يېقىندا ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بايقالغان تۈپى ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۈكسەك ھوشيارلىقىنى قوزغىدى. شۇ يەر ۋاقتى 26-نويابىر، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي يىغىن ئاچقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ خىل يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى B.1.1.529نى «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۆزگەرگەن تۈپ» قاتارىغا كىرگۈزدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئومىكرون (Omicron) دەپ نام بەردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باياناتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جەنۇبىي ئافرىقا 24-نويابىر تۇنجى قېتىم بۇ تۈپى ئۆزگەرگەن ۋىرۇسنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا دوكلات قىلدى، بۇ تۈپى ئۆزگەرگەن ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان تۇنجى ئەۋرىشكىنىڭ ئېلىنغان ۋاقتى 9-نويابىر ئىكەن. بۇ تۈپى ئۆزگەرگەن ۋىرۇستا زور مىقداردىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىلىرى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. دەسلەپكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، باشقا «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۆزگەرگەن تۈپ»لەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئۆزگەرگەن تۈپ ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىرۇس بىلەن تەكرار يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. نۆۋەتتە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە بۇ تۈپى ئۆزگەرگەن ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانى ئاشماقتا.






