搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
باج تەكشۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن...
>
باج تەكشۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن...
NepKan
2021-12-30
1
导读:شەخسىي تاپاۋەت بېجى كېمەيتىلسە ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا، ئىشلەمچىلەر يېتەرلىك تاماق يېيەلەيدۇ...
باج تەكشۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن 110 مىليارد يۈەن باج تۆۋەنلىتىلىدۇ؟
پارتىيەنىڭ كۆڭلىدە خەلق بار.
باج تەكشۈرگەندە، كاپىتالىستلارنىڭ بېجى تەكشۈرۈلىدۇ، باج ئوغرىلىغۇچىلارنىڭ بېجى تەكشۈرۈلىدۇ.
شۇنداق، ۋېي يا تولۇقلايدىغان باج (جەرىمانە) 1 مىليارد 341 مىليون يۈەن، پەن شىيى تولۇقلايدىغان باج (جەرىمانە) 709 مىليون يۈەن.
مىلتىقنىڭ ئۇچى يۇقىرىغا قارىتىلسا، يۇقىرى تەبىقە باج ئوغرىلىرىغا زەربە بېرىدۇ. باج ئوغرىلاش مەسىلىسىدە، پۇقرالار باج ئوغرىلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇنداقلا باج ئوغرىلاش يولىمۇ يوق. پۇقرالار بىر كىشىلىك ئىش قىلسا، بىر كىشىلىك ئىش ھەققى ئالسا، بىر ئۈلۈش باج تاپشۇرىدۇ. باج بىر ئادەم، بىر ئۆمۈر قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئىش.
باج ئوغرىلىغۇچىلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپلا قالماي، يەنە دۆلەتنىڭ مالىيە مەنبەسىنى ئوغرىلايدۇ.
بايلار باج ئوغرىلايدۇ، كەمبەغەللەر باج تاپشۇرىدۇ، بۇ ئادىل ئەمەس.
غاز شەھىرى ئادىل بولمىسا، جاڭ مازى مەيدەنغا چىقىدۇ. جاڭ مازى كەلسە، خۇاڭ بىگىمنىڭ قورغانى چوقۇم بۇزۇلىدۇ. بايلىقنى دۆلەتكە تاپشۇرماي، قورغانغا يوشۇرۇپ قويسا، بۇ قولاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلىغانلىق، ئۆزىچە بىلەرمەنلىك قىلغانلىق.
باج تەكشۈرۈشتە ئادىل بولۇش تەلەپ قىلىندى، باج تاپشۇرىدىغان ياۋاشلار ئۈچۈن ئادىللىق تەلەپ قىلىندى.
بىر قاچا تاماق يېگەن ئىكەن، بىر قاچا تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلەش كېرەك. ئىككى قاچا تاماق يېگەندە، ئىككى قاچىنىڭ پۇلىنى تۆلەش كېرەك. لېكىن، بەزىلەر بىر ئۆمۈر تاماق يەپ، ئەزەلدىن پۇل تۆلىمەيدۇ. بۇ ئاشۇ ياۋاشلىق بىلەن يېگەن تامىقىغا داۋاملىق پۇل تۆلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئادىل ئەمەس.
ئىككى قاچا تاماق يەپ، بىر قاچىنىڭ پۇلىنى تۆلىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىش كېرەك، كۆپچىلىك ئۇنىڭ زادى بىر قاچا تاماق يېگەنمۇ ئىككى قاچا تاماقمۇ كۆرۈپ بېقىشى كېرەك.
ھېلىقى قورغاندا تۇرىۋاتقانلار، زادى بىر قاچا ئۇن يېدىمۇ ياكى ئىككى قاچا تاماق يېدىمۇ؟
بۇنى تەكشۈرمىسە ھېچقىسى يوق، بىرلا تەكشۈرسە 1 مىليارد 341 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ بىر غاز شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ 10 مىڭ يىل ئىشلەمچىلىك قىلىشىغا يېتىدۇ، بۇ ئادىلمۇ؟
باج تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈلىدىغىنى بىر ئادىللىق.
پۇلنى خۇاڭ بېگىم تېپىپ كەتتى، پۇقرالار نامراتلىقىدىن يىلىكىمۇ قالمىدى. پۇقرالارمۇ ياشىشى كېرەك، ئۇلارمۇ تاماق يېيىشى كېرەك.
بۇ بىر قاچا تاماققا ئېرىشىشتە، خۇاڭ بېگىم (خۇاڭ سىلاڭ)دىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا يەنىلا پارتىيەگە تايىنىش كېرەك.
پارتىيە غاز شەھىرىدىكى پۇقرالارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
خۇاڭ سىلاڭنىڭ بېجىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن غاز شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ بېجىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ. قانچىلىك كېمەيتىلدى؟ ئالدى بىلەن 110 مىليارد يۈەن كېمەيتىلدى.
ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن، تولۇقلىما باج سوممىسى 400 يۈەندىن ئاشمايدىغانلارنىڭ تولۇقلاپ باج تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز، بىۋاسىتە كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
يىللىق مۇكاپاتى بولسا، شۇ ئايلىق مائاشقا بىرلەشتۈرۈپ باج ھېسابلانمايدۇ، باج ئاساسى تۆۋەنلەيدۇ، ئەسلىدە 30 مىڭ يۈەن يىللىق مۇكاپات ئۈچۈن، 6000 باج ئېلىناتتى. ھازىر 30 مىڭ يۈەن يىللىق مۇكاپات بولسا، پەقەت 900 يۈەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرسىلا بولىدۇ.
دېمەك، 5100 يۈەن باج كېمەيتىلدى، يىل ئاخىرىدىكى مۇكاپاتى بارلار، ئۆيگە قايتىپ تازا ئوبدان چاغان ئۆتكۈزسە بولىدۇ. تېجەپ قېلىنغان باج پۇلىغا ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇن-بالىلىرىغا ئىككى يۈرۈش يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرەلەيدۇ.
پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشلەمچىلەرگە قارىتا، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش پايدىسىغا ئايرىم باج ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاشلا باج ئاساسى تۆۋەنلىسە، نۇرغۇن باج پۇلىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئەگەر شىركەتنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولسا، پاي چېكىنىڭ باھاسى قاتلانسا، بىر يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالسا بولىدۇ، ئۆيگە قايتقاندىمۇ مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.
باجنى كېمەيتىش دۆلەتنىڭ خەلققە پايدا يەتكۈزۈشىدۇر. شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش ھەر بىر ئىشلەمچىگە نەپ يەتكۈزىدۇ. خوجايىن شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ناھايىتى ئاز تاپشۇرىدۇ، خوجايىننىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولىدىغان نۇرغۇن ئامالى بار.
ليۇ چياڭدۇڭنىڭ يىللىق مائاشى بىر يۈەن، ئون يىلدا ئون يۈەن بولىدۇ، ئۇنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى سىز ئالالمايسىز.
ماسكقا قاراڭ، بارلىق ئىش ھەققى بىراقلا پاي ھوقۇقىغا ئايلىنىدۇ. بايدېن ماسكنىڭ بېجىنى ئالماقچى بولسا، يەنە يېڭى قانۇن تۈزۈپ، يېڭى باج تەسىس قىلىپ، مۈلۈك بېجى ئېلىشى كېرەك.
لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى مۈلۈك بېجى تېخى مۇكەممەل بولمىغان ھالەتتە تۇرماقتا. شۇڭا، خوجايىنلار ئىش ھەققىدىن ۋاز كېچىپ، شەخسىي ئىش ھەققى تاپاۋەت بېجىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئىشلەمچىلەر، يەنى غاز شەھىرىدىكى ئاددىي پۇقرالار. بىر قاچا تاماق يېسە، بىر قاچىنىڭ پۇلىنىڭ تۆلەيدۇ، بىر كىشىلىك ئىشلىسە، بىر كىشىلىك باج تاپشۇرىدۇ.
شەخسىي تاپاۋەت بېجى كېمەيتىلسە ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا، ئىشلەمچىلەرگە كۆپ تاماق يېگۈزگىلى بولىدۇ، باجنى ئاز تاپشۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلىدۇ.
بۇ يىل پارتىيەنىڭ غەزىسىنى تازا يېتەرلىك ئەمەس، خېگاڭ شەھىرىنىڭ غەزىنىسى 11 مىليارد يۈەن قەرزگە پاتتى، مالىيە ۋەيران بولدى، بۇنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ غەزىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. خېيلۇڭجياڭنىڭ غەزىنىسىدە پۇل يوق، پەقەت مەركەزنىڭ غەزىنىسىگە قاراشلىق بولماقتا.
مەركەزنىڭ غەزىنىسىدىمۇ قىيىنلىق بار. قاراڭ ئاشۇ باج ئوغرىلىرىغا، قانچىلىك دۆلەت بېجى ئوغرىلىدى؟ قاراڭ، ئاشۇ كاپىتال زومىگەرلىرى، قانچىلىغان خەلقنىڭ قان-تەرىنى ئىگىلىۋالدى؟
پارتىيە باياشات بولمىسا، مەمۇرلار جاپا تارتىپ قالىدۇ، نۇرغۇن مەمۇرلارنىڭ مائاشى تۆۋەنلىدى.
ئەمما پارتىيە يەنىلا غاز شەھىرىدىكى پۇقرالارنى ياد ئېتىپ، غاز شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ يېڭى بىر يىلنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلماقتا. يىل ئاخىرىدا پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىلدى، يىل ئاخىرىدا باجنى كېمەيتىلدى، كاپىتالىستلار بېرىشنى خالىمايدىغان پايدىنى پەقەت پارتىيە ئۆتۈنۈپ بېرەلەيدۇ.
غاز شەھىرىدىكى پۇقرالار كاپىتالىستلارغا تاقابىل تۇرالمايدۇ، ئۇلارنى پەقەت پارتىيەلا يىغىشتۇرالايدۇ.
بۇ بىر يىلدا، پارتىيەگە ئاسان ئەمەس. پارتىيە نۇرغۇن رىقابەتلەرگە دۇچ كەلدى، تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك دۈشمەن بار، ئىچكى جەھەتتە ئىقتىساد مەسىلىسى ئېغىر.
چوڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، ھەممە تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىش، ھەم دەل پەيتكە توغرا كېلىش كېرەك، بۇنىڭدا ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى سىناشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا تاكتىكىلىق مىكرو مەشغۇلاتمۇ سىناققا دۇچ كېلىدۇ.
2021-يىلى، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن قالدى، يىللار تىنچ بولغاچقا، يوشۇرۇن ئېقىم ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.
پارتىيە بىلەن خەلق بىللە بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشىمىز كېرەك!
مەنبە: كاپىتان سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0