大数跨境

ئېلون ماسك، زاكېربېرگ ۋە G20 دىكى يېڭى ئىككى باج

ئېلون ماسك، زاكېربېرگ ۋە G20 دىكى يېڭى ئىككى باج NepKan
2021-11-01
2
导读:بۇ جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىدىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرقلەرمۇ
يېقىندا، ماسكنىڭ باج قارىشى ۋە زاكېربېرگنىڭ مېتا ئالەم قارىشى توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق. 
(بۇ يەرنى بېسىپ «مېتا ئالەم ۋە بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىمىز» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)
(بۇ يەرنى بېسىپ «مېتا ئالەم ۋە زەھەر چېكىش ئورنى» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)
(بۇ يەرنى بېسىپ «Facebook نامىنى رەسمىي ھالدا Meta غا ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)
(بۇ يەرنى بېسىپ «ئېلون ماسك نېمىشقا باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىدۇ؟» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)
(بۇ يەرنى بېسىپ «ماسكنىڭ %2 مال-مۈلكى يەر شارىدىكى ئاچارچىلىقنى تۈگىتەلەيدۇ» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)
رۇيلى ۋەقەسىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى كۆپچىلىك پىكرى يۆنىلىشىدىن شۇنى غۇۋا بايقايمىزكى، بىزنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد سەرخىللىرى، قاپ يۈرەكلىك (野心) بىلەن يېڭى دەۋر يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە شەپقەتسىزلىك بىلەن ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنى تاشلىۋەتتى. 

بۇ جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىدىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرقلەرمۇ بار. 
شەرق تۆۋەن قاتلام خەلقى ئۈچۈن ئەڭ مەسئۇلىيەتچان بولغان ھەرىكەتچان يوقىتىش (动态清零) تاللىدى، غەرب يۇقىرى قاتلام خەلقى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ۋىرۇس بىلەن تەڭ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش (病毒共存)نى تاللىدى. 
تۆۋەن قاتلام لوگىكىسىدىكى بۇ خىل پەرق ئىقتىساد ۋە مالىيە-باج سىياسىتىنى ئىككى قۇتۇپقا يۈزلەندۈرىدۇ. 
جۇڭگودا، رۈيلىنىڭ شەھەرنى قامال قىلىشى بىلەن ئىقتىساد توختاپ، ھەر بىر ئادەم نەچچە ئون قېتىم يېڭىچە تاجىسىمان يادرو كىسلاتاسىنى ئۆلچىگەندە، تەننەرخنى تۆۋەن قاتلامدىكى خەلق ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس، چوقۇم جۇڭگودىكى «ماسكلار (بايلار)» تېخىمۇ يۇقىرى باج-سېلىق ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
(بۇ يەرنى چېكىپ «باج: كىم شادىمان؟ كىم پەرىشان؟» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)
(بۇ يەرنى چېكىپ «ماۋتەي، خەينەن ئاۋىئاتسىيەسى، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)

ئامېرىكىدا، بايلار قاتلىمى كونترول قىلىۋالغان پارلامېنت تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىشكە يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتالمايدۇ، شۇڭا چوقۇم يېڭى، كونا «شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش (داۋالاش-ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش بولسا شەھۋانىيلىق؛ تەلىم-تەربىيە، ئۆي-مۈلۈك بولسا قىمار ئويناش؛ تور ئويۇنى، تورغا خۇمار بولۇش بولسا زەھەر چېكىشتۇر!)»تىن يوچۇق ئېچىپ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنى قويۇپ بېرىش يولىغا ئىگە قىلىش كېرەك. (بۇ يەرنى چېكىپ «ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئىچكى يادروسى» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)
(بۇ يەرنى چېكىپ «"ۋېن جېڭ" ۋە "ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات"» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)

بۇ يەنە خەلق لۇشيەنى بىلەن سەرخىللار لۇشيەنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى جەھەتتىكى ئىختىلاپىنى كۈچەيتىۋەتتى. 
خەلق لۇشيەنىدە ماڭغان جۇڭگو ھەر خىل كونا-يېڭى «شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش»كە قاتتىق زەربە بېرىپ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئېقىشچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. 

سەرخىللار لۇشيەنىدە ماڭغان ئامېرىكا ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، بايلىقنىڭ يۈكسەك توپلىنىشى ۋە سىياسەتنىڭ يۈكسەك سۈكۈت قىلىشى بىلەن ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ سۇپا مونوپول كارخانىلىرىنىڭ مۆلچەر قىممىتى بۇ يىل قارمۇ-قارشى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدى. 

بۇ خىل پەرقنىڭ ئارقا لوگىكىسىمۇ ھەر قايسى تەرەپ خەلق ئاممىسىنىڭ تونۇشىغا ماس كېلىدۇ. 
ئىلگىرى بىر نەچچە يىل قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ئاۋسترالىيە ئورمان ئوت ئاپىتىنى مىسالغا ئالساق: 
جۇڭگو خەلقى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىدا بەدەل تۆلەش كېرەك، دەپ قارايدۇ، ئەمما ئالىملار ۋە غەرب سەرخىللىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئوت تازىلانغاندىن كېيىن ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىدىغان «دارۋىن قائىدىسى» شۇ جاينىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. 

گەرچە شەرق غەربنىڭ سىياسىتىنى مەسخىرە قىلسىمۇ، لېكىن غەرب سىياسىتىنىڭ لوگىكىسىدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە مۇۋاپىقلىق بار. 

20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا يادرو قوراللىرى ۋە ئانتىبىيوتىكلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلار يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويدى. 
40-يىللاردىن ئىلگىرى، ۋابا كېسىلى بىلەن ئۇرۇش كۆپ يۈز بېرىپ، ئورمان قائىدىسىگە تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق رىقابەتلىشىش ۋە شاللىنىش ئارقىلىق، ئىنسانلار DNA سىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۈچلۈك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. 
مەسىلەن، %60 جۇڭگولۇق 4 ~ 5 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئەجدادنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، پەقەت ئەڭ كۈچلۈك DNA بىلەن گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى (基因突变) بولغاندىلا، ئاندىن ئېلىشىش جەريانىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغىلى قىلغىلى بولاتتى.
40-يىللاردىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ۋە ۋابانىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدە رىقابەتكە ماسلىشالمىغان نۇرغۇن گېنلار خۇددى ھايۋانات باغچىسىدىكى مۈشۈكئېيىققا ئوخشاش، ئورمان قانۇنىيىتىدىن قۇتۇلۇپ ھايات قالدى. 

ھازىرقى زامانىۋى جەمئىيەتتە، ھەر قانچە ئادەتتىكى ئادەم بولسىمۇ، پاراۋانلىقنىڭ ياردىمىدە خوتۇن ئېلىپ بالىلىق بولۇش، ئۆزىنىڭ DNA سىنى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقى بار. 
دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى 2 مىلياردتىن ھازىرقى 8 مىلياردقا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كاپىتالىستلارنىڭ نەزىرىدە بازار رىقابەت كۈچى كەمچىل بولغان، ئۈنۈمسىز نوپۇس (无效人口) بارغانسېرى كۆپەيگەن. (بۇ يەرنى چېكىپ «كاپىتالىزم دېگەن نېمە؟ كاپىتالىست دېگەن نېمە؟ » ناملىق يازمىغا قاراڭ!)

شۇڭا، ھۆكۈمران سەرخىللار نۇقتىسىدا تۇرغاندا، ماسك ئۆزىنى تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارىمايدۇ، زاكېربېرگمۇ تۆۋەن قاتلامغا روھىي خىيالىي دورىلارنى تۆكمە قىلىپ سېتىشتا ئۆزىنى ئەيىپلەپ كەتمەيدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «مېتا ئالەم ۋە بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىمىز» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)


ئىنسانلار ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، كاپىتالنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىشى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە يۈز مىليون يىلدىن بۇيانقى ئۆلۈم ئارقىلىق شاللىنىشقا سېلىشتۇرغاندا، ھەمدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا يامراپ كەتكەن ناتسىستلار ئىدىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد كاپىتالىستلار تەمىنلىگەن خۇشال-خۇراملىق روھىي سېھرىي دورا ئىنتايىن ئىنسانپەرۋەرلىككە ئايلانغان. (بۇ يەرنى بېسىپ «مېتا ئالەم ۋە زەھەر چېكىش ئورنى» ناملىق يازمىغا قاراڭ!)

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل نۇقتىدىن قارىغاندا، ماسك تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ پاراۋانلىقىغا ئاجرىتىدىغان پۇلنى پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن پلانېتىلار ئارا ساياھەتنى تېخىمۇ بالدۇر ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؛ زاكېربېرگ تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىغا ھەق تۆلەتسىلا، ئاندىن يېڭى بىر ئەۋلاد ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلېمېنتار كائىناتىنى تېزدىن بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. (مېنىڭ ئىزچىل كاللامدىن ئۆتمەيدىغان بىر مەسىلە، نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى شۇنچە كۈچلۈك كاپىتال ئاساسىغا ئىگە كىنو شىركەتلىرى، مەسىلەن: ئەيچىيى، يۇۋكۇ، تېڭشۈن ئىزچىل ھالدا قانداق پايدا يارىتىش، قانداق قىلغاندا چىقىم بىلەن كىرىمنىڭ يۇچۇقىنى ياماشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، پىغانلىق كۈنگە قالغاندا، بىزنىڭ دىيارىمىزدا ئەكسىچە كۆزنەك، ئىزدەشكە ئوخشاش كىنو ئەپلىرى ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىش بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن ياشلارنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىگىلىك نىشانىدىن ۋاز كېچىپ، بىردىنلا بىر تۈركۈم «ئىگىلىك تىكلىگۈچى»لەرنىڭ كۆزنەك ۋە ئىزدەشكە كۆز قىزارتىپ، كىنو ساھەسىدىن ئىبارەت بۇ بەيگىگە ئاتلىنىشىدىن بىر خىل ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ--نەپكاردىن.)


بۇ خىل قاراشنى، توغرا-خاتا بىلەن ئۆلچەش ناھايىتى تەس. 
ماسكنىڭ مارسقا يۈرۈش قىلىشى ۋە كۈچلۈك خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا يۈرۈش قىلىشى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ لياۋدۇڭنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇشىدا ماھىيەت جەھەتتىن ھېچقانداق پەرق يوق، شان-شەرەپ ئاستىدا تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىغا تېخىمۇ ئېغىر بولغان «لياۋ سۇلالىسى تەمىناتى»نى يۈكلەش كېرەك؛ 
ئوخشاشلا، زاكېربېرگنىڭ ئېلېمېنتار كائىناتى بىلەن چىڭ ئوردىسىنىڭ ئەپيۈن مالىيەسىمۇ ئوخشاش بولۇپ، تۆۋەن قاتلامدىكى ئامما بۇ بەدەللەرنى تۆلىگەندىلا، ئاندىن «كىچىك پونكىت يېڭى قوشۇنى (B بېكىتى)» بارلىققا كېلىپ، يېڭى تۈزۈم ئارقىلىق يېڭى مۇساپىنى باشلىيالايدۇ. 
ھەتتا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھازىر رىمدا ئېچىلىۋاتقان G20 ۋە يىغىندا نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان كاربون بېجى ۋە سانلىق مەلۇمات بېجى ماھىيەتتە بىر خىل ئەلالاشتۇرۇلغان «كاپىتال دارۋىنىزىم» ھېسابلىنىدۇ. 
يېڭى «ئىككى باج»نىڭ تەدرىجىي قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كاپىتالمۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ماسكلارغا توپلىنىپ، يۇلتۇزلار، دېڭىزلار ئارا پەن-تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ 
قالاق دۆلەتلەردىكى خەلقمۇ كاربون بېجى ۋە سانلىق مەلۇمات بېجىغا تايىنىپ خەلقئارا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە ئىنتايىن تۆۋەن ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئارقىلىق زاكېربېرگتىن مېتا ئالەمنىڭ دوپامىن مۇلازىمىتىنى سېتىۋالالايدۇ. 


كېيىنكى تارىخ نۇقتىسىدا تۇرغاندا، ماسك بىلەن زاكېربېرگ ئىنتايىن ئۇلۇغ كىشىلەردۇر، ئۇلار ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادە بىلەن بىر دەۋرنى ئاچاتتى؛ بىراق ھازىرقى زامان خەلق ئاممىسى نۇقتىسىدا تۇرغاندا، شۇنىڭغا قاراش كېرەككى، كۆپچىلىك دەۋر چاقىنىڭ ئىلگىرىلىشىدىكى بەدەل بولۇپ قالامدۇ-يوق؟ 
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.


------------



بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!


تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!



يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0