大数跨境

2021-يىللىق كۈز پەسىللىك MHK ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشى

2021-يىللىق كۈز پەسىللىك MHK ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشى NepKan
2021-10-05
1
导读:ھەق تاپشۇرمىغانلارنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرى تىزىملىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىناۋەتسىز سانلىق مەلۇمات دە
ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى دەرىجە ئىمتىھانىغا تىزىملاتقۇچىلار: 
رايونىمىزنىڭ 2021-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى دەرىجە ئىمتىھانى (MHK)گە تىزىملىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىندى: 

1. ئىمتىھان دەرىجىسى ۋە ئوبيېكتى 
بۇ قېتىم 3-، 4-دەرىجە ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان ئوبيېكتى ئىجتىمائىيەت تۈرى (社会类)دىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 

2. ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى 
ئىمتىھان ۋاقتى: 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 6-، 7-كۈنلىرى 
ئىمتىھان ئۇسۇلى: ئېغىزچە ئىمتىھان ۋە يېزىقچە ئىمتىھان 

(1) ئېغىزچە ئىمتىھان ۋاقتى: 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى (09:30-19:40، كونكرېت ۋاقتى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئاساس قىلىدۇ) 
(2) يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى: 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى 

3-دەرىجىلىك يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى: 09:30-11:30 
4-دەرىجىلىك يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى: 15:00-17:15 

3. توردا تىزىملىتىش ۋە ھەق تاپشۇرۇش 
(1) توردا تىزىملىتىش ۋە ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 12:00 دىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 18:00 گىچە. 
(2) تىزىملىتىش ۋە ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى: ئىجتىمائىيەت تۈرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملاتسا بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سىستېمىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىنى توغرا تولدۇرۇپ، رەسىمىنى يوللاپ، ئىمتىھان بېرىش دەرىجىسىنى بېكىتىپ، خاتالىق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، توردا ھەق تاپشۇرۇشنى تاماملىسا بولىدۇ. 
(3) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر: شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzk.gov.cn)نى چېكىپ ئىمتىھانغا تىزىملىتىش باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىش. 
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىمتىھان ئىشلىرى باشقۇرۇش سىستېمىسى چوقۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىنىشى كېرەك، گوگۇل (Chrome) تور كۆرگۈچى ياكى 360 نىڭ تور كۆرگۈچى (极速模式)نى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

4. تىزىمغا ئالدۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 
(1) ئىجتىمائىيەت تۈرىدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملاشتا پىرىنسىپ جەھەتتىن شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئىمتىھاندا رايون ئاتلاپ تىزىملاتماسلىق، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كونترول قىلىش كېرەك. 
(2) ئىجتىمائىيەت تۈرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزى ئىمتىھانغا تىزىملىتىشى ھەمدە تولدۇرغان شەخسىي ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھەق تاپشۇرۇشنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئۆزى سەۋەبىدىن خاتالىق كۆرۈلسە، مەسئۇلىيەتنى ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. 
(3) تىزىملىتىش ئۈچۈن ئېلكتىرونلۇق رەسىم يوللاش كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق رەسىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنىدۇ: يېقىنقى ئالدى تەرەپتىن تارتىلغان يالاڭباش رەڭلىك كىنىشكا سۈرىتى، ئاق ياكى كۆك رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش، يۈز قىسمى ئېنىق بولۇشى كېرەك؛ رەسىم پىكسېلىنىڭ كەڭ-ئېگىزلىك نىسبىتى 3:4، ئەڭ كىچىك بولغاندا 400* 300 (كەڭلىكى×ئېگىزلىكى)، ھۆججەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 200KB دىن چوڭ بولماسلىقى، شەكلى JPG/JPEG شەكلىدە بولۇشى كېرەك؛ سۈرەتتە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بېشى ۋە مۈرىسىنىڭ ئۈستى قىسمىغا قالپاق، ياغلىق، لېنتا، قارا كۆزەينەك تاقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ بۇ سۈرەت ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 
(4) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم بەلگىلەنگەن تىزىملىتىش ۋاقتىدا ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق بارلىق تەرتىپلەرنى تاماملىشى كېرەك. ھەق تاپشۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش تاماملىنىدۇ، 


5. ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش 
ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولۇپ، ئىجتىمائىيەت تۈرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر MHK ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ ئىمتىھان بېرىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئۆزلىرى بېسىپ چىقىرىدۇ. 

6. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش خىراجىتى 
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، MHK نىڭ 3-دەرىجىلىك، 4-دەرىجىلىك ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى ھەر قېتىمدا 65 يۈەن بولىدۇ. 

ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى دەرىجە ئىمتىھانى توغرىسىدا بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ!

تۆۋەندە ھەر قايسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن MHK ئىمتىھان ياردەمچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھازىر 3-دەرىجە ۋە 4-دەرىجە ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 50 يۈرۈش سوئال تەمىنلەندى، ھەر بىر يۈرۈش سوئالنىڭ باھاسى 15 يۈەن، ئۈندىداردىلا ئىشلىيەلەيسىز، ناھايىتى قولاي بولۇپ، زور دەرىجىدە ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. 

دوستانە ئەسكەرتىش:
سېتىۋالغاندىن كېيىن قوزغىتىش نومۇرى (激活码)غا ئېرىشەلەيسىز!

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0