大数跨境

مېتا ئالەم ۋە بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىمىز

مېتا ئالەم ۋە بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىمىز NepKan
2021-10-30
1
导读:«بىز ئالاقە تورىنىڭ كېيىنكى بابىنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمىز، بۇمۇ شىركىتىمىزنىڭ كېيىنكى بابى.» دەيدۇ زاكې
2021-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، Facebook Connect چوڭ يىغىنىدا، زاكېربېرگ Facebook نىڭ ئىسمىنىڭ Meta غا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (بۇ يەرنى چېكىپ «Facebook نامىنى رەسمىي ھالدا Meta غا ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى» ناملىق يازمىنى كۆرۈڭ!)

ئوچۇق خەتتە زاكېربېرگ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «Facebook قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئالاقە تورى سۇپىسى كومپيۇتېردىن كۆچمە ئۈسكۈنىگىچە، يېزىقتىن سىنغىچە بولغان تەدرىجىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى، ئەمما بۇ تېخى ئاخىرلاشمىدى: 
«كېيىنكى سۇپا تېخىمۇ ئەمەلىي ئەھۋالغا دۇچ كېلىدۇ، بۇ بىر ئەمەلىي گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئالاقە تورى، سىز ئۇنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىن ھېس قىلالايسىز. بىز ئۇنى Metaverse دەپ ئاتايمىز، مېتا ئالەم، ئۇ بىز بەرپا قىلغان ھەر بىر مەھسۇلاتقا چېتىلىدۇ.» 

Facebook نىڭ بۇ قېتىمقى نامىنى ئۆزگەرتىشى ئادەمنى باغلاپ تۇرىدىغان بىر شىركەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ھۆكۈمىدۇر.
«بىز ئالاقە تورىنىڭ كېيىنكى بابىنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمىز، بۇمۇ شىركىتىمىزنىڭ كېيىنكى بابى.» دەيدۇ زاكېربېرگ.


گەرچە زاكېربېرگنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ناھايىتى ياخشى كۆرسىمۇ، Meta دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئىلھامى Metaverse دىن ئەمەس، بەلكى گرېك تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «ھالقىش» دېگەنلىك بولىدىكەن، ئەمما Metaverse بولسا كېيىنكى بابتىكى تېما ئىكەن. 
بۇ سىرلىق Metaverse زادى نېمە، راستىنلا شۇنداق ياخشىمۇ؟ 

بىرىنچى، Metaverse ئۇخلاشنىڭ ھاجىتى يوق بىر دۇنيا 
Metaverse، يەنى «مېتا ئالەم (مېتا ئالەم)» رېئال دۇنياغا پاراللېل بولغان، ئەمما يەنە رېئال دۇنيا بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەۋھۇم بوشلۇق. ئۇنىڭغا بېرىلىپ كەتكەن كىشىلەر بۇ مەۋھۇم دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ، پەقەت يەپ-ئىچىش، سىيىپ-چىچىش ئىشلىرىدىلا رېئال دۇنياغا قايتىدۇ. 
تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، كەلگۈسىدىكى كىشىلەر بىر كۈندە 24 سائەت ئىچىدە، پەقەت قىسقىغىنا بىر نەچچە سائەتلا ھەقىقىي دۇنيادا، قالغان ۋاقىتنىڭ ھەممىسى مېتا ئالەمدە ياشايدۇ. بۇ ئاڭلىماققا تولىمۇ فانتازىيەدەك بىلىنىدۇ، بىراق بۇمۇ نورمال، يانفونىڭىزنى ئېچىپ ئىشلىتىش ۋاقتىغا قاراپ بېقىڭ، بىر كۈندە 10 سائەتكە يېتىدۇ. 

كىشىلەرنى مەۋھۇم دۇنيادا خۇشال ۋە ئىختىيارىي ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىرىلىش تۇيغۇسى (沉浸感) چوقۇم ئىنتايىن يېتەرلىك بولۇشى كېرەك. كىشىلەر مېتا ئالەمدە ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇكەممەل ئىقتىسادىي سىستېما ئارقىلىق جەمئىيەت ھەرىكىتىنى قوللايدۇ، ھەمدە ھەقىقىي دۇنيا ۋە رەقەملىك دۇنيادىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ. ھەرقانداق سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنىڭ ئوبرازى، مەزمۇنى، بايلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېتا ئالەم بوشلۇقىدا ئوبوروت قىلىنىدۇ، ئالاقە تورى شىركىتىمۇ سۇپا مەزمۇنى، ماگىزىن، ئويۇنلارنى مېتا ئالەم بوشلۇقىغا يۆتكەپ، ئۇنى تېخىمۇ گۈللەندۈرىدۇ. 

