大数跨境

2022-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

2022-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى NepKan
2021-11-28
0
导读:2021-يىلى ئاخىرلىشىشقا يەنە بىر ئايلا ۋاقىت قالدى! يىل بېشىدا بېكىتكەن يىللىق نىشانلىرىڭىز ئەمەلگە ئ
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2021-يىلى ئاخىرلىشىشقا يەنە بىر ئايلا ۋاقىت قالدى! يىل بېشىدا بېكىتكەن يىللىق نىشانلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟
مەيۈسلەنمەڭ! بۈگۈن سىزگە بۇ خۇش خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلدۇق↓↓

2022-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش بىزگە قول پۇلاڭلاتماقتا


يەنە ئىككى خىزمەت كۈنىدىن كېيىن 11-ئاي ئاخىرلىشىدۇ، 12-ئايدا 23 خىزمەت كۈنى بار. ھەممىسىنى قاتساق جەمئىي 25 خىزمەت كۈنى بولىدۇ، يەنى 25 كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن 2022-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىشقا ئۇلۇشىمىز.
ئەمىسە خۇشاللىق ياشلىرىڭىزنى سۈرتىدىغانغا قەغەز تەييارلىۋېلىڭ، ئالدىمىزدىكى بايراملىق دەم ئېلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى باشلىدۇق:

ئالدىمىزدىكى يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا 3 كۈن دەم ئالىمىز
چاغاندا 31-يانۋاردىن 6-فېۋرالغىچە جەمئىي 7 كۈن دەم ئالىمىز، 29-يانۋار (شەنبە)، 30-يانۋار (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىمىز؛
چىڭمىڭ بايرىمىدا 3-ئاپرېلدىن 5-ئاپرېلغىچە جەمئىي 3 كۈن دەم ئالىمىز، 2-ئاپرېل (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىمىز؛
ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 30-ئاپرېلدىن 4-مايغىچە جەمئىي 5 كۈن دەم ئالىمىز، 24-ئاپرېل (شەنبە)، 7-ماي (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىمىز؛
دۈەنۋۇ بايرىمىدا 3-ئىيۇندىن 5-ئىيۇنغىچە جەمئىي 3 كۈن دەم ئالىمىز؛
جۇڭچيۇ بايرىمىدا 10-سېنتەبىردىن 12-سېنتەبىرگىچە جەمئىي 3 كۈن دەم ئالىمىز؛
دۆلەت بايرىمىدا 1-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە جەمئىي 7 كۈن دەم ئالىمىز، 8-ئۆكتەبىر (شەنبە)، 9-ئۆكتەبىر (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىمىز.

دېمەك، 2022-يىلىدا بىزنى ئەنە شۇنداق كۆپ بايراملار كۈتۈپ تۇرماقتا!

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0