大数跨境

يازمىچە توختام ۋە ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ پۈتۈش ۋاقتى ھەققىدە

يازمىچە توختام ۋە ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ پۈتۈش ۋاقتى ھەققىدە NepKan
2022-01-02
2
导读:پۇقرالارنىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق سودا قىلىشىمۇ ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان پاكىت...
يازمىچە توختام ۋە ئېلېكترونلۇق توختام ئايرىم-ئايرىم ھالدا قايسى ۋاقىتتا پۈتكەن بولىدۇ؟
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى» 490-ماددا: توختام تۈزۈشكۈچىلەر توختامنى توختامنامە شەكلىدە تۈزگەن بولسا، توختام تۈزۈشكۈچىلەر ئىمزا قويغان، تامغا باسقان ياكى بارمىقىنى باسقان چاغدا توختام ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئىمزا قويۇش، تامغا بېسىش ياكى بارماق بېسىشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدار بىر تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان، قارشى تەرەپ قوبۇل قىلغاندا، بۇ توختام پۈتكەن بولىدۇ.
توختامنى يازما شەكىلدە تۈزۈش قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى ئۇنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئالاقىدارلار يازما شەكىل قوللانمىغان، لېكىن بىر تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان، يەنە بىر تەرەپ ئۇنى قوبۇل قىلغان بولسا، بۇ توختام پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ.
491-ماددا: ئالاقىدارلار توختامنى خەت-چەك، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تۈزۈشۈپ ئېتىراپ قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئېتىراپنامە تۈزگەن چاغدا توختام پۈتكەن بولىدۇ. ئالاقىدار بىر تەرەپ ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورى ئارقىلىق ئېلان قىلغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرى چاقىرىق شەرتىگە ئۇيغۇن بولسا، قارشى تەرەپ شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تاللىغاندا ھەمدە زاكاز تالونى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندا توختام پۈتكەن بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.


بۇ يەرنى بېسىپ «ھۆددىگەرلىك توختامى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!
قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسخانىسى:
«توختام قانۇنى»غا سېلىشتۇرغاندا، بارماق ئىزى بويىچە ئىمزا قويۇش، تامغا بېسىشتا ئوخشاش قانۇنىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىدۇ، بۇ «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنىنى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2)»نىڭ 5-ماددىسىدىكى مەزمۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشى بولۇپ، قانۇن ئەمەلىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
«ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى»نىڭ 491-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى يېڭىدىن قوشۇلغان بەلگىلىمە بولۇپ، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ، پۇقرالارنىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق سودا قىلىشىمۇ ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان پاكىت، يېڭى قانۇندا ئېلېكتىرونلۇق توختامنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئالاقە تورى سودىسى ماجىراسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
جۇڭگو قانۇنچىلىك نەشرىياتى تەرىپىدىن 2020-يىلى 7-ئايدا نەشر قىلىنغان «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» توختام تۈزۈش قىزىق نۇقتا مەسىلىسى 200 سوئال ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى.

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟

2021-12-29

توختام تۈزۈشتە قايسى خىل شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟

2021-12-28

ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا

2021-12-29

(توختامغا ئېھتىياجىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى رەسىمنى چېكىپ، مۇناسىۋەتلىك توختاملارنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!)
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296