搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
دىر-دىر تىترەۋاتقان شياۋ يەنزى (جاۋ ۋېي)
>
دىر-دىر تىترەۋاتقان شياۋ يەنزى (جاۋ ۋېي)
NepKan
2021-11-17
2
导读:بىر نەچچە قېتىم سىناپ باققاندىن كېيىن، جاۋ ۋېينىڭ يۈرىكى بارغانسېرى يوغىناپ كەتتى.
1.
بۇ جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە تارىخىغا كىرگۈزۈلىدىغان پەيت!
يېقىندا گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىر ھۆكۈمنامە چىقىرىپ، كاڭمېي دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ ئاكسىيە ئالاھىدە ۋەكىلى دەۋاسىنىڭ ئاخىرى چوڭ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
بىرىنچى، شىركەتنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى ما شىڭتيەن ئەر-خوتۇن %100 چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، 2 مىليارد 459 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؛
چيۇ شىۋېي قاتارلىق تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ماسلىشىپ ساختىلىق قىلىپ، ما شىڭتيەن ئەر-خوتۇنغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوخشاشلا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئىككىنچى، باشقا سەككىز نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ما شىڭتيەن ئەر-خوتۇنغا قارىتا كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالغانلىقى ئۈچۈن، ئومۇمىي تۆلەم سوممىسىنىڭ %20 نى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 491 مىليون يۈەن بولىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئادەمگە 60 نەچچە مىليون يۈەن تۆلەم تۆلەش بەلگىلەندى.
يەنە بەش نەپەر مۇستەقىل مۇدىر بولۇپ، %15 تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 367 مىليون يۈەن بولۇپ، ئادەم بېشىغا 70 مىليون يۈەندىن ئارتۇق توغرا كەلگەن.
مالىيە مەلۇمات جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مۇتەققىل پاي چېكلارنىڭ كۆپىنچىسى داشۆنىڭ پىروفېسسورلىرى بولۇپ، ھەر يىلى پەقەت كاڭمېيدىنلا 100 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالاتتى. لېكىن، مالىيەدە ساختىلىق قىلىش سەۋەبىدىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالماي، قاتتىق موللاق ئېتىپ كېتەتتى.
ئۆز ئورنىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، كىمدىن ئاغرىنغۇلۇق؟
ئۈچىنچى، بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە سۇ قويۇپ بېرىپ، روشەن نورمالسىز ياكى ئۆزئارا زىددىيەتلىك بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش سانلىق مەلۇماتلىرى چۈشۈپ قېلىپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
گەرچە سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىۋاسىتە جاكارلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما كەمىنىنىڭ مۆلچەرىچە ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەت بەلكىم كىنىشكىنى بىكار قىلىش بولۇشى مۇمكىن.
تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، كاڭمېي دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى ما شىڭتيەن ئەر-خوتۇن 2 مىليارد 459 مىليون يۈەن تۆلەم تۆلەشتىن باشقا، يەنە ئېغىر جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىپلەشكە دۇچ كەلدى.
نۆۋەتتە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ما شىڭتيەننى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاشكارىلاش، مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىق جىنايىتى، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش جىنايىتى، ئاكسىيە بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، فوشەن ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبنامە سۇندى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ما شىڭتيەننى پارا بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشمۇ دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقىلدى.
دېمەك، ما شىڭتيەن ئەر-خوتۇننىڭ كۈتۈپ تۇرغىنى ئەڭ قاتتىق قانۇنىي جازا بولۇپ قالىدۇ.
2.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار زادى نېمە ئىش قىلدى؟
بىز ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى جۇڭگو ئاكسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ساختا سەتچىلىكنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.
1997-يىلى، ما شىڭتيەن كاڭمېي دورىگەرلىكىنى بەرپا قىلىپ، تۆت يىلدىن كېيىن ئۇنى شاڭخەي بېرژىسىغا ئېلىپ چىقتى.
ئالدىنقى نەچچە يىلدا يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە، كاڭمېينىڭ بازار قىممىتى 140 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دورىگەرلىك بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا مۇقىم ئولتۇردى.
ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، كاڭمېينىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولاتتى، ئەمما ما شىڭتيەن قېرىشقاندەك ئادەم قىلىدىغان ئىشنى قىلمىدى.
