大数跨境

خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قەلبنى ئىللىتىدىغان «ئاخىرقى» ۋەسىيدۇر

خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قەلبنى ئىللىتىدىغان «ئاخىرقى» ۋەسىيدۇر NepKan
2022-01-12
2
导读:خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى دۆلەتكە ۋاكالىتەن «ۋەسىيلىك قىلىشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش» مەسئۇلىيىتىنى ئۈ
مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى:
دې XX ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، ئۆي ماكانسىز قېلىش ھەمدە بىر ياش ئەتراپىدىكى ئوغۇل بوۋاق نى XX بىلەن بىرگە يىۋۇ شەھەرلىك ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش مەركىزى (ئەسلىدىكى يىۋۇ شەھەرلىك قۇتقۇزۇش پونكىتى)غا ئاپىرىپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، يىۋۇ شەھەرلىك ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش مەركىزى دې XX نى پۇجياڭ خۇاڭفېڭ روھىي كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسىغا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ھەمدە پەنئەن ناھىيەسى شېنزې شوۋخەي ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرغان. ئوغۇل بوۋاقنىڭ تېنى ساغلام، يېتىلىشى نورمال بولغاچقا، يىۋۇ شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا باقتۇرغان.
ج خ ئورگىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىزچىل دې XX بىلەن ئوغۇل بوۋاقنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشكە ئامالسىز قالغان، ئەمما ئىككىيلەننىڭ DNA نى باھالاش ئارقىلىق ئانا-بالىلىق مۇناسىۋىتى بار دەپ بېكىتىلگەن.
يىۋۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى دې XX نىڭ روھىي كېسەللىك تارىخى بارلىقىنى، ئۆزى ۋە ئوغۇل بوۋاقنىڭ سالاھىيەت ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئوغۇل بوۋاقنىڭ ھالىدىن نورمال خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يىۋۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى سوت مەھكىمىسىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلغان: (1) دې XX نىڭ نى XX كە ۋەسىيلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش؛ (2) ئەرز قىلغۇچى يىۋۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنى نى XX نىڭ ۋەسىيسى قىلىپ بېكىتىش.
مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى ۋە سەۋەبى:
خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقى بارمۇ يوق؟ دې XX نىڭ نى XX كە ۋەسىيلىك قىلىش ھوقۇقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ھەمدە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنى نى XX نىڭ ھامىيسى قىلىپ بېكىتىش ھوقۇقى بارمۇ يوق؟
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
دې XX ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان، نى XX نىڭ ۋەسىيلىكىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئۈستىگە ئالىدۇ، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغان ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ.
ئادۋوكاتنىڭ بايانلىرى ۋە تەكلىپلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن قۇرامىغا يەتكەنلەرگە تۆۋەندىكى ۋەسىيلىك ئىقتىدارى بار كىشىلەر تەرتىپ بويىچە ۋەسىيلىكنى ئۈستىگە ئالىدۇ: (1) جورىسى؛ (2) ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى؛ (3) باشقا يېقىن تۇغقانلىرى؛ (4) ۋەسىيلىك قىلىشنى خالايدىغان باشقا شەخسلەر ياكى تەشكىلاتلار، لېكىن ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. ئەمما، ئەگەر ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت بولمىسا، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى (دەسلەپكى لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسى)»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە كىشى بولمىسا، ۋەسىيلىكنى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىلارغا تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولغان ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى لايىھەنىڭ ئاخىرقى ئۈچ قېتىم قاراپ چىقىلغاندىن نۇسخىسىدا ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بولمىغان كىشىلەر بولسا، ۋەسىيلىكنى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئۈستىگە ئالىدۇ، شارائىتى يار بەرگەن ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ، دەپ ئۆزگەرتىلدى.
ناھايىتى ئېنىقكى، يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەردە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى دۆلەتكە ۋاكالىتەن «ۋەسىيلىك قىلىشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش» مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، چۈنكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتى بولغان كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئاھالە كومىتېتىغا سېلىشتۇرغاندا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيسى بولۇش ئەۋزەللىكى روشەن.
گەرچە كەنت (ئاھالە) كومىتېتى بالىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تېخىمۇ پىششىق بىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچى كەمچىل بولغاچقا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى دەۋا ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەسلىدىكى ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ قارىمىقىدا مۇناسىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەرتىپلىرىنى يولغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق، ھەم بالىلارنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇپ، تەبىئىي ھالدا دۆلەتكە ۋاكالىتەن ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاساسىي گەۋدە بولۇپ قالغان. بۇنى كۆزدە تۇتۇپ، «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» بۇ بەلگىلىمىنى داۋاملىق قوللانغان.
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرى:
«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 32-ماددىسىدا: «قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە كىشى بولمىسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋەسىي بولىدۇ، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغان ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋەسىي بولسىمۇ بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
مەنبە: مەزكۇر يازما چىڭخۇا داشۆ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2021-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى دەۋرى: سىز بىلمىسىڭىز بولمايدىغان قانۇن ساۋاتلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. 

ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا...

2022-01-10

خوتۇنى ۋە ئوغلىدىن كىم ۋەسىي بولۇشقا ماس كېلىدۇ؟

2022-01-09

8 ياشلىق بالا تارتۇقلىغان بۇ 600 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇۋالالامدۇ؟

2022-01-08

ئاتا-ئانىسى ئالاھىدە سەۋەبتىن ئايرىۋېتىلسە، بالىغا كىم قارايدۇ؟

2022-01-07

ھامىلىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟

2022-01-06

يازمىچە توختام ۋە ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ پۈتۈش ۋاقتى ھەققىدە

2022-01-02

ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا

2021-12-29

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟

2021-12-29

توختام تۈزۈشتە قايسى خىل شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟

2021-12-28




【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0