ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى يازمىلارنى كۆرۈپ بېقىڭ:
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن رايونلاردا ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى.
(2021-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللاندى.)
ئۆي-زېمىن بېجىغا دائىر قانۇن چىقىرىش ۋە ئىسلاھاتنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرالغۇنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش ۋە يەر بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن رايونلاردا ئۆي-زېمىن بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھوقۇق بېرىش قارار قىلىندى.
1. سىناق رايونلىرىدىكى ئۆي-زېمىن بېجى ئېلىش ئوبيېكتى تۇرالغۇ ۋە غەيرىي تۇرالغۇ قاتارلىق تۈرلۈك ئۆي-زېمىن بولۇپ، قانۇن بويىچە ئىگە بولغان يېزا ئۆيلۈك يېرى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تۇرالغۇنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۆي-زېمىن بېجى تاپشۇرغۇچى بولىدۇ. تۇرالغۇ بولمىغان ئۆيلەرنىڭ يەر-زېمىنى داۋاملىق «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆي-مۈلۈك بېجى ۋاقىتلىق نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر-بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجى ۋاقىتلىق نىزامى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
2. گوۋۇيۈەن ئۆي-مۈلۈك بېجىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى كونكرېت يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىلمىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان باج ئېلىش، باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە تەرتىپىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
3. گوۋۇيۈەن پائال، پۇختا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قانۇن چىقىرىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلارنى بېكىتىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
一、试点地区的房地产税征税对象为居住用和非居住用等各类房地产,不包括依法拥有的农村宅基地及其上住宅。土地使用权人、房屋所有权人为房地产税的纳税人。非居住用房地产继续按照《中华人民共和国房产税暂行条例》、《中华人民共和国城镇土地使用税暂行条例》执行。二、国务院制定房地产税试点具体办法,试点地区人民政府制定具体实施细则。国务院及其有关部门、试点地区人民政府应当构建科学可行的征收管理模式和程序。三、国务院按照积极稳妥的原则,统筹考虑深化试点与统一立法、促进房地产市场平稳健康发展等情况确定试点地区,报全国人民代表大会常务委员会备案。
بۇ قاراردا ھوقۇق بېرىلگەن نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، گوۋۇيۈەن نۇقتىدا سىناق قىلىش چارىسىنى بېسىپ تارقاتقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش جەريانىدا، گوۋۇيۈەن نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ھوقۇق بېرىش مۇددىتى توشۇشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك، داۋاملىق ھوقۇق بېرىشكە توغرا كەلسە، ئالاقىدار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ. شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، ۋاقتىدا قانۇن تۈزۈش كېرەك.
بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش ۋاقتىنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ.
مەنبە: شىنخۇا تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى مەزكۇر سالوننىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.

نۇرغۇن تورداشلاردا يازمىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن يۈرەكلەش ئادىتى يوق، كۆپچىلىكنىڭ يازمىنى ياقتۇرغان بولسا، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئالقىشلاپ ۋە تارقىتىپ، بىزگە ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىر ئىشتا چىڭ تۇرۇشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، كۆپ قېتىم ۋاز كېچىش خىيالىدىن مۇستەسنا بولالمىغان. چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئەقىدە، كۆڭۈل قويۇش بىر خىل پوزىتسىيەدۇر!
