大数跨境

دەۋادا يەڭسىمۇ، دېلونى ئىجرا قىلغىلى بولماسلىق مەسىلىسى تۈزەلدى

دەۋادا يەڭسىمۇ، دېلونى ئىجرا قىلغىلى بولماسلىق مەسىلىسى تۈزەلدى NepKan
2021-11-18
1
导读:خەلق سوت مەھكىمىسى خادىملىرى يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە جاۋابكارل
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «كونا، بېسىلىپ قالغان دېلولار»نى ئومۇميۈزلۈك تازىلىدى، مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلىش دېلوسىغا 165 مىليارد 536 مىليون يۈەن تارقىتىلدى 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 18-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىجرا ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم ئىجرا قىلىش يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىجرا قىلىش ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى. 

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى تارقاتقان ئىجرا قىلىش دېلوسى 945 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئاشتى 
دەۋادا يەڭسىمۇ، دېلونى ئىجرا قىلغىلى بولماسلىق، بۇ قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىناۋىتىگە زور زىيان يەتكۈزدى. 
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىنىدىغان دېلولارنى مەركەزلىك ئېنىقلاشنى ئىجرا قىلىش ساھەسىدىكى جاھىل ئۆسمىلەرنى تۈزەشنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن»نىڭ مۇھىم تەدبىرى سۈپىتىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى جەمئىي 945 مىليارد 601 مىليون يۈەن ئىجرا قىلىش پۇلى تارقاتتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىسى قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، يىللاردىن بۇيانقى كونا، بېسىلىپ قالغان دېلولار ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبى يوق، 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسىمۇ ئىجرا قىلىنمىغان جەمئىي ئېنىقلىغان دېلو سوممىسى 165 مىليارد 536 مىليون يۈەنگە، چېتىلغان دېلو 992 مىڭ 200 گە يەتكەن، ھازىر مۇددەتتىن ئارتۇق ئىجرا قىلىنغان بارلىق دېلو پۇلى ئاساسىي جەھەتتىن تارقىتىلىپ بولغان. 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى دېلولارنى ئىجرا قىلىشقا ئامال بولماسلىقى دەۋالاشقۇچىنىڭ ھەقىقەتەن ئىجرا قىلغۇدەك مال-مۈلكى يوق ھەمدە دەۋالاشقۇچىنىڭ مال-مۈلۈكنى يامان غەرەزدە يۆتكىشى، يوشۇرۇشى قاتارلىق ئوبيېكتىپ سەۋەبلەردىن باشقا، ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ پاسسىپ، بوشاڭلىق قىلىشىمۇ مۇھىم ئامىل. 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى ليۇ گۈيشياڭ: 
بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، بىر قىسىم ئىجرا قىلغۇچى خادىملار پاسسىپ، بوشاڭلىق قىلىپ، زۆرۈر، مۇۋاپىق ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانماي تۇرۇپ، دېلونى مۇشۇ (قېتىم) ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى. بۇ قېتىمقى ئىجرا قىلىش، مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشنى تۈزەپ، بۇ قېتىمقى ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش. 

我们清醒地认识到,一些执行人员消极懈怠,未穷尽必要的合理的执行措施就以终(结)本(次执行)方式结案,损害了当事人的合法权益。这次执行专项整治的重点之一就是整治违规以终结本次执行程序方式结案。

央视新闻,公众号:中央政法委长安剑最高法全面清理“陈年旧案”!发放超期执行案款1655.36亿
«ئون چوقۇم»نى تۈزۈپ، دېلو بېجىرىش يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىنى بېكىتىش كېرەك. 
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەربىيە بېرىش، تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا بايقالغان ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، ئىجرا قىلىش پاك بولماسلىق، ھەرىكىتى قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى «ئون چوقۇم»نى تۈزۈپ، «چوقۇم قىلىش» ۋە «قاتتىق مەنئىي قىلىش» ئىشلىرىنى ئېنىق، كونكرېت ئوتتۇرىغا قويدى. 

بۇ ئون چوقۇم تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 
بىرىنچى، سىياسىي ئاڭ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، خەلق ئۈچۈن ئىجرا قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، مەجبۇرلاش، مۇتتەھەملىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىش»، «يېيىش، ئېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىقنى قاتتىق چەكلەش؛ 

ئىككىنچى، ئىنتىزام، قانۇن قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىسىمۇ توختاتماسلىق، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قەتئىي چەكلەپ، پاك ئىجرا قىلىشنى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك. 

ئۈچىنچى، چوقۇم «ئۈچ بەلگىلىمە»گە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلار، ئادۋوكاتلار بىلەن ناتوغرا ئالاقە قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دېلولارنى سۈرۈشتە قىلىشنى نى قەتئىي مەنئى قىلىش؛

تۆتىنچى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئادىل ئىجرا قىلىش شەرت، پاسسىپ، كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، تاللاپ ئىجرا قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ 

بەشىنچى، چوقۇم قېلىپلاشتۇرۇپ، مەدەنىي ئىجرا قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ باھالاش، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى پېچەتلەش، قالايمىقان ئىجرا قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ 

ئالتىنچى، ئىجرا قىلغۇدەك مال-مۈلۈكى يوق دېلولارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىنى تولۇق قوللانماي تۇرۇپ، «بۇ قېتىمقى» ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى بىلەن دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىجرانى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولسىمۇ ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىك قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ 

يەتتىنچى، دېلو پۇلىنى «بىر دېلو بىر ھېسابات نومۇرى» بويىچە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تارقىتىش شەرتىنى ھازىرلىغان 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە دېلو پۇلىنى تارقىتىشنى تاماملاش، تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ تارقىتىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش؛ 

سەككىزىنچى، چوقۇم «ئەرز قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش»، ھەر بىر دېلونى تىزىملىككە كىرگۈزۈش، ھەر بىر ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، رەسمىيەتنى قۇرۇق ئۆتكۈزۈپ قويۇش، جايىدا ھەل قىلماسلىقنى قاتتىق مەنئى قىلىش؛ 

توققۇزىنچى، چوقۇم ئاشكارا ئىجرا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا يوللاش، يەڭ ئىچىدە مەشغۇلات قىلىش، ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ 

ئونىنچى، ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش، چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، خالىغانچە ئىش قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. 

خەلق سوت مەھكىمىسى خادىملىرى يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە ئىنتىزام جاۋابكارلىقى ھەتتا جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ نامۇۋاپىق ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدۇ» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)

ئەرزىيەت دېلولىرىنى ئىجرا قىلىش 20 خىزمەت كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ 
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەنە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەرزىيەت دېلولىرىنى "ئەرز قوبۇل قىلىنغان ھامان بېجىرىش" خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ چىقتى. ئىجرا قىلىنغان ئەرزىيەت ماتېرىياللىرىدا پەرقسىز كىرگۈزۈش، ۋاقتىدا بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، ۋاقتىدا ئىز قوغلاش، «بىر دېلونى بىر مەلۇم قىلىش»تىن ئىبارەت ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، «بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرمۇ بىر جاۋاب قايتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەرز قوبۇل قىلىنغان ھامان بېجىرىش» پىكرىدە ھەر قايسى بېجىرىش تەرتىپىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى تاپشۇرۇۋالغان ئەرزىيەت ماتېرىياللىرىنى بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئەرزىيەت سىستېمىسىغا تىزىملاپ بولۇشى ھەمدە بېجىرگۈچىنى بېكىتىشى كېرەك. 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى ليۇ گۈيشياڭ: 
تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرىش مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلغان ئەرزىيەت ماتېرىياللىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ بېجىرگۈچىسى 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە پەرقلەندۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىشى، جىددىي ئەھۋالنى دەرھال بېجىرىپ، ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەرزىيەت ماتېرىياللىرى چوقۇم 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك؛ دەسلەپكى ئەرزىيەت دېلولىرىنى بېجىرىش تەلىپى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى بېجىرگۈچىلەر مەھكىمىمىزگە ئىنكاس قىلغان ئەرزىيەت ماتېرىياللىرىنى بېجىرىش سۈرۈكى 30 كۈن بولىدۇ. 

对反映下级人民法院执行案件办理问题的信访材料,上级法院的承办人应当于15个工作日内完成甄别工作,紧急情况应即刻办理、及时报告、及时采取措施。也就是说,信访材料必须在20个工作日内得到初步处理;根据办理初访案件的要求及实践,各地法院承办人对反映本院问题的信访材料的办理时限是30日。

央视新闻,公众号:中央政法委长安剑最高法全面清理“陈年旧案”!发放超期执行案款1655.36亿
«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يۇقىرى، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەۋەلىكىدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ «ئەرز قوبۇل قىلىنغان ھامان بېجىرىش» خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى شۇ مەھكىمىنىڭ تۇنجى ئەرزىيىتىدە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر قايسى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەر پەسىلدە تەۋەلىكىدىكى ئوتتۇرا، ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەرزىيەت دېلولىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئاممىنىڭ ئەرز قىلىشى، دەرىجە ئاتلاپ «ئۆلكىگە بېرىش»، «بېيجىڭغا كىرىش»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەرزىيەت ئىشلىرىدا، ئىجرا قىلغۇچى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە باشقا ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ.
مەنبە: 中央政法委长安剑 سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
ئېلان:


پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.


بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.


دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296