大数跨境

ماسك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالالامدۇ؟

ماسك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالالامدۇ؟ NepKan
2021-11-18
1
导读:شۇنداق، پۇرسەت كۆز ئالدىمىزدىلا، ماسكنىڭ تۇتالايدىغان ياكى تۇتالمايدىغانلىقىغا قارايمىز.
شۇنداق، پۇرسەت كۆز ئالدىمىزدىلا، ماسكنىڭ تۇتالايدىغان ياكى تۇتالمايدىغانلىقىغا قارايمىز. 


پەقەت 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولسىلا، 43 دۆلەت ۋە رايوندىكى 42 مىليون ئاچ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، كىشىلەرنىڭ مەدھىيەلىشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ ياكى مەلۇم بىر ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قەبىلە تەرىپىدىن قۇتقۇزغۇچى دەپ تەرىپلىنىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «ماسكنىڭ %2 مال-مۈلكى يەر شارىدىكى ئاچارچىلىقنى تۈگىتەلەيدۇ!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
بۇنىڭ سەۋەبى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى (تۆۋەندە WFP دەپ ئاتىلىدۇ) ماسكنى يوقلاپ قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئىئانىگە قىستىغانلىقىدىن بولغان. ماسك ئىنتايىن ئاقىلانە تىل بىلەن WFP غا جاۋاب قايتۇردى «ئىئانىنى قىلىشقا بولىدۇ، ماڭا قانداق خەجلەشنى ئېيتىپ بېرىڭ.» (بۇ يەرنى بېسىپ «ماسك: بۇ ئىش ئېنىق بولسا، مەن 6 مىليارد دوللار ئىئانە قىلىمەن.» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)
مەن ماسكنىڭ بۇ تەيجى گۇمپىسىغا ئىنتايىن قايىل بولغان. ماسك ئىشنىڭ قىزىق نۇقتىسىنى مۈجمەللەشتۈرۈپ، قىيىن مەسىلىنى ئۇنى تەڭقىسلىقتا قويغۇچىغا قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پۇل ئىئانە قىلىشنى خالىمايدىغان ئەمەسلىكىنى، يەنە يوشۇرۇنچە WFP غا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 
ئەمما ئەقىللىقلارمۇ بەزىدە ياۋاشلارغا ئامال قىلالمايدۇ. ماسك WFP نى مەبلەغ ئىشلىتىش لايىھەسىنى بېرىشكە بۇيرۇغاندىن كېيىن، WFP تۈنۈگۈن ئىنكاس قايتۇردى. 
«ئاچارچىلىق كىرىزىسى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، كۆلىمى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن تامامەن ساقلانغىلى بولىدۇ. ماسك، سىز ئىلگىرى بىر پارچە ئېنىق پىلان ۋە ئاشكارا قوللانما چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بىز تەييارلىنىپ بولدۇق!» WFP نىڭ مەسئۇلى بىسلېي مۇنداق دېدى: «بىز سىز ۋە باشقا دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنى چىن كۆڭلىمىزدىن خالايدىغان بارلىق كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ باقماقچى.» 
«دۇنيا كۆيىۋاتىدۇ.» دېدى بىسلېي تولۇقلاپ. 


بىسلېي بۇ تىۋىتتېر يازمىسىغا ئاقسىل كەمچىل بولغانلىقتىن، قورساققا سۇ يىغىلىپ قالغان تۆت بالا ۋە بىر ياردەمسىز ئانىنىڭ رەسىمىنى قىستۇرۇپ يوللىغان بولۇپ، ئەگەر مۇزىكا قوشقىلى بولغان بولسا، بۇ ناخشا چوقۇم «ئەگەر ھەممە ئادەم مۇھەببەت ئاتا قىلسا، دۇنيا گۈزەل بولغۇسى!» دېگەن ناخشا بولغان بولاتتى. 
ئىش مۇھىم، تەلەپپۇزى سەمىمىي. ماسك بىسلېينىڭ سەمىمىيلىك بىلەن قايتۇرغان جاۋابى بىلەن قايتىدىن كۆپچىلىكچىلىكنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. 
ھازىرغا قەدەر ماسك بىسلېينىڭ پىلانىغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئەگەر ماسك ئىئانە قىلىشنى تاللىسا، ھەممە كىشى خۇشال بولاتتى، يارىلىنىدىغىنى تېسلانىڭ پايچىكلىرىلا ئىدى، ئەگەر ماسك رەت قىلسا، ئەيىبلىگىلى بولمايتتى، لېكىن كۆپنىڭ دېققىتىنى تارتىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. 

