大数跨境

چوڭ كارخانىلار ئورتاق بېيىشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؟

چوڭ كارخانىلار ئورتاق بېيىشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؟ NepKan
2021-09-21
0
导读:چوڭ كارخانىلار ئورتاق بېيىشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈشى كې
چوڭ كارخانىلار ئورتاق بېيىشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؟
ئۆزى ئەڭ ماھىر ئىشنى قىلىش 

يېقىندىن بۇيان، «ئورتاق بېيىش» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. مەيلى تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمى بولسۇن ياكى چوڭ شىركەتلەر بولسۇن، ھەممىسى ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم تېما قىلماقتا. 

يېقىنقى مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا دىققەت قىلغان تورداشلارغا شۇ سىر ئەمەسكى، ئەلى بابا 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ««ئورتاق بېيىشقا ياردەم بېرىشتىكى ئون تۈرلۈك ھەرىكەت»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2025-يىلىدىن بۇرۇن 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز بۇ يەردىكى سان ئۆزى ئەمەس، بەلكى كونكرېت ھەرىكەتتۇر. 

ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ ھەرىكەت پىلانى تەرىپىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. «ئورتاق بېيىش» خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بولۇپ، كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. 
ئىلگىرىكى يازمىمىزدىمۇ بۇ ھەقتە تەھلىل ئېلىپ بارغان ئىدۇق، «14-بەش يىللىق پىلان»دىن كېيىن، بىزنىڭ دۆلەت سىياسىتىمىز «شەھەرلەر توپى تەرەققىياتى»نى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نۇقتىلىق نىشان يېڭى شەھەر ئاھالىسى، يېڭى ياشلارنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى ھەقىقىي تۈردە شەھەرگە سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كاپالىتىنى ياخشى قىلىپ، «ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش. 

بۇ ھەقتە ئەلى بابا ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. ئون تۈرلۈك ھەرىكەتتە، بۇيرۇتمىلىق تاماق يەتكۈزۈش، تېز يوللانما خادىمى قاتارلىق يېڭىچە ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا تاپشۇرۇش پەقەت بىر تەرەپ، يېڭىچە شەھەر ئاھالىلىرىنى ماھارەت ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندىلا، ئاندىن ئۇلار دۇچ كەلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش خەۋپىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، چوڭ شەھەرلەردە تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. 


ئالاقە تورى، بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتتى. جۇڭگو خەلق داشۆسى تېما گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۈرلۈك مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئەلى بابانىڭ ئېكولوگىيەسى تۈرتكە بولغان سودىگەر، ئەشيا ئوبوروتى، ئامبار، سودا مۇلازىمىتى، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى 40 مىليوندىن ئاشقان. ھازىر، چوڭ كارخانىلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قىلىدىغان ئىشى ئالاقىدار ئىش ئورۇنلىرىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، پاراۋانلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاش بولۇپ، ئەلى بابانىڭ بۇ تەدبىرى ئېنىقكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. 

مۇشۇ بىر تەپسىلات ئارقىلىق، ئەلى بابانىڭ بۇ قېتىمقى «ئورتاق بېيىشقا ياردەم بېرىش ئىشىنىڭ نىشانى ناھايىتى ئېنىق، ھەرىكىتىمۇ بىر قەدەر پۇختا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە، ئەلى بابا بىردىنبىر «ئورتاق بېيىش»قا كۈچ چىقارغان چوڭ كارخانا ئەمەس. بۇنىڭدىن بىر مەزگىل بۇرۇن، تېڭشۈن، جىلى، فۇياۋ (福耀) قاتارلىق كارخانىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىدار تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

«ئورتاق بېيىش» نۆۋەتتىكى ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. «باشلامچى ئاكا»لارنىڭ قاتنىشىشى، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. 

سالونىمىزدا تەمىنلەنگەن «ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات» دېگەن يازمىمىزدا تەسۋىرلىگىنىمىزدەك، بىز ھازىر ئۈچىنچى قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ چوڭ ئۆزگىرىشى ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمگەك كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىلا ئەمەس، يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد رەقەملىك تېخنىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 


رەقەملىك تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، شۇنداقلا كۆلىمى زور بىر تۈركۈم باشلامچى شىركەتلەرنىمۇ بارلىققا كەلتۈردى. ئۆتكەن ئون نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇلار ھەتتا كۆرسەتكۈچ دەرىجىلىك (指数级) ئېشىشقا ئېرىشتى. 

«ئورتاق بېيىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى، ئىلگىرى غايەت زور ئېشىش پايدىسىغا ئېرىشكەن بۇ شىركەتلەر جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، ئۆزى زورايغاندىن كېيىن، جەمئىيەتكە قانداق ياردەم بېرىش كېرەك؟ 
جەمئىيەتكە ياردەم بېرىشتە ئىقتىدار ئالدىنقى شەرتى بولۇشى كېرەك. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەلى بابا بۇ 100 مىليارد يۈەننى توردىكى بەزى پاراڭلاردىكىدەك ھەر بىر ئادەمگە 70 يۈەندىن بەرسىلا ئىش پۈتمەيدۇ، بەلكى ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان، ياخشى ئېكولوگىيە شەكىللەندۈرەلەيدىغان ھەرىكەت ۋە تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ سېلىنما ئاددىي ھالدا جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت ياكى «ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات» ئەمەس، بەلكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش، يەنە كېلىپ تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. 

«ئورتاق بېيىش»تا، ئالدى بىلەن چوڭ تورت ياسايمىز، ئاندىن تورتنى ياخشى بۆلگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇمۇ ئەلى بابانىڭ ئەۋزەللىكى. ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەلى بابا تېخنىكا، سودا قاتارلىق ساھەلەردە ئىنتايىن مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى، بۇ تەجرىبىلەر ۋە ئىقتىدارلار مۇكەممەل ئېكولوگىيە شەكىللەندۈردى، شۇنداقلا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نۇرغۇن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ قېتىم ئەلى بابا ئوتتۇرىغا قويغان ئون تۈرلۈك ھەرىكەت ناھايىتى روشەن قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ سودا ئىقتىدارىنى پۈتۈن جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش. 


بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان جانلىق ئادەم ئىشلىتىش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن باشقا، بىز يەنە ئەلى بابانىڭ باشقا ھەرىكەت مەزمۇنىنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ باقايلى. 

«ئورتاق بېيىش» پۈتكۈل خەلقنىڭ بېيىشىدىن ئىبارەت، ياشانغانلار، مېيىپلار بۇ سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ. رەقەملەشتۈرۈشتە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەسلىدە رەقەملەشتۈرۈش نەتىجىسىدىن تولۇق بەھرىلىنەلمەيدىغان توپنى ئۇنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، بىر قىسىم ياشانغانلار، مېيىپلار كۆچمە ھەق تۆلەش، يانفون سىكاننېرى قاتارلىقلارغا ماسلىشالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. بۇ ھازىرقى ئىنتايىن مۇھىم بولغان خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى. بۇ نۇقتا توغرىسىدا، ئەلى بابانىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى مۇنداق دەيدۇ: «ئاجىز كىشىلەر توپىغا قارىتا رەقەملەشكەن مۇلازىمەت ۋە كاپالەت ئېلىپ بېرىش كېرەك.» بۇ ئەلى بابانىڭ نۆۋەتتىكى رەقەملىك جەمئىيەتتە ياشانغانلار ۋە مېيىپلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق نۇقتىسىنى ئېنىق كۆرەلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قانداق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 


«ئورتاق بېيىش»تا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان يەنە بىر توپ كەڭ دېھقانلار بولۇپ، جۇڭگودا كىرىمى ئەڭ تۆۋەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېزىلاردا، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى دېھقانلاردا. شەھەر، يېزا پەرقىنى كىچىكلىتىپ، دېھقانلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، تۇرمۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا بىزنىڭ «ئورتاق بېيىش»ىمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە غايىسى. 

يېزا جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بۇففېر سېلىنچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ شەھەرلەرگە ئۈزلۈكسىز كىرىشىگە ئەگىشىپ، يېزىلارمۇ ئىختىساسلىقلار خارابلىشىشتەك تۈرلۈك تەرەققىيات مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. 

ئالاقە تورى يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەم خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ياخشىلىشى، كەسىپ ساھەسىگە مەبلەغ سېلىپ، شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات ھاڭىنى ھەقىقىي كىچىكلىتىپ، يېزا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشى كېرەك. 

شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، ئەلى بابانىڭ تەپەككۇرى مۇنداق: «كەنت دەرىجىلىك داۋالاش پونكىتى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سانلىق مەلۇماتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇلۇت ئۈستىدىكى «داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى»گە ياردەم بېرىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالاش بايلىقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنىڭ داۋالاش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نۆۋەتتىكى يېزا-كەنتلەردە كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر. 
يېزا-كەنتلەرنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. نۆۋەتتە، يېزا-كەنتلەردىكى ئەڭ مۇھىم كەسىپ يەنىلا يېزا ئىگىلىكى، ئەلى بابا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن بىرلىشىپ يادرولۇق كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەركەزلىك قېزىش مەركىزى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كەسىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن يېزا-كەنت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن تىجارەت تەپەككۇرى قالاق بولغاچقا، ماركېتىڭ تەشۋىقاتنى ياخشى قىلالماسلىق، مەھسۇلاتنىڭ داڭقىنى چىقىرالماسلىق، يۇقىرى باھادا ساتالماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ئەلى بابا يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ رايون ماركىسى يارىتىشىغا ياردەم بېرىپ، زامانىۋى سودىنىڭ بەزى ئىگىلىك باشقۇرۇش تەپەككۇر ئەندىزىسىنى يېزا-كەنتلەرگە يەتكۈزىدۇ. 

ئىختىساسلىقلار كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يادروسى، يېزا-كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياشلارنى يۇرتىغا قايتىشقا جەلپ قىلىش كېرەك، ياشلار يۇرتىغا قايتىشنى خالىسا، ياخشى كەسىپ، ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالى، ياخشى مائاش تەمىناتىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەلى بابا ئوتتۇرىغا قويغان «تولۇقلىما بېرىش پىلانى»دا، توغرا يۆنىلىشلىك ئايلىنىشنى بەرپا قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولامدۇ-يوق؟ بۇنى بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز. 


«ئورتاق بېيىش» يەككە كىشىلەرگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە «ئاۋۋال بېيىغان»لارنىڭ «كېيىن بېيىغۇچى»لارنى يېتەكلىشى، چوڭ كارخانا ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئىناق بىللە ياشايدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگودا ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار % 70 لىك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتتى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەرگەندىلا، ئەڭ كۆپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە، ئەلى بابا ئەزەلدىن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تىجارىتىدىكى مۇھىم بازا، مەيلى B2B نىڭ تاشقى سودا سودىگەرلىرى بولسۇن ياكى تاۋباۋ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بولسۇن، ئەلى بابا ئېكولوگىيەسىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردۇر. 

ئون تۈرلۈك ھەرىكەتتە، ئەلى بابا ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كۈندىلىك تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ھەمدە چەت ئەل بازىرىنى ئېچىش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىقلارغا ۋەدە بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەلگە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلى بابا چوڭقۇر toB مۇلازىمەت گېنىغا ئىگە شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نەچچە ئون مىليون دەرىجىلىك خېرىدارغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ خېرىدارلارنىڭ رەقەملىشىش تىپىنى ئۆزگەرتىشى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ، شۇنداقلا ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 


بىز «ئورتاق بېيىش»نى بىر تەرەپلىمە ھالدا چۈشەنسەك بولمايدۇ. «ئورتاق بېيىش»نىڭ نىشانى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، لېكىن ئۇ چوقۇم «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاۋۋال «بېيىش» كېرەك، شۇندىلا «ئورتاق» بولىدۇ. شۇڭا چوڭ كارخانىلارنىڭ ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى بولۇپلا قالماي، يەنە كەلگۈسىدىكى «ئېشىش موتورى»غا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. 

«ئېشىش موتورى» بولسا «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» ۋە «يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى (新动能)»دىن ئايرىلالمايدۇ. 

ھازىر بىز گەرچە رەقەم دەۋرىگە قەدەم قويغان بولساقمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ رەقەملىشىش قۇرۇلۇش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، تەرەققىي قىلمىغان بەزى رايونلارنىڭ «رەقەملىك ئاساسىي قۇرۇلۇش» دەرىجىسى بىرقەدەر ناچار بولۇپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ۋە ئېشىشنى چەكلەپ قويىدۇ. 
ئەلى بابا تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ بىرىكىشىگە مەبلەغ سېلىش ۋە تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە «رەقەملىك ئاساسىي قۇرۇلۇش»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، تەرەققىي قىلمىغان تېخىمۇ كۆپ رايونلارنى رەقەملەشكەن كەسىپكە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمەلىيەتتە، ئەلى بابا خېلى بۇرۇنلا خېبېينىڭ جاڭبېي، گۈيجوۋنىڭ گۇيئەن قاتارلىق جايلىرىدا سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى قۇرغان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سۈيئەنگە ئوخشاش تاغلىق رايون، ناھىيەلەردە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تەرەققىي قىلمىغان رايونلارغا چۆكۈپ، تەدرىجىي ھالدا يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى موتورغا ئايلانغان. 

