تېمىغا كىرىش:
ئاۋۋال تۆۋەندىكى يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققايسىز:
ما يۈن: جۇڭگو بانكا كەسپىنىڭ «گۆرۈكەشلىك» ئىدىيەسى نۇرغۇن كارخانىچىلارغا زىيان يەتكۈزدى
ما يۈن مۇنداق دېدى: ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قورقمايدۇ، لېكىن ئۆتمۈشتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئېڭىدىن قورقىدۇ، بىز پويىز ئىستانسىسىنى باشقۇرۇش چارىسى بىلەن ئايرودۇرۇمنى باشقۇرساق بولمايدۇ، تۈنۈگۈنكى چارە بىلەن كەلگۈسىنى باشقۇرساق بولمايدۇ.
ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۆزىنى «پۇل مۇئامىلە كەسپى ئەھلى ئەمەس» دەپ ئاتىۋالغان ما يۈن تاشقى ساھىل (外滩) پۇل مۇئامىلە باشلىقلار يىغىنىغا قايتا قاتنىشىپ، «ب د ت نىڭ رەقەملىك ھەمكارلىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى» سالاھىيىتى بىلەن باش تېمىلىق نۇتۇق سۆزلىدى.
باشلىقلار يىغىنىدا، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى، رەقەملىك پۇل، چۈمۈلە پېيىنى بازارغا سېلىپ باھا بېكىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا، ما يۈن ئۆزىنىڭ قارىشىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۇ دۇنيانىڭ بىزگە قالدۇرغان تەرەققىيات پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ، لېكىن ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى پەقەت شۇ ئىككى قېتىملا، ھازىر دەل مۇشۇنداق پەيت.»
نەق مەيداندىكى ما يۈننىڭ تىللالىق جۈملىلەرنىڭ ئۈزۈندىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. جۇڭگو پۇل مۇئامىلىسىنىڭ سىستېمىلىق خەتىرى يوق، چۈنكى ئەسلىدىنلا بۇنداق سىستېما مەۋجۇت ئەمەس.
جۇڭگو پۇل مۇئامىلىسىدە سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر يوق، چۈنكى بۇنداق سىستېما يوق، بىزنىڭ پۇل مۇئامىلىمىز يەنىلا «ياش ئۆسمۈر» باسقۇچىدا، تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىدى.
2. يېڭىلىق يارىتىشتا چوقۇم بەدەل تۆلەش كېرەك، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز كېرەك.
خەۋپ-خەتەر بولمىغان يېڭىلىق يارىتىش مەۋجۇت ئەمەس، خەۋپ-خەتەرنى نۆل قىلىپ كونترول قىلىش ئەڭ چوڭ خەۋپ-خەتەر. بۈگۈن «سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرى»گە موھتاج، ھەرگىزمۇ «باشقارما باشلىقىچە ھۆججەت مۇتەخەسسىسلىرى»گە ئەمەس. كەلگۈسىدىكى مۇسابىقە يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى، پەقەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ماھارىتى مۇسابىقىسىلا ئەمەس.
3. ھازىر جۇڭگودىكى بانكىلار يەنىلا گۆرۈكەشلىك ئىدىيەسىدە بولۇپ، نۇرغۇن كارخانىچىلارغا زىيانكەشلىك قىلماقتا.
جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلىسى ئىزچىل تۈردە گۆرۈكەشلىك ئىدىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، كارخانىلارنىڭ بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، ھەرىكىتىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىۋاتىدۇ. بانكىلارنىڭ يەنە بىر ئادىتى بار، ئۇلار پۇلغا ئېھتىياجلىق بولمىغان كارخانىلارغا قەرز بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، جان تىكىپ قەرز بېرىدۇ، نەتىجىدە نۇرغۇن ياخشى كارخانىلار يامان كارخانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ما يۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتى ئىناۋەتنى باشقۇرۇش، بىز چوقۇم پۇل مۇئامىلىنىڭ گۆرۈكەشلىك ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىناۋەت سىستېمىسىغا تايىنىشىمىز كېرەك.»
4. P2P سەۋەبلىك پۈتكۈل ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.
بۈگۈن P2P (مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى) سەۋەبلىك پۈتكۈل ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىنكار قىلساق بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بىز ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك، ئەگەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە مىڭلىغان P2P پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ خاتالىقىنى سادىر قىلسا، بىزنىڭ باشقا جايلىرىمىزدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولامدۇ-يوق؟
5. ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ بولسىلا ئىلغار بولىۋەرمەيدۇ، كەلگۈسى بىلەن جىپسىلىشىشنى ئويلىشىش كېرەك
ئۇزۇندىن بۇيان بىزدە بىر قىسىم تەپەككۇر ئىنېرتسىيەسى ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە بار، جۇڭگودا يوق بولغان ئاتالمىش «بوشلۇق»نى تولدۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، لېكىن ئەمەلىيەتتە ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ بولسىلا ئىلغار بولىۋەرمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو قايسى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ماسلىشىشنىلا قوغلاشماي، كەلگۈسى بىلەن قانداق جىپسىلىشىش، كەلگۈسىنىڭ ئۆلچىمىگە قانداق ماسلىشىش ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك.
6. ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قورقمايدۇ، لېكىن تۈنۈگۈنكى ئۇسۇلدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قورقىدۇ
ئەمەلىيەتتە نازارەت قىلىش بىلەن باشقۇرۇش ئىككى ئىش، نازارەت قىلىش سىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىڭىزغا باغلىق، باشقۇرۇشتا مەسىلە كۆرۈلگەندە ئاندىن باشقۇرىمىز، ئەمما بىزنىڭ ھازىر باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىز ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، نازارەت قىلىش ئىقتىدارىمىز يېتەرلىك ئەمەس، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قورقمايدۇ، ئەمما تۈنۈگۈنكى (ئۆتمۈشتىكى) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا باشقۇرۇشتىن قورقىدۇ. بىز پويىز ئىستانسىسىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئايرودرومنى باشقۇرساق بولمايدۇ، تۈنۈگۈنكى (ئۆتمۈشتىكى) ئۇسۇل بىلەن كەلگۈسىنى باشقۇرساق بولمايدۇ.
7. چۈمۈلە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ھەققىدە توختالساق: تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى IPO، نيۇيوركنىڭ سىرتىدا باھا بېكىتىش «بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش.»
10-ئاينىڭ 24-كۈنى، ما يۈن يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۈنۈگۈن كەچتە شاڭخەيدە چۈمۈلە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ باھاسى بېكىتىلدى، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش باھاسى بولۇپ، ئامېرىكا بازىرىنىڭ سىرتىدا يۈز بەردى. بەش يىل ئىلگىرى، ھەتتا ئۈچ يىل ئىلگىرى بىز ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق.
8. يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمنىڭ تەسىرى نۆۋەتتە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان تېخنىكىلىق مەسىلىلەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن قېلىشمايدۇ
بۈگۈن ئىنسانلار ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە تۇرماقتا. بۇ يۇقۇم ئەھۋالىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ، بۇ ئىنسانىيەتنى ئالغا بېسىشقا قىستايدىغان كۈچ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن قېلىشمايدۇ. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئۆزىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن غايەت زور تەسىرى نۆۋەتتە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان تېخنىكا قاتلىمىدىكى مەسىلىلەردىنمۇ كۆپ ئېشىپ كەتتى.
9. رەقەملىك پۇل پۇلغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىدۇ، خۇددى ئالما شىركىتى يانفونغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەرگەنگە ئوخشاش
ما يۈننىڭ قارىشىچە، رەقەملىك پۇل پۇلغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىشى مۇمكىن، گەرچە پۇلنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن رەقەملىك پۇل چوقۇم پۇلغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىدۇ، خۇددى ئالما شىركىتى يانفونغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەرگەنگە ئوخشاش.
ما يۈن يەنە مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، رەقەملىك پۇل ئۆلچەمگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، بەلكى قىممەتنى قانداق يارىتىش ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەك. رەقەملىك پۇل ئارقىلىق يېڭىچە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى قانداق بەرپا قىلىش، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى دۇنيا سودىسىنى قانداق قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىش، تېخنىكا سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئاساستا رەقەملىك پۇل بەرپا قىلىش، شۇنداقلا دۇنيا سودىسىنىڭ تولۇق سىجىل، يېشىل ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى قانداق قىلىپ ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەك.
تۆۋەندىكىسى ما يۈننىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى باش تېما قىلىنغان نۇتۇقىنىڭ مەزمۇنىدىن ئۈزۈندە:
پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ھەققىدە: جۇڭگو پۇل مۇئامىلىسىنىڭ سىستېما خاراكتېرلىق خەتىرى يوق
2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، برايتون (Brayton) ئورمانلىقى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىگە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى؛ كېيىن ئاسىيا پۇل مۇئامىلە بورىنى يۈز بېرىپ، باسېل (Basel) كېلىشىمىدە سۆزلەنگەن خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىلىپ، كېيىن خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش مەشغۇلات ئۆلچىمىگە ئايلاندى، ھازىرقى يۈزلىنىش بارغانسېرى پۈتۈن دۇنيادا خەۋپ-خەتەرنىلا كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بەرمەسلىككە ئايلىنىپ، ياشلارنىڭ پۇرسىتى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇرسىتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاز ئويلايدىغان بولۇپ قالدى، بۇ ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنبە. بىز بۈگۈن باسېل كېلىشىمىنىڭ ئۆزىمۇ ياۋروپانىڭ ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىشىنى ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچراتقانلىقىنى، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلىنى رەقەملەشتۈرۈش جەھەتتە ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆردۇق.