بۇ دۇنيادىكى نامراتلىق ۋە ئاپەتنى ئايرىم بىر كىشى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بىر ئادەمنىڭ كۈچىمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. لېكىن ئامما بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بىر ئادەمنى تاللاپ، كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مۇھتاج. ھازىر بۇ ئادەم ماسك بولۇشى مۇمكىن. 

مۆتىۋەرلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، باج ۋە پۇل ئىئانە قىلدۇرۇش
يەر شارى مىقياسىدىكى مەلۇم دەرىجىدىكى ئاچارچىلىق، روشەنكى، سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، ھەتتا پەلسەپىگە چېتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال مەسىلە. لېكىن بىسلېي «بۇ بىر ئاددىي ماتېماتىكا سوئالى بولۇپ، 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھېساباتقا كىرسىلا، ب د ت ئادەم قۇتقۇزىدۇ، دۇنيا داۋاملىق تىنچ بولىدۇ.» دەپ قارايدۇ. 

پۇل كەم بولسا، دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار ئادەمنى ئىزدەش كېرەك، ئېلون ماسك. 
«سىز بۇلتۇر 500 مىڭ تېسلا ياسىدىڭىز، بىز 20 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئاشلىق بىلەن 115 مىليون كىشىنى بېقىۋاتىمىز. سىز ئاپتوموبىلنى قانداق ياساشنى بىلىسىز، ئەمما بىز كىشىلەرنى قانداق بېقىشنى بىلىمىز، نەچچە ئون يىللىق تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پىلان ۋە ھەرىكەت دەل جايىدا بولدى. مەن سىزگە بىزنىڭ قانداق قىلىپ بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن، بەلكىم سىز بىزگە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى قىلىشنى ئۆگىتىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.» دەيدۇ بىسلېي.
ماسك سوئال چىقارغاندىن كېيىن، بىسلېي تەپسىلىي مەبلەغ تەقسىملەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 
3 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشلىق ۋە ئۇنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارغا توشۇش خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامباردا ساقلاش ۋە «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» توشۇش ھەققى (ھاۋا تىرانسپورتى، قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى ۋە سۇ تىرانسپورتى قاتارلىق شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يەنە يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ خىراجىتى، ھەتتا توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ياللانما ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 
2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ۋە يېمەكلىك بېلىتى (سودا خىراجىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) تارقىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئاساسلىقى بازار يەنىلا رول ئويناۋاتقان رايونلارغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ياردەم بېرىش ۋاستىسى ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى ئۆزى تاللىغان يېمەكلىكنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ ھەمدە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللايدۇ. 
70 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بەزى كونكرېت دۆلەت ياكى رايونلارغا سېلىنىدۇ. 43 دۆلەت ياكى رايوننىڭ ئىچكى مۇھىتى ۋە تىجارەت خەۋپ-خەتىرىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ لايىھەلىنىشى، كېڭەيتىلىشى ۋە باشقۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بولغان تۈرلەر ئۈچۈن، نەچچە مىليون توننا ئاشلىق، نەق پۇل ۋە پۇل بېلىتى كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئىشخانا ۋە سۈنئي ھەمراھ ئىشخانىسىنىڭ ئەسلىھەلىرى، ئامانلىق ساقلاش ھەمدە تارقىتىش جەريانى ۋە نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش، ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى يەر شارى ۋە رايون تىجارىتىنى باشقۇرۇش، مەمۇرىي ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، جۈملىدىن يەر شارىنىڭ تەمىنلەش لىنىيەسى ۋە ھاۋا يولىنى ماسلاشتۇرۇش، يەر شارى ئەشيا ئوبوروتىنى ماسلاشتۇرۇش، مەسىلەن، يۈك توشۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، يەر شارىنىڭ ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش، خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش مەسىلىسىنى نازارەت قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغان مۇستەقىل ئىقتىسادىي مۇپەتتىش قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. 

