大数跨境

بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ نامۇۋاپىق ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدۇ

بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ نامۇۋاپىق ئالاقە قىلىشى چەكلىنىدۇ NepKan
2021-11-04
0
导读:سودىيە، پىروكۇرور ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ نامۇۋاپىق ئۇچرىشىشى، باردى-كەلدى قىلىشىنى چەكلەش...

يېقىندا، مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشى بىلەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «سودىيە، پىروكۇرور ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ نامۇۋاپىق ئۇچرىشىشى، باردى-كەلدى قىلىشىنى چەكلەشكە دائىر تۈزۈم-مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. ئىككى پىكىر سودىيە، پىروكۇرور ۋە ئادۋوكاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سودىيە، پىروكۇرور ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ يېقىن ۋە پاك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«سودىيە، پىروكۇرور ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ نامۇۋاپىق ئۇچرىشىشى، باردى-كەلدى قىلىشىنى چەكلەشكە دائىر تۈزۈم-مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»

پىكىردە پاسسىپ تىزىملىك شەكلىدە يەتتە خىل نامۇۋاپىق ئۇچرىشىش ۋە باردى-كەلدى قىلىش قىلمىشى تەپسىلىي مىسالغا ئېلىنغان بولۇپ، يەڭ ئىچىدە ئۇچرىشىش، دېلوغا قول تىقىش، دېلو مەنبەسىنى تونۇشتۇرۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، نامۇۋاپىق باردى-كەلدى قىلىش، مەنپەئەت ئالاقىسى قاتارلىقلارنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پىكىردە نامۇۋاپىق ئۇچرىشىش ۋە باردى-كەلدى قىلىشنى كۆزىتىش، بايقاش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش، نورمال ئۇچرىشىش ۋە باردى-كەلدى قىلىش مېخانىزمىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارغا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

◆سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى بىنورمال ئۇچرىشىش ۋە باردى-كەلدى قىلىشنى كۆزىتىش ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش، يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بىرلىشىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى تەكىتلەندى.

◆سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى «ئۈچ بەلگىلىمىلىك» ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

◆ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ سەمىمىيەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ نامۇۋاپىق ئۇچرىشىش ۋە باردى-كەلدى قىلىش سەۋەبلىك جازالىنىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، ئادۋوكاتلارنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋاكالەتچىلىك ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

◆سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپكارلىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ ئاقلاش ۋاكالەتچىلىك پىكرىنى ئاڭلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادۋوكاتلارنىڭ دەۋاغا قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىيە، پىروكۇرور ۋە ئادۋوكاتلار ئۈچۈن ئاشكارا، ئوچۇق بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

«سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»

پىكىردە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى، جۈملىدىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا چەك قويۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىزمەتتىن ھەيدەلگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىدا ھەرقانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەندى؛ «قوش يۆنىلىشلىك ئالدىن سىگنال بېرىش» مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولدى؛ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلدى.

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

------------




【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296