搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
لى جىياچى يوقلىما قىلىندى: لى جياچى كىرىزىستىن قانچىلىك يىراقتا؟
>
لى جىياچى يوقلىما قىلىندى: لى جياچى كىرىزىستىن قانچىلىك يىراقتا؟
NepKan
2021-12-24
2
导读:باشلامچى ئېقىم چولپانلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش
ئىلاۋە:
تەرەققىيات جەريانىدا ھامان بەزىلەر شادلىنىدۇ، بەزىلەر زارلىنىدۇ، ئەمما زادى كىم شادلىنىدۇ، كىم زارلىنىدۇ؟ كىم تەرەققىياتنىڭ ئەتىۋارلىقى بولىدۇ كىم تەرەققىياتنىڭ تاشلاندۇقى بولىدۇ؟ بۇلارنى چۈشىنىش مۇرەككەپ سودا ساھەسىدىكى تەرەققىيات لوگىكىسى ۋە ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە زور پايدىسى بولىدۇ. يېقىندىن بىرى نېمىشقا ھە دېسە بىر قىسىم چولپانلار، تور ئېقىم چولپانلىرى ۋە داڭلىق شەخسلەرنىڭ بەدقىلىقلىرى، ناتوغرا قىلمىشلىرى ئارقا-ئارقىدىن پاش بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ پىكىر ئېقىمىغا ئايلىنىدۇ ۋە قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى «خەتەر» ۋە «پۇرسەت»لەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
---نەپكاردىن.
ئالدى بىلەن
بۇ يەرنى بېسىپ «تەرەققىياتنىڭ ئەتىۋارلىقى ۋە تاشلاندۇقى: "كىرىزىس" ۋە "پۇرسەت"»
دېگەن يازمىغا دىققەت ئېتىبارىڭىزنى قاراتغايسىز.
-----
يېقىندا «قوش 11» مەزگىلىدە، جېجياڭ
ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى تاۋباۋ، پىندودو، جىڭدۇڭ، كۇەيشوۋ، دوۋيىن قاتارلىق بەش سۇپا ۋە 17 باشلامچى ئېقىم چولپىنىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىپ مال سېتىشىنى ئىستېمال جەھەتتىن تەكشۈردى. كۆزىتىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئايرىم ئېقىم چولپانلىرىدا تەشۋىقاتنى مۇبالىغە قىلىش، مۇتلەق ئېلان تىلىنى قوللىنىش ھادىسىسى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋار سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ ئىكەن، لى جياچى، بابى توشقىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى تۈركۈم ۋە ئىككىنچى تۈركۈم تاۋار ماركىسىنىڭ قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسى بايقالغان.
12-ئاينىڭ 23-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا، بەش چوڭ سۇپا ۋە ئالاقىدار ئېقىم چولپانلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە رەسمىي تۈزىتىش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى سۆھبەت يىغىنى
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى تاۋباۋدىكى يەتتە ئاساسلىق ئېقىم چولپىنى، پىندودىكى تۆت ئاساسلىق ئېقىم چولپىنى، جىڭدۇڭدىكى ئىككى ئاساسلىق ئېقىم چولپىنى، كۈەيشوۋدىكى ئىككى ئاساسلىق ئېقىم چولپىنى، دوۋيىندىكى ئىككى ئاساسلىق ئېقىم چولپىنىنى تاللاپ تەكشۈرگەن، بۇلار ئەگەشكۈچىلىرى سانى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرىدىغان لى جياچى، ۋېي يا قاتارلىق داڭلىق ئېقىم چولپانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار سالاھىيىتى بىلەن سېتىۋالغان تاۋار جەمئىي 80 تۈركۈم قېتىم بولۇپ، كىيىم-كېچەك، ئاياغ تۈرى، يېمەكلىك يېڭى مەھسۇلاتلىرى، ئويۇنچۇق، ئېلېكتىرونلۇق تاۋار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە ئۈچىنچى تەرەپ نوپۇزلۇق ئاپپاراتقا تاۋارنىڭ سۈپىتى، پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى، فىزىكا-خىمىيە كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلارنى دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەشۋىقاتنى كۆپتۈرۈش، مۇتلەقلىق ئېلان سۆزىنى قوللىنىش، باشقا سۇپىلار بىلەن باھا سېلىشتۇرۇش، مالنى كەم سېلىش، خاتا سېلىش، تەشۋىقات بىلەن ماددىي بۇيۇم ماس كەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكى بايقالدى.
ئۈچىنچى تەرەپ نوپۇزلۇق ئاپپاراتنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بۇ قېتىم سېتىۋالغان 80 تۈركۈم ئەۋرىشكە ئىچىدە 29 تۈركۈم ئەۋرىشكە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن، ماس كەلمەسلىك نىسبىتى %36.25 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ يوق (ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى يوق، سۈپەت لاياقەتنامىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولمىغان، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان مەھسۇلاتلار) مەھسۇلات ئون، تاۋار سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلات توققۇز (جىسمانىي بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار مەھسۇلات تۆت)، ماتېرىيال تەركىبى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلات يەتتە (ساختا ماتېرىيال بىر)، ماركىسى قېلىپلاشمىغان مەھسۇلات ئۈچ. بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر پىندودو، كۈيشوۋ سۇپىسىدا بىر قەدەر كۆپ بايقالغان.
چاڭئەن كوچىسى ئامبىلى (长安街知事) سالونى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايقىدى. بۇ يىل «قوش 11»دىن بۇرۇن، يەنى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق 15 تارماق بىرلىشىپ «قوش 11» توردا مەركەزلىك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەمۇرىي يېتەكچىلىك سۆھبەت يىغىنى ئاچقان (تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)، بۇنىڭدا ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى توردا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغان. جىڭدۇڭ، ئەلى بابا، مېيتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 نۇقتىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى كارخانىسى يىغىنغا قاتناشقان.
(بۇ يەرنى بېسىپ «2021-يىللىق « قوش 11»نىڭ ھالاكىتى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالاقە تورى سۇپا كارخانىلىرى ۋە جايلاردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا «<قوش 11> توردا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت ئەسكەرتمىسى»نى تارقاتتى.
(بۇ يەرنى بېسىپ «دىققەت: «قوش 11»دە سېتىۋالغىنىڭىز بەلكىم ساختا مال بولۇشى مۇمكىن» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
«كۆرسەتمە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سۇپا كارخانىلىرى «قوش 11» مەزگىلىدىكى تور سودا بازىرى تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداپ، «ئاۋۋال باھانى ئۆستۈرۈپ ئاندىن باھانى چۈشۈرۈش»، ئەسلى باھاسىنى ئويدۇرۇپ چىقىش، باھا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەنئىي قىلىنىدۇ. ساختا سودا قىلىش، ساختا باھا بېرىش قاتارلىق ناتوغرا رىقابەت، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ساختا، ناچار تاۋارلارنى سېتىش قىلمىشلىرىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
(بۇ يەرنى بېسىپ «دىققەت: «قوش 11»دە بۇ خىل قىلمىشلار قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ!» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
لېكىن، بۇ ئەھۋاللار يەنىلا تۈگىمەيۋاتىدۇ. 23-چېسلادىكى سۆھبەت يىغىنىدا، ھەر قايسى سۇپىلار ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، مەسىلە ساقلانغان تاۋارلارنى جازىدىن چۈشۈرۈپ، پېچەتلەپ، دېلوغا چېتىشلىق ئېقىم چولپانلىرىنى جازالىدى ۋە ئاگاھلاندۇردى.
(بۇ يەرنى بېسىپ «بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق جەرىمانە...» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي فۇجىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قايسى توردىن مال سېتىۋېلىش سۇپىلىرى ۋە باشلامچى ئېقىم چولپانلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش، ئەسلىي مەقسەتنى، ئاق كۆڭۈللۈكنى ساقلاش كېرەك. سۇپىنى تۈزىتىشتە پوزىتسىيە، سۈرئەت، سالماقنى «ئۈچ دەرىجە بويىچە بىرلەشتۈرۈش» كېرەك، سۇپىنى تۈزەشنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى يەنە بەش سۇپا ۋە ئالاقىدار ئېقىم چولپانلىرىنىڭ ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە (يەنى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇرۇن)، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىغا تۈزىتىش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى: جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى ئۈندىدار سالونى، بېيجىڭ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورى، دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورى.
مەنبە: 长安街知事 سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
بۇ يەرنى بېسىپ «بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق جەرىمانە...» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «1 مىليارد 341 مىليون يۈەنلىك باج جەرىمانىسى ۋە ئۈچ سىگنال» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «خەير-خوش ۋېي يا: كېيىنكى يۈزلىنىش قانداق بولىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «بىر مىليارد 300 مىليون باج پۇلىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەجىر ۋە جاپا» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «ۋېي يانىڭ باش كۆتۈرۈشى: پەردە ئارقىسىدىكى ما يۈن ۋە ليەنشاڭ» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «چولپان، رىياسەتچىلەرنىڭ باج تەكشۈرۈشتىن قېچىشى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
بۇ يەرنى بېسىپ «ۋېي يانىڭ ھالاكەت گىردابىدا تۇرۇش-تۇرالماسلىق ئۆزىگە باغلىق» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296