بىر كۈندە شىددەت بىلەن ئۆرلەش نىسبىتى %356 بولۇپ، بىر رەقەملىك دۇنيانى سېتىۋېلىش شىركىتى دەپ ئاتىلىدىغان پاي چېكى پۈتۈن يەر شارىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
ئاكسىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تىرامپ قۇرغان تىرامپ تاراتقۇسى ۋە پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چارشەنبە كۈنى SPAC ئۇسۇلى ئارقىلىق DWAC نىڭ بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ترامپ بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: «بىز ھەركىم ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا كۆپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئۈن چىقارمايدىغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. گۇرۇھىمىزنىڭ بۇرچى بولسا ئەركىن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىتتىپاقى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان رەقىب بەرپا قىلىشتۇر.»
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى پارلامىنت قولدىن كەتكەندىن كېيىن، بۇ تاماشا چەمبىرىكىدىكى مودا ئېقىم V چولپىنى بارلىق ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولۇپ، بىزمۇ بۇ كۈلدۈرگە ئارتىسىدىن ئايرىلىپ قالدۇق.

بۈگۈنكى كۈندە، ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ يۇمشاق دېتالى «ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئالاقە (TRUTH Social)»نى قۇرۇپ قايتىدىن پەيدا بولدى ھەمدە دۇنيا كاپىتالىنىڭ بەس-بەستە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، پاي باھاسى زىيادە ئۆرلەپ بەك قالايمىقانلىشىپ كەتتى.
بىراق، ترامپنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى CNN دەرھال سەكرەپ چىقىپ سوغۇق سۇ سېپىپ، كۆپ نۇقتىدىن: «يېڭى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى چوقۇم ئۆلىدۇ، ترامپ چوقۇم ئوينىيالمايدۇ.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
بۇنىڭغا قارىتا، كەمىنىنىڭ قارىشىچە، CNN نىڭ ئېيتقانلىرى ھەقىقەتەن توغرا، تىرامپنىڭ نوقۇل ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مەغلۇپ بولۇشىدا شەك يوق، ئۇ ئىلگىرى بىلوگ ۋە ئېلخەت ئارقىلىق سىرتقا قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان.
بۈگۈنكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن قۇرۇق پاراڭ سېلىشنى قارار قىلدىم، تىرامپ قانداق قىلىدۇ؟

تىرامپ بەش يىل ئىلگىرى ھىلارىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم ھالقا، ئۇنىڭ دېگەننى قىلىدىغان ئۇسلۇبىنىڭ سانسىزلىغان ئامېرىكا ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىنىڭ گىرۋىكىدىكىلەرنى جەلپ قىلغانلىقى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ناچار ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلغان.
ترامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ ترامپتىن نەپكە ئېرىشىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشى تەبىئىي ھالدا زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ، ئۇ تىجارەت قىلىۋاتقان بىلوگ تەبىئىي ھالدا چۆلدەرەپ قالىدۇ.
لېكىن كەمىنىنىڭ قارىشىچە، گەرچە تىرامپ ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن تۆت يىل ئىچىدە، ئۇنىڭ زۇۋانىنىڭ كاپىتال بازىرىغا بولغان تەسىرى، ئاللىقاچان يەر شارى سودا خادىملىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.
(شۇ بىر قانچە يىل كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بارمۇ يوق؟ بىر قېتىملىق مەشغۇلات ناھايىتى شىددەتلىك بولۇپ، ئۆرلەش-چۈشۈش پۈتۈنلەي تىرامپ تەرىپىدىن بولاتتى.)
پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئالدامچىلىق (Fake it till make it)قا تايىنىپ، تىرامپ «چوقۇم ئۇجۇقتۇرۇش» تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، تىرامپ مەۋھۇم پۇلى ۋە تىرامپ ئۇقۇم پېيىنى ياساپ چىقالايدۇ.
بارلىق سودا خادىملىرىمۇ باشقا سودا خادىملىرىنىڭ تىرامپنىڭ چاقىرىق كۈچىگە ئىشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، تىرامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى پۇلغا چېتىلسىلا، پۈتۈن دۇنيادىكى كاپىتال سەرخىللىرى خۇددى باپۇللوفنىڭ ئىتلىرىغا ئوخشاش تىرامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە APP سىنى ساقلاپ، تىرامپنىڭ سۆڭەك تاشلاپ بېرىشىنى كۈتىدۇ.
ئۇلار سۆڭەكلەرنى غاجاپ بولغاندىن كېيىن، سۆڭەكلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرامپقا تەشۋىق قىلىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى ماسكتىن كۆپ.

بىر MAGA تەڭگىسىگە كەلسەك، ئۇ چوقۇم ئىت تەڭگىسىدىن چوڭ بولىدۇ، تىرامپ بىر ئۇقۇم پاي چېكى ئىشلەپ، پات-پات ئىككى ئېغىز ماختاپ قويسا، چوقۇم ئويۇن ئۆتىڭىدىن تېز ئۆسىدۇ.
دوللارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قويۇپ بېرىلىشى نەتىجىسىدە، تىرامپ كەمچىل بولۇۋاتقان سايلام رىقابىتى مەبلىغى دەرھال ھەل بولىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، مەۋھۇم پۇل ياكى مەۋھۇم پاي بولسا، تىرامپ پۇل تەقدىم قىلىپ پاينى كۆپەيتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىدۇ.
بىت پۇلىنىڭ توك ئىشلىتىپ پۇل ياسىشىغا سېلىشتۇرغاندا، MAGA پۇلىدا مۇھەببەت ئارقىلىق توك چىقىرىشقا بولىدۇ.
مەسىلەن، ئون دوست تارتىپ ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاتسا، بىر MAGA پۇلى ئالغىلى بولىدۇ، ئۇدا 10 كۈن تىرامپنىڭ تىۋىتتېر يازمىسىنى تارقاتسا، يەنە بىر MAGA پۇلىنى ئالغىلى بولىدۇ… (مەلۇم دودومۇ شۇنداق قىلىدىغۇ دەيمەن!)
ھەتتا تىرامپ مەۋھۇم پۇل ۋە مەۋھۇم پاي تارقىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قوللىغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ MAGA پۇلىنىڭ ئىگىدارلىرى «قايتا تەشكىللىنىش»تىن كېيىن شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان پاي باھاسى ۋە پۇل باھاسى ئۈچۈن، ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئامېرىكا چوڭ سايلىمى مەزگىلىدە تىرامپنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم سايلىغۇچىسى ۋە چەك تارتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ.
ئويلاپ باقايلى، تىرامپ سايلامدىن بۇرۇن تۆۋەندىكىدەك ۋەدە بەرسە بولىدۇ: «مەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بىزنىڭ سلانېتس مېيى ۋە تەبىئىي گازنى MAGA تەڭگىسىگە سېتىۋالغۇزىمەن.»
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تىرامپ ئەگەر راستتىنلا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانسا، ئىككىنچى كۈنىدىكى پۇل باھاسى قانچىلىك ئۆرلەپ كېتىدۇ؟
ھەتتا يەنە نۇرغۇن يېڭىچە ئويناش ئۇسۇللىرى بار.
ترامپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، ئالاھىدە پۇل تارقىتىش ئارقىلىق چېگرا تېمى ياساپ، بىت پۇلىنىڭ كان قېزىش لوگىكىسىنى MAGA پۇلىنىڭ تام سېلىش لوگىكىسىغا ئايلاندۇرۇشقا ۋەدە بەرسە بولىدۇ.
كەلگۈسىدە، ئامېرىكىلىق شەخس ياكى ئاپپاراتلار ئارىلىق چېگرا تېمى ياساپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، تىرامپنىڭ مۇناسىپ MAGA پۇلىغا تېگىشكىلى بولىدۇ، بۇ پۇلنىڭ رايون-بۆلەك زەنجىرىدە تام ياساشنىڭ كونكرېت ئۇچۇرى ۋە كوردىناتى بولىدۇ، ساقلاپ قېلىش ۋە خاتىرىلەش قىممىتىگە ئىگە.
بولدىلا، مېڭەڭلار قوچىلىنىپ كەتتىغۇ دەيمەن؟ كەمىنە داۋاملىق توقۇشقا ئامالسىز قالدىم، مۇشۇنداق خۇشال كۈنلەردە، كۆپچىلىكمۇ مېڭەڭلارنى سەگىتكەچ تىرامپنىڭ ئەمدى قانداق ئىلەشتۈرىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ...
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.

نۇرغۇن تورداشلاردا يازمىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن يۈرەكلەش ئادىتى يوق، كۆپچىلىكنىڭ يازمىنى ياقتۇرغان بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئالقىشلاپ ۋە تارقىتىپ، بىزگە ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، كۆپ قېتىم ۋاز كېچىش خىيالىدىن مۇستەسنا بولالمىغان. چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئەقىدە، كۆڭۈل قويۇش بىر خىل پوزىتسىيەدۇر!