搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
ئېقىم چولپانلىرىنىڭ قانچىلىك باج ئوغرىلىغىنىنى بىلەمسىز؟
>
ئېقىم چولپانلىرىنىڭ قانچىلىك باج ئوغرىلىغىنىنى بىلەمسىز؟
NepKan
2021-11-23
2
导读:ئۇلارنىڭ بۇ «تىجارەت تاپاۋىتى» ساختا بولىدۇ. بۇ كىرىملەر ئەمگەك ئىش ھەققى، مائاش تاپاۋىتىگە كىرگۈزۈل
ئون مىليارد يۈەن بايلىققا ئىگە ئېقىم چولپىنىڭ قانچىلىك باج ئوغرىلىغىنىنى بىلەمسىز؟
بىر مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، شۆلى مۇنداق دېدى: «مەن ھازىر 10 مىليارد يۈەن بايلىقىم بار ئايال خوجايىن بولدۇم.»
تاۋباۋ سۇپىسىدا، شۆ لى بولسا لى جياچى، ۋېييادىن قالسىلا 3-ئورۇندا تۇرىدىغان مال ساتقۇچى، شۇنداقلا ئۇ ۋاڭ سىسۇڭنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى.
بۈگۈن، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىدىكى باج تارماقلىرى بىر تۈرلۈك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «جۇ چېنخۇي، لىن شەنشەن باجدىن ئوغرىلىقچە قاچقانلىقى ئۈچۈن، قانۇن بويىچە باج قايتۇرۇۋېلىندى، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى قوشۇپ ئېلىندى، قوشۇمچە جەرىمانە سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 65 مىليون 553 مىڭ 100 يۈەن ۋە 27 مىليون 672 مىڭ 500 يۈەن بولدى.»
جۇ چېنخۇي دەل ئېقىم چولپىنى (网红) شۆ لى، شۇنداقلا ۋاڭ سىسۇڭنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستىدۇر.
ۋاڭ سىسوڭ بىلەن شۆ لى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا
بۇ پۇل قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ ئۇ ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى قىسمى يىغىۋېلىنغان باج پۇلى، يەنى ئەسلىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى بولۇپ، تاپشۇرمىغان، باجدىن قاچقان. جۇ چېنخۇينىڭ ئوغرىلىقچە قاچقان باج پۇلى 30 مىليون 369 مىڭ 500 يۈەن، لىن شەنشەننىڭ باجدىن قاچقان باج پۇلى 13 مىليون 119 مىڭ 400 يۈەن.
ئىككىنچى قىسمى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى. چۈنكى ئېقىپ كەتكەن باج پۇلى كېچىكتۈرۈش خاراكتېرىگە ئىگە، ئۇلارنىڭ بۇ باج پۇلى 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە يۈز بەرگەن. ئۇنداقتا، بۈگۈن 2021-يىلى 11-ئاي بولۇپ، تاپشۇرمىغانلىق ۋاقتىغا تەخمىنەن بىر يىل بولغان. بۇ ۋاقىتتا، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ، جۇ چېنخۇي بىلەن لىن شەنشەننىڭ باج كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4 مىليون 844 مىڭ 100 ۋە 1 مىليون 433 مىڭ 700 يۈەن بولىدۇ.
ئۈچىنچى قىسمى باج ئوغرىلاش ۋە جەرىمانە قويۇش. بۇ مۇھىم ھالقا. جەرىمانە باجدىن قېچىش سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، جۇ چېنخۇي 30 مىليون 369 مىڭ 500 يۈەن باجدىن قاچقان بولۇپ، بىر ھەسسە جەرىمانە قويۇلغاندىن كېيىن 60 مىليون 939 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. لىن شەنشەن 13 مىليون 119 مىڭ 400 يۈەن باجدىن قاچقان، بىر ھەسسە جەرىمانە قويۇلسا 26 مىليون 232 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىدۇ.
چولپانلارنىڭ باجدىن قېچىشىغا سېلىشتۇرغاندا، باج تارماقلىرىنىڭ ئېقىم چولپانلىرىنى جازالاش سالمىقى بىر قەدەر يېنىك. فەن بىڭبىڭنىڭ باجدىن قېچىش، باج تاپشۇرماسلىق دېلوسىدا مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر توختامىدا ھەقىقىي كىرىمنى يوشۇرۇپ باجدىن قاچقان قىسمىغا تۆت ھەسسە جەرىمانە قويۇلغان، خىزمەت ئىشخانىسىدىكى ھېساباتتىن پايدىلىنىپ ھەقىقىي كىرىمنى يوشۇرۇپ، باجدىن قاچقان قىسمىغا ئۈچ ھەسسە جەرىمانە قويۇلغان.
فەن بىڭبىڭغا قويۇلغان جەرىمانە سوممىسى 880 مىليون يۈەنگە يەتتى
جۇ چېنخۇي بىلەن لىن شەنشەن قانداق قىلىپ باجدىن قاچقان؟ ئەمەلىيەتتە، بۇمۇ فەن بىڭبىڭنىڭ شەخسىي ئىشخانا تەسىس قىلىپ ھەقىقىي كىرىمىنى يوشۇرغىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار گۇاڭشى بېيخەي، جياڭشى يىچۈن ۋە شاڭخەيدە نۇرغۇن شېرىكسىز كارخانىلارنى تەسىس قىلىپ، ئىش ھەققى تاپاۋىتىنى كارخانا تىجارىتىگە ئايلاندۇرۇپ ئېرىشكەن.
ئەگەر شەخسىي ئىش ھەققى بويىچە ھېسابلىساق، ئۇلارنىڭ كىرىمى نورمىدىن ئارتۇق جۇغلانما سىستېمىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يېتىدۇ، يىللىق كىرىمى 960 مىڭ يۈەندىن ئاشقان قىسمىدىن %45 بويىچە باج ئېلىنىدۇ. لېكىن، ئىش ھەققىنى كارخانا تىجارىتىگە ئايلاندۇرۇپ ئېرىشكەندە، كارخانا تاپاۋەت بېجى بويىچە تاپشۇرسىلا بولىدۇ.
جۇڭگودا كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى نىسبىتى ئادەتتە %20، بەزى جايلاردا %15 بولىدۇ. 2020-يىلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئويلاشقاندا، كىچىك كۆلەملىك كارخانىلار زور مىقداردىكى باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنىۋېرسال باج نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ %15 تىن تۆۋەن بولىدۇ.
%45 ۋە %15 بويىچە ھېسابلىساق، بۇنىڭدا بەلكىم رىياسەتچىلەر (ئېقىم چولپىنى)گە ياردەملىشىپ %30 باجدىن قېچىشقا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
بۇنى قىلىش تەس ئەمەس. مالىيە شىركىتىگە بىر نەچچە شاكال شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ھاۋالە قىلغاندىلا، ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئىش ھەققىنى تىجارەت تاپاۋىتىگە ئايلاندۇرغىلى، يەنە دۆلەتنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
رىياسەتچىلەرنىڭ باج كىرىمىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بۇ كارخانىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئادرېسلىرى بەزى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى، ئەركىن سودا رايونى قاتارلىقلاردىن تاللىنىدۇ. چۈنكى بۇ رايونلاردا، كارخانىلار نۇرغۇن باج ئېتىبارى ۋە باج تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
لېكىن، بۇ كارخانىلارنىڭ تىجارەت كەسپى بارمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇ «تىجارەت تاپاۋىتى» ساختا بولىدۇ. بۇ كىرىملەر ئەمگەك ئىش ھەققى، مائاش تاپاۋىتىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
ئېقىم چولپانلىرى شۇنچە كۆپ تۇرسا، باج تارماقلىرى قانداق تەكشۈرۈپ تاپقاندۇ؟ ئاساسلىقى چوڭ سانلىق مەلۇماتقا تايىنىدۇ. باج تارماقلىرىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات تەكشۈرۈش سېستىمىسىدا بۇ يىل ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ تۇنجى قېتىم بانكا سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، باج سىستېمىسى بىلەن بانكا سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
ھەر قانداق ئادەمنىڭ بانكا ئوبوروتى، باج سىستېمىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما باج سېستىمىسى ھەممە ئادەمنىڭ بانكىدىكى ئاقما ھېساباتىنى تەكشۈرەلمەيدۇ، ئۇنداق بولسا خىزمەت مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېقىم چولپىنى، چولپانلارنىڭ باجدىن قېچىش ئۇسۇلى، ئاساسلىقى كىرىمنى يوشۇرۇش. كىرىمنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنى تەكشۈرۈش ناھايىتى تەس. قانداقلا بولمىسۇن، باشقىلارنىڭ مەڭگۈ سىز ئويلاپ باقمىغان يوشۇرۇش ئۇسۇلى بار.
شۇڭا، بۇ بىر يۈرۈش چوڭ سانلىق مەلۇمات تەكشۈرۈش سىستېمىسى چىقىمدىن پايدىلىنىپ ئەكسىچە تەكشۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، بىر ئېقىم چولپىنى بار دېسەك، ئۇنىڭ بانكا ئاقما ھېسابات كىرىمى بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەن، لېكىن چىقىمى بىر مىليون يۈەنگە يەتسە، ئويلاشنىمۇ ئويلىماڭ، بۇ ئېنىقلا كۆپ قىسم كىرىمىنى يوشۇرغانلىقتۇر. بۇ چاغدا، ئۇنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرگەندە، بىر-بىرلەپ توغرىلىغىلى بولىدۇ.
