نېمە ئۈچۈن ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا «ھەقسىز داۋالىنىش»نى ئالدىن يولغا قويۇش كېرەك؟
ئالدىنقى ھەپتە، ئايالىمنىڭ ئىنىسى تۇيۇقسىز قىسىمنىڭ قايتۇرۇپ كېلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئۇ بىر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي. بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ بىرىنچى بولۇپ قىسىمنىڭ مەشىق يىڭىغا قايتىپ، ئۈچ كۈنلۈك زەربىدارلىق مەشىقىگە قاتناشتى.
مەن چۈشەنمىدىم، نېمە ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى تۇيۇقسىز مەشىق قىلىشقا قايتۇرۇپ كېلىدۇ؟
لېكىن مېنىڭ چۈشىنىدىغىنىم شۇكى، ئەگەر ئۇرۇش بولۇپ قالسا، چوقۇم قايتىش كېرەك. بۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەر بىر كىشىنىڭ قەسىمى، شۇنداقلا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەر بىر كىشىنىڭ ۋەتەنگە بەرگەن ۋەدىسى. ۋەتەننى قوغداش، ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتىن بەك يىراق ئۇقۇم. لېكىن ھەربىيلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر ۋاقىت تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇش كېرەك.

ئەسكەر بولۇش ناھايىتى جاپالىق ئىش. لېكىن تېخىمۇ جاپالىق بولغىنى، ھەربىيلەرنىڭ ئايالى بولۇش ئىدى. ئايالىم مېنى ئۇچرىتىشتىن بۇرۇن، بىر ئەر بىلەن ئارىلاشقان، يەنى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى ئىدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى يىگىتى، ياشلىق باھارىنى ۋەتەنگە بېغىشلىغان، ھازىرغىچە توي قىلمىدى، مۇھەببەتمۇ قىلمىدى دېيىشكە بولىدۇ.
نېمىشقا ئايالىم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مېنى تاللايدۇ؟ ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن سەۋەبى: «تۇل قېلىشنى خالىماسلىق، يالغۇز بالا بېقىشنى خالىماسلىق، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىشنى خالىماسلىق.» ئىدى.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ھەربىيلەر ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مەزگىلىدە، بىر يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلاش رۇخسىتى ئالىدۇ، ۋاقتى بىر ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر مەشىق ئالدىراش، ۋەزىپە ئېغىر بولسا، ھەر ۋاقىت ۋاقىتلىق قايتۇرۇپ كېتىلىشى مۇمكىن. بىر ئايال ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەربىينىڭ ئايالى بولۇش، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ يىل تاڭزۇڭزا چاغىنىدا، مەن ئايالىم بىلەن بېيخەي ۋېيجۇ ئارىلىغا ئوينىغىلى باردۇق. يولدا بىر ھەربىينىڭ ئايالى ئۇچراپ قالدى. ئۇ يالغۇز ئاق قۇملۇق ساھىلدا تەنھا كېتىۋاتاتتى، دېڭىز شامىلى ئۇنىڭ بېلىدىكى چاچلىرىنى سىيپاپ ئۆتەتتى. لېكىن ئۇنىڭ سىماسى بىپايان دېڭىزدا چەكسىز غېرىبانە كۆرۈنەتتى.
ئۇ بىزنىڭ كىچىك قىسقۇچپاقا كولاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ، خۇشاللىق بىلەن يۈگۈرۈپ كېلىپ بىزدىن:
ـــ سىلەر بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟
-پۇتۇمنى يۇيۇۋاتىمەن، پۇتۇمنىڭ ھەممە يېرى قۇم بولۇپ كېتىپتۇ.
-سىز نېمە دەپ يالغۇز كەلدىڭىز؟
-مەن دائىم ئۆزۈم يالغۇز، ھەممە يەردە ساياھەت قىلىمەن.
ــ سىز شۇنچە چىرايلىق تۇرسىڭىز، مۇھەببەتلەشمىدىڭىزمۇ؟
ئۇ سەل ھەسرەت چەككەندەك بولۇپ، يەنە سەل مەغرۇرلانغان ھالدا:
ئايالىم بىردىنلا گەپ قىلمىدى. بىلىپ تۇرۇپتىمەن، ئۇ ھېلىقى بۇرۇنقى ئوغۇل دوستىنى ئەسلەپ قالدى. ئاندىن، ئۇ ئاستا پىچىرلاپ ماڭا:
-كۆردىڭىزمۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىپتىكەنمەن، بولمىسا بۈگۈن ئۆزۈم يالغۇز دېڭىز ساھىلىدا غېرىبانە يۈرگەن بولاتتىم!
مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۈمىدسىزلەندىم ھەم ھەسرەت چەكتىم. ھەربىي بولۇش، تۆھپە قوشقانلىقتۇر، ھەربىينىڭ ئايالى بولۇشمۇ تۆھپە قوشۇشتۇر!
مەن بىردىنلا ھېلىقى ھەربىينىڭ ئايالىنىڭ «مەن دائىم ئۆزۈم يالغۇز ساياھەت قىلىمەن.» دېگەن سۆزىنى ئەسلىگىنىمدە، كىشىنىڭ تېخىمۇ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ. بۇ ئەڭ گۈزەل ياشلىقىدا، ئەسلىدە ئەڭ گۈزەل مۇھەببەتنى ھېس قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ قەلبى قىيالمىسىمۇ، ھەمىشە ئاشۇ جۇشقۇن ھەربىي چاقىرىققا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى.
بىز نېمە ئۈچۈن ھەربىيلەرنىڭ ئايالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك؟ بىز نېمە ئۈچۈن ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك؟ چۈنكى ئۇ ئۆز ئېرىنى ۋەتەن ئۈچۈن، بالىسى دادىسىنى ۋەتەن ئۈچۈن تەقدىم قىلغان.

