大数跨境

ماسك: بۇ ئىش ئېنىق بولسا، مەن 6 مىليارد دوللار ئىئانە قىلىمەن

ماسك: بۇ ئىش ئېنىق بولسا، مەن 6 مىليارد دوللار ئىئانە قىلىمەن NepKan
2021-11-02
2
导读:مالىيە دوكلاتىنى چوقۇم ئاشكارىلاش كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئامما ئاندىن پۇلنىڭ قانداق خەجلىۋېتىلگەنلىك
ـــ لېكىن، مالىيە دوكلاتىنى چوقۇم ئاشكارىلاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، ئامما پۇلنىڭ قانداق خەجلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.

«ئۇنىڭ %2 مال-مۈلكى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاچارچىلىقنى ھەل قىلالايدۇ! (بۇ يەرنى بېسىپ مەزكۇر يازمىنى كۆرۈڭ!)» يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى «بايلاردىن نامراتلارنى قۇتقۇزۇش»نى تەلەپ قىلىپ، تېسلانىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىدىكى تۇنجى باي ئېلون ماسك قاتارلىق مىلياردىر بايلارنى «ئاچ قالغان خەلقنى قۇتقۇزۇۋېلىش»قا مۇراجىئەت قىلدى. شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ماسك بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ماسك نېمىشقا باج تۆلەشنى رەت قىلىدۇ؟» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

ماسك

ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇراجىئەت قىلىشى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بەزى تورداشلار بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما بەزى تورداشلار بەزى گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر تورداش 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان «پاكىتنى تەكشۈرۈش»تە ئېيتىلىشىچە، ماسكنىڭ %2 بايلىقى 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2020-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 8 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى توپلىغان. نېمە ئۈچۈن بۇ ئورگان «دۇنيادىكى ئاچارچىلىقنى ھەل قىلالمايدۇ»؟ 


ماسك باشقىلارنىڭ ئۆزىگە «مەدەت» بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنكاس قايتۇردى.


ئۇ شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى يۇقىرىدىكى تورداشقا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى (WFP) تىۋىتتېردا 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن يەر شارىدىكى ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشنى توغرا تەسۋىرلەپ بېرەلىسە، مەن دەرھال تېسلانىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېتىپ، ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىمەن.»


بىراق ماسكىمۇ بىر شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغان، «لېكىن مالىيە دوكلاتىنى چوقۇم ئاشكارىلاش كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئامما ئاندىن پۇلنىڭ قانداق خەجلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.»


بىراق، ماسكنىڭ گېپىمۇ تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. 
بىر تورداش مۇنداق دېگەن: «سىز باھانە تېپىپ يەر شارىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلمىسىڭىز بولىدۇ... 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مۇكەممەل ھەل قىلىش لايىھەسى ئەمەس، لېكىن ھامان يوقتىن ياخشى.» 


يەنە بەزى تورداشلار: «نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى بەزى ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلىمەيمىز؟» دەپ سوئال قويغان. (بۇ يەرنى چېكىپ «پۇلدارلارنى ئىئانە قىلىشقا زورلاش ياخشى ئىش ئەمەس!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)


بىراق بەزى تورداشلار ب د ت غا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى. 
بىر تورداش مۇنداق دېگەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىر ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇۋالسا، بۇنىڭ ئىچىدە %30 شۇ پۇلنى تاپشۇرۇۋالغان سەۋەبكار ئىشقا ئىشلىتىلسە، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى بيۇروكرات ئورگانلارنىڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كېتىدۇ. كىلىمات مەسىلىسىدە، بىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ %15 بۇ ئىشقا ئىشلىتىلگەن، قالغانلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سىزنىڭ مەبلىغىڭىز ئارقىلىق ئۆزگىرىش قىلالىشىدىن ئۈمىد كۈتمەڭ.»


يەنە بىر تورداش ماسكقا ئەقىل كۆرسىتىپ: «سىزگە ئۇلار كېرەك ئەمەس، ئېلون ماسك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەشكىلاتىنى قۇرۇپ مەبلەغ باشقۇرۇپ، نامراتلار ۋە ئاچ قالغان كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلسىڭىز بولىدۇ، سىز يەنە ئۇلارغا قانداق ياشاشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. روشەنكى، ئۇلار يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرار-جاي قاتارلىق ئاساسىي نەرسىلەرگە موھتاج. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدىغان مائارىپ بولۇشى كېرەك.» دېگەن. 


بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرگە قارىغاندا، ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى داۋىد بىسلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى تىۋىتتېردا ماسكقا «ئۇتۇقنامە» يوللىغان، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى باي بولغانلىقىنى تەبرىكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ پۇل ئىئانە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «غەلىبىڭىزنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بىز سىزنى بىر ئۆمۈر تېپىش تەس بولغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيمىز، يەنى 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 42 مىليون ئادەمنى قۇتقۇزىمىز. بۇ تەكلىپنىڭ ۋاقتى ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن جانغا تاقىشىدۇ.» (بۇ يەرنى بېسىپ «دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئالماشتى!» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

بىسلى 26-ئۆكتەبىر CNN سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا بۇ ئىشنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ، ماسكقا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ «بىر قېتىملىق ياردەم» بىلەن تەمىنلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پەقەت 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولسىلا يەر شارىدىكى 42 مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ... ئەگەر ياردەمگە ئېرىشەلمىسە، ئۇلار ئۆلىدۇ.» 
CNN نىڭ ئېيتىشىچە، ماسكنىڭ ساپ مۈلكى تەخمىنەن 289 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى شەخسىي بايلىقىنىڭ ئاران %2 ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ بىسلى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پەقەت ماسكنىڭ ئالدىنقى ھەپتە «تاق كۈنلۈك بايلىق ئېشىش سانى» خالاس. ئۇ يەنە، ئەگەر زۆرۈر بولسا بىر قېتىملىق مىليادىرلارنى باشلاپ نامرات رايونلارغا بېرىپ شۇ جاينىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەنبە: يەرشارى تورى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
------------



بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296