نېمە لازىم بولسا شۇ بار، بانكىمۇ بار، تۈرمىمۇ بار، ھەتتا ئىچىدە ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ | «كونتروللىقىنى يوقاتقان ئوينىغۇچى» 

مېتا ئالەمنىڭ سەككىز چوڭ بەلگىسى بار، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا سالاھىيەت، دوستلۇق، بېرىلىش تۇيغۇسى، تۆۋەن كېچىكىش، كۆپ مەنبەلىشىش، خالىغان يەر، ئىقتىساد سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت. 
ئەڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك بولسا سالاھىيەت تۇيغۇسى. سالاھىيەت تۇيغۇسى سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. دوست تۇتۇش ئارقىلىق، مېتا ئالەم دۇنياسىدا تېخىمۇ كۆپ بايلىق جۇغلاپ، تولۇق بېرىلگەن مەۋھۇم بوشلۇقنىڭ ھەممىسىدە سالاھىيەت تۇيغۇسىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. 
يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا تېخىمۇ تەبىئىي ئالماشتۇرۇش. بىز ھازىر خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن يىراق مۇساپىلىك يىغىن ئاچماقچى، يىغىن يۇمشاق دېتالىنى ئېچىپ، يىغىن نومۇرىنى كىرگۈزۈپ قايتا-قايتا جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما مېتا ئالەم بوشلۇقىدا سىز خىزمەتدىشىڭىزنىڭ يېنىغا بارسىڭىزلا، ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. بۇ خىل ئالماشتۇرۇش ھازىرقى «قورال» تەپەككۇرىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلايدۇ. 
مېتا ئالەم ئاڭلىماققا بىزدىن ناھايىتى يىراقتەك بىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىز ئۇنىڭ ئىچىگە سىڭىشىپ قالدۇق. بىزنىڭ ئويۇندا دوست تۇتۇشىمىز، ئۈندىداردا قىزىل بولاق ئېتىشىمىز، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى بىر خىل مېتا ئالەم تەسىراتى بولالايدۇ. 

ھايۋاناتلار سېنيو يىغىنى يەنە بىر خىل مېتا ئالەم تەسىراتىدۇر

ئۇنداقتا ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرى مېتا ئالەم ھېسابلىنامدۇ؟ ھېسابلىنىدۇ ھەم ھېسابلانمايدۇ. ئۇلار كەلگۈسى مېتا ئالەمنىڭ بىر قىسمىي توپلىمى، شۇنداقلا ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىپ كەلگۈسىدىكى مېتا ئالەم (ئېلېمېنتار ئالەم)نىڭ بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولالايدۇ. لېكىن ئۇلار يەنىلا مېتا ئالەمنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىمىغان. 

نۆۋەتتىكى بارلىق رەقەملەشكەن ساھەلەردە، ئويۇن مېتا ئالەمنىڭ بىر خىل شەكلىگە ئەڭ يېقىن، ئەمما ئىقتىدارى بەك ئاز. 

ئۈندىدارمۇ بۇنىڭدىن خېلى يىراق. گەرچە بىز ھەر كۈنى ئۈندىدارغا نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ھەقىقىي تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز، بېرىلىش تۇيغۇسى كۈچلۈك ئەمەس، ئۆزىنىڭ پۇل ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىسىمۇ يوق، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئىپتىدائىي مەۋھۇم تۈرنى تېخىمۇ دېمەيلا قويايلى. 

ئىككىنچى، قانداق قىلغاندا مېتا ئالەمگە بارغىلى بولىدۇ؟ 
AI ۋە رايون-بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى مېتا ئالەمنى ئىلمىي فانتازىيەدىن يېقىن كەلگۈسىگە ئېلىپ كەلدى. 
AI نىڭ ئاساسلىق رولى زور مىقداردىكى رەقەملىك مەزمۇنلارنى تېز سۈرئەتتە ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. ئويۇن ۋە مېتا ئالەمگە ئوخشاش، ماھىيەتتە ھەممىسى رەقەملىك مەزمۇنلاردۇر. ئېلېمېنتار كائىناتتا (مېتا ئالەمدە)، رەقەم مەزمۇنى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە خورايدۇ، مەزمۇننىڭ ھەجىم مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، ماسسىسىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئەنئەنىۋى ئېچىش ئۇسۇلىنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا AI ئېلېمېنتار كائىناتتىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالقا. كەلگۈسىدىكى مېتا ئالەمدە، ھەتتا سىزنى چۈشىنىدىغان، سىزنى سۆيىدىغان NPC كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن. 

