搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ليۇ چۈەنجىنىڭ خاتالىقى قەيەردە؟
>
ليۇ چۈەنجىنىڭ خاتالىقى قەيەردە؟
NepKan
2021-11-20
1
导读:پۇقرالار ئۈلگىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالمايلا قالماستىن، ھەتتا ئۇلاردا كۈچلۈك دۈشمەنلىك ئېڭى پەيدا
يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن دوستلار
مەندىن «ليۇ چۈەنجى نېمىشقا تۇيۇقسىز كۆپچىلىكنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟» دەپ سورىدى.
ئۈچ يىل ئىلگىرى، بۇ جۇڭگولۇق كارخانىچىلار ئاتىسى خەلق سارىيىدا 100 نەپەر ئىسلاھات ئاۋانگارتى سۈپىتىدە تەقدىرلەندى، ئۈچ يىلدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ IT دولقۇنىنى قوزغىغان بۇ كاتتىباش ئالاقە تورىدىكى ئۇر-ئۇر چاشقاننىڭ كۈنىگە قالدى.
(بۇ يەرنى بېسىپ «ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
بۈگۈن، بىر قىسقا ھېكايە ئارقىلىق، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئوتتۇرىلىقنى ساقلىنغان ھالدا كەينىدىكى سەۋەبلەرنى يېشىپ باقايلى.
شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئىككى تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىسادىي سىياسەت بار ئىدى، بىرى، يەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېرىنى شەخسلەرگە بۆلۈپ بېرىش؛ يەنە بىرى، چەت ئەللىكلەرنى چىن بەگلىكىگە قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا يەر بېرىش.
بۇ بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي سىياسەت تەپەككۇرى دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس بولۇپ، 2000 يىلدىن كېيىن ھايېك (哈耶克) ئاندىن يەكۈنلىگەن بۇ نەزەرىيەدە، ئىنسان تەبىئىتىدىكى شەخسىيەتچىلىكتىن پايدىلىنىپ، ئالدى بىلەن چىن ئېلىنىڭ تورتى چوڭايتىلدى.
شاڭ ياڭ قانۇن ئۆزگەرتىشكە ئىشەنچ باغلاش ئۈچۈن، بىر مەيدان داڭلىق ياغاچ يۆتكەپ ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئەگەر كىم باشلامچىلىق بىلەن ياغاچ يۆتكىسە، دۆلەت خەزىنىسىدىن 50 يامبۇنى ئېلىپ كېتەلەيتتى.
تارىخمۇ ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىۋاتىدۇ.
ئەينى يىلى ليۇ چۈەنجى ئىسلاھات تىپى قىلىپ تىكلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىدىن ئاسانلا پۇل ئېلىشقا رۇخسەت قىلىندى، ليەنشياڭ ئالدىن بېيىدى، ھەتتا پاسكىنا ئىپتىدائىي كاپىتال جۇغلانمىسىغا قانۇنلۇق تون ياپتى، بۇنىڭ ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئەمەس، بەلكى ئەينى چاغدا دۆلەت بىر تىپقا ئېھتىياجلىق ئىدى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە دۆلەت كارخانىلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، چەت ئەل كاپىتالىنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى تورتنى چوڭايتىشقا تۈرتكە بولۇشقا مۇھتاج ئىدى.
شۇڭا، ليۇ چۈەنجى پەقەت توشۇغۇچى ئىشلەمچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان تەقدىردىمۇ، «ياغاچ يۆتكەپ ئىشەنچ تۇرغۇزۇش» ئارقىلىق دۆلەت ئۇنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ ھەمدە ئۇنى «ياغاچ يۆتكەش» تىپى قىلىپ تىكلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇنىڭغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ئەمما ھېكايىدە ئېيتىلغاندەك، ئەگەر سىز كۈندە بىر تىلەمچىگە پۇل بېرىپ، ئۇدا نەچچە يىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، تىلەمچى بۇنى سىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىز دەپ ئويلىۋالىدۇ.
بىر تەرەپتىن پۇل ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن تىپ دەپ تەرىپلەنگەن ليۇ چۈەنجىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان «ياغاچ يۆتكىسە پۇل ئېلىش» ئىدىيەسى يىلىكىگىچە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنىڭ ماسلاشمىغانلىقىنى قىلچە سەزمىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، يېڭىلىق يارىتىشتا ھېچقانداق سېلىنما يوق ليەنشياڭمۇ بىر يىلدا ئۈچ مىليارد نەچچە يۈز مىليون يۈەن پايدا ئالدى، ھالبۇكى 20 نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ 2020-يىلى ئالغان ئومۇمىي ئىش ھەققى 934 مىليون يۈەن بولدى، پېنسىيەگە چىققان ليۇ چۈەنجى بولسا 100 مىليونغا يېقىن مائاش ئالدى.