ئۇلارغا قارىتا ئالدى بىلەن ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويۇشىدىكى سەۋەب، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ھەربىيلەر ئالدى بىلەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزىدۇ؛ يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندە، ھەربىيلەر ئالدى بىلەن جىسمىنى بىرىنچى سەپتىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاتايدۇ؛ ئۇرۇش يۈز بەرگەندە ھەربىيلەر ئالدى بىلەن جەڭگە چىقىپ، ھاياتى بىلەن قىلچە ئويلاشمايدۇ.
مەنبە: ئىشلەپچىقرىش ئەترىتى باشلىقى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.


بىۋاسىتە نەپدان سالونىغا ئەگىشىۋېلىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ!
تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ!

يېقىندا نەپداندا كۆپچىلىككە تەمىنلەنگەن يېڭىلىق مەزمۇنلاردىن ھادىسە تۈسىنى ئالغان نادىر كىتاب «ئىقتىساد تەپەككۇرى»، ئېلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىلاسسىك دەرسى «مېنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» ۋە «خەير-خوش چۈشكۈنلۈك»، سودا ساھەسىدىكى نادىر دەرسلىك «شىركەتنىڭ كۈچى»، سودا ساھەسىدىكى تەپەككۇر ئۇچقۇنى چاچقۇچى نادىر كىتاب «0 دىن 1 گە»، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچى «چوڭ خوجايىننىڭ مەخپىيىتى»، كىشىلىك ھايات پىلانلاش يېتەكچى ئوقۇشلۇقى «كەلگۈسى ئۈچۈن يېزىلغان خەتلەر»، پۇلنى چۈشىنىش جەھەتتىكى نادىر كىتاب «باي دادام، نامرات دادام» ۋە «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن»، «ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە ئارتۇقچىلىقلار»، «تىلدىكى بۆسۈش»، «ناتىقلىق سەنئىتى»، «ئادەت تۈرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ھىجرانى قىسسە سۆزلەيدۇ» تېمىسىدىكى تۆت چوڭ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدىكى زور ھەجىملىك پىروگرامما ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى نەشردىكى فوتوشوپ ئۆگىنىش دەرسلىكى (جەمىئىي 104 قىسىم، ھەر بىر قىسمىنىڭ ۋاقتى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ) «فوتوشوپ 2021-نەشرىنى تولۇق ئۆگىنىش سىن دەرسلىكى» ۋە «فوتوشوپتىن ئالاھىدە كۈچەيتمە سىنىپ دەرسلىكى» ۋە نەپداندا ئىلگىرى بار بولغان دەرسلىك ۋە كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى بولالايدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئېرىشىش ئۇسۇلى نەپدان، نەپكار سالونلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىپ بەت يۈزىگە كىرىپ ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.

