大数跨境

بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق جەرىمانە...

بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق جەرىمانە... NepKan
2021-12-20
0
导读:بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ ساغلام سىنىپىي قۇرۇلمىسى زەيتۇن شەكىللىك بولۇپ، ئىككى بېشى كىچىك، ئوتتۇرىسى چوڭ بول


شۆ لى، لىن شەنشەنلەرنىڭ باج پۇلى قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، ۋېي يا، لى جياچىنىڭ باج پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئاشكارا بولدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «ئېقىم چولپانلىرىنىڭ قانچىلىك باج ئوغرىلىغىنىنى بىلەمسىز؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.) 
بۈگۈن ۋېي يانىڭ باج جەرىمانىسى ئېلان قىلىندى. ۋېي يا 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئوغرىلانغان باج 643 مىليون يۈەن، باشقا ئاز تاپشۇرغان (ئەسلىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئەمما تاپشۇرمىغان) باج 60 مىليون يۈەن بولغان، خاڭجۇ شەھەرلىك باج ئىدارىسى ۋېي يادىن قايتۇرۇۋالغان باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى جەمئىي 1 مىليارد 341 مىليون يۈەن بولدى.


بۇ جەرىمانە سوممىسى كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى فەن بىڭبىڭنىڭ 880 مىليون يۈەنلىك جەرىمانىسىدىن شۇنداقلا يەر-مۈلۈك چەمبىرىكىدىكى پەن شىيىنىڭ 709 مىليون يۈەنلىك جەرىمانىسىدىن ئېشىپ كەتتى، ۋېي يا شەخسىلەر باج جەرىمانىسىدە يېڭى رېكورت ياراتتى.
ۋېي يا جازالانغاندىن كېيىن، ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ دىققەت نەزىرى لى جياچىغا تىكىلدى. بۇ ئىككەيلەن ئۆتكەن ئۈچ يىلدا جۇڭگونىڭ بىۋاستە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ئېقىم چولپانلىرى ئاتامىنى ئىدى. ھەر قايسى چوڭ بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىش تىزىملىكىدە، ئىككەيلەن ئايرىم-ئايرىم ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئېقىم مىقدارى مونوپولىيە ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «تۆۋەن باھا مونوپوللۇقى: ئۇلار نېمىشقا ئوۋلەييانى بايقۇت قىلىدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)


باشلامچى ئېقىم چولپانلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارىنى مونوپول قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى ئەخمەق قىلغانلىقىغا قارىتا، ئىلگىرى «تۆۋەن باھا مونوپوللۇقى: ئۇلار نېمىشقا ئوۋلەييانى بايقۇت قىلىدۇ؟» دېگەن يازمىدا تەپسىلىي توختالغان ئىدۇق. بۇ يەردە قايتا توختىلىپ ئولتۇرمايمىز، تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلار بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈپ چىقساڭلار بولىدۇ. يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار لى جياچى ۋە ۋېي يا ئۈچۈن چوقان سېلىشتى. 
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، لى جياچى، ۋېي يانىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى ھەقىقەتەن ئىنتايىن كۆپ ئىدى. بۈگۈن، بىز يەنىلا باج توغرىسىدا سۆزلىشەيلى. ۋېي ياغا بىر مىليارد 341 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، كەمىنە لى جياچىغا بىر مىليارد يۈەندىن يۇقىرى باج جەرىمانىسى قويۇلۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدىم.
«ئېقىم چولپانلىرىنىڭ قانچىلىك باج ئوغرىلىغىنىنى بىلەمسىز؟» دېگەن يازمىدا كەمىنە مۇنداق دەپ يازغان ئىدىم: ئېقىم چولپانلىرى ئاساسلىقى باج ئازگىلىدىن پايدىلىنىپ، كەسپىي ئالاقىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئىش ھەققى ياكى پايدىنى يۆتكەپ، باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىق مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.


شاڭخەيدىكى چوڭمىڭ ئارىلى دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق باج يىغىش ئازگىلى. لى جياچى شاڭخەي چۇڭمىڭ ئارىلىدا ئالتە شىركەت، ۋېي يا چۇڭمىڭ ئارىلىدا توققۇز شىركەت قۇرغان. بۇ شىركەتلەرنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى مەقسەت باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش.
شۆ لى، لىن شەنشەنلەر تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋېي يا، لى جياچىلار بۇ خىل تەقدىردىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى.
نېمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەر باج ئوغرىلايدۇ، باج تاپشۇرمايدۇ؟ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: تاپقان پۇلى بەكلا كۆپ!
ھەر قېتىم غايەت زور باج جەرىمانىسى چىقارغاندا، بەزى كىشىلەر ھەمىشە: «شۇنچە كۆپ پۇل تاپقان تۇرۇپ، نېمىشقا يەنە باجدىن قاچىدۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. بۇ تىپىك تۆۋەن قاتلام تەپەككۇرى. دەل پۇلدارلارنىڭ باجدىن قېچىش ئېھتىياجى بولغاچقا، نامراتلارنىڭ ئەكسىچە كۈچلۈك باجدىن قېچىش ئېھتىياجى بولمايدۇ.


ئايلىق ئىش ھەققى 5000 يۈەن بولسا، باج تاپشۇرۇش ھاجەتسىز؛ ئايلىق ئىش ھەققى 10 مىڭ يۈەن بولسا، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج 290 يۈەن بولىدۇ. لېكىن ئايلىق ئىش ھەققى 100 مىڭ يۈەن بولغاندا، ھەر ئايدا 21 مىڭ 40 يۈەن باج تاپشۇرىدۇ. ئايلىق ئىش ھەققى مىليون يۈەن بولغاندا، ھەر ئايدا تاپشۇرىدىغان باج 433725 يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ ناھايىتى كۆپ پۇل!
بۇ دۇنيادا مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر كەمبەغەللەر ئاز باج تاپشۇرۇش، بايلار كۆپ باج تاپشۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ. قانچە باي بولسا، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج شۇنچە كۆپ بولىدۇ. لېكىن رېئال تۇرمۇشتا، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. باجنى ئەڭ كۆپ تاپشۇرىدىغىنى بايلارمۇ ئەمەس، كەمبەغەللەرمۇ ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىدۇر.
ئايلىق مائاشى 5000 يۈەندىن تۆۋەن بولغان نامراتلار باج تاپشۇرمايدۇ. ئايلىق مائاشى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بايلارنىڭ كەسپىي مالىيە-باج شىركەتلىرى ئۇلارنىڭ باجدىن قېچىشىغا ياردەم بېرىدۇ، پەقەت ئوتتۇرىدا تۇرىدىغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەلەرلا ياۋاشلىق بىلەن باج تاپشۇرىدۇ، بۇمۇ بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى مەنبەسىدۇر.

شۆ لى، لىن شەنشەن، ۋېي يا قاتارلىق ئېقىم چولپانلىرى (网红)نىڭ ھەممىسى باجدىن قېچىشتا بىر خىل كۈل رەڭ باجدىن قېچىش ۋاسىتىسى، يەنى باج سىياسىتىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
باج يىغىش ئازگىلىنى تېپىپ ئۆزىنىڭ باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ھەرقايسى چوڭ مېدىيا شىركەتلىرى دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇل ئىدى. نېمە ئۈچۈن كىنو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، تاراتقۇ شىركەتلىرى شىنجاڭنىڭ قورغاستا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؟


چۈنكى، دۆلىتىمىز مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، كىنو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، تاراتقۇ قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ باشقا جايدا ئىش بېجىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىنو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، تاراتقۇ شىركەتلىرى قورغاستا رويخەتكە ئالدۇرۇپ، قورغاسنىڭ تۆۋەن باج نىسبىتىدىن بەھرىمەن بولدى، لېكىن ئەمەلىي ئىش بېجىرىش ئادرېسى ئاساسەن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، خاڭجۇ قاتارلىق شەرقىي قىسىم رايونلاردا ئىدى.
بۇ خىل ئۇسۇل باج يىغىش ئازگىلىغا ئىش ئورنى تېپىپ بەرمىدى، شۇنداقلا باج يىغىش ئازگىلىغا ماھىيەتلىك كەسىپ ئېلىپ كەلمىدى، پەقەت بىر دۆۋە پۇچەك شىركەتلەر كۆپەيدى. فەن بىڭبىڭنىڭ باج ئىشلىرى تەكشۈرۈلگەندە، كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكى زور بىر تۈركۈم قورغاس مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنى تىزىمدىن ئۆچۈردى.

