大数跨境

ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا

ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا NepKan
2021-12-29
1
导读:چاقىرىق تەكلىپى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىپادىدۇر.
تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش جەريانىدا، بىر قىسىم ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات سودىگەرلىرى ئەڭ چوڭ مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ئولتۇراق ئۆينىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى، يانداش ئەسلىھەلىرىنى خالىغانچە كۆپتۈرۈپ ياكى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۆي قىممىتىنىڭ ئۆرلەش يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز دەپ ماختاپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنى قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىشقا ئازدۇرىدۇ.
تەرەققىيات سودىگىرى ئېلان قىلغان تەشۋىقات ئېلانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىسا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟
تۆۋەندىكى مەزمۇن جۇڭگو قانۇنچىلىك نەشرىياتى تەرىپىدىن 2020-يىلى 7-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» توختام تۈزۈش قىزىق نۇقتا مەسىلىسى 200 سوئال ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى. 
ئۆي سېتىۋالغاندا ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولامدۇ؟ 
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى» 473-ماددا: چاقىرىق تەكلىپى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىپادىدۇر. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئېلانى، خېرىدار چاقىرىش ئېلانى، پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، زايوم توپلاش چارىسى، فوند قوبۇل قىلىش چۈشەندۈرمىسى، سودا ئېلانى ۋە تەشۋىقاتى، ئەۋەتىلگەن باھا جەدۋىلى قاتارلىقلار چاقىرىق تەكلىپى ھېسابلىنىدۇ. 
سودا ئېلانى ۋە تەشۋىقات مەزمۇنى چاقىرىق شەرتىگە ئۇيغۇن بولسا، چاقىرىق شەكىللىنىدۇ. 

نەپدان توختام بازىرى ئېچىۋېتىلدى، بۇ يەرنى بېسىپ ھەر خىل توختام قېلىپلىرىنى خالىغانچە چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز!


قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسخانىسى: 
چاقىرىق باشقىلار بىلەن توختام تۈزۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ مەقسەت ئىپادىسى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك: (1) مەزمۇنى كونكرېت بېكىتىلىدۇ؛ (2) چاقىرىلغۇچىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چاقىرغۇچى شۇ مەقسەت ئارقىلىق چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. 
ئۆي سودىگىرىنىڭ تاۋار ئۆي سېتىش ئېلانى ۋە تەشۋىقات ماتېرىيالىدا بەرگەن ۋەدىسى پىرىنسىپ جەھەتتە چاقىرىق تەكلىپىگە تەۋە بولۇپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆزىدىن ئۆي سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئۆي سودىگەرلىرىنىڭ مۇناسىپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى ناھايىتى تەس. 
لېكىن، ئۆي سودىگىرى تاۋار ئۆي ئېچىش يىرىك پىلانى دائىرىسىدىكى ئۆي ۋە ئالاقىدار ئەسلىھەلەر توغرىسىدا بەرگەن ئىزاھاتى ۋە ۋەدىسىنى كونكرېت بېكىتسە ھەمدە تاۋار ئۆي سېتىش-سېتىۋېلىش توختامىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۆي باھاسىنى بېكىتىشكە زور تەسىر يەتكۈزسە، چاقىرىق دەپ قارىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئۆي سودىگىرى تاۋار ئۆي سېتىش ئېلانى ۋە تەشۋىقات ماتېرىيالىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىسا، ئۆي سېتىۋالغۇچى ئالدىدا توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0