大数跨境

رۇخسەت ئۇزارتىلدى! توي رۇخسىتى 10 كۈن، تۇغۇت رۇخسىتى 60 كۈن...

رۇخسەت ئۇزارتىلدى! توي رۇخسىتى 10 كۈن، تۇغۇت رۇخسىتى 60 كۈن... NepKan
2021-11-21
1
导读:مۇۋاپىق ياشتا توي قىلىش، پەرزەنتلىك بولۇش، سۈپەتلىك تۇغۇش-سۈپەتلىك تەربىيەلەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

19-نويابىر، ئەنخۇي ئۆلكىلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنىدا «ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى)» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، بۇ «نىزام» 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

«نىزام»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مۇۋاپىق ياشتا توي قىلىش، پەرزەنتلىك بولۇش، سۈپەتلىك تۇغۇش-سۈپەتلىك تەربىيەلەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۈچ پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ. ئەر-خوتۇننىڭ ھازىر ئۈچ پەرزەنتى بار بولۇپ، پەرزەنتى مېيىپ دەپ بېكىتىلسە ھەمدە تېببىي جەھەتتە يەنە پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ دەپ قارالغانلار يەنە پەرزەنت كۆرسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇن بويىچە بالا بېقىۋالغان ئەر-خوتۇن ياكى قايتا تويلاشقان ئەر-خوتۇن ئۈچ پەرزەنت كۆرسە بولىدۇ. 

دىققەتنى تارتىدىغان مۇكاپاتلاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتە، «نىزام»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە، باج، سۇغۇرتا، مائارىپ، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق قوللاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئائىلىنىڭ تۇغۇت، بالا بېقىش ۋە مائارىپ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ.

«نىزام»غا ئاساسەن، قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توي قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەت بەلگىلىگەن توي رۇخسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدا، توي رۇخسىتى ئون كۈن ئۇزارتىلىدۇ. توي رۇخسىتى مەزگىلىدە بەھرىمەن بولىدىغان مائاش، مۇكاپات پۇلى، پاراۋانلىق تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ.

بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پەرزەنت كۆرگەن ئەر-خوتۇنلارغا دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تۆۋەندىكىدەك مۇكاپات بېرىشى كېرەك: ئايال تەرەپ دۆلەت بەلگىلىگەن تۇغۇت دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدا، تۇغۇت رۇخسىتى 60 كۈن ئۇزارتىلىدۇ؛ ئەر تەرەپكە 30 كۈن پەرۋىش رۇخسىتى بېرىلىدۇ؛ پەرزەنتى ئالتە ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، ھەر يىلى ئەر-خوتۇننىڭ ھەربىرىگە ئون كۈن بالا بېقىش رۇخسىتى بېرىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇت رۇخسىتى، پەرۋىش رۇخسىتى، بالا بېقىش رۇخسىتى مەزگىلىدە، خىزمەتتىكى، ئىش ئورنىدىكى مائاشى، مۇكاپات پۇلى، پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

----
ئېلان:

پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.


بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.


دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0