2019-يىلى 8-ئايدا، كاڭمېينىڭ ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئەسلىدە 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، كاڭمېينىڭ جەمئىي ئاشقان كىرىمى 29 مىليارد 100 مىليون يۈەن، مەۋھۇم ئاشقان پايدىسى 4 مىليارد 100 مىليون يۈەن، ساختا ئاشقان پۇل مەبلىغى جەمئىي 88 مىليارد 600 مىليون يۈەن، ساختا ئاشقان مۇقىم مۈلۈك، سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش سوممىسى 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولغان.
كىشىلەر شۇندىلا، سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى كاڭمېينىڭ ئاللىقاچان سېسىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.
ما شىڭتيەن مالىيەدە ساختىلىق قىلىشقا تايىنىپ، كاڭمېينىڭ بازار قىممىتىنى 140 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئون مىليارد يۈەندىن ئارتۇق نەقلەشتۈرگەن.
2018-يىلى، ما شىڭتيەن جەمەتى 41 مىليارد يۈەن بايلىق بىلەن خۇرۈن بايلار تىزىملىكىدە 52-ئورۇندا تۇرغان.
ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان مەبلەغ سالغۇچىلار تەسەۋۋۇرغا ئالدىنىپ، بەس-بەستە كاڭمېي پاي چېكىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالغان.
ئويلىمىغان يەردىن بىر يىلدىن كېيىن، كاڭمېي پاي چېكى قولدىن كېتىپ، %90 تىن ئارتۇق پاي چېكى كۆپۈكلىشىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.
كاڭمېي ساختىلىق قىلىپ، خوجايىننى سەمرىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنى بېيىتتى، نەچچە ئون مىڭ پايچىك خالىغانچە ئورۇۋالىدىغان كۈدىگە ئايلىنىپ قالدى.
ئاخىرى، يېڭى «ئاكسىيە قانۇنى»دا بېكىتىلگەن جۇڭگوچە ئاكسىيە ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ دەۋا تۈزۈمى دۇنياغا كەلدى، كاڭمېي دېلوسى دەل تۇنجى دېلو بولۇپ قالدى.
يېڭى «ئاكسىيە قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغداش ئاپپاراتى پەقەت 50 مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، مەبلەغ سالغۇچىغا ۋاكالىتەن دەۋاغا قاتنىشالايدۇ.
بۇ جۇڭگونىڭ كاپىتال تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش.
كەينىدىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم.
ئالدى بىلەن، مەبلەغ سالغۇچى پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتنى ئەرز قىلسا بولىدۇ.
پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت مالىيەسىدە ساختىلىق قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىنى دەسمايىسىدىن ئايرىپ قويسا، ئاساسىي گەۋدە شىركىتى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ زىيىنىغا چوقۇم مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
پەقەت 50 مەبلەغ سالغۇچى ئىمزا قويسىلا، ئاپپارات ئۇلارغا ۋاكالىتەن پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنى بىۋاسىتە ئەرز قىلىدۇ.
مەبلەغ سالغۇچىلار خۇددى نەۋرىسىگە ئوخشاش يەرگە بېسىۋالىدىغان سۈركىلىش دەۋرى كەلمەسكە كەتتى.
ئىككىنچى، ئادەتتىكى ۋەكىللەر دەۋاسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەدلىيە ئەمەلىيىتىنى ياراتتى.
چۈشىنىشلىك تىلغا ئايلاندۇرساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش بىر تۈردىكى دېلولارغا قارىتا «ئوخشاش دېلوغا ئوخشاش ھۆكۈم چىقىرىش»قا بولىدۇ، بۇ، ئوخشاش بىر دېلودىكى بىرەيلەن دەۋادا يەڭسىلا، سوت مەھكىمىسى ۋەكىلنىڭ دەۋا دېلوسىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈمىنى بېكىتىش ئۆلچىمى بويىچە، باشقا مەبلەغ سالغۇچىلار، دەۋا قىلغۇچىلار ئۈچۈن بىۋاسىتە كېسىم چىقىرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
گەپنى تېخىمۇ ئوچۇقراق ئېيتساق، باشقا مەبلەغ سالغۇچىلار دەۋالاشمىسىمۇ بولىدۇ، سوت مەھكىمىسى ئەۋرىشكە بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا، ھەم ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچنى تېجەپ قالىدۇ، ھەم دەۋا تەننەرخىنى تېجەپ قالىدۇ.
ئاخىرىدا، ساختىلىق قىلىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
كاڭمېي دېلوسىدا، غوجايىنغا نەچچە مىليارد يۈەن، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىغا نەچچە ئون مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، خانىۋەيران بولۇش دەرىجىسىگە يەتتى، كاپىتال بازىرىنىڭ ئىلگىرىكى تۆۋەن تەننەرخلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دەۋرى ئاياغلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.