ما يۈننىڭ كۆزىتىشىدە باسېل بىر ياشانغانلار كۇلۇبىغا ئوخشايتتى، ئۇنىڭ ھەل قىلماقچى بولغىنى نەچچە ئون يىل ئايلانغان پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ كونىراپ كېتىش مەسىلىسى، سىستېمىنىڭ مۇرەككەپ بولۇش مەسىلىسى ئىدى. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئايلىنىۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان ياۋروپاغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، جۇڭگودا ھازىر پۇل مۇئامىلە سىستېما خاراكتېرلىق خەۋپ-خەتىرى ئەمەس، بەلكى يەنىلا ساغلام پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرى كەمچىل.
ياۋروپا باسېل كېلىشىمى ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە مۇرەككەپ، كونىراپ كەتكەن «ياشانغانلار كېسىلى»نى ھەل قىلىشقا موھتاج، لېكىن جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ئەمدىلا ئۆسۈپ يېتىلگەن باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئوخشاش، يەنىلا «ياش ئۆسمۈرلەر» ھالىتىدە تۇرماقتا، تېخى پىشىپ يېتىلگەن ئېكولوگىيە سىستېمىسى يوق، تولۇق ھەرىكەتلىنىپ بولالمىدى.
چوڭ بانكىلار «ئەزىم دەريا»نىڭ ۋە قاننىڭ غول تومۇرى، ئەمما يەنە كۆل ۋە كۆلچەكلەرگە ئېھتىياجلىق، ئېرىق ئۆستەڭ لازىم بولۇپ قالىدۇ.
«شۇڭا بۈگۈن دۆلىتىمىزدە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى كەمچىل، پۇل مۇئامىلە سىستېما خاراكتېرلىق خەتەر ئەمەس. بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل كېسەللىك، مەسىلەن، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى ۋە بالىلار پالەچ كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى قارىماققا بەك ئوخشايدۇ، ئەمەلىيەتتە پەرق بەك چوڭ، ئەگەر كىچىك بالىلار ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دورىسىنى يېسە، ياشانغانلار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن كۆرۈپ باقمىغان كېسەللەر پەيدا بولىدۇ. بۇ باسېل كېلىشىمى كونىراپ كەتكەن، زىيادە مۇرەككەپ بولغان ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاشنى ئويلىشىدۇ، بىز ياشانغانلارغا ئەگىشىپ نېمىلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەكلىكى ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك؟ ياشانغانلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى دوختۇرخانىغا يېقىن ياكى يېقىن ئەمەسلىكى، ياشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى مەكتەپ رايونى بار-يوقلۇقى، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان سىستېمىدىكى تەپەككۇردۇر.» دېدى ما يۈن.
يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدە: يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەش كېرەك، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر چوقۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك
يىغىندا، ما يۈن ئۇدۇللا قىلىپ، يەتتە-سەككىز يىل ئىلگىرى ئۆزى ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىدە چوقۇم ئۈچ يادرولۇق ئامىل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى: يەنى بىرىنچى، مول سانلىق مەلۇمات؛ ئىككىنچى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئاساسىدىكى خەۋپنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى؛ ئۈچىنچى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىناۋەت سىستېمىسىنى ئاساس قىلىش.
بۇ ئۈچ ئۆلچەم بويىچە ئۆلچىگەندە، P2P سۇپىسىنىڭ ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما بۈگۈن P2P سەۋەبلىك پۈتكۈل ئالاقە تورى تېخنىكىسى ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.
ما يۈن يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ كەلگەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىرىسىغا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۈگۈنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەقىقەتەن تەس. يېڭىلىق يارىتىش بازاردىن، ئاساسىي قاتلامدىن، ياشلاردىن كېلىدۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا بولغان خىرىس بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە نازارەت قىلىش بىلەن باشقۇرۇش ئىككى ئىش، نازارەت قىلىش سىزنىڭ تەرەققىياتىڭىزنى كۆرىدۇ، سىزنىڭ تەرەققىياتىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، باشقۇرۇشتا مەسىلە كۆرۈلگەندە ئاندىن باشقۇرىدۇ، ئەمما بىزنىڭ ھازىر باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىز ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، نازارەت قىلىش ئىقتىدارىمىز يېتەرلىك ئەمەس، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قورقمايدۇ، ئەمما تۈنۈگۈنكى ئۇسۇل بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قورقىدۇ، بىز پويىز ئىستانسىسىنى باشقۇرۇش چارىسى بىلەن ئايرودۇرۇمنى باشقۇرساق بولمايدۇ، تۈنۈگۈنكى ئۇسۇل بىلەن كەلگۈسىنى باشقۇرساق بولمايدۇ.»
