大数跨境

بالىلار تىلنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟

بالىلار تىلنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟ NepKan
2021-11-05
1
导读:كارتون كۆرۈنۈشلىرىنىڭ رەڭلىرى ۋە مەزمۇنى مول، دىئالوگلىرى قىزىقارلىق. ھەر قىسمى 10 مىنۇت ئەتراپىدا..
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا بۇ فىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.

كارتون كۆرۈنۈشلىرىنىڭ رەڭلىرى ۋە مەزمۇنى مول، دىئالوگلىرى قىزىقارلىق. ھەر قىسمى 10 مىنۇت ئەتراپىدا، بوۋاقلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ كۆرۈشىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ! 
بىز ئالدى بىلەن بىر قىسىمنى كۆرۈپ ھېس قىلىپ باقايلى: 


فىلىمدىكى باش رولچى Steve بولسا بىر سېمىز، يۇمۇرىستىك ھەم كۆپ ئىقتىدارلىق ئادەم، ئۇنىڭ يەنە بىر كىچىك كەپسىز ھەم سېھىرگەرلىكنى بىلىدىغان قاغا Maggie دوستى بار.  
ئۇلار ئىككىسى ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان مۇھىتلاردا بالىلارنى خۇشال قىلىدىغان ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. 


ھەر بىر كۆرۈنۈشنىڭ ئوخشىمىغان تېمىسى بار، كۈندىلىك تۇرمۇش، ھايۋاناتلارنى تونۇش، رەڭنى بىلىش، دالا ھەرىكىتى، خىزمەت كەسىپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر بىر تېما تۇرمۇشقا ئىنتايىن يېقىن، نۆل ئاساس ياكى ئېغىز تىلى ياخشى بولمىغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. 


ھەر بىر سىندا بودەك تاغا Steve نىڭ تەلەپپۇز ناھايىتى ئاستا بولۇپ، ھەر بىر سۆزنى مەقسەتلىك ھالدا ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ، ھەر بىر دەرسنىڭ باش تېما سۆزلۈكى كۆپ تەكرارلىنىدۇ، بالىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەكرارلايدۇ، ئىنتوناتسىيە ۋە تەلەپپۇزنىڭ ئېغىز شەكلىنى مەشىق قىلىدۇ. 


سىندىكى دىئالوگلار ئاددىي ھەم تۇرمۇشقا يېقىن بولۇپ، بالىلارنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئائىلە ۋە بالىلار سۆھبىتى ئېلىپ بارغىلى ياكى freetalk نى مەشىق قىلغىلى بولىدۇ. 


يۇمۇرىستىك، ئازادە، قىزىقارلىق بولۇش بۇ كارتون فىلىمىنىڭ نۇرغۇن بالىلارنى جەلىپ قىلالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. 

سىن پىروگراممىسىدا ئەسلىدىكى زېرىكىشلىك ئىنگلىز تىلى بىلىم نۇقتىلىرى Steve ۋە كىچىك قۇش Maggie نىڭ قىزىقارلىق دىيالوگى ۋە رەڭدار كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق نامايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن Steve بىلەن بىرلىكتە ئىجاد قىلغان رەڭدار دۇنيا: 


ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن ئەنگلىيە، ئامېرىكا مەكتەپلىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋەقەلىكنى قوللىنىپ دەرسخانا ھەمتۈرتكىلىك ئۇسۇللارنى لايىھەلەۋاتىدۇ، ئاتا-ئانىلار ئېنگلىز تىلى بىلمىسىمۇ ھېچقىسى يوق، پەقەت ئۇلار خالىسىلا مۇشۇ كارتون فىلىمىنى بالىلار بىلەن تەڭ كۆرۈش ئارقىلىق بالىلار بىلەن ئىنگلىز تىلىنى بىرلىكتە ئۆگىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ھەم ئىچىدىكى مەنزىرىنى دوراپ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولالايدۇ، بۇ ئاددىي ھەم ئەمەلىي ئۇسۇلدۇر! مەسىلەن: سەكرەش، سەكرەش، سەكرەش دېگەندەك. 


ئەنگلىيە، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ ھەمتۈرتكىلىك دەرسخانىلىرىنىڭ لايىھەلىنىشى مۇشۇ يەردىن كەلگەن، ئۇنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا مۇشتەرى بولۇش مىقدارى 1 مىليون 800 مىڭدىن ئاشىدۇ، قويۇش مىقدارى تېخىمۇ نەچچە يۈز مىليونغا يېتىدۇ. 
بولدى، مەنبە تونۇشتۇرۇش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، تۆۋەندە كۆپچىلىككە مەزكۇر فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەييارلاپ قويدۇم. جەمىئىي فىلىم 511 قىسىم بولۇپ، بالىلارغا ياخشى سوۋغا بولالايدۇ. قېنى ئەمىسە ھەرىكەتلىنىش سىزدىن بولسۇن!


ئەمدى مۇھىم يەرگە كەلدۇق، خوش ئۇنداق بولسا بۇ كارتونغا قانداق ئېرىشىمىز؟
ئېرىشىش ئۇسۇلى مۇنداق:
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ پەقەت 59 يۈەن تۆلىسىڭىزلا چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلىنىدۇ، ئاندى شۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈپ، بۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئۆيىڭىزدىكى تېلېۋېزۇرغا چاتسىڭىزلا، بالىڭىز تېلېۋېزۇر (تېلېۋېزورىڭىزنىڭ بارماق دىسكا سالىدىغان ئىقتىدارى بولسىلا) ئارقىلىق كۆرۈپ ئۆگەنسە بولىدۇ، ھەرگىز يانفونغا قاچىلاپ بەرمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. 
سەۋەبى:
بىرىنچىدىن يانفوننىڭ ئېكرانى كىچىك، بالىنىڭ كۆرىگە تەسىرى چوڭ؛
ئىككىنچىدىن، بالا ئاسانلا ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىپ، بۇنى دىققىتىنى قويۇپ كۆرمەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا تەمىنلەنگەن ئادرېستىن چۈشۈرۈپلا بارماق دىسكىغا قاچىلاپ، تېلېۋېزۇردا قويۇپ بەرسىڭىز، بالىلار شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ. 


دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، مەن پەقەت بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296