3.
كاڭمېيغا ھۆكۈمنامە كېسىلگەندىن كېيىن، پاي چېكى بازىرىدا ساختىلىق قىلغان نۇرغۇن خوجايىنلار ۋە شىركەتلەر كېچىچە كىرپىك قاقمىدى، بۇنىڭ ئىچىدە جاۋ ۋېي ئەر-خوتۇنمۇ بار.
جاۋ ۋېي، خۇاڭ يوۋلۇڭلارنى ھەممىمىز بىلىمىز، بىرى داڭلىق ئارتىس، يەنە بىرى سودا ماگناتى، ئىلگىرى «پاي پىشۋا ئەر-خوتۇن» دەپ تەرىپلەنگەن.
2014-يىلى، جاۋ ۋېي ئەر-خوتۇن 3 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئەلى كىنوچىلىقىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، 2-چوڭ پايچىك بولدى. 2015-يىلى، ئەلى كىنو كەسپىنىڭ پاي چېكى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، جاۋ ۋېي بىراقلا 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.
2015-يىلى، خۇاڭ يوۋلۇڭ، شى يۈجۇ، ما يۈن قاتارلىق كىشىلەر بىرلىكتە رۈيدۇڭ گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالدى، بازار ئاچقان تۇنجى كۈنىلا 2.5 ھەسسە قاتلاندى، جاۋ ۋېي تاپقان پۇلىنى ساناپ بولالماي قوللىرى ئۇيۇشۇپ كەتتى.
(بۇ يەرنى بېسىپ «
كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن
» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
2016-يىلى 12-ئايدا، جاۋ ۋېي بىر قۇرۇق شىركەت --لۇڭ ۋېي تاراتقۇسىنى قۇرۇپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت تۈمەن ئائىلە مەدەنىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، يۇقىرى باھادا قوشۇۋېلىش ئېلانى چىقاردى.
خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈمەن ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ پاي چېكى زور دەرىجىدە ئۆستى.
جاۋ ۋېي چوتنى ناھايىتى ئىنچىكە سوققان بولۇپ، ئۇنىڭ مەبلەغ چىقارمايلا، ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن ئىدى.
ئەينى چاغدا، لۇڭۋېي تاراتقۇسىغا 3 مىليارد يۈەن دەسمايە كېتەتتى، جاۋ ۋېي 60 مىليون يۈەن بىلەن پاي چېكىنى رەنىگە قويۇپ، بانكىدىن 3 مىليارد يۈەن قەرز ئالماقچى بولدى، بۇنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتى 50 ھەسسىگە يەتكەن ئىدى.
لېكىن، كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمىدى دېگەندەك، شۇ يىلى بانكا سىياسەتنى چىڭىتىپ، قەرز پۇل بېرىشنى رەت قىلىپ، سېتىۋېلىش دېلوسىنى بىۋاسىتە ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى.
خەۋەر ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، تۈمەن ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ بازار قىممىتى تۆت مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پارلىنىپ كەتتى، ئەمما ئاشۇ چوڭ پايچىكلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن پۇلنى نەقلەشتۈرۈپ يولىغا راۋان بولغان ئىدى.
مەبلەغ سالغۇچىلار جاۋ ۋېي تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېغىر زىيان تارتىپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى.
تۈمەن ئائىلە مەدەنىيىتى بولسا جاۋ ۋېينىڭ زاكالەت پۇلىنى شۇ پېتى قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان ئىدى.
ئاخىرىدا، جاۋ ۋېي ئەر-خوتۇنغا پەقەت 600 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش ۋە بەش يىل بازارغا كىرىشنى چەكلەش جازاسى بېرىلدى، باشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىشى يوق ئىدى.
ئېنىقكى، جاۋ ۋېيلار قانۇندىن يوچۇق تېپىپ، نۇرغۇن پۇل تاپتى.
ئەپسۇس، ھەممە ئىش ئاخىرلاشتى.
كاڭمېي دېلوسى كاپىتال بازىرىدىكى كونا دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، يېڭى دەۋرنىڭ بىخ سۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ جاۋ ۋېينىڭلا ئۇيقۇسىز كېچىسى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكى بىلەن كاپىتال چەمبىرىكىدە ساختىلىق قىلغان كاتتىباشلارنىڭ ئورتاق قاباھەتلىك چۈشى ئىدى.
جاۋ ۋېيلارنىڭ بىرسىمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ!
مەنبە: TOP ئىنتېرنېت تورى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ.
شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.
دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0