ما يۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەش كېرەك، بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلەر چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشتا چوقۇم خاتالىق سادىر بولىدۇ، مەسىلە قانداق قىلىپ خاتالىق سادىر قىلماسلىقتا ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىپ خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، تېز تۈزىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشتا. خەۋپ-خەتىرى يوق يېڭىلىق يارىتىش يېڭىلىق يارىتىشنى بوغۇپ قويغانلىق، خەۋپ-خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈپ كونترول قىلىش ئەڭ چوڭ خەۋپ-خەتەر.»
رەقەملىك پۇل ھەققىدە: «بۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە ھەقىقەتەن رەقەملىك پۇلغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، لېكىن ئەتە (كەلگۈسىدە) ئېھتىياجلىق
ما يۈن نۇتقىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «دۇنيا كەلگۈسى ئۈچۈن ھەقىقىي ئويلىشىدىغان يېڭىچە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى كۈتمەكتە، بۇ سىستېما ئىلگىرىكى پەقەت %20 كىشىگە ياردەم بېرىشتىن، كىچىك كارخانىلار ۋە ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان %80 كىشىگە ياردەم بېرىدۇ؛ ئىلگىرىكى ئادەم پۇلنى ئىزدەش، كارخانا پۇل ئىزدەشتىن پۇل ئادەمنى، پۇل كارخانىنى ئىزدەپ تېپىش، ياخشى كارخانىنى ئىزدەپ تېپىشى كېرەك. بۇ سىستېمىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، يېشىل بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت، ئۇنىڭ ئارقىسىدا چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، رايون بۆلىكى زەنجىرى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ».
«بۈگۈنكى دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى چوقۇم ئىسلاھ قىلىش كېرەك، بولمىسا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيانى قالايمىقانچىلىققا پاتۇرۇپ قويىدۇ.» دېدى ما يۈن ئۇدۇللا، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئالدىدا مېڭىشى نورمال ئىش، ئەمما يېڭىلىق يارىتىش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ موللۇق دەرىجىسى نازارەت قىلپ باشقۇرۇش تەسەۋۋۇرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەندە، نورمال بولماي قالىدۇ.
رەقەملىك پۇلنى مىسالغا ئالساق، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەگەر كەلگۈسى نەزەر بىلەن 30 يىلدىن كېيىنكى دۇنيا ئېھتىياجلىق پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىنسا، رەقەملىك پۇل ئىنتايىن مۇھىم يادرو بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە ھەقىقەتەن رەقەملىك پۇلغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، لېكىن ئەتە ئېھتىياجلىق، كەلگۈسىدە ئېھتىياجلىق، نەچچە مىڭلىغان كىشى ئېھتىياجلىق، بىز ئۆزىمىزدىن سورىشىمىز كېرەككى، رەقەملىك پۇل زادى كەلگۈسىدىكى قانداق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ؟»
«گەرچە ئۇنىڭدا پۇلنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن رەقەملىك پۇل پۇلغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىدۇ.» ما يۈننىڭ قارىشىچە، رەقەملىك پۇل سىستېمىسى بىر تېخنىكىلىق مەسىلە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ لايىھەسى ئىكەن. شۇڭا، ئۇنى تەتقىق قىلىشتا بازارنى، ئېھتىياجنى، كەلگۈسىنى چىقىش قىلىش كېرەك.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە رەقەملىك پۇل تېخى ئۆلچەم تالىشىدىغان ۋاقىتقا كەلمىگەن بولۇپ، مۇھىمى قىممەت يارىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادى، سودىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشى، يېشىل ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈپ تەرەققىي قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك ئىكەن.
«بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر بۇ ئىسلاھاتنى قىلساق، نەتىجىسىنى كېيىنكى ئەۋلادلار كۆرۈشى مۇمكىن، بىز بەلكىم يۈكنى زىممىمىزگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بىر ئەۋلاد كىشىلەر بولۇشىمىز مۇمكىن، لېكىن بۇ تارىخ بىزگە بەرگەن پۇرسەت، شۇنداقلا بىزگە بەرگەن مەسئۇلىيەت.» دېدى ما يۈن.
مەنبە: جۇڭگو كارخانىچىلار ژۇرنىلى
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!