بەلكىم يەنە AI بىلەن مۇھەببەتلىشەلىشى مۇمكىن | «كونتروللىقىنى يوقاتقان ئوينىغۇچى» 

ئۇنداقتا رايون زەنجىرىنىڭ قانداق رولى بار؟ كىشىلەرنىڭ مەۋھۇم دۇنياغا ئارىلىشىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، رايون-بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان تۈرلۈك پۇللار مېتا ئالەم ئىقتىسادىي سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىدۇ. 
ئەڭ مۇھىم رولى «ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش». بىز ھازىر ئويناۋاتقان نۇرغۇن ئويۇنلارنىڭ ئىچىدە، سانلىق مەلۇمات مۈلكىگە ئويۇن ئوينىغۇچىلار ھەقىقىي ئىگە بولالمايدۇ. ئويۇن ئاچقۇچىلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئويۇننى توختاتقاندا، ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ ئويۇنغا نەچچە يۈز سائەت سەرپ قىلىپ ئېرىشكەن دەرىجىسى ۋە رولىمۇ پۈتۈنلەي يوققا چىقىدۇ. رايون ـ بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، زەنجىرگە ئورنىتىلغان بىر ئويۇننى ھەرقانداق ئادەم مەجبۇرىي ئېتىۋېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئويۇنچىلارنىڭ ئويۇن ھالىتى ۋە رەقەملىك مۈلۈك قاتارلىق ئۇچۇرلىرى رايون-بۆلەك زەنجىرىدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالىدۇ. 
بۇنىڭدىن باشقا، رايون-بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىمۇ ئابونىچىلارنى مۈلۈكنى تەكرار ئىشلىتىش ۋە سودا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. چۈنكى ھازىر ئوخشاش بولمىغان ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئارا مۇستەقىل بولۇپ، ئالتۇن كان ئىشچىلىرىدىن تاپقان تىللالارغا پادىشاھنىڭ شان-شۆھرىتى (王者荣耀)دىن رول سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاسان، يەنى مەۋھۇم پۇل مۈلكىنى يەككە ئويۇنغا ئەمەس، مەركىزىي ھېسابات نومۇرىغا باغلاش كېرەك، بۇنداق مەۋھۇم پۇلنى ئوخشاش بولمىغان ئويۇنلاردا تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئوينىغۇچى ۋاقىت ۋە پۇل سەرپ قىلغاندىن كېيىن، ئويۇندىكى رولنى ئىنتايىن خاسلاشتۇرۇلغان ئوبراز قىلىپ ياساپ چىقىدۇ، بۇ ئوبرازلارنى ئوينىغۇچى ئۆزى ئېلىپ چىقىپ سودا قىلىدۇ. 

كەلگۈسىدە سىز پادىشاھنىڭ شان-شۆھرىتى (王者荣耀) ۋە ئالتۇن كان ئىشچىسىدا ئوخشاش بىر گەۋدە توشقان تېرىسى بىلەن «كونتروللىقىنى يوقاتقان ئوينىغۇچى»نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ 

ئۇنداقتا مېتا ئالەم بوشلۇقىغا قانداق كىرىش كېرەك؟ VR (مەۋھۇم رېئاللىق) ئۆزىنىڭ نەق مەيداندىكى بېرىلىش تۇيغۇسى ۋە سەزگۈچى قول بىلەن ئۆزئارا ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئاتا قىلالايدۇ، ئۇ خېلى ياخشى كىرىش ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. 
بىراق، ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىن قارىغاندا، ھەربىر ساھەدە بىر قىسىم ئېلېمېنتار كائىناتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى بولۇشى مۇمكىن، پەقەت ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە قانداق قىلىپ ھەرىكەتچان ھەم خاسلاشقان دىئالوگلۇق مەزمۇنلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە قاراش كېرەك. VR بولىدۇ، AR (كۈچەيتىلگەن رېئاللىق)تىمۇ پۇرسەت بار، ئويۇن ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئوخشاشلا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. 

AR كۆزەينىكىنى تاقاپ، ئېلېمېنتار كائىناتقا كىرىش 

كۆرۈش بۇلۇڭىنى تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ كەڭ جايلارغا قاراتقاندا، مېتا ئالەم بىر خىل ئىنتايىن مۇھىم بولغان تۇرمۇش ۋە ھېس قىلىش ئۇسۇلىغا ئايلىنىدۇ. بىز مەۋھۇم دۇنيانىڭ دىپلومىغا ئىرىشەلەيمىز، ھەتتا مەۋھۇم دۇنيادىكى شىركەتلەردە ئىشلەپ، خىزمەت ئارقىلىق ئېرىشكەن پۇل ئارقىلىق رېئاللىقتىكى تاماقلارنى سېتىۋالالايمىز. 