سىز كىرىمنى يوشۇرسىڭىز بولىدۇ، سىز ھەمىشە چىقىمنى يوشۇرۇپ بولالمايسىز؟ سىز پۇل تېپىپ خەجلىمىسىڭىز، بىر يىل خەجلىمىسىڭىز، ئون يىل خەجلىمىسىڭىز؟ بۇمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
ھازىر ئاشكارا باج ئوغرىلىغان، باج تاپشۇرمىغانلار جۇ چېنخۇي بىلەن لىن شەنشەن. ئەمما تور دۇنياسىدا، باج ئوغرىلاش ۋە باجدىن قېچىش ھەرگىزمۇ ئۇلار ئىككىسىلا ئەمەس. مەن 10-ئاينىڭ 13-كۈنى «ئېقىم چولپانلىرىنىڭ باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىق ئەھۋالى فەن بىڭبىڭ، جېڭ شۇاڭنىڭكىدىن ئېغىر» دېگەن تېمىدا بىر پارچە يازما يازغان ئىدىم، لېكىن ئوقۇلۇشى يۇقىرى بولمىغاچقا، ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمىدى.
رەسىم
ئەمما ھازىر باج تارماقلىرىنىڭ ئېقىم چولپانلىرىنىڭ باجدىن قاچقان، ئوغرىلىغان باج سوممىسىنى قايتۇرۇۋېلىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىلەر ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. جۇ چېنخۇي تاۋباۋدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشتا 3-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە ئىككى چوڭ ماگنات: لى جياچى بىلەن ۋېي يا بار.
(بۇ يەرنى بېسىپ «تۆۋەن باھا مونوپوللۇقى: ئۇلار نېمىشقا ئوۋلەييانى بايقۇت قىلىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ)
لى جياچى شاڭخەي چۇڭمىڭ ئارىلىدا ئالتە شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرغان، ۋېي يا شاڭخەي چۇڭمىڭ ئارىلىدا توققۇز شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى چۇڭمىڭ ئارىلى مەملىكەت خاراكتېرلىك باج ئازگىلى بولۇپ، باج نىسبىتى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسەتلىرى بار.
ئۇلار باج تولۇقلامدۇ؟ ئەگەر باج نورمال تاپشۇرۇلسا، «قوش 11» شۇ كۈنىلا لى جياچى، ۋېي يالار 18 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە مال ساتتى. بەزىلەر ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، مۇشۇ بىر كۈندە، لى جياچى بىلەن ۋېي يا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى بىر مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
فەن بىڭبىڭنىڭ باج ئوغۇرلىغانلىقى ۋە باج تاپشۇرمىغانلىقى تەكشۈرۈلگەندە، جۇڭگو كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى باج تولۇقلاش دولقۇنى ئەۋج ئالغان ئىدى. سەنئەت ساھەسىدىن 700 كىشى جەمئىي 49 مىليارد 300 مىليون يۈەن باج تولۇقلانغان. دۆلەت مالىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر غايەت زور كىرىم. ھازىر ئېقىم چولپانلىرىنىڭ كىرىمى چولپانلاردىن تۆۋەن بولمايلا قالماي، چولپانلاردىنمۇ يۇقىرى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېقىم چولپانلىرىنىڭ بوسۇغۇسى تېخىمۇ تۆۋەن بولغاچقا، سانى چولپانلارنىڭ سانىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. جېڭجۇ باج ئىدارىسى باج ئوغۇرلىغان ئېقىم چولپىنىدىن 6 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق باجنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، خاڭجۇ باج ئىدارىسى يەنە جۇ چېنخۇي بىلەن لىن شەنشەننى ئېنىقلاپ چىقتى.
ئۇنداقتا، ئېقىم چولپىنى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان شاڭخەي، چېڭدۇ ۋە چاڭشا باج ئىدارىلىرىدىمۇ ھەرىكەت بولۇشى كېرەكمۇ؟
ھازىر ئۆي-مۈلۈك كەسپى پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر كىرىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى، باج پۇلىنى ئېقىم چولپانلىرىدىن يىغىشتا، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيە كىرىمىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. بۇمۇ يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئېقىم چولپانلىرىنىڭ باجدىن قاچقان باج پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشىدىكى بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى.
كەمىنىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو ئېقىم چولپىنى ساھەسىمۇ بىر قېتىملىق باج تولۇقلاش دولقۇنىنى كۈتىۋالىدۇ. يېڭى ئىقتىساد يېڭى بايلارنى بارلىققا كەلتۈردى، ئەمما باج يىغىش سىياسىتىدە مۇئەييەن تۇرغۇنلۇق مەۋجۇت. تور چولپىنى يېڭى بايلىرىدىن باج ئېلىش دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە «باي-نامراتلىق پەرقى» ۋە «ئورتاق بېيىش» مەسىلىسىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك.
بايلار كۆپ باج تاپشۇرىدۇ، نامراتلار ئاز باج تاپشۇرىدۇ. ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىنكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلىگەندىلا، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا «ئورتاق بېيىش» يولىغا ماڭغىلى بولىدۇ.
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ.
شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.
دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0