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى» جەھەتتە، پەن-تېخنىكا كەسىپ فوندى تەسىس قىلىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تۈرلۈك مۇكاپاتلاش ۋە تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا پاتېنتىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك. 

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەلى بابانىڭ ئون چوڭ ھەرىكىتى، ھەقىقەتەن ئۆز ئەۋزەللىكى، يەنى «رەقەملىك پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى»، «كارخانا مۇلازىمىتى»نى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندىن كېيىن، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۆۋەتتىكى جەمئىيەتنىڭ قىيىنچىلىق نۇقتىسىغا قاراتمىلىقى بولغان يىرىك پىلان لايىھەسىدۇر. 

ئەگەر بۇ لايىھە ئەمەلىيلەشسە، بۇ 100 مىليارد يۈەن «كۆپەيتكۈچى ئېففېكتى (乘数效应)»نى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ غايەت زور ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادكارلىقىنى قوزغاپ، 100 مىليارد يۈەنلىكلا قىممەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلى بابانىڭ 10 تۈرلۈك ھەرىكىتىمۇ باشقا رەقەملىك پەن-تېخنىكىلارنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ. «ئورتاق بېيىش»قا ياردەم بېرىش ئەسلىدە 3-قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىسلاھاتىدا دەۋرنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ماگناتلار زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك «ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت» بولۇشى، ھەرگىزمۇ پاسسىپ ھالدا «تەڭگە چېچىش» بىلەن ئىش پۈتكۈزۈشكە ئورۇنماسلىقى كېرەك. 

چۈنكى، بىز ھازىر دۇچ كەلگەن ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئادەمسىز رايونغا كىردى، ھەرگىزمۇ 20، 30 يىل ئىلگىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سۆڭگىچىنى سىلاپ تۇرۇپ دەريادىن ئۆتىدىغان ۋاقىت ئەمەس. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلىپ رەقەملىشىش باسقۇچىغا كەلگەندە، «كاپىتال»نىڭ ئۆزى ئېلىپ كېلىدىغان ئۈنۈم ئۇنچە يۇقىرى بولمايدۇ، پەقەت «پۇل چېچىش» ئارقىلىقلا ئەھمىيەتلىك ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىش ئېلىپ كەلگىلى بولمايدۇ. 


شۇڭا، «ئورتاق بېيىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش بىرىكمە مۇشتنى ئېتىش كېرەك، پۇلنى قەيەرگە خەجلەش، قانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك؟ كونكرېت قانداق خەجلىگەندە ئەڭ چوڭ قىممەت ياراتقىلى، جەمئىيەتتە ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى كاللا ئىشلىتىپ ئويلىنىدىغان مەسىلىلەر. ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ، تەپسىلىي لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە كەڭ جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. 

يېقىندىن بۇيان، ئەلى بابا «كۆپ باش ئاغرىقى»نى باشتىن كەچۈردى، جامائەت ئوبرازىمۇ بەلگىلىك زەربىگە ئۇچرىدى. 

بىراق، 8-ئاينىڭ 17-كۈنى مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىدا «ئورتاق بېيىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەلى بابا 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ «ئون تۈرلۈك ھەرىكەت» لايىھەسى چوڭقۇر ئويلىنىپ ۋە تەتقىق قىلىنىپ، بۇ شىركەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى سەمىمىي پوزىتسىيەسى ۋە ئەمەلىيەتچىل روھىنى ئەكس ئەتتۈردى. 
كەلگۈسىدە، ئەلى بابانىڭ ئون تۈرلۈك ھەرىكەت بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ھەمدە ئاممىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق بولغاندىلا ئۇ يەنىلا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قەلبىدىكى «ياخشى كارخانا» بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئەلى بابادىن ئۆگىنىپ، پائال ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە ياردەم بېرىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش ئارقىلىق، «ئورتاق بېيىش» نىشانىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلاندى. 

تەرجىمىدە: نەپكار


يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىت»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئۆلمەس كىتاب «باي دادام، نامرات دادام (قايتا تەرجىمىسى)» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسىمى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 


ئەگەر يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۈندىدار 345760552 نى قوشۇپ ئېرىشىڭ!

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296