搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش: تېڭشۈن بىلەن جىڭدۇڭ «ئاجرىشىپ» كەتتى
>
مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش: تېڭشۈن بىلەن جىڭدۇڭ «ئاجرىشىپ» كەتتى
NepKan
2021-12-26
0
导读:سۇ كېمىنى كۆتۈرەلەيدۇ، چۆكتۈرەلەيدۇ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلىش ئۈچۈن، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش ك
تېڭشۈن بىر خىل ئالاھىدە ئۇ
سۇل بىلەن جىڭدۇڭدىكى بىرىنچى چوڭ پايچېكىلىك ئورنىنى بوشاتتى.
(بۇ يەرنى بېسىپ «پۇل چېچىۋاتقان تېڭشۈن ۋە ئالتۇن يىغىۋاتقان سىيرەك تۇپا» دېگەن يازمىنى كۆۈڭ.)
12-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە، تېڭشۈن پاي كونترول شىركىتى بىر مۇھىم خەۋەرنى ئېلان قىلدى.
تېڭشۈن ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆسۈم بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىلكىدىكى جىڭدۇڭنىڭ تەخمىنەن 457 مىليون پاي ھوقۇقىنى پايچېكلارغا تارقىتىپ بېرىپ، ماددىي نەرسە ئارقىلىق پايدا تەقسىملەيدۇ، ھەر 21 پاي تېڭشۈن پاي چېكىنى بىر پاي جىڭدۇڭ ئاددىي پېيىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، ئەڭ يېڭى ئاخىرقى باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ قېتىمقى ئۆسۈم بېرىش سوممىسى 118 مىليارد 700 مىليون شياڭگاڭ پۇلى بولىدۇ.
بۇ قېتىم ئۆسۈم تارقىتىلغاندىن كېيىن، تېڭشۈننىڭ جىڭدۇڭغا قارىتا پاي ئىگىلەش نىسبىتى %17 تىن %2.3 كە چۈشىدۇ، شۇ چاغدا، جىڭدۇڭنىڭ %13.5 پاي ھوقۇقىغا ئىگە ليۇ چياڭدۇڭ تېڭشۈننىڭ ئورنىنى ئېلىپ، جىڭدۇڭنىڭ بىرىنچى چوڭ پايچىكىگە ئايلىنىدۇ، تېڭشۈننىڭ باش لىدىرى ليۇ چىپىڭمۇ جىڭدۇڭنىڭ لىدىرلىقىدىن چېكىنىدۇ.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تېڭشۈن ئۆزىدە بار بولغان جىڭدۇڭنىڭ پاي چېكىنى ئۆزىنىڭ پايچېكلىرىغا تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ قېتىم پاي چېكىنىڭ تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تېڭشۈن جىڭدۇڭدىكى بىرىنچى چوڭ پايچېكىلىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. تېڭشۈن يەنىلا جىڭدۇڭنىڭ ئازراق ئۆلۈشلۈك پېيىنى ساقلاپ قالغان ھەمدە داۋاملىق تۆۋەنلىتىش پىلانى يوق، يەنى ئىككى تەرەپ داۋاملىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىغان، ئەمما تېڭشۈن يەنىلا جىڭدۇڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىسىدۇر.
ھەمكارلىق ئورناتقىنىغا سەككىز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، تېڭشۈن تۇيۇقسىز جىڭدۇڭنىڭ «خېتىنى بېرىۋېتىش»نى قارار قىلدى.
2014-يىلى 3-ئايدا، تېڭشۈن جىڭدۇڭغا ئىستراتېگىيەلىك پاي قوشۇپ، %15 پاي ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، جىڭدۇڭنىڭ 1-چوڭ پايچېكى بولۇپ قالغان، ئارقىدىن جىڭدۇڭنىڭ IPO سېتىۋېلىشىغا قاتنىشىپ، يېقىنقى سەككىز يىلدا ئىزچىل چوڭ پايچېكلىق ئورنىنى مۇقىم ساقلاپ كەلگەن.
