搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
چولپانلارنىڭ باجدىن قېچىش ھېكايىسى: قورغاستىكى «چوڭ چېكىنىش»
>
چولپانلارنىڭ باجدىن قېچىش ھېكايىسى: قورغاستىكى «چوڭ چېكىنىش»
NepKan
2021-12-22
2
导读:كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى باج ماجىرالىرى ئارقا-ئارقىدى
كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى باج ماجىرالىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، چولپانلارنىڭ ئارقىسىدىكى «باج مەخپىيىتى» ئاستا-ئاستا
ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.
بۇ يەرنى بېسىپ «بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق جەرىمانە...» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «1 مىليارد 341 مىليون يۈەنلىك باج جەرىمانىسى ۋە ئۈچ سىگنال» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «خەير-خوش ۋېي يا: كېيىنكى يۈزلىنىش قانداق بولىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
ئۇلار ئۆزىنىڭ سودا خەرىتىسىنى جىددىي تەڭشەۋاتىدۇ.
12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى تيەنيەن تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ھازىر 9700 دىن ئارتۇق سەنئەتكارلار ۋاسىتىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك شىركەت بار (تىجارەت دائىرىسى سەنئەتچىلەر ۋاسىتىچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھالىتى تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، ساقلىنىۋاتىدۇ، يۆتكەپ كىرگەن، يۆتكەپ چىكەتكەن دېگەندەك ھالەتتە). شىركەت نامى «خىزمەتخانىسى» دەپ ئاتالغانلىرى 600 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شەخسىي شېرىكسىز شىركەت ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %99.5 كە يېتىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى سەنئەتكارلار ۋاسىتىچىلىرىغا ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ يىللىق تىزىمدىن ئۆچۈرۈش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى، 1000 دىن ئارتۇق سەنئەتكارلار ۋاسىتىچىسىغا ئالاقىدار شىركەتلەر رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن. 12-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، سودا-سانائەت بويىچە تىزىملانغانلىرىنى ئۆلچەم قىلغاندا، بۇ يىل 1000 دىن ئارتۇق سەنئەتكارغا مۇناسىۋەتلىك شىركەت رويخەتتىن ئۆچۈرۈلدى.
شىنجاڭنىڭ قورغاس، خەينەندىن جياڭسۇ شىنيىغىچە، توپلىشىپ «خىزمەتخانا»لارنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشتىن «چەكلىك شېرىكچىلىك»كىچە، چولپانلارنىڭ پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر، ئۇسۇلى رەڭدار ئىدى. بىراق، باجدىن مۇۋاپىق قېچىشنى ئەيىبلەشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن مۇۋاپىق، قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلاش كېرەك ئىدى.
بىرىنچى، شىنيى، قورغاس، خەينەن... چولپانلارنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر
تيەنيەن تەكشۈرۈش App دا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا، شىنيىڭ جيايىڭ (شىنيى) كىنو مەدەنىيىتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە سودا-سانائەت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، ئەسلىدىكى پايچىك ۋاڭ فېڭ، جاڭ زىيى قاتارلىقلار بۇ شىركەتنىڭ پايچېكلار قاتارىدىن چېكىنىپ چىققان.
بۇ شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ئادرېسى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنيى شەھىرىگە جايلاشقان.
شىنيى جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجۇ شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، بۇ يەردە كىنو-تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت تۈرىدىكى 1200 گە يېقىن بازار سۇبيېكتى ئارقا-ئارقىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق سەنئەتكارلار خىزمەتخانىسىمۇ بار.
بۇ يا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدەك داڭلىق شەھەرلەر ئەمەس، شۇنداقلا توردىكى ئېقىم مىقدارىغا ئىگە شەھەرمۇ ئەمەس، چولپانلار نېمە ئۈچۈن بۇ يەرنى ياخشى كۆرىدۇ؟
«ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چوڭ شەھەر ۋە ئاساسلىق شەھەر رايونىدىن يىراق بولغان بىر قىسىم «كىچىك جايلار» سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئۈچۈن بەرپا قىلغان باج سىياسىتى «ئازگىلى» بولغاچقا، نۇرغۇن «چوڭ چولپان» خىزمەتخانىلىرى ناھايىتى كۆپ رويخەتكە ئالدۇرغان جاي بولۇپ قالغان. شىنيى شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىنو-تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتى تۈرىدىكى بازار سۇبيېكتلىرى، سەنئەتكارلار خىزمەتخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسمى بار، جىسمى يوق شاكال شىركەتلەردۇر.
ئەمەلىيەتتە، «باج ئازگىلى»نى ئىزدەشتە، چولپانلارنىڭ پۇراش سېزىمىنى ناھايىتى ئۆتكۈر دېيىشكە بولىدۇ.
