大数跨境

مائاشىڭىز قانچە پۇل؟ مائاشىڭىز بۇ مائاش ئۆلچىمىگە چۈشەمدۇ؟

مائاشىڭىز قانچە پۇل؟ مائاشىڭىز بۇ مائاش ئۆلچىمىگە چۈشەمدۇ؟ NepKan
2021-11-29
0
导读:شەھەر-بازارلاردىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى يىلدىن-يىلغا ئېشىش ھالىتىنى س
يېقىندا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «جۇڭگو ئىستاتىستىكا يىلنامىسى-2021» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئىستاتىستىكا يىلنامىسى» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «ئىستاتىستىكا يىلنامىسى»دا ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى يىلدىن-يىلغا ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.
قايسى رايونلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز؟

سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: «جۇڭگو ئىستاتىستىكا يىلنامىسى-2021»، «جۇڭگو ئىستاتىستىكا يىلنامىسى-2020».

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، خۇسۇسىي ئىگىلىكتە بولمىغان ئورۇنلاردا، نىڭشيا، شاڭخەي ۋە چىڭخەيدىن ئىبارەت ئۈچ رايوندىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى بىردەك %10تىن ئاشقان؛ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورۇنلاردا، شاڭخەي، خۇنەن ۋە چىڭخەيدىن ئىبارەت ئۈچ رايوندىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %25، %22 ۋە %17 ئاشقان.  
ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىدىن قارىغاندا، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىن باشقا ئورۇنلاردا، بېيجىڭ، شاڭخەي، شىزاڭ، تيەنجىن، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، چىڭخەيدىن ئىبارەت سەككىز رايوننىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان؛ خۇسۇسىي ئورۇنلاردا، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، شىزاڭ قاتارلىق ئالتە رايوننىڭ 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. 
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى نوپۇس ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ سەنۋېن مۇنداق دېدى: شەھەر-بازارلاردىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى باجدىن بۇرۇنقى مائاشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا ئېلان قىلىنغان ئوتتۇرىچە مائاش شەخسنىڭ ئەمەلىي ئالغان مائاشىدىن يۇقىرى بولىدۇ. مائاشنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى ئادەتتىكى سەۋىيەدىن يۇقىرى بولىدۇ، يەنى كۆپ ساندىكى يەككە سانلىق مەلۇمات ئوتتۇرىچە قىممەتتىن تۆۋەن بولىدۇ. 

قايسى كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى يۇقىرى؟ 

سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: «جۇڭگو ئىستاتىستىكا يىلنامىسى-2021».

ئىستاتىستىكا قىلىنغان 18 كەسىپ تۈرى ئىچىدە، خۇسۇسىي ئىگىلىكتە بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمىتى كەسپى»، «ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى كەسپى»، «پۇل مۇئامىلە كەسپى»دىن ئىبارەت. رەت تەرتىپى كېيىنكى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغىنى «ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، رېمونت قىلىش ۋە باشقا مۇلازىمەت كەسپى»، «قونالغۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپى»، «دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ، بېلىقچىلىق»تىن ئىبارەت. ئالدىنقى سەككىز ئورۇندا تۇرىدىغان كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: «جۇڭگو ئىستاتىستىكا يىلنامىسى-2021»

خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغىنى «ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى»، «پۇل مۇئامىلە كەسپى»، «پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى». رەت تەرتىپىدە كېيىنكى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «سۇچىلىق، مۇھىت ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش كەسپى»، «مېھمانخانا ۋە يېمەك-ئىچمەك كەسپى»، «دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ، بېلىقچىلىق».
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296