مېتا ئالەم بوشلۇقىغا كىرىپ ئىشلەشنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقى تېخى نامەلۇم | «كونتروللىقىنى يوقاتقان ئوينىغۇچى» 

رېئال دۇنيادا نوپۇسنىڭ كېڭىيىشى بايلىق ۋە بوشلۇقنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ئەمما مەۋھۇم دۇنيادا كىشىلەر، جۈملىدىن يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق جانلىقلار تەبىئىي بايلىق ۋە فىزىكىلىق بوشلۇقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا قاتناشقان ئەزالارنى نەزەرىيە جەھەتتىن چەكسىز كېڭەيتىشكە بولىدۇ. 

ئۈچىنچى، كەلگۈسىدىكى Facebook قانداق بولىدۇ؟ 
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنى، پەقەت نۆۋەتتىكى بىر قەدەر ئاساسىي ئېقىمدىكى بىر خىل مېتا ئالەمنى چۈشەندۈرۈش بولۇپ، تېخى شەكىللەنمىگەن يېڭىدىن گۈللەنگەن شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مېتا ئالەمنىڭ ئۆزىدە يەنە چەكسىز مۇمكىنچىلىك بار، ئەڭ ئاخىرقى فورماتسىيە بىزنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگىنىمىز بىلەن ناھايىتى يىراق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بىز ھېچ بولمىغاندا Facebook نىڭ قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى، يىغىندا زاكېربېرگمۇ Facebook (ھازىر ئىسمى Meta) نى ئېلان قىلدى!) ئېلېمېنتار كائىناتلىشىشتىكى بەزى يېڭى سىناقلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 
Meta بايرىقى ئاستىدىكى Horizon سۇپىسىغا VR يېڭى ئىقتىدارى − Horizon Home قوشۇلدى. ئابۇنىچىلار بۇ بوشلۇققا ئۆزلۈكىدىن ئېنىقلىما بېرەلەيدۇ، مەسىلەن، دوستلىرى بىلەن يىغىلىدىغان بوشلۇقنى ئالەم بوشلۇقى بۆلمىسى قىلىپ لايىھەلەپ، ئۆزىنى ماشىنا ئادەم قىلىپ ياساپ چىقىدۇ. دوستلار يەنە بىر يەرگە جەم بولۇپ مۇزىكا ئاڭلىيالايدۇ، تىكتاك توپ ئوينىيالايدۇ. 

Horizon Home ئىچىدە، سىز دوستىڭىز بىلەن يىغىلىش قىلسىڭىز بولىدۇ | Meta 

Meta دا يەنە يېڭىدىن VR ئۈچۈن قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسىدىكى چوڭ IP ئويۇنى «پالۋان ئوغرى ئوۋلاش ماھىرى: سان ئاندىلىس» ئېلان قىلىنغان. ئىجتىمائىي ئالاقە، ئويۇن، مائارىپ ۋە خىزمەت قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ يېڭى پىلانلار تۈزۈلۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى Meta غا كىرگۈزۈلدى. 
قاتتىق دېتال جەھەتتە، Meta بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى بولغان باشقا تاقايدىغان ئېكراننى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭغا سەپلەنگەن تېلېكامېرا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى پۈتۈن رەڭلىك سىننى باشتىن ئاخىرى تاقايدىغان ئۈسكۈنىگە يەتكۈزۈپ، مەۋھۇم بوشلۇقتا تېخىمۇ ھەقىقىي دىئالوگ تەسىراتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. Meta ھەتتا بەدەن چېنىقتۇرۇش زاپچىسى Active Pack نى بازارغا سالغان بولۇپ، VR تىڭشىغۇچىنى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىسىگە، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. 

Meta نىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئويۇن ئىقتىدارى تېخىمۇ مول

بىراق، زاكېربېرگنىڭ ئىسىم ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى يەنىلا خەتەرلىك بولۇپ، تېكساس قارت ئۈستىلىگە بىر قوللۇق All in نى تۇتۇپ قويغانغا باراۋەر، پۈتۈنلەي يەڭمىسىلا، تولۇق زىيان تارتقانغا باراۋەر بولىدۇ. ئەمما 13 يىل بۇرۇن ئۇ بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ دەۋرىنى ئاچقان، كىم بىلىدۇ ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق دودا ئۇتۇپ چىقالامدۇ-يوق؟
 مەنبە: شاكال سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
------------


بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!


تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!



يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ. 

يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. 



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0