سەككىز يىلدا، جىڭدۇڭ PC دەۋرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىپ ئۆزگەرتىپ، كۆچمە ئالاقە تورى تېز پويىزىغا چىقتى، سۇپىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى ئون ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى، نۆۋەتتە شياڭگاڭ پاي بازارىدىكى قىممىتى 811 مىليارد 428 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا يەتتى، ئامېرىكا پاي بازىرىدىكى قىممىتى 100 مىليارد دوللاردىن ئاشتى.
بۇ يىل ئۈچىنچى پەسىللىك ساپ كىرىمى 218 مىليارد 700 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.5 ئاشقان. 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، جىڭدۇڭنىڭ ئۆتكەن 12 ئايدىكى ئاكتىپ سېتىۋېلىش ئابۇنىچى سانى 552 مىليونغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 110 مىليون ساپ ئاشقان.
ناھايىتى ئېنىقكى، تېڭشۈننىڭ بۇ قېتىمقى مەقسىتى، جىڭدۇڭدىن ئۈمىد ئۈزۈش ئەمەس.
ئالاقە تورى ماگناتلىرى ئىلگىرىكى تىجارەت ئەندىزىسىدە، دائىم «قۇدىلىشىش» ئارقىلىق ئۆز كەسپىنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىپ، شۇ ئارقىلىق باشقا مۇناسىۋەتلىك بازار ۋە ساھەلەرگە سىڭىپ كىرەتتى. مەيلى چەت ئەلدىكى گوگۇل، Facebook ياكى دۆلەت ئىچىدىكى تېڭشۈن ۋە ئەلى بابا قاتارلىقلار بولسۇن، ھەممىسى مۇشۇ ئويۇننى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پۈتكۈل ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۈچلۈك كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئەگەر ئۇنىڭ خىرىس قىلىشىغا يول قويۇپ، تەرتىپسىز كېڭەيسە، ئۇنداقتا غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش مونوپولىيە مۇشتۇمزورلىرى بىر-بىرلەپ شەكىللىنىپ قالمامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى.
2020-يىلى 12-ئايدا، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، «مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى 2021-يىلىدىكى سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنىڭ بىرى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
2021-يىلى 11-ئايدا، دۆلەت مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى بېيجىڭ سەنلىخېدا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.
بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەلى بابا، مېيتۈەن قاتارلىق نۇرغۇن كارخانىلار مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش جازاسىغا ئۇچرىدى.
ئەڭ بۇرۇن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئالاقە تورى ماگناتلىرىنىڭ بىرى بولغان تېڭشۈن تەبىئىي ھالدا نۇقتىلىق دىققەت قىلىدىغان ئوبيېكتتۇر. جىڭدۇڭدىن باشقا، ھازىر تېڭشۈن شىركىتى يەنە مېيتۈەن، پىندودو، ۋېيپىنخۇي، B بېكەت، كۇەيشوۋ قاتارلىق پېيىنى بازارغا سالغان ئالاقە تورى سۇپىسىنىڭ مۇھىم پايچېكى بولۇپ، پاي ئىگىلەش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %17.18، %15.63، %9.48، %11.38 ۋە %17.32 بولغان.
سۇ كېمىنى كۆتۈرەلەيدۇ، چۆكتۈرەلەيدۇ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا سەپەر قىلىش ئۈچۈن، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
تېڭشۈن بەلكىم بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىڭدۇڭنىڭ «خېتىنى بېرىپ» ھەم ئۆزىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خەتىرىنى تۆۋەنلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پايچېكلارغا جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن بىرگە «ئورتاق بېيىش»قا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بىر چالمىدا ئۈچ پاختەكنى سوقۇشتەك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، بۇ قېتىمقى «خېتىنى بېرىش» پەقەت بىر باشلىنىش، يېقىن كەلگۈسىدە بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.
(بۇ يەرنى بېسىپ «پۇل چېچىۋاتقان تېڭشۈن ۋە ئالتۇن يىغىۋاتقان سىيرەك تۇپا» دېگەن يازمىنى كۆۈڭ.)
مەنبە: كاپىتاب خاتىرىلىرى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296