大数跨境

ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى سۈرۈشتە قىلىشى

ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى سۈرۈشتە قىلىشى NepKan
2022-01-14
2
导读:ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟
ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىش ھوقۇقى بارمۇ؟
مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى:
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ۋۇخەن شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى جەمئىيەت ئىئانە قىلغان 27 خىل دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيانى قوبۇل قىلغان، بۇ ماسكا 9316 ساندۇق، قوغدىنىش كىيىمى 74 مىڭ 522 يۈرۈش، كۆز ئاسراش ئەينىكى 80 مىڭ 456 دانە ھەمدە باشقا دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە جەمئىيەت ئىئانە قىلغان جەمئىي 608 مىليون 800 مىڭ يۈەن پۇلنى قوبۇل قىلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 12 گىچە، ۋۇخەن شەھەرلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى جەمئىي 2 مىليارد 586 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي ئىئانە پۇل تاپشۇرۇۋالغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇبېي ئۆلكىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرى ئىئانە قىلىنغان پۇل-مالنى قوبۇل قىلىش ۋە تەقسىملەش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، «ئۈچ مۇھىم، بىر كۆپ» بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىلىرى ساقلانغان بولۇپ، خۇبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەتقىق قىلىش ھەم ئۆلكىلىك پارتكومغا يوللاپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ئالاقىدار خادىملارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي ئىشلاردا چوڭ جىنايەت يېزىش جازاسى بەردى.
يەنە 2020-يىلىنىڭ بېشىدا گۈيجۇلۇق ئايال ۋۇ خۇايەننىڭ ئىئانە قوبۇل قىلىش ۋەقەسىمۇ كۆپچىلىك پىكرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋۇ خۇايەن كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن، لېكىن ئۇنىڭ كەينىدە بىر قاتار سوئال بەلگىسى قالغان ئىدى: بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 43 جىڭ كېلىدىغان ۋۇ خۇايەن زادى قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان؟ ئۇنىڭ كېسىلىگە زادى قانچىلىك داۋالاش ھەققى كېتىدۇ؟ پۇل توپلاش سۇپىسى نېمە ئۈچۈن مىليون يۈەن پۇل توپلايدۇ؟ لېكىن پەقەت 20 مىڭ يۈەن پۇل ئاجرىتىدۇ؟ بۇ 20 مىڭ يۈەن راستىنلا نەقلەشتىمۇ؟
مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ۋە سەۋەبى:
خەير-ساخاۋەت پۇلىنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى، ياردەم قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دا ئىئانە قىلغۇچىنىڭ خەير-ساخاۋەت پۇلىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلىش ھوقۇقى، ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىئانە قىلىنغان قانۇنىي ئىگىدىن ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش، باشقۇرۇلۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بارلىقى ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، ئىئانە قىلىنغان قانۇنىي ئىگە ۋاقتىدا، ئەينەن جاۋاب بېرىشى كېرەك.
ئادۋوكاتنىڭ بايانلىرى ۋە تەكلىپلىرى:
خۇبېي ئۆلكىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە گۈيجۇدىكى ۋۇ خۇايەن ۋەقەسى دۆلىتىمىزنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى «كەمتۈكلۈك»نى ئاشكارىلىدى: خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكىتى قېلىپلاشمىغان، خەير-ساخاۋەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى يۇقىرى ئەمەس، ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ۋە ئىئانە توپلاش مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئاشكارا ئەمەس، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا ئەمەس، ۋەھاكازالار، شۇڭا جەمئىيەتتىكى ئامما، تاراتقۇلار قاتارلىقلارنىڭ خەير-ساخاۋەت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ قېلىپلاشقان ھەرىكىتى، ئۇچۇر ئاشكارىلىقىغا بولغان سادالىرىمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر مۇھىم قانۇن مەسىلىسى __ ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىغا چېتىلىدۇ.
ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش، ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەير-ساخاۋەت قانۇنى»دا خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئىئانە قوبۇل قىلغاندا، ئىئانە قىلغۇچى يازمىچە ئىئانە كېلىشىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئىئانە قىلغۇچى بىلەن يازمىچە ئىئانە كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
