بەش يىل ئىلگىرى جۇڭگونىڭ سودا يەر مۈلۈكچىلىكى بولغان ۋاڭ جيەنلىن يار لېۋىگە قىستاپ كېلىنگەندە، «بىلىكىنى كېسىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش» تەدبىرىنى قوللانغان ئىدى.
7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ۋەندا كېلىشىم ئىمزالاپ، ۋاڭ جيەنلىننىڭ يۈرەك پارىسى بولغان 13 مەدەنىيەت شەھەرچىسى ۋە 77 مېھمانسارىيىنى رۇڭچۇاڭ بىلەن فۇلىغا سېتىپ بەردى.
گۆش كېسىشكە مەجبۇرلانغىنى ئېنىق بولسىمۇ، ۋاڭ جيەنلىن خۇددى سۆڭەك قىرىپ زەھەر تازىلاۋاتقان گۇەن بىگىمگە ئوخشاش، مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ سۈن خۇڭبىن ۋە لى سىليەن بىلەن «ئېچىلىپ-يېيىلىپ ياشاۋاتقانلىقى»نى ئېيتقان ئىدى.
ئون نەچچە مىنۇتنىڭ ئالدىدا كىچىك مەجلىسخانىدا غەزەپ بىلەن رومكىنى چېقىۋەتكەندىكى ھالىتىمۇ يوق، خۇددى يېرىم سائەت بۇرۇن «فۇلى» دەپ يېزىلغان دېكوراتسىيەنى ئېلىۋېتىپ، ۋاقىتلىق پۈركۈمە رەختكە ئالماشتۇرغان.

فۇلى ئىمزا قويۇشتىن بۇرۇن ئون مىليارد يۈەنلىك تۇيۇقسىز قاقتى-سوقتى قىلىشقا دۇچ كەلگەندە، ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان ۋاڭ جيەنلىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ۋەندانىڭ تەقدىرىنى قۇتقۇزۇش كېلىشىمى ۋە نەق پۇلنى ئالدى.
بۇ جاسارەتكە ھېچكىم يېتەلمەيدۇ، ئاشۇ 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئالەمدىكى ئەڭ ياش قالتىس كىشى بولسىمۇ، خانويدا ۋاقىتلىق قوشۇلغان زومىگەرلىك ماددىسىغا قارىتا غەزەپلىنىپ، نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتتىن ۋاز كەچكەن.
بەش يىلدىن كېيىن، مەسىلەن، ۋاڭ جيەنلىن لى سىليەنگە ئىستاكان ئاتقاندا، يەنە بىر تىك قىياغا قىستاپ كەلگەن جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى ئاتامان شۈ جيايىنمۇ ئۆزىنىڭ «ئاق ياساۋۇل»ى خېشېڭ يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇ مېڭيى بىلەن بولغان سۆھبەتنى بۇزۇپ قويۇپ، 20 مىليارد يۈەنلىك سودىنى بۇزۇپ قويدى.

