگە قالىسىز خېنىم...
دېدىم بىر ئالىيەگە بىر مەرزىيەگە قاراپ.
ئالىيە چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپ كەتتى. دېمىسىمۇ، مەن بىر نەچچە قېتىم بىزنىڭ توكچىمىز ئابلىمىتنىڭ ئۇنى ماشىنىسىغا چىقىرىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ قالغان، بىزمۇ كىچىك بالا بولمىغاندىكىن قاراشتىنلا بەزى ئىشلارنى بىلىپ قالىدىكەنمىز، ئابلىمىت بۈدۈر چاچ قاملاشقان، خۇشچاقچاق، ئېگىز بويلۇق يىگىت بىر چىرايلىق ئايالى بىر ئوغلى بار، ماۋۇ ئەخمەق ئالىيە ئالدىراپ ئاجرىشىپ خەقنىڭ تۇمۇچۇقى، بۇلبۇلى بولغان بىلەنمۇ ئابلىمىت ھەرگىز ئاجرىشىپ ئالىيەنى ئالمايدۇ. ئۆزىنىڭ بالىسىنى بىرەر قېتىم كۆتۈرۈپ باققىنى ئۇقمايمەن بۇ ئاداشنىڭ، ماۋۇ خېنىمنىڭ ئىككى بالىسىنى باقامدۇ «خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» دېگەن گەپنى كىم دېگەن بولغىيتتى بىر گۆش پولۇ بىلەن مېھمان قىلسام.
ئالىيە گىرىم بۇيۇملىرىنى سومكىغا سېلىۋەتتى، بەلكىم گەپلىرىم سەل تىتاڭ تومۇرغا تەگكەندۇ تولا گەپ قىلىپ ئاغزىم قۇرۇپ كەتتى، ئىستاكان ئېلىپ چاي قۇيدۇم، ئاندىن ئالىيەگە قاراپ:
-ھە، مەن سىزدىن ئۈچ ئىشتاننى ئارتۇق كىيىپتىمەن خېنىم، گېپىمنى ئاڭلاپ قويۇڭ، زىيان تارتمايسىز، ھازىرغۇ سىز ياش، چىرايلىق، لېكىن ئادەم دېگەن داۋاملىق مۇشۇنداق چىرايلىق، ئوماق تۇرمايدۇ، بالىلىرىڭىزنى ئويلاپ قويارسىز، ئىشقىلىپ ئېرىڭىز ھېچقانداق ئەمەس خېنىم، قېنى مەن دېگەندەك تازا يۇيۇپ تاراپ ياساپ بېقىڭ، خېلى-خېلى ئەرلەردىن قاملاشقان بولۇپ كېتىدۇ، ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار.
دېدىم ئالىيەنىڭ يېنىغا بېرىپ.
مەربىيەم پىكرىمنى قوللاپ:
-ۋۇي ئادىشىم، پاتىمە ئاچاش شۇنداق ئورۇنلۇق گەپ قىلدى جۇمۇ، ياخشىراق ئويلاپ باق، ھە راست، پاتىمە ئاچا قانداق دورا ئۇ، پۇت پۇراشنى يوقىتىدىغان مېنىڭ ئېرىمنىڭمۇ پۇرايتتى؟
دېدى قاش كۆزلىرىنى ئوينىتىپ.
مەن دورىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بەردىم.
ئالىيە كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى.
-ئالىيە سىزگە ئۈندىداردا يوللاپ قويدۇم، پۇتنىڭ، قولتۇقنىڭ، ئېغىز پۇرايدىغاننىڭ كىيىمنى خوش پۇراق قىلىدىغان ھەممىسىنىڭ ئىسمى... ماركىسىنى...
-رەھمەت، ماقۇل. قېنى مەنمۇ ئىشلىتىپ باقاي.
دېدى ئالىيە كۈلۈپ تۇرۇپ، ئالىيەگە قارىدىم، ئۇ بىر قارارغا كەلگەندەك تۇراتتى.
-ھېچقىسى يوق خېنىم، تۇرمۇش دېگەن شۇنداق بولىدۇ، خۇددى ماتېماتىكىدا ھەر بىر مەسىلىنى يېشىدىغان فورمۇلا بولغاندەك، تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق فورمۇلاسى بولىدۇ.
دېدىم ئالىيە باش لىڭشىتىپ.
-بولمىسا بۈگۈن بالدۇرراق ئىشتىن چۈشۈڭ، سېتىۋالىدىغان تازىلىق بۇيۇملىرىڭىز كۆپ. ئۆيگە بېرىپ تازا بىر چوڭ تازىلىق قىلىۋېلىڭ، مەن بار. باشلىققا بىر نەرسە دەپ قويىمەن خاتىرجەم كېتىۋېرىڭ.
-ماقۇل ئەمىسە، باشقا بىر نەرسە دەپ قويارسىز.
دەپ كۈلۈپ كەتتى ئالىيە سىرتقا ماڭغاچ.
دېدى مەربىيە چاقچاق قىلىپ، ئالىيەنىڭ كەينىدىن قاراپ.
مېنىڭ كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشتى. ئۇنىڭدىن بەكرەك مەن ئىككى بالىنىڭ غېمىنى يەپ كەتكەن زادى. شۇنداق ئويلايمەن، تۇرمۇشتا كىملا بولمىسۇن بەختلىك بولۇش ھوقۇقى بار، شۇڭا مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن، ئۆزىنىڭ فورمۇلاسى بولىدۇ.
ئاپتورنىڭ يەنە باشقا ھېكايىلىرىگە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ (تېمىنى چەكسىڭىز بەت ئاتلايدۇ!):
تەۋسىيەلىك ئەسەر: قىمارغا تىكىلگەن خوتۇن
تەۋسىيەلىك ئەسەر: مەمەت شۈمەك

تەۋسىيەلىك ئەسەر: ئايپاتەملەر دەۋرى

ئاستى سول تەرەپتىكى «阅读原文» دېگەننى بېسىپ «ئايپاتەملەر دەۋرى» ناملىق ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!