جېڭ شۇاڭ مالىمانچىلىقتىن كېيىن، چولپانلار توپلىشىپ شىركەتنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشتەك «شىددەتلىك دولقۇن»نى پەيدا قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2018-يىلىدىكى قورغاستىكى «چوڭ قېچىش» يەنىلا ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق.
2010-يىلى، شىنجاڭنىڭ غەربىي چېگراسىدىكى كىچىك بازار قورغاس سىياسەت پايدىسى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆپ تۈرلۈك ئېتىبار بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى «بەشنى كەچۈرۈم قىلىش، بەشتە يېرىمىنى ئازايتىش»تىن ئىبارەت باج سىياسىتىنى يولغا قويۇش بولۇپ، يەنى ماكانلاشقان شىركەتلەرنىڭ تاپاۋەت بېجىنى بەش يىل ئىچىدە كەچۈرۈم قىلىش، بەش يىلدىن كېيىن يېرىمىنى كېمەيتىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولاتتى.
ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدە، قورغاستا نەچچە مىڭدىن ئارتۇق كىنو-تېلېۋىزىيە تارقىتىش شىركىتى تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئىدى. بۇ شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، پايچېكلىرى ئىچىدە، فەن بىڭبىڭ، فېڭ شياۋگاڭ، چېن كۈن، ليۇ تاۋ قاتارلىقلارغا ئوخشاش كۆپچىلىككە تونۇشلۇق ئىسىملارمۇ ئاز ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇايى ئاكا-ئۇكىلار، نۇر تارقىتىش ۋاسىتىسى، بونا، لېشى، خۇاسې، خۇەنرۇي ئەسىر قاتارلىق كىنو-تېلېۋىزىيە باش كارخانىلىرىمۇ بەس-بەستە قورغاسقا ماكانلاشتى.
يېقىندا توردا «قورغاس كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ يېرىمىنى تەقدىم قىلغان، لېكىن بۇ پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس، بەلكىم قالغان يېرىمىمۇ قورغاسقا كېلىش يولىدا بولۇشى مۇمكىن.» دېگەن ئۇچۇرلار تارقالدى. 2017-يىلى 5-ئايدا، مالىيە-باج پەن-تېخنىكا شىركىتى شېنجوۋ يىچياۋنىڭ باش مۇدىرى پېڭ سۇڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مالىيە-ئىقتىساد قانىلىنىڭ «سۆھبەت» پىروگراممسىسىدا شۇنداق دېدى.
بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇرۇق شىركەت. نۇرغۇن چولپانلار خىزمەتخانىسىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى ئاران 10 مىڭ يۈەن، ئىش بېجىرىش ئورنىمۇ يوق، ھېچقانداق خىزمەتچىسىمۇ يوق، مەسئۇل خادىم ھەتتا ئەزەلدىن بۇ يەرگە كېلىپ باقمىغان.
2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، قورغاسنىڭ سىياسىتى تەدرىجىي چىڭىشقا باشلىدى. شۇ يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، شۇ جايدىكى كىنو-تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىدە «تىزىمدىن ئۆچۈرۈش دولقۇنى» كۆرۈلگەن. تيەنيەنجيەن APP سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يىلى 10- ئايغا قەدەر، قورغاس بىلەن مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار ئىچىدىكى 2298 كارخانىنىڭ ھالىتى «رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن» دەپ كۆرسىتىلگەن. تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان شىركەتلەر بەك كۆپ بولغاچقا، «ئىلى گېزىتى» شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى بىر كۈندىلا 25 پارچە «تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئېلانى»نى چىقارغان.
شىركەتلەر «باج سەۋەبلىك كەلگەن»، يەنە «باج سەۋەبلىك كەتكەن».
شۇنىڭدىن كېيىن، چولپانلار يەنە توپلىشىپ خەينەنگە ئاقتى.
2020-يىلى 5-ئايدا، خەيكۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە «خەيكۇ شەھىرىنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە»نى بېسىپ تارقىتىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپىگە پايدىلىق 23 سىياسەتنى ئېلان قىلىپ، خەيكۇغا ماكانلاشقان كىنو-تېلېۋىزىيە كارخانىلىرىغا قاراتمىلىقى بولغان ھالدا زور دەرىجىدە باجدا ئېتىبار بېرىش ۋە مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ «23 ماددا» سىنارىيە ئىجاد قىلىش، سۈرەتكە ئېلىشتىن تارتىپ قويۇش، كۆرگەزمە قىلىش، كەسىپكارلارنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش سىياسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شېن تېڭ، ۋاڭ يىبو، ما يىلى، نا يىڭ، كەن چىڭزى قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلار بۇ يەرگە كېلىپ سودا تىجارىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئىككىنچى، خىزمەت ئىشخانىسىدىن باشقا، چولپانلار «چەكلىك شېرىكچىلىك»نى كۆزلەۋاتامدۇ؟
شەخسىي خىزمەتخانا قۇرۇش ئىزچىل تۈردە چولپانلارنىڭ باجدىن قېچىشىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ۋاسىتە دەپ قارىلىپ كەلگەن (باجدىن ساقلىنىش بىلەن باجدىن قېچىش ئوخشىمايدۇ، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، باجدىن ساقلىنىش گەرچە قانۇنغا خىلاپ بولمىسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئۇنىڭغا ئىلھام بەرمەيدۇ.--تۈزگۈچىدىن).