يازمىچە ئىئانە كېلىشىمى ئىئانە قىلغۇچى ۋە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ نامى، ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ تۈرى، مىقدارى، سۈپىتى، ئىشلىتىلىش ئورنى، تاپشۇرۇش ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىئانە قىلغۇچى ئۆزى ئىئانە قىلغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى سۈرۈشتۈرۈشكە، كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئىئانە قىلغۇچىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قىلىشى كېرەك. خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئىئانە كېلىشىمىدە پۈتۈشكەن ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئىشلەتمەي، قالايمىقان ئىشلەتكەن بولسا، ئىئانە قىلغۇچى خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتىدىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى تۈزەتمىسە، ئىئانە قىلغۇچى خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئەرز قىلسا، پاش قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
«ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دە ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىمۇ مۇنداق ئېنىق بەلگىلىمە بار: ئىئانە قىلغۇچى قانۇنىي ئىگىدىن ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش، باشقۇرۇلۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئىئانە قوبۇل قىلغۇچى قانۇنىي ئىگە ئىئانە قىلغانلارغا ۋاقتىدا، ئەينەن جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئىئانە قوبۇل قىلغۇچى قانۇنىي ئىگىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى ياكى قانۇنىي ۋەكىلى چىقارغان قارار تەرتىپى قانۇن، مەمۇرىي نىزام، قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىگە خىلاپ بولسا ياكى قارار مەزمۇنى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىگە خىلاپ بولسا، ئىئانە قىلغۇچى قاتارلىق مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ياكى مەسئۇل ئورگانلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بۇ قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
بۇ قېتىم «ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى»نى تۈزۈش جەريانىدا يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەر قوبۇل قىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن خەير-ساخاۋەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاشكارا يۈرۈشۈشى، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىندى. ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئاكتىپچانلىقى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا خەير-ساخاۋەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىئانە قىلىنغان ياخشى نەرسىلەرنىڭ چىقىمى، ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ، ئىئانە قىلغۇچىنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 94-ماددىسىدا: «ئىئانە قىلغۇچى ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىدىن ئىئانە قىلغان مال-مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش، باشقۇرۇلۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ۋاقتىدا، ئەينەن جاۋاب بېرىشى كېرەك.
ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ئىجرا ئاپپاراتى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىنىڭ قارار چىقىرىش تەرتىپى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ۋە قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىگە خىلاپ بولسا ياكى قارارنىڭ مەزمۇنى قانۇنىي ئىگە نىزامنامىسىگە خىلاپ بولسا، ئىئانە قىلغۇچى قاتارلىق پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ياكى مەسئۇل ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ قارارنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لېكىن، ئىئانە تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە شۇ قارارغا ئاساسەن ياخشى نىيەتلىك ئاداچى بىلەن شەكىللەندۈرگەن ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
مەنبە: مەزكۇر يازما چىڭخۇا داشۆ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2021-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى دەۋرى: سىز بىلمىسىڭىز بولمايدىغان قانۇن ساۋاتلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. 

خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قەلبنى ئىللىتىدىغان «ئاخىرقى» ۋەسىيدۇر

2022-01-12

ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا...

2022-01-10

خوتۇنى ۋە ئوغلىدىن كىم ۋەسىي بولۇشقا ماس كېلىدۇ؟

2022-01-09

8 ياشلىق بالا تارتۇقلىغان بۇ 600 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇۋالالامدۇ؟

2022-01-08

ئاتا-ئانىسى ئالاھىدە سەۋەبتىن ئايرىۋېتىلسە، بالىغا كىم قارايدۇ؟

2022-01-07

ھامىلىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟

2022-01-06

يازمىچە توختام ۋە ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ پۈتۈش ۋاقتى ھەققىدە

2022-01-02

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟

2021-12-29

توختام تۈزۈشتە قايسى خىل شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟

2021-12-28




【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296