(بۇ يەرنى بېسىپ «ليەنشياڭ شىركىتى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
ئۈن-تىنسىز باي بولۇش ئەسلىدە ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى، خەلقئارالاشقان بىر شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليەنشياڭنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكى يۇقىرى ئەمەس ئىدى.
30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنىلا ھېچقانداق تېخنىكا سالمىقى يوق «ياغاچ يۆتكەپ»، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسى ئالدىغا كېلىپ دۆلەتتىن «يامبۇ» ئالماقچى بولغان ليۇ چۈەنجى پۇقرالارنى ھەقىقەتەن كالۋا ھېسابلاپ قالغان ئىدى.
30 يىل بۇرۇن ليۇ چۈەنجى «ياغاچ يۆتكەپ»لا نەچچە ئۆمرىدە ئېرىشكىلى بولمايدىغان بايلىققا ئېرىشتى، كۆپچىلىك ھەۋەس قىلىپلا قالدى، 30 يىلدىن كېيىن، لەنشياڭ قېزىش ماشىنىسى (蓝翔挖掘机) ھەممە يەردە چېپىپ يۈرۈپ ئىگىلىك يارىتىۋاتقاندا، ليەنشياڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى يەنىلا يالغاندىن «ياغاچ كۆتۈرۈش»مەكتە ئىدى.
پۇقرالار ئۈلگىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالمايلا قالماستىن، ھەتتا ئۇلاردا كۈچلۈك دۈشمەنلىك ئېڭى پەيدا بولىدۇ.
ئەسلىدە نوقۇل ھالدىكى پۇقرالارنىڭ غەزىپىنى، ليۇ چۈەنجى توپلىغان كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئارقىلىق قانداقلا بولمىسۇن بېسىقتۇرالايتتى، لېكىن دەۋرنىڭ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بىز كېيىنكى نەشرگە كىردۇق، ھەم يېڭى شەكىلسىز قولغىمۇ ئىگە بولدۇق.
شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى دۆلەت مۈلكىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە سېتىپ بېرىش مەنپەئەتىنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشى دۆلەت مۈلكىنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاۋۋال بېيىشى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، چىن بەگلىكىنىڭ تورتىنى زورايتىشنى مەقسەت قىلغان.
تورتنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، شاڭ ياڭنىڭ ئىككىنچى قەدىمى باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى بولدى.
قانۇن ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى، چىن بەگلىكىنىڭ باج كىرىمىنى ئاز ساندىكى چىن بەگلىكىنىڭ تۆھپىكارلىرى تاپشۇراتتى، قانۇن ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، چىن بەگلىكىنىڭ باج كىرىمى دۆلەتتىن يەر ئالغان ھەر بىر پۇقرادىن ئېلىنىدۇ.
شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرلىرىنى ئاۋامغا بۆلۈپ بېرىش، ئالدىن بېيىغانلارنى يېڭى ئاقسۆڭەكلەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ، چىن بەگلىكىنىڭ باج كىرىمى ۋە دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە باج مەنبەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، چىن بەگلىكىمۇ شەرقتىن خەنگۇغا بېسىپ كىرىپ، جاھاننى سۈپۈرۈپ تاشلاشتەك ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولدى، شۇنداقلا پۈتۈن ئىقلىمدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئالىدىغان بولدى.
بۇ چاغدا ئۇلۇغ چىن بەگىلىكى ئېھتىياجلىق بولغان ئۈلگە ۋە ئورتاق تونۇش بولسا ئاشۇ ئاشلىقنى كۆپ تېرىغان قامەتلىك ئەرلەر، ھەربىي تۆھپىسى زور بولۇپ كۆپ پۇل تاپقان ئەزىمەتلەر ئىدى، ھەرگىزمۇ جەنۇبىي قوۋۇقتا ئولتۇرۇپ «كۆتەك تۆۋىدە توشقان ساقلاش»، ھە دېسىلا ئۆز ھەميىنىنى توملاشقا ئۇرۇنىدىغان بوۋاي ئەمەس ئىدى.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ.
شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.
دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296