大数跨境

ئۆزگەرگەن ۋىرۇس زەھەرلىك تۈپى ئومىكرون پۈتۈن يەر شارىغا تارقالدى

ئۆزگەرگەن ۋىرۇس زەھەرلىك تۈپى ئومىكرون پۈتۈن يەر شارىغا تارقالدى NepKan
2021-11-28
3
导读:ئالىملار يېڭى ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ۋە ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق
شۇ يەر ۋاقتى 27-چېسلا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار يېڭى تاجىسىمان يېڭى تىپتىكى ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى «ئومىكرون (Omicron)»نى بايقىدى، نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر يۇقۇمدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە چىڭىتتى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى شۇ يەر ۋاقتى 28-سىنتەبىر كەچتىن باشلاپ بارلىق چەتئەللىكلەرنىڭ چىگرىدىن كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. «يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن زەھەرلىك تۈپ ئومىكرون»نىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش يەر شارى بويىچە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ يېڭى نىشانى بولۇپ قالدى. 

شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا، جەنۇبىي ئافرىقا يوھانىسبۇرگ ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانىدا، يوھانىسبۇرگدىن ئەنگلىيەنىڭ لوندون شىسرو ئايرودۇرۇمىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلدى. رەسىم مەنبەسى: شەرق IC 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى B1.1.529 ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپىنى «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى»گە كۆتۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا «ئومىكرون» دەپ نام بەرگەن. بۇ ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپىدە زور مىقداردا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغان، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. (بۇ يەرنى بېسىپ «جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يېڭى كېسىلى يەر شارى بازىرىنى پاچاقلىۋەتتى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

ياۋروپا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئۆزگەرگەن ۋىرۇس زەھەر تۈپى 2019-يىلىدىكى يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى كەڭ كۆلەمدە تارقالغاندىن بۇيان، ئەڭ كۆپ تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى ئىكەن. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بوتسىۋانا، جەنۇبىي ئافرىقا، ئىسرائىلىيە ۋە بېلگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئومىكرون» ناملىق ئۆزگىرىشچان ۋىرۇس زەھەر تۈپى نۇرغۇن رايونلاردا پەيدا بولغان. 
«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى مەزكۇر زەھەر تۈپى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن بىر بىمارنى ھەمدە گۇمانىي يۇقۇملانغان يەتتە بىمارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە ئۈچ ئادەم يېقىندا چەتئەلگە چىقىپ باقمىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مەھەللىدە يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىغان. «ئومىكرون» بىلەن يۇقۇملانغان بىمارنىڭ يېقىندا ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دۆلەت مالاۋىغا بېرىپ باققانلىقىنى جەزملەشتۈردى. 
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندىمۇ يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر بىمارنىڭ ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى «ئومىكرون» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، شۇ جاي ۋاقتى 28-نويابىر كەچتىن باشلاپ، بارلىق چەتئەللىكلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاخبارات تارماقلىرى «ئومىكرون» بىلەن يۇقۇملانغان بىمارنى بايقىغان دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرگەنلەرنىڭ ئورنىنى بېكىتىدۇ ۋە ئىز قوغلايدۇ. 

«بۈگۈنكى رۇسىيە (RT)»نىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە «دۇنيا بويىچە ئەڭ قاتتىق قامال قىلىش بۇيرۇقى»نى يولغا قويۇپ، دۇنيا بويىچە چېگرا پۈتۈنلەي ئاز دېگەندە ئىككى ھەپتە تاقالغان تۇنجى دۆلەتكە ئايلانغان. پەقەت «مۇستەسنا كومىتېت (例外委员会)» ناملىق ھۆكۈمەت ئورگىنى ئالاھىدە تەستىقلىغان خادىملارلا مۇشۇنداق ئالاھىدە مەزگىلدە چېگرىدىن كىرەلەيدۇ. 

شۇ يەر ۋاقتى 27-چېسلا، ئەنگلىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتتە يېڭى ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى بىمار بايقالغان. ئەنگىلىيە سەھىيە ۋەزىرى جاۋىد شۇ كۈنى يېڭى بايقالغان ئىككى بىمارنىڭ ئافرىقىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى ساياھەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى جونسون مۇنداق دېدى: يېڭى چەكلەش تەدبىرلىرى ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىملار يېڭى ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ۋە ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلايدۇ. 
شۇ كۈنى گېرمانىيە باۋارىيە شىتاتلىق سەھىيە مىنىستىرلىقىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ئىككى بىمارنى ئېلان قىلدى، شۇ جايدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى بىمار 24-چېسلا ميۇنخېن ئايرودۇرۇمىدا گېرمانىيەگە كىرگەن، ئەينى چاغدا گېرمانىيە جەنۇبىي ئافرىقىنى ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش رايونى قىلىپ بېكىتكەن. 

نيۇ-يورك پېشۋالار مەيدانىدا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش چېدىرى تەسىس قىلىندى. رەسىم مەنبەسى: شەرق IC 
يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە ئامېرىكىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 25-چېسلاغا قەدەر، ئامېرىكىدا يەتتە كۈن ئىچىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 94 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47 ئاشقان. (بۇ يەرنى بېسىپ «يېڭى ۋىرۇس: پۈتۈن يەر شارى جىددىيلىشىپ كەتتى!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش جەھەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا، يېقىندا جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردە بايقالغان «ئومىكرون»نىڭ ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپى ئامېرىكا چېگرىسى ئىچىگە تارقىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. 
ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى (NBC)نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئومىكرون»نىڭ ئۆزگەرگەن زەھەر تۈپىنىڭ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، ئامېرىكا نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى خوچۇل (hochul) نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ «ئاپەتلىك جىددىي ھالىتى»گە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان. 
بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە، كورىيە، برازىلىيە، كانادا ۋە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسىنى جاكارلىدى. 


شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگان تورى ئاخبارات ئېلان قىلدى 
جۇڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت تورىنىڭ 27-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەھىيە مەھكىمىسى سەھىيە مۇداپىئە مەركىزى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئۆزگەرگەن ۋىرۇس زەھەر تۈپى «ئومىكرون»نى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 28-چېسلا سائەت نۆلدىن باشلاپ، مەركەز ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى سەككىز رايوندىن شياڭگاڭغا كىرگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چوقۇم جۇگاۋۋەن كارانتىن مەركىزىگە بېرىپ يەتتە كۈن كارانتىن قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، بۇ مەزگىلدە چوقۇم ھەر كۈنى ۋىرۇس تەكشۈرۈشى ھەم تېببىي خادىملارنىڭ بۇ كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. 

دېلتا زەھەرلىك تۈپى بىلەن ئومىكرون زەھەرلىك تۈپىنىڭ تىكەنلىك بۆرتمە ئاقسىلىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش سېلىشتۇرمىسى 

شۇ يەر ۋاقتى 27-نويابىر، ئىتالىيە رىم بالىلار دوختۇرخانىسى پەن تەتقىقات ئەترىتى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئۆزگەرگەن زەھەرلىك تۈپ ئومىكروننىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. 
سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تاجىسىمان ئۆزگەرگەن ۋىرۇس دېلتا زەھەرلىك تۈپىگە سېلىشتۇرغاندا، ئومىكروننىڭ زەھەرلىك تۈپىدە تېخىمۇ كۆپ تىكەنسىمان ئۆسۈكچە ئاقسىلى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن. بۇ ئۆزگىرىشلەر كۆپ خىللاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسمى ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان رايونغا جايلاشقان. 
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسى ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە يەنىمۇ ماسلىشىدۇ، لېكىن تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇشى ناتايىن. 
مەنبە: 长安街知事 سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296