بىسلېي پىلاننى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تىۋىتتېردىكى تورداشلار ماسك ئۈچۈن يەنە يېڭى گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. قانداقلا بولمىسۇن، ئاچارچىلىقنى ھەل قىلىش تەس، لېكىن توردا چارە تېپىش تەس ئەمەس. 

بىر تورداش مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە ماسكنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي پىلانى بار، بۇ 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئاچارچىلىقنى قانداق ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى، پەقەت يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى ئاچارچىلىقنى ھەل قىلىش ئەمەس.» 

«بۇ سۈرەتلەر بەك ئېچىنىشلىق ئىكەن، سىلەر بۇ ۋەزىيەتنى پەيدا قىلدىڭلار، بۇ دۆلەتلەردە توقۇنۇش پەيدا قىلىشنى توختىتىڭلار، ماسك يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سالدى، يەرلىكلەرنى بۇ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇشقا ياللاپ ئىشلەتتى، بۇ كىشىلەر ب د ت نىڭ ئاشلىقىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، بۇ كىشىلەرگە پۇرسەت كېرەك.» بۇ سەگەك تورداش ماسكقا قارىماققا تېخىمۇ مۇۋاپىق بىر ئامال تېپىپ بەرگەندەك قىلاتتى. 

بۇ ئىنكاسنىڭ ئاستىدا، تىۋىتتېردىكى تورداشلار يەنە ئۇزۇن تالاش-تارتىش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر «WFP نىڭ پىلانى ماھىيەتتىن تۈزەلمەيدۇ، ئەمما نۇرغۇن شىركەتلەر يۈرگۈزۈۋاتقان دۇنيادىكى بىرىنچى باي ماسك روشەنكى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم دەپ قارايدۇ.» 

بىسلېينىڭ جاۋابى كۆپچىلىك پىكرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغان تەقدىردىمۇ، بەلكىم ئۇ مەقسىتىگە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، يەنى ماسكنى جاپاكەش ئاممىنى قۇتقۇزدۇرۇش مەنتىقىسى تورداشلارنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. 

ماسكنىڭ بىسلېيقا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟ بىۋاسىتە رەت قىلىش، يەنى بىر پارچە تېخىمۇ تەپسىلىي پىلان تەلەپ قىلىمۇ ياكى ئۆزى بىر يېڭى پىلان چىقىرامدۇ؟ بىز بۇنى بىلمەيمىز. لېكىن، يېڭىچە تاجىسىمان تاجسىمان يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان بايلىقى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن ماسك «مال-مۈلۈكىدىن ۋاز كېچىپ، ئاپەتنى يوقىتىش» ۋەزىيىتىدىن ۋاقتىنچە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 

ھازىر قارىماققا تەڭشىگىلى بولمايدىغان زىددىيەت يېڭى زىددىيەتنى چىقىرىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر يۈرۈش ئۆينى ساتقاندىن كېيىن، ماسكنىڭ ئىلكىدىكى مۈلۈكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىركەتنىڭ پاي چېكى بولدى. ئەگەر ماسك 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلماقچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تاللىشى پەقەت تېسلانىڭ پاي چېكىنى سېتىشتىن ئىبارەت. 
تېسلانىڭ ھازىرقى 1054.73 ئامېرىكا دوللىرىلىق پاي چېكى باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ماسك 626 مىڭ تېسلانىڭ پاي چېكىنى ساتقاندىلا، ئاندىن 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ. 

بۇ ئالدىنقى ھەپتە تۆكمە قىلىپ سېتىش ئەندىزىسىنى يولغا قويغان ماسكقا نىسبەتەن چوڭ سان ئەمەس. لېكىن ماسكنىڭ ھەر قېتىم پاي چېكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشى تېسلا ۋە پۈتۈن يەر شارىنىڭ باشلامچى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ پاي باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ماسكنىڭ ئۆزى ۋە باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۈلكىنىڭ داۋاملىق پارغا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

بۇلار ماسكقا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق ئەمەس. ماسك پۇل ئىئانە قىلىشقا ماقۇل بولغان بولسا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلار ماسكتىن ياردەم تەلەپ قىلىشى ھەم پۇل ئىئانە قىلىشنى تاللىشى مۇمكىن، بۇ ماسكنىڭ «بىرىنچى باي دۇنيادىكى نامراتلىق ۋە ئاپەتكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك!» دېگەن لوگىكىغا سۈكۈت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 
بۇ بەلكىم ماسكنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەخلاقنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا يۈزلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. 

ماسك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالالامدۇ؟ 
ئەلۋەتتە، ئىئانە قىلىشنىڭ ئۆزى يامان ئىش ئەمەس. ئەگەر ماسك پۇل ئىئانە قىلىشنى تاللىسا ھەمدە WFP نىڭ 42 مىليون ئادەمنىڭ ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ، كاپىتالىستتىن باشقا يەنە بىر خىل سالاھىيىتى بىلەن تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ. 
خەيرىيەت ساھەسىدىكى تۆھپىلەردىن قارىغاندا، ماسك بىل گەيتىس، باففېت قاتارلىق ئالدىنقى دۇنيا بايلىرىغا يېتەلمەيدۇ. بۇمۇ ئىلگىرى ئۇنىڭغا «پىخسىق» قاتارلىق ناملارنى ئاتا قىلغان. (بۇ يەرنى چېكىپ «ماسك دۇنيا بويىچە بىرىنچى باي بولغاندىن كېيىنكى كىرىزىسى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)

نەچچە ئاي ئىلگىرى، فوربېس ئامېرىكىدىكى بايلار تىزىملىكىدىكى ئىئانە سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، 400 باي ئىچىدە، ئىئانە قىلىنغان مۈلۈكنىڭ ساپ قىممىتى %20 تىن يۇقىرى بولغان بايلار بۇلتۇر ئون ئادەمدىن سەككىز ئادەمگە ئازىيىپ كەتكەن، ئىئانە قىلىنغان مۈلۈكنىڭ ساپ قىممىتى %1 كىمۇ يەتمەيدىغان بايلار 127 ئادەمدىن 156 ئادەمگە كۆپەيگەن، ماسك بۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. باففېت 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، ئىئانە قىلىش نىسبىتى %36 كە يەتكەن، بىل گايتىس ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خوتۇنى جەمئىي 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان بولۇپ، نىسبىتى %10 تىن ئاشقان. (بۇ يەرنى چېكىپ «ئېلون ماسك نېمىشقا باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)

ئىئانە قىلىش ئىشىنى، ماسك ئويلاپ باقمىغان ئەمەس. يىل بېشىدا ماسك تۇنجى قېتىم ئەڭ باي ئورۇنغا چىققاندىن كېيىن، ئاشكارا ھالدا: «كۆپچىلىكنىڭ ماڭا ھەقىقىي ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىلى بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى تەكلىپىنى بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.» دېگەن. 

WFP ئوتتۇرىغا قويغان پىلان ماسك ئېيتقان «ھەقىقىي ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر 42 مىليون ئادەمنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلسا، ماسك كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇشى مۇمكىن. 

بىز تېخىمۇ كونكرېت كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق ماسكنىڭ قوشقان تۆھپىسىنى ھېسابلىيالايمىز، ئۇ بولسىمۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى. 
2020-يىلى، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى كرىستىيان نوبېل كومىتېتىغا خەت يېزىپ، دونالد ترامپنى 2021-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن، سەۋەبى ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا قاتناشقان. 
2021-يىلى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر مارىيا رېسا ۋە دېمىترىمولاتوۋ بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ــ سۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن بولغان ئىدى. 

ئىككى نوپۇسىنى قوشقاندا 20 مىليوندىن ئاشمىغان ئىككى دۆلەتنىڭ زىددىيىتىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، 42 مىليون جاننى بىۋاسىتە قۇتقۇزۇش تېخىمۇ زور تۆھپە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ماسكنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش ئارتۇقچە ئەمەس. 
لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا ماسكنىڭ ئۆزىنىڭ قانداق تاللىشىغا باغلىق. نېمىلا دېگەن بىلەن مارسقا كۆچۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشمۇ ماسكنى يېتەرلىك ئابرۇيغا ئىگە قىلالايدۇ. ماسكنىڭ بۇ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى پۇل ئىئانە قىلىشلا ئەمەس. 
مەنبە: خۇچۇۋ ئەپ سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
ئېلان:


پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.


بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.


دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0