ئوغلىنى 14 يىلدىن بۇيان جاپالىق ئىزدىگەن سۈن خەيياڭ ئەر-خوتۇن ئوغلى سۈن جو بىلەن يېقىندا جەم بولدى، لېكىن مىكرو بىلوگدا تارقالغان «ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن بىر بالا تېپىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئانىسى بىلەن ئالاقىنى ئۈزدى» دېگەن تېما نۇرغۇن تورداشنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەممەيلەن: «نەقەدەر ئازابلىق ئىش ھە بۇ» دېيىشتى.
ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالا ياڭ جياشىن قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن باشتا ئانىسى شيا شيەنجۈ بىلەن كۆرۈشتى. لېكىن، كېيىن «بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى» بىلەن بىللە ياشاشنى قارار قىلىپ، يۇرتى سىچۈەنگە قايتمىدى. ئاپىسىنى تېخىمۇ ئازابلىغىنى، ئوغلىنىڭ ئۇنىڭ ئۈندىدارىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكىنى بولدى.
ئانا: «مەن ئۇنىڭغا پەقەت بىر دوستىغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشنى ئويلىدىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇمنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىپتۇ، مەن پەقەت ئۇنىڭ باققان ئانىسى ئارقىلىقلا ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىيەلەيدىغان بولدۇم» دېدى.
ئۇ بالام يەنە ئازراق چوڭايسا، ماڭا بولغان پوزىتسىيەسى ئۆزگىرىپ قالار، دېگەن ئۈمىدتە بولدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى قايتۇرۇپ كېلىنگەن سۈن جومۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار مېنى ئون نەچچە يىل ئىزدىدى، ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇلارنىڭ شۇنچە يىلدىن بۇيان مېنى ئىزدىگەنلىكىگە رەھمەت، ئۇلار كۆپ جاپا تارتتى. راست گەپنى قىلسام كۆڭلۈمدە ئازراق خىجىللىق تۇيغۇسى بار. ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈم، لېكىن ئۇ يەردە قالمايمەن، مۆلچەرىمچە ئۇلار بۇنىڭدىن بەك ئازابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر ئائىلە كۆپەيدى، بۇ تەرەپمۇ مېنىڭ ئاتا-ئانام، ئۇ تەرەپمۇ مېنىڭ ئاتا-ئانام.»

سۈن جو ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن زىيارەتنى قوبۇل قىلدى
ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ بۇ خىل تاللىشىنى نۇرغۇن تورداش چۈشىنەلمىدى: ئاتا-ئانىسى شۇنچە يىل جاپالىق ئىزدەپ ئاران تاپسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تاللىمايدۇ؟

