搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
سۇغۇرتا سېتىۋېلىپ «ئۇششۇق»لۇق قىلىپ قەرزنى قايتۇرمىسا بولامدۇ؟
>
سۇغۇرتا سېتىۋېلىپ «ئۇششۇق»لۇق قىلىپ قەرزنى قايتۇرمىسا بولامدۇ؟
NepKan
2021-11-29
2
导读:يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىر
يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىر قانچە سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن «ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ جىسمانىي سۇغۇرتا مەھسۇلاتى مال-مۈلۈك مەنپەئەتىنى ھەمكارلىشىپ ئىجرا
قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يىغىن خاتىرىسى»نى ئېلان قىلىپ، جىسمانىي سۇغۇرتىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان جاۋابكارلىق مۈلكىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن كېيىن، يەنە بىر جايدا ئېتىراپ قىلىنغان «جىسمانىي سۇغۇرتا پۇلىنىڭ "قەرزدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى" يوق.»لۇقىنى رەسمىي ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ «ئۇششۇق»لارنىڭ قەرز تۆلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا زەربە بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
رەسىم مەنبەسى: جۇڭگو ئىقتىساد تورى
دۆلىتىمىزنىڭ «سۇغۇرتا قانۇنى»دا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىش ھوقۇقىنى چەكلىشىگە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا سۇغۇرتا ماركېتىڭى خادىملىرى بىر مەھەل جىسمانىي سۇغۇرتىنىڭ «قەرزدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى»نى كارامەت كۆرسىتىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدا، خۇددى ھەقدار مۇئەييەن جىسمانىي سۇغۇرتا مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغاندا «ئۇششۇق»قا يولۇقۇپ قالسا يول يوقتەك، ھەقدار ۋاكالىتەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيلا قالماستىن، يەنە سۇغۇرتا پۇلى بىلەن قەرزنى قايتۇرۇشنىمۇ تەلەپ قىلالمايدىغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلدى.
ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. سۇغۇرتا پۇلى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن، سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا ئۇيغۇن بولغان، سۇغۇرتا شىركىتى بېرىدىغان پۇلنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلاردا سۇغۇرتا پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بولۇپ، مەقسەت سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش، ئەمما «ئۇششۇق»لارنىڭ قەرزنى قايتۇرمىسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ جىسمانىي سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، زەخىم سۇغۇرتىسى ۋە ساغلاملىق سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىسمانىي سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك ھوقۇق-مەنپەئىتى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئېلىشقا بولىدىغان ھاياتلىق سۇغۇرتا پۇلى، نەق پۇل پايدىسى، سۇغۇرتىدىن چېكىنگەندە ئېرىشكىلى بولىدىغان نەق پۇل قىممىتى (ئىسچوت قىممىتى، مۇددىتى توشمىغان سۇغۇرتا ھەققى)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۇغۇرتا توختامى بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدىغان، لېكىن تېخى چىقىم قىلىنمىغان سۇغۇرتا پۇلى ۋە باشقا ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولغان مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك ھوقۇق-مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدلىيە تارماقلىرى ئىجرا قىلغاندا ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ۋە ئۇنىڭ بېقىۋاتقان ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشنى ئويلىشىدۇ.
ھازىر جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار ئۆمۈر سۇغۇرتىسى تالونىدا «قەرزنى مەجبۇرىي تۆلەش»كە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولدى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ قوللاندى. دائىم كۆرۈلىدىغان «سۇغۇرتا سېتىۋالغاندا قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مۇمكىن بولماسلىق» ئەھۋالى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۆمۈر سۇغۇرتىسى توختامىدا مەنپەئەتدارنى بېكىتمىگەن بولۇپ، جىسمانىي سۇغۇرتا پۇلىنى كىمگە بېرىشنى بىلگىلى بولمايدۇ؛ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى توختامىدا قەرز ئالغاندىن كېيىن سۇغۇرتا سېتىۋالغان بولسا، چوڭ ئېھتىماللىقتا قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ئەگەر سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن بولسا، «قەرزدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى»مۇ بولمايدۇ.
رەسىم مەنبەسى: جۇڭگو ئىقتىساد تورى
ئەلۋەتتە، ئەمەلىي تۆلىنىدىغان قەرزنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، سۇغۇرتا پۇلىنىڭ ھەممىسىلا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنمايدۇ. مەسىلەن، پەرزەنتى قازالىق سۇغۇرتا تالونى مەنپەئەتدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاپشۇرۇۋالغان سۇغۇرتا پۇلى ئادەتتە دادىسىنىڭ قەرزى ئىچىدە بولمايدۇ. يەنە مەسىلەن، ئەر-خوتۇن ئۆزىنى سۇغۇرتىلىتىپ، پەرزەنتلىرىنى سۇغۇرتا تالونىدىكى مەنپەئەتلەنگۈچى قىلسا، ئەر-خوتۇن قەرزدار بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئادەتتە سوت مەھكىمىسى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرمايدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى «ئۇششۇق»لارنىڭ سۇغۇرتا مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشتىن پايدىلىنىپ، مۈلۈكنى قەستەن يۆتكەپ، قەرزدىن قېچىشىغا زەربە بېرىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ نورمال سۇغۇرتا سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن ئەمەس.
سۇغۇرتا ئاھالىلەرنىڭ مال-مۈلكى ۋە مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، لېكىن ھەرگىزمۇ شەخسىي قەرزدىن قۇتۇلۇشتىكى «پاناھ جاي» ئەمەس. ئاتالمىش «سۇغۇرتا قەرزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش»تا بارلىق سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا قەرزنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرالىشى ناتايىن، بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسال تىپلىق، پايدا تەقسىملەش تىپلىق، مەبلەغ سېلىشقا باغلاش تىپلىق قاتارلىق ئۆمۈر سۇغۇرتىسى بەلگىلىك بايلىققا ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى قەرزدىن ساقلىنىشقا ئىشلىتىدۇ ياكى چوتنى يوققا چىقىرىدۇ. سۇغۇرتا ماركېتىڭ خادىملىرى ساختا تەشۋىقاتتىن ساقلىنىشى، سۇغۇرتىنىڭ ئاتالمىش «قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىقتىدارى» ۋە سۇغۇرتىدىن پايدىلىنىپ مۈلۈكنى يۆتكەشتىكى «ئالاھىدە ئۈنۈمى» نى زور دەرىجىدە كۆپتۈرۈشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.
پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرى شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەككى، مەيلى قانچىلىك جىسمانىي سۇغۇرتا مەھسۇلاتى سېتىۋېلىش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىش پۇلى بولسۇن، چوقۇم قانۇنلۇق تاپاۋەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر قانۇنسىز تاپاۋەتكە چېتىشلىق پۇل-مال بولسا، ئەدلىيە تارماقلىرى ئوخشاشلا سۇغۇرتىنى توڭلىتىۋەتسە ۋە ئىجرا قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بەزىلەر مالىيە ئەھۋالى يامانلاشقاندىن كېيىن سۇغۇرتىغا قاتناشسىمۇ، مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز يۆتكەش گۇمانى بولسا، سۇغۇرتا توختامى ئىناۋەتسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
ھەقدارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ئۇششۇق»لارنىڭ سۇغۇرتا سېتىۋېلىش توختامىدا مەنپەئەتدارنى بېكىتكەن-بېكىتمىگەنلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك. يامان غەرەزدە قەرزدىن قېچىش قىلمىشىدا ئادەتتە «ئۇششۇق»لار سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن توختام تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنلۇق، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن مەنپەئەتلەنگۈچىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزىنى قارىماققا قەرز تۆلەشكە پۇلى يوقتەك كۆرسىتىپ، قەرزدىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ. قەرز ماجىراسى يۈز بەرگەندە، ھەقدار «ئۇششۇق»نىڭ جىسمانىي سۇغۇرتا تالونى بار-يوقلۇقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ يامان غەرەزدە قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىق دەلىل-ئىسپاتىنى تېپىپ، ۋاقتىدا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، سۇغۇرتا توختامىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زىياننى تولدۇرۇشقا تىرىشسا بولىدۇ.
مەنبە:
جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تېز تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0