تۈنۈگۈن كەچ، خېڭدا ئۆز ئالدىغا خېڭدا خوجىلىقىنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، ئارقىدىن خېشېڭ يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمىسىمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خېڭدانىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خېڭدانىڭ دېمەكچى بولغىنى، شياڭگاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى كۆزنەكتە يېتەكچىلىك قىلىپ، خېشېڭنىڭ خېڭدا خوجىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك سېتىۋېلىش شەرتىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خېشېڭ بولسا خېڭدانىڭ كېلىشىم لايىھەسىگە ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، خېڭدا خوجىلىقىنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلنى خېڭدا گۇرۇھىنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا قوشۇلمىغان.
قارىماققا ھەر ئىككى تەرەپ بۇ سودىنى بۇزۇپ قويغاندەك، ھەتتا ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى «سوراق»قا تارتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. جۇمېڭيى شۈ جيايىنغا بىر مىليارد يۈەن تۆلەم تۆلەش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بازاردىمۇ ھەر خىل غەلىتە چۈشەندۈرۈشلەر تارقالدى.
لېكىن، تۆۋەن قاتلام لوگىكىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ سودىنىڭ ھىيلە-مىكىرىنى ئاسانلا بايقىغىلى بولىدۇ.
ئالدى بىلەن، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئىككى تەرەپنىڭ پاي چېكىنى توختىتىۋېلىشى، توختامغا قۇرۇق ئىمزا قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ پۇلنى خېڭدا خوجىلىق ھېساباتىغا ئۇرۇپ بېرىشنى كېلىشكەن ھەم بۇنى جەزملەشتۈرگەن، خېڭدا دەسلەپتە، پۇلنى ئاۋۋال گۇرۇھ ھېساباتىغا يۆتكەشنى ئويلاشمىغان.
قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، كىرزىسقا پېتىپ قالغان خېڭدا پۇلنى ئاۋۋال گۇرۇھنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇپ بېرىشنى، 20 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنىڭ قىسقا مەزگىللىك نەق پۇل ئوبوروت مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
بىراق، شياڭگاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پېيى كونترول قىلىنىدىغان پايچىكلار پېيىنى بازارغا سېلىپ بىر يىل ئىچىدە كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالسا بولمايدۇ، خېڭدا خوجىلىقى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋىۋىسكا ئېسىپ پېيىنى بازارغا سالغان، ئومۇميۈزلۈك سېتىۋېلىشنى تاماملاش ئۈچۈن، ھەر قانچە قىلسىمۇ ئىككى ئاي ئۆتۈپ، بۇ پۇل جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن پۇل خېڭدا خوجىلىقىدىن خېڭداغا يۆتكەپ بېرىلىدۇ.
خېڭدا يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە 10 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئۆسۈم تۆلەيدىغانلىقىنى، بولمىسا گىرەلەشمە توختامغا خىلاپلىق قىلىشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
جاننى قۇتقۇزۇش پۇلىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاندا، «بالىسى ئۆلگەندە ئاندىن سۈت كەلتۈرۈش»نىڭ داۋلىسى يوق، شۇڭا خېشېڭ پۇلنى خېڭدا خوجىلىقىغا ئۇرۇپ بېرىپ، قەرزنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن پۇلنى يۆتكەپ بەرمەكچى بولغان.
شۇڭا بۇ سودا دەسلەپتە لايىھەلەنگەندىلا مەسىلە بار.
ئىككىنچىدىن، خېڭدا يېقىندىن بۇيان مۈلۈكنى تەلۋىلەرچە تۆكمە قىلىپ سېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خوجىلىق مۈلكىنى سېتىش ئىشىدا ئەسلىدىنلا زور گۇمانلىق نۇقتا بار.
ۋاڭ جيەنلىن مېھمانساراي، مەدەنىيەت، ساياھەت سودىسى قاتارلىق يۇقىرى قەرز تۈرىگە تايىنىپ، قەرزى ئاز، ساپ نەق پۇل ئوبوروت قىلىنىدىغان سودا مۈلكىنى ساقلاپ قېلىپ، ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى تاماملىغان، ھەتتا ئۇنى ئەسلىي تىپ قىلىپ، سودا نۇسخىسىدىكى «سىياھ بېلىقى ئويۇنى»نى ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ.
ۋاڭ جيەنلىنگە سېلىشتۇرغاندا، كۆچۈرۈشكە بولىدىغان تاپشۇرۇق بار تۇرۇقلۇق شۈ جيايىن، قەرز نىسبىتى يۇقىرى يەر-مۈلۈك تۈرىنى ئەمەس، بەلكى قەرزى ئاز، ساپ پۇلى كۆپ خوجىلىق كەسپىنى سېتىۋەتمەكچى بولغان، بۇ خېڭدا سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك شىركەت ئىدى.
بۇ لوگىكىدا مەسىلە بار، بىز «بىلىكىنى كېسىپ جېنىنى ساقلاپ قېلىش» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باققان، لېكىن «جېنىنى سېلىپ بېرىپ بىلىكىنى ساقلاپ قېلىش» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، خېڭدا خوجىلىقىدەك بۇ خىل ئەلا سۈپەتلىك مۈلۈك بىلەن ئاساسەن %70 رەنە نىسبىتى بويىچە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن نەق پۇل ئالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېڭدا يەنە مەركەزلەشتۈرۈپ مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەر يىلى ئون مىليارد يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان خېڭدا خوجىلىقىدىن پۇل قەرز ئالالايدۇ.
شۈ جيايىننىڭ خېڭدانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەڭ سۈپەتلىك، نەق پۇل ئوبوروتى ئەڭ ياخشى مۈلۈكنى %70 باھاغا سۇندۇرۇپ سېتىۋېتىشكە ئاساسى يوق، تېخىمۇ مۇھىمى، خۇجىلىق پاي چېكىنى ساتقان پۇل ھەتتا خېڭدانىڭ خېڭدا خۇجىلىقىدىن تاپقان پۇلىغىمۇ يەتمەيدۇ.
ۋاقىت جەھەتتىن قارىغاندا، خېڭدا خوجىلىقىنى سېتىش ناھايىتى تەس، سوممىسىدىن قارىغاندا، خېڭدا خوجىلىقىنى سېتىش خېڭدانىڭ نەق پۇل ئېقىمىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
شۇڭا، كەمىنە پەقەت مۇنداق پەرەز قىلدىم: «خېڭدا بەلكىم خېڭدا خوجىلىقىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن، بەلكى خېشېڭ بىلەن بولغان سودىدا، يەنە خېڭدانى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئەھۋال ئاستىدا، خېڭدانىڭ بۇ ئەڭ ئەلا مۈلكىنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىشى مۇمكىن.
恒大有可能并不想甩卖恒大物业,而是通过与合生创展的交易,在还拥有恒大控制权的情况下,抢先处置这份恒大最优质的资产。

ئېنىقكى خېڭدا خېڭدا خوجىلىقىنى ۋەنكې ياكى بىگۈييۈەنگە يۇقىرى باھادا سېتىپ، قىممەتلىك نەق پۇلغا ئېرىشىپلا قالماي، ھەتتا قىسمەن يەرلەرنى قوشۇپ سېتىپ قەرز نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا ھەدەپ قەرز ئېلىپ «يىلان پىلنى يۇتۇۋالىدىغان» خېشېڭغا سېتىپ بەرمەكچى بولىدۇ؟
شۇڭا، بۇ قېتىمقى «بۇزۇپ قويۇش»نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بەلكىم، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن كۆزنەكتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، خېشېڭدىن پۇلنى خېڭدا گۇرۇھىنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇپ بېرىپ، ھەقدارلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك پايچىكلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەمما خېڭدا بىلەن خېشېڭ سودا سوممىسىنى خىڭدا خوجىلىقىنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇپ، خىڭدا خوجىلىقىنى خىڭدا يەر مۈلكىدىن ئىبارەت بۇ تىتانىك (ئېغىر يۈۈك)تىن يانداپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلغان.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.

نۇرغۇن تورداشلاردا يازمىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن يۈرەكلەش ئادىتى يوق، كۆپچىلىكنىڭ يازمىنى ياقتۇرغان بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئالقىشلاپ ۋە تارقىتىپ، بىزگە ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، كۆپ قېتىم ۋاز كېچىش خىيالىدىن مۇستەسنا بولالمىغان. چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئەقىدە، كۆڭۈل قويۇش بىر خىل پوزىتسىيەدۇر!