پىسخولوگلار: بالىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك
سۈن جونىڭ تاللىشىغا نىسبەتەن، پىسخولوگ خې رىخۇي مۇنداق دېدى: ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىلار باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ئۆز ئاتا-ئانىسى ۋە بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى ئوخشاشلا مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا باشقىلار بۇ بالىلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنى چۈشىنىشى، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم پەيدا قىلماسلىقى كېرەك.
«ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا بولغان مۇھەببىتى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئەكسىچە بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن ئوتتۇرىدا مېھىر-مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى ئاشكارا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۈن جونىڭ باققان ئاپىسىغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ جايدىكى ئاممىۋى پىكىرنىڭ تەسىرىدە، سۈن جو ناھايىتى زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن».
قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى: بالىنى سېتىۋالغان ئائىلە داۋاملىق باقسا بولمايدۇ
جۇڭگو خەلق داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ياۋ خۈەنچىڭ مۇنداق دېدى: «پىرىنسىپ جەھەتتە سېتىۋالغۇچى ئائىلە بالىنى داۋاملىق باقماسلىقى كېرەك، بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇن بەلگىلىمىسى ياكى ئالاقىدار قائىدىلەر بار. قانۇن جەھەتتىن قارىغاندا، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىش قىلمىشى قانۇنسىز قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتى ھەققىدە مەخسۇس بەلگىمە بار. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئومۇمىي قانۇن روھى ۋە قانۇن يېتەكچىلىكىگە ئاساسلانغاندا، سېتىۋالغۇچى بىلەن ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار، بالىلار ئوتتۇرىسىدا قانۇنىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا يول قويۇلمايدۇ. مۇشۇ پىرىنسىپ ئاساسىدا، ئەگەر ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىلار تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىسا، بالىلارنىڭ ئارزۇسى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، ئۇلارنى ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك، قانۇننىڭ تەكىتلەيدىغىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان قانۇنىي مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت.
بالا قايتىپ كېتىشنى خالىمىسا، ئىزدەشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟
بىرىنچى، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن نۇرغۇن بالىلار بەزى خەۋەرلەردىكى باش قەھرىمانغا ئوخشاش «بېقىۋالغان ئاتا-ئانا» سىنى تولۇق قوبۇل قىلمايدۇ. ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن قايتىدىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بالىلار ھەر ۋاقىت ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ئىزدىشىنى، ئۇلار بىلەن قايتا دىدارلىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئىككىنچى، بالا ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تاللىغان ياكى تاللىمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى ئىزدەپ تېپىش ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەھمىيەتلىك ئىش.
2014-يىلى، سۈن خەيياڭنىڭ تۇغقان ئىزدەش ھېكايىسى ئاساسىدا «سۆيۈملۈكۈم» ناملىق كىنو ئىشلەندى. فىلىمدىكى شەخس خەن دېجۇڭ (پىروتوتىپى سۈن خەيياڭ) «مەن تاپالمىدىم» دېگەن بولسىمۇ، رېئال تۇرمۇشتىكى سۈن خەيياڭ ئىزچىل ۋاز كەچمىدى.
بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان بىللە ئولتۇرغاندىن كېيىن، پېڭ سىيىڭ ئېھتىيات بىلەن ئوغلىنىڭ ماسكىسىنى ئېچىپ: «بىز سىزنىڭ كىچىك ۋاقتىڭىزدىكى بىر پارچە سۈرىتىڭىزنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدۇق، دائىم چىقىرىپ كۆرۈپ تۇرىمىز، ھازىر چوڭ بولغاندىن كېيىنكى سىزنى كۆرگىنىمىزدە، يەنىلا شۇ كىچىك ۋاقتىڭىزدىكى ھالىتىڭىز كۆز ئالدىمىزغا كەلدى» دېدى. بىر چەتتە ئولتۇرغان سۈن خەيياڭ سۈن جونىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە قويۇپ بەرمىدى.

ئۈچىنچى، بالىلارنى ئالداپ سېتىش ۋە سېتىۋېلىش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىلارنى ئىزدەش جەريانىدا، ساقچىلار يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئالداپ ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئۇلارنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
جەم بولۇش ئالداپ سېتىۋېتىش ۋەقەسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ
2021-يىلى 30-نويابىرغىچە، ج خ ئورگانلىرى «جەم بولۇش» ھەرىكىتى ئارقىلىق ئالداپ سېتىۋېتىلگەن 8307 بالىنى تاپتى، ئالداپ سېتىۋېتىش دېلوسىدىن 292نى پاش قىلىپ، 697 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى.
باشقىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەم بولۇش ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن بالا بىلەن ئۆز ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئەمما ئالاقىدار كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر باشلىنىش، ئۈزۈلۈپ قالغىلى ئۇزۇن يىل بولغان ھېسسىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىر جەريان كېتىدۇ، بالىلارمۇ ئۆزىنىڭ يېڭى كىشىلىك ھاياتىغا قايتىدىن يۈزلىنىشى كېرەك.
بالىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغىنى «بېقىۋالغان ئاتا-ئانا»سى، لېكىن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار «سېتىۋالغۇچى»، بالىنىڭ ئەسلىي ئۆزىگە تەۋە كەلگۈسىنى «سېتىۋالغۇچى».
دۇنيادا بۇنداق جۇدالىقنىڭ بولماسلىقىنى، قان-قېرىنداشلارنىڭ جەم بولۇشىنى، بارلىق بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.