باج قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەگەر چولپانلار شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن سۈرەتكە ئالسا، ئۇنداقتا چولپانلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %45 شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئۈستىگە ئالىدۇ (2019-يىلىدىن باشلاپ، يېڭى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققىنى شەخسىي ئۇنىۋېرسال تاپاۋەتكە كىرگۈزىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋەت بېجى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %40 بولىدۇ.) لېكىن، ئەگەر خىزمەتخانىسى ئارقىلىق ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشسا، ئۇنداقتا «شەخسىي سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتى» تۈرى بويىچە باج مەلۇم قىلىش ئارقىلىق، پەقەت %5~%35 كىچە باج نىسبىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قارىماققا ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن شەخسىي كىرىمنىڭ باج تاپشۇرۇش تۈپ سانى «كىرىم»، شەخسىي شېرىكسىز كارخانىنىڭ باج تاپشۇرۇش تۈپ سانى «پايدا» بولىدۇ. تۈرلۈك «تەننەرخنى تۇتۇپ قېلىش»تىن كېيىن، چولپانلارنىڭ باج تاپشۇرۇش سوممىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
بىر قىسىم چولپانلار خىزمەتخانىسىنىڭ رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، «چەكلىك شېرىكچىلىك»نىڭ تىجارەت شەكلى كىشىلەرنىڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى. سۇمۇرغ رىۋايىتى، ياڭ مى، جاڭ يىشىڭ، خۇاڭ لېي، خۇاڭ بو قاتارلىق چولپانلارنىڭ ھەممىسى «چەكلىك شېرىكلەر»نىڭ ئوينىغۇچىلىرىدۇر.
كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى باجدا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، «چەكلىك شېرىكچىلىك»نىڭ ئەۋزەللىكى نامايان بولۇشقا باشلىدى.
نوپۇزلۇق بوغالتىرنىڭ ئېيتىشىچە، چەكلىك شېرىكچىلىك ئاساسىي جەھەتتىن كاپىتال تىجارىتى ۋە باج ئىشلىرىنى پىلانلاش قورالى ئىكەن. چەكلىك شېرىك كارخانىسىدىكى شېرىكلەشكەن كىشىلەر پايدا تەقسىمات نىسبىتىنى ئۆزلىرى كېڭىشىپ، ئالاقىدار تەرەپنىڭ قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن مەنپەئەت تەقسىماتى ئېلىپ بېرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرسە بولىدۇ، بۇ بەزى يۇقىرى ھەقلىق چولپانلارغا نىسبەتەن تەبىئىي جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. چەكلىك شېرىك كارخانىلار كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، شېرىكلەشكەن كىشىلەر پەقەت شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرسىلا بولىدۇ. چەكلىك شېرىك كارخانىلار چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئىككى يىل ساقلاپ، باجدىن بۇرۇن شۇ مەزگىلدىكى كارخانا تاپاۋەت بېجىنى توغرىلاپ، تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش نىشانىغا يەتكەن كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. چولپانلار كېلىشىم تىپىدىكى چەكلىك شېرىك كارخانىنىڭ فوند مەھسۇلاتلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ بەزى باج-سېلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ.
بۇ يىل 4-ئايدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى يۇقىرى باھالىق فىلىم ئىشلەش ھەققىنى باھالىغاندا، قانۇن دائىرىسىدىكى مۇۋاپىق باجدىن ساقلىنىشنى ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ، لېكىن خىزمەتخانىسى دېگەن نام بىلەن «سول قولدىن ئوڭ قولغا يۆتكەش» ئارقىلىق باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىق، باجدىن قېچىش قىلمىشىنى قانۇن سىغدۇرالمايدۇ، دېگەن.
كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى باج ئىشلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، مەيلى قانداق تىجارەت شەكلى بولسۇن، ھەممىسى مۇۋاپىق، قانۇنلۇق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل ئەسكەرتىپ كېلىندى.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0