大数跨境

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟ NepKan
2021-12-29
2
导读:توختام ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلا
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» «ئىجتىمائىي تۇرمۇش قامۇسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى قانۇن دەستۇرى نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى قانۇن بولۇپ، قانۇن سىستېمىسىدا ئۇللۇق ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا بازار ئىگىلىكىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىدۇر.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» جەمئىي يەتتە باب، 1260 ماددا بولۇپ، ھەر بىر باب تەرتىپ بويىچە ئومۇمىي پىرىنسىپ، نەرسە ھوقۇقى، توختام، كىشىلىك ھوقۇقى، توي-ئائىلە، ۋارىسلىق قىلىش، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپلاردىن ئىبارەت.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆزلەپ، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلارغا قارىتا ئېنىق، تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىپ ھەم ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى بەلگىلەپ، ھوقۇقنىڭ ئاجىزلىشىشى، زىيانغا ئۇچرىشى، دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندىكى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى ۋە قۇتقۇزۇش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشنى نامايان قىلىپ، «يېڭى دەۋردىكى خەلق ھوقۇقىنىڭ خىتابنامىسى» دەپ تەرىپلەندى.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.
تويلىشىش قانۇنى، ۋارىسلىق قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى، بېقىۋېلىش قانۇنى، كېپىللىك قانۇنى، توختام قانۇنى، نەرسە ھوقۇقى قانۇنى، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىندى.

تۆۋەندىكى مەزمۇن جۇڭگو قانۇنچىلىك نەشرىياتى تەرىپىدىن 2020-يىلى 7-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» توختام تۈزۈش قىزىق نۇقتا مەسىلىسى 200 سوئال ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى.

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟ تويلىشىش، بېقىۋېلىش، ۋەسىيلىك قاتارلىق سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار كېلىشىملەردە توختام تۈزۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىشقا بولامدۇ؟
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى» 464-ماددا: توختام ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەق تەلەپ قانۇن مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىمىدۇر. تويلىشىش، بېقىۋېلىش، ۋەسىيلىك قاتارلىق سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار كېلىشىملەرگە شۇ سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ بەلگىلىمە بولمىسا، خاراكتېرىگە قاراپ مۇشۇ قىسىمدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانسا بولىدۇ.


بۇ يەرنى بېسىپ «تويدىن ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە دۆلەت تىلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!

قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسخانىسى: 
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراتقان «توختام»، «كېلىشىم»، «كېلىشىمنامە» قاتارلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى قانۇنىي مەنىدە توختام ھېسابلىنىدۇ. «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ توختام قىسمىدا ئېلىپ-سېتىش توختامى، توك، سۇ، گاز، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى توختامى، ھەدىيە توختامى، قەرز ئېلىش توختامى، كاپالەت توختامى، ئىجارە توختامى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى، كاپالەت توختامى، ھۆددىگە ئېلىش توختامى، قۇرۇلۇش توختامى، ترانسپورت توختامى، تېخنىكا توختامى، ساقلاپ بېرىش توختامى، ساقلاش توختامى، ھاۋالە توختامى، خوجىلىق مۇلازىمەت توختامى، بېدىكلىك توختامى، ۋاسىتىچىلىك توختامى، شېرىكلىشىش توختامى قاتارلىق 19 خىل تىپىك توختام ھەمدە سەۋەبسىز باشقۇرۇش، نامۇۋاپىق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولغۇسى توختام بەلگىلەنگەن.

نەپدان توختام بازىرى ئېچىۋېتىلدى، بۇ يەرنى بېسىپ ھەر خىل توختام قېلىپلىرىنى خالىغانچە چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز!

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0