大数跨境

ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىشتا ساختىلىق قىلسىڭىز...

ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىشتا ساختىلىق قىلسىڭىز... NepKan
2022-01-02
1
导读:يالغان نام ئىشلىتىش ياكى ساختىپەزلىك قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر
31-دېكابىر ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ، «يالغان نام ئىشلىتىش ياكى ساختىپەزلىك قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تۈزۈپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش تەرتىپى ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.
يېتەكچى پىكىردە ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ جىپسىلىشىش، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەشنى كۈچەيتىشىگە ئېنىق تەلەپ قويۇلۇپ، سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار پاكىتلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئىسپاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دەپ قارىسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئىسپاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئەدلىيە تەكلىپنامىسىنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، بېكىتىش، نازارەت قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆيلىنىشنى تىزىملاشتا خاتالىق بار، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا تەپتىش تەكلىپنامىسىنى ۋاقتىدا ئەۋەتىