搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى بىر مىليون يۈەننى قانداق تاپىمىز؟
>
كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى بىر مىليون يۈەننى قانداق تاپىمىز؟
NepKan
2021-11-13
2
导读:بىر مىليون پۇل تېپىش بىر سانلىق قىممەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئىقتىدار.
بىر مىليونلۇق مۈلۈك بولسا، ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس.
لېكىن بىر مىليون نەق پۇل بولسا، پايدىسى ھەقىقەتەن بەك كۆپ.
بىر مىليون پۇل تېپىش بىر سانلىق قىممەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئىقتىدار. ئەلۋەتتە، چېقىش-كۆچۈرۈش تۆلىمى بېرىش تاپاۋىتىنى بۇنىڭغا ھېسابلىغىلى بولمايدۇ. كەمىنىنىڭ كۆپچىلىككە دېگىنى لاتارىيە بېلىتى ئەمەس، چېقىش-كۆچۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ بىر مىليون يۈەن تېپىش.
جىخۇدا ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ھادىسە بار. بەزىلەر: «20 مىليون بىلەن مەن مالىيە ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالامدىم؟» دەپ سورايدۇ.
نۇرغۇن جاۋابلار: «20 مىليون قارىماققا ناھايىتى كۆپ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز. بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە، شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى داچىدىن بىرنى سېتىۋالسىلا يوق بولىدۇ.» دەيدۇ.
بۇ خىل جاۋابتىن بىر قاراپلا شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، جاۋاب بەرگۈچىنىڭ ئايلىق مائاشى 10 مىڭغىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن.
بىز چوقۇم بىر ئۇقۇمنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك: مۇقىم مۈلۈك كۆچمە نەق پۇلغا تەڭ ئەمەس. مەسىلەن، سىزدە 20 مىليون ساپ مۈلۈك بار، بۇنىڭ ئىچىدە داچىنىڭ قىممىتى 25 مىليون يۈەن، سىز يەنە بانكىغا 5 مىليون يۈەن قەرز. بۇ ۋاقىتتا، سىزدە 20 مىليون يۈەن بار دېگەن گەپ، داچىڭىزنىڭ ساپ قىممىتى 20 مىليون يۈەن دېگەن گەپ.
لېكىن داچا كۆچمەس مۈلۈك، تۇرۇشتىن باشقا، ئارتۇقچە پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.
لېكىن 20 مىليون يۈەن نەق پۇل ئوبوروت قىلىنسا، ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ. مەن بۇ پۇلغا مۇقىم كىرىم تىپىدىكى نەق پۇل روزغارلىق كەسپىنى سېتىۋالسام، پايدا نىسبىتى ئاران %5 بولسىمۇ، بىر يىللىق ئۆسۈمى بىر مىليون بولىدۇ. ئۆيدە يېتىپ ھېچ ئىش قىلمىغاندا، يىلىغا مىليون يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندى سېتىۋالسام، %10 پايدا نىسبىتى بويىچە يىلىغا 2 مىليون يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.
ئىگىلىك تىكلىمەي، پاي چېكى ئوينىمىغاندىمۇ، مالىيەدە ئەركىن بولماسلىقتىن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
لېكىن، ياشلارغا نىسبەتەن ئەڭ قىيىن بولغىنى 20 مىليون ئەمەس، بەلكى 1 مىليون تېپىش. ئايلىق ئىش ھەققى 5K دىن ئايلىق ئىش ھەققى 10K غىچە، نۇرغۇن كىشى ئىشلەمچىلىك قىلىپ، كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق پۇل تاپالايدۇ. ئەمما ئايلىق ئىش ھەققى 10 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىش بولسا، بۇ سانسىزلىغان ئىشلەمچىلەر ئۆمۈر بويى ئۆتەلمەيدىغان قىيىن ئۆتكەل بولۇپ قالدى.
ئۇنداقتا، كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى بىر مىليون يۈەننى قانداق تاپىمىز؟ جاۋابى: قوشۇمچە كەسىپ.
تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسىنى ئورتاقلىشىمەن:
مەن لاۋ لى بىلەن يېڭى تونۇشقاندا، ئۇ دائىم ماڭا: «بالدۇرراق باي بولۇڭ، يېشىڭىز چوڭىيىپ قالغاندا، پۇرسەت بولمايدۇ.» دەيتتى.
مەن باشتا ئىشەنمىگەن، لېكىن لاۋ لىنىڭ ماڭا قايتا-قايتا ئىدىيە تامغىسى بېسىشىغا چىدىمىدىم. گۇاڭجوۋدا تۇغۇلغان ئۇ باشتىن ـ ئاخىر مۇنداق بىر ئەقىدىدە چىڭ تۇردى: «ياش بولغاندىكىن پۇل تېپىش، كۆپ پۇل تېپىش كېرەك!»
لاۋ لىنىڭ قايتا-قايتا سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى بىلەن، مەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، پۇل تاپتىم! ئايال كىشى، ھەقىقەتەن بىر ئەرنىڭ پۇل تېپىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
پوقنى يېيىشلىك ئەمەس، پۇلنى تاپماق تەس، دەيدۇ. ئەمما بۇ ئۆز تاراتقۇسى دەۋرىدە، مەندەك يېزىق ئىجادىيەتچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇل تېپىش يەنىلا ئانچە تەس ئەمەس ئىدى. كەسىپداشلىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ سالوننى باشلىشىم بىر قەدەر كېيىن بولدى.
مىمېڭدا بىر پارچە «LOW غا زورلاش» ۋە بىر پارچە «ئىپلاسلارغا» دېگەن تورنى بىر ئالغان يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەن تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ، سەھەر سائەت 9 دىن كەچ سائەت 6 گىچە ھەلەكچىلىك تۇرمۇشىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم.
گەرچە ھازىر مىمېڭ قامال قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ روناق تېپىشىغا مىمىڭ ھەقىقەتەن تۆھپە قوشتى. دەل مىمېڭ، سالوننى تېز سۈرئەتتە تاۋارلىشىش دولقۇنىغا باشلاپ كىردى. يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە، بىر سالون ئېلانىنى بىر مىليون 200 مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولاتتى.
پۇلنىڭ سېھرى كۈچى ھەقىقەتەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، لېكىن مەن يەنە قانداق قول سېلىشنى بىلەلمىدىم.
بىر كۈنى يېنىمدا ئولتۇرغان بىر پېشقەدەم مۇھەررىر، تۇيۇقسىز خىزمەتتىن ئايرىلدى. مەن ئۇنىڭدىن «سىزگە نېمە ئىش بولدى؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ: «مەن ھازىر سالون ماڭدۇرىۋاتىمەن، يىللىق كىرىمىم مىليون يۈەنگە يەتتى. مەن نېمىشقا يەنە بۇ يەردە باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئولتۇرىمەن؟» دېدى.
ئۇنىڭ ئەركىن ـ ئازادە سىماسىغا قاراپ، ھەرگىزمۇ بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئادەمنىڭ چۈشكۈنلۈكى ئوبرازىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ھاياتى خۇددى ئىككىنچى باھارىغا قەدەم قويغاندەك قىلاتتى. ئارقىدىنلا ئۇ كىتاب چىقىرىپ، تەكلىپكە بىنائەن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەپ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى داڭلىق يازغۇچىغا ئايلاندى.
ئەسلىدە ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىمۇ قايتۇرما زەربىگە ئۆتەلەيدىكەن! ئالاقە تورى دەۋرىدە ھەممە ئادەمنىڭ بېيىش پۇرسىتى بولىدۇ. شۇ كۈنى كېچىدە، مەن ئۆيگە قايتىپ، ئۆزۈمنىڭ تۇنجى سالۇنىمنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ سالۇنىنى يۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدىم.
سالون قۇرۇش تەس ئەمەس، قىيىن بولغىنى ئوقۇرمەن جەلپ قىلىش. ئوقۇرمەن بولمىسا، مېنىڭ مەزمۇنىمنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. مەزمۇننى بەرپا قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئۆزىگە تەمەننا قويۇشقا بولمايدۇ، قۇلاقنى يۇپۇرۇپ ئىش قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ماقالىنى ئۆزىگە يېزىپ قويۇش، بىر ئىجادىيەتچىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەسرىتى.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەن بىر سالون سېتىۋالدىم. بۇ زاۋۇت قۇرغانغا ئوخشاش، ئالدى بىلەن ماشىنا سېتىۋېلىش كېرەك، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغىلى بولىدۇ. بۇ سالون بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مېنىڭ مۇنبەت ئېتىزىمغا ئايلاندى، مەن ئۇنى ھەر كۈنى كۆڭۈل قويۇپ سۇغىرىمەن.
ھەر بىر ئوقۇرمەن قالدۇرغان سۆزنى كۆرىمەن، بۇ ئادەت ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. سالون ماڭدۇرغان تۇنجى يىلى ئوقۇرمەنلىرىم ئاز، ئوقۇش سەۋىيەسى تۆۋەن، كىرىم يوق بولغاچقا، تېما ئويناشقا تاينىشقا توغرا كەلدى. ھېلىمۇ ياخشى، مېنىڭ يەنە بىر خىزمىتىم بار، تاماق قاچامنى ساقلاپ قالالايمەن.
ئۇ مېنىڭ ئىككىنچى قوشۇمچە كەسپىم ھېسابلىنىدۇ.
بىراق، مەن ئىشنى بەك كېيىن باشلىدىم، سالونلارغا يېتىشىۋالالمىدىم، پەقەت ئاخىرقى ئاپتوبۇسقا ئولتۇردۇم. مەن سالوننى ئەمدى جانلاندۇرغاندا، قىسقا فىلىملەر تازا ئەۋجىگە چىقىپ، سالونلارمۇ چۆلدەرەپ قالغان ئىدى.
لېكىن سالوندىكى ئاخىرقى ماشىنىدا مەنمۇ بىر چىشلەم گۆش يەپ باققان. 2019-يىلى 5-ئايدا، مەن ھاياتىمدىكى تۇنجى 100 مىڭ يۈەننى تاپتىم. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئەمدى يۇقىرى پەللىگە يېتەلمىدىم.
كىرىم ئاشماي، ئەكسىچە شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى. بىر يىل ئىچىدە، ھەممىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن 500 مىڭ يۈەن پۇل تاپقان بولدۇم، بۇنىڭ بىر مىليون يۈەن بىلەن بولغان ئارىلىقى يەنىلا ئانچە يىراق ئەمەس. لېكىن گۇاڭجۇدا تۇرمۇش كەچۈرسە، چىقىمى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. ھەر ئايلىق ئاساسىي چىقىم 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، بىر يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن پۇل ئامانەت قويغىلى بولمايدۇ.
بىر مىليون يۈەن پۇل ئامانەت قويۇش ئارزۇيۇم مانا مۇشۇنداق بەربات بولدى.
ھېلىمۇ ياخشى، ئارزۇسى بار ئادەمگە نىسبەتەن، تەلەي ھامان تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. گەرچە كىرىمىم تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن لاۋ لى ئاچقان ئېلان شىركىتى شۇ يىلى بەش مىليون يۈەن پايدا ئالدى. ئۇ كىچىك پايچىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، 800 مىڭ يۈەن پايدا ئالدى.
مەن تاپقان 200 مىڭ يۈەن بىلەن، لاۋ لىنىڭ 800 مىڭ يۈەننى قوشقاندا، ئاخىرى ھاياتىمىزدىكى تۇنجى بىر مىليون يۈەن تاپتۇق.
بۇ بىر مىليون يۈەن بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئىشلار ئۆزگىرىشكە باشلىدى. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر، بىر مىليون يۈەننىڭ ھېچقانچە كارامىتى يوق دەپ قارىشى مۇمكىن. لېكىن، قولىڭىزدا بىر مىليون يۈەن نەق پۇل بولغاندا، ئۇنىڭ قىممىتى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، ھەرگىز ئۆي سېتىۋالماڭ. قانداق ئادەم ئۆي سېتىۋېلىشى كېرەك؟ بايلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەت، سودا پۇرسىتى بولمىغان ئادەم ئۆي سېتىۋېلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. مەسىلەن ئوقۇتقۇچى، مەمۇر، دوختۇر قاتارلىق تۈزۈلمە ئىچىدىكى خادىملار. بۇنىڭ ئىچىدە، مەمۇرلار سودا قىلىشقا بولمايدۇ، ئۆي سېتىۋېلىشتىن باشقا ھېچقانداق تاللاش يوق.
بۇ كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت تۈزۈلمە ئىچىدە تۇرغاچقا، سودا بايلىقى كەمچىل، ئۆي سېتىۋېلىشتىن باشقا ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يوق. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.
يەنە بىر خىلى چوڭ زاۋۇتتىكى خىزمەتچىلەر. چوڭ زاۋۇتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇلارمۇ ئىگىلىك تىكلەشنى خالىمايدۇ، ئۇلار تاپقان پۇلغا ئۆي سېتىۋېلىشتىن باشقا ھېچقانداق ياخشى تاللاش يوق.
ئەمما، تۈزۈلمىدە بولمىغان ۋە چوڭ زاۋۇتلاردا بولمىغان خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر مىليون يۈەن نەق پۇل سىزگە نۇرغۇن سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى بۇ بىر مىليون، بىز تاپقان پۇل. پۇل تېپىش جەريانىدا، بىز بىرلا ۋاقىتتا سودا بايلىقى، سودا مۇناسىۋىتى جۇغلانمىسىنى تاماملىدۇق. بىز بىر مىليون يۈەن نەق پۇلنى قولىمىزغا ئالغاندا، ھېچ ئىش قىلماي ئۆيدە ياتساقمۇ، سىرتتىكى سودا ھەمراھلىرىمىز ئوخشاشلا بىزنى ئىزدەپ كېلىپ، بىز بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.
مەسىلەن، ئەتكەن چاي زەنجىرسىمان دۇكىنىغا مەبلەغ سالامسىز؟ 200 مىڭ يۈەنگە بىرنى ئېچىپ، 3-، 4-سەپتىكى شەھەردىن بىرنى تاللاپ، تۆت، بەش مەبلەغ سالغۇچىنى ئىشقا سېلىپ، بىر يىلدا 20 نى ئېچىپ، رايون بازىرىنى ئىگىلىسە بولامدۇ؟
مەسىلەن، ئېلان شىركىتى ئېچىش كېرەكمۇ؟ سىلەر گۇاڭجۇدا بولساڭلار، بىز يەنە چاڭشا، شىئەن ياكى نەنچاڭغا بېرىپ شىركەت ئاچساق بولامدۇ؟
مەسىلەن، دوۋيىن ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتىنى ئاچساقچۇ؟ ئىش باشلاش مەبلىغى پەقەت 100 مىڭ يۈەن.
بۇ تۈرلەر ئاپتوماتىك ھالدا ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ، بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزدىن كېيىن، بىز ئەڭ ئاخىرىدا دوۋيىن ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى ئېچىشنى تاللىدۇق. ئىش باشلاش مەبلىغى 100 مىڭ يۈەن، ئىككى پايچىكنىڭ ھەر بىرى 50 مىڭ يۈەن، ئۈچ ئاي ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 1 مىليون يۈەن بىزنىڭ 20 قېتىم سىناپ، 20 قېتىم مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يېتىدۇ.
لېكىن، كونىلاردا «توققۇز قېتىم مەغلۇپ بولسا، بىر قېتىم غەلىبە قىلىدۇ.» دەيدىغان گەپ بار. بىز پەقەت بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازانساقلا بولدى.
بۇ چاغدا سىز 100 مىڭ يۈەننى ھەممە ئادەمنىڭ چىقىرالايدىغانلىقىنى، ئەمما پەقەت بايلىقى بىر مىليون يۈەن بولغان ئادەمنىڭلا قىلالايدىغانلىقىنى بايقايسىز. نېمە ئۈچۈن؟ بۇ دەل بايلىقنىڭ كۈچى.
بىر مىليون پۇل تېپىش، ئەزەلدىن بىر سانلىق قىممەت ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئىقتىدار. ئۇ كىشىلىك ھاياتتىكى قايتۇرما ھۇجۇم ۋە ئىجتىمائىي چەمبەرنىڭ بىر ھالەتتىن ئىككىنچى بىر ھالەتكە ئۆتۈشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بېيىش يولىدا ئەزەلدىن تاللاش تىرىشچانلىقتىن چوڭ بولۇپ كەلگەن. بىر ئىش ئورنىدا باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىگەندە، بېيىش ناھايىتى تەس. كۆپ خىل كىرىم يوللىرىنى ئېچىپ، كىرىمنى كۆپ مەنبەلەشتۈرگەندىلا، بايلىق تېز ئاشىدۇ.
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0