«ئىلى گېزىتى» 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى بىر كۈندىلا 25 پارچە «تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئېلانى»نى ئېلان قىلدى

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ساۋاق ئاللىقاچان يۈز بەرگەن ئىدى. بىراق بىۋاستە كۆرسىتىش چەمبىرىكىدىكى كىشىلەر يەنىلا ناھايىتى گۆدەكلىك قىلىپ، يەنىلا تاماشا چەمبىرىكىدىكى كونا يولدا مېڭىپ، باج يىغىش ئازگىلىغا ئوخشاش كىرىمنى يۆتكەپ، باجدىن چەتنەشكە ئورۇنۇپ كەلدى. باج نىسبىتى تۆۋەن بولغان بىر قىسىم ئەركىن سودا رايونى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا رايونى بىۋاستە تارقىتىش شىركەتلىرىنىڭ كىرىمىنى يۆتكەپ، قانۇنسىز باجدىن قاچىدىغان ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلاندى.
باجدىن قېچىش جەريانىدا دائىم: «دۆلەت باج يىغىش ئازگىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىغان ئىكەن، يەنە نېمىگە ئاساسەن باشقىلارنىڭ تۆۋەن باج نىسبىتىنى ئېتىراپ قىلىمىز؟» دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بۇ ساختا كەسىپ ئالاقىسىگە چېتىلىدۇ. بىز ۋېي يانى مىسال ئالايلى، ئەگەر ئۇنىڭ شىركىتى شاڭخەينىڭ چۇڭمىڭ ئارىلىدا بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن بىر شىركەت ئاچىدۇ، بارلىق ھېساباتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ شىركەتنىڭ ھېساباتىدىن ماڭىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ ھەقىقەتەن باج يىغىش ئازگىلىنىڭ ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. چۈنكى بارلىق مەبلەغ مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىي كەسپىي تىرىكى بار. باج يىغىش جەھەتتە، ئۇنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى، كارخانا تاپاۋەت بېجى، شەخسىي تاپاۋەت بېجى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سۇبيېكت ئىچىدە ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
ئەمما ۋېي يانىڭ شىركىتى خاڭجۇدا ئېچىلغان، چۇڭمىڭ ئارىلىدا تىزىمغا ئالدۇرغىنى توققۇز قۇرۇق شىركەت بولۇپ، ھەقىقىي كەسپىي ئالاقىسى يوق، كەسىپنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. بۇ، «مەن پۇلنى چۇڭمىڭداۋدىكى شىركەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە كىرگۈزدۈم، ئاندىن بىر دۆۋە كەسپىي ئالاقىنى ئويدۇرۇپ چىقاردىم، مېنىڭ باج نىسبىتىم %45 تىن %10 كە، ھەتتا %5 كە چۈشتى.» دېگەنلىكتۇر.

رەسىمنى كېسىۋېلىپ ئۆزى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.

بۇ ھەرگىزمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بېلىق تۇتۇپ قانۇن ئىجرا قىلىشى ئەمەس، بەلكى مالىيەدە ھېسابات بىلەن ئەمەلىي نەرسىنىڭ بىردەك بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئەمەلىي كەسىپ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولسا، ئۇنداقتا كارخانا ھېسابات دەپتىرىنىڭ ھەممىسى ساختا بولىدۇ. مانا بۇ باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىقتىكى باج ئالدامچىلىقى.
بۇمۇ بايلارنىڭ «باجدىن قېچىش» كەسپىنى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىدىغان مالىيە-باج شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرماقتا، بۇ بىر يۈرۈش باج ئالدامچىلىق كونا چارىسى ئەمدى ئاقمايدۇ.
باج ھۆكۈمەتنىڭ كىرىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئادىللىققا مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بايلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەن باج نىسبىتىدىن بەھرىمەن بولسا، نامراتلار باج تاپشۇرمىسا، پۈتكۈل دۆلەت ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىغا تايىنىپ قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە چوقۇم ئوتتۇرا قاتلام تەدرىجىي ھالدا نامراتلار قوشۇنىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەمما بايلار بارغانسېرى بېيىيدۇ.
ھەممىمىز «بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ ساغلام سىنىپىي قۇرۇلمىسى زەيتۇن شەكىللىك بولۇپ، ئىككى بېشى كىچىك، ئوتتۇرىسى چوڭ بولىدۇ.» دەيمىز. لېكىن بىز ئىككى بېشى كىچىك، ئوتتۇرىسى چوڭ بولۇشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىمىز؟
ئۇ بولسىمۇ، كەمبەغەللەردىن ئاز باج ئېلىش، كەمبەغەللەرنى ئاستا-ئاستا ئوتتۇرا ھال سەۋىيەگە كۆتۈرۈش، بايلاردىن كۆپرەك باج ئېلىش، كەمبەغەللەرگە قوشۇمچە ياردەم بېرىش، ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىيدىغانلارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. شۇنداق قىلغاندىلا، ئەڭ ئاخىرىدا «ئورتاق بېيىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «تارىخى چوڭ شاھمات: ئورتاق بېيىش» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
رەسىم
ۋېي يانىڭ جەرىمانىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، لى جياچىنىڭ جەرىمانىسىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0