大数跨境

قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش

قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش NepKan
2021-12-07
0
导读:قىممەتلىك بايلىق ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ قىممەتلىك با
«قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش»تا چوقۇم سەنئەتلىككە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك 

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى %8.9 تىن %8.4 كە چۈشۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنىڭ 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلگەنلىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاللىبۇرۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى %5 ئىجرا قىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ مەركىزىي بانكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ مۇقىم تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بانكىنىڭ 15 مىليارد يۈەن مەبلەغ تەننەرخىنى ئازايتىپ، 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئاساسىي پۇلنى قويۇپ بېرىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن... » دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

فوتو سۈرەت: «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ باش فوتو سۈرەت مۇخبىرى شياۋ يى 

مەركىزىي بانكا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈن قويۇپ بېرىپ (پۇل-مۇئامىلە ئاتالغۇسى) سۇغۇرۇش بىلەن شۇغۇللانماي، ئىچكى-تاشقى تەڭپۇڭلۇققا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى نامىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇپ، دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق ماكرو سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، يېشىل تەرەققىيات، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىش كېرەك. 

بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جۈملە سۆزنىڭ مەزمۇنى بار، مەسىلەن: «مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، كەلكۈن قويۇپ بېرىپ (پۇل-مۇئامىلە ئاتالغۇسى) سۇغۇرۇش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، ئىچكى-تاشقى تەڭپۇڭلۇققا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئېقىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش»، بۇ قېتىمقى «ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش» يەككە يۆنىلىشلىك پۇل تارقىتىش ئەمەس، بەلكى ئېقىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، «قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش»تىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك مەشغۇلاتنى تېخىمۇ كۆپ يولغا قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سىياسىي بىيۇرو يىغىنى ۋە 2022-يىلىغا نەزەر» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 12-ئايدا 950 مىليارد يۈەنلىك بىر يىللىق قەرز قولايلىقى (MLF)نىڭ قەرەلى توشىدۇ، شۇڭا مۆلچەرلىنىشىچە، 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن مۆھلەتسىز ئاساسىي پۇل قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 950 مىليارد يۈەن MLF نىڭ قەرەلى توشۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ، ھەقىقىي مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 250 مىليارد يۈەن بولىدۇ. 
ئەمەلىيەتتە، بىر يىللىق MLF تارقىتىش ئارقىلىق يەتتە كۈنلۈك، 14 كۈنلۈك قىسقا مۇددەتلىك تەتۈر قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەشغۇلاتى بولۇپ، بۇ «قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش» مەشغۇلاتىدۇر؛ قەرەلسىز ھالدا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەبلىغى بىلەن بىر يىللىق MLF نى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئوخشاشلا «قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش» مەشغۇلاتىغا تەۋە. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، «قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش»نىڭ ئۆزىمۇ پۇلنى كەڭ قويۇۋېتىشنىڭ بىر خىل ۋاستىسى. ئومۇمىي ساۋات بويىچە، بىر يۈەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئاساسىي پۇلنى قويۇپ بەرگەندە، ھېچ بولمىغاندا بانكىنىڭ تۆت يۈەندىن بەش يۈەنگىچە بولغان قىسقا مۇددەتلىك قەرز ئېھتىياجىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق بانكا مەبلىغىنىڭ قىس بولۇش دەرىجىسىنى مۇناسىپ ھالدا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 

دەل شۇنداق بولغاچقا، «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى»دا مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل مەشغۇلاتىدا «قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش»نى ئەڭ بالدۇر ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، بەلكى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى قىسقا مۇددەتلىك ئوبوروتقا ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك كاپىتالغا مۇھتاج. شۇڭا، جۇڭگو پۇل مۇئامىلىسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇزاق مۇددەتلىك كاپىتال ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك، بۇ پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە مەركىزىي بانكا پۇل مۇئامىلە مۇددىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە دىققەت قىلغان، شۇڭا ئۆتكەن يىلدىن ھازىرغىچە بولغان بىر نەچچە قېتىملىق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغنى قويۇپ بېرىش، بانكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلىغىنى تولۇقلاش قاتارلىقلار. 


لېكىن، پۇل مەشغۇلاتى ھامان سەنئەتلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان جەريان، ھەرگىزمۇ ئاددىي ماتېماتىكىلىق جەريان ئەمەس. 
بىرىنچى، بەزىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نورمىدىن ئارتۇق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىككى خىل ئامانەت تەييارلىق فوندىنىڭ ھەممىسى سودا بانكىسىنىڭ مەركىزىي بانكىدىكى ئامانەت پۇلىدۇر. شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ «زور مىقداردىكى ئارتۇق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى + ئاز مىقداردىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى» جۇڭگونىڭ «زور مىقداردىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى + ئاز مىقداردىكى ئارتۇق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى» بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئومۇمىي سانى ئاساسەن ئوخشاش، شۇڭا جۇڭگونىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، دەپ قارالغان. راستلا شۇنداقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل تونۇشتا پەرق مەۋجۇت. ئومۇمىي ساۋات بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، نورمىدىن ئاشۇرۇپ پۇل ئامانەت قويۇش نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، بازار پۇلنى شۇنچە بوش دەپ قارايدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت قويۇش نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا، بازار پۇلنى شۇنچە قىس دەپ قارايدۇ. دېمەك، ئوخشاش كۆلەمدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى بىلەن نورمىدىن ئارتۇق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى بازارنىڭ پۇلنىڭ كەڭرى-چىڭلىقىغا بولغان تونۇشىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولىدۇ. 

ئىككىنچى، «پۇل تەمىنات مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاش بىلەن نامىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇش» دېگەن ئاتالغۇنىمۇ كونكرېت ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ ئويلىشىش كېرەك. 
خوش: ئەجەبا GDP نامىدا ئېشىش سۈرئىتى پەقەت %1 بولسا، پۇل سىياسىتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ماس كېلىشى كېرەكمۇ؟ پۇل بىلەن تەمىنلەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەڭ قويۇۋېتىپ، ئىقتىسادىي تەلەپنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولماسلىق كېرەكمۇ؟ بىز «نورمال پۇل سىياسىتىمۇ بىر خىل قىممەتلىك بايلىق» دېگەن ئاتالغۇنى قوللايمىز، لېكىن بۇ قىممەتلىك بايلىق ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، مانا بۇ قىممەتلىك بايلىقنىڭ ئەھمىيىتى. 

ئۈچىنچى، «قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش» مەشغۇلاتىدا ھەم «ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش» رىتىمى ۋە سانىغا ئەھمىيەت بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش» رىتىمى ۋە سانىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. «ئاز مىقداردا ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش، كۆپ مىقداردا قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش»قا قەتئىي بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا سىياسەت ئۈنۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە يېيىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئىلگىرى بىزدە مۇشۇنداق مەسىلە مەۋجۇت بولغانمۇ؟ 

شۇنداق بولسىمۇ، چوڭ يۆنىلىشتە «قىسقا مۇددەتلىك يىغىۋېلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قويۇپ بېرىش» توغرا. ئۇ جۇڭگو كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنىڭ كاپىتال ياردىمىگە ئېرىشىشىگە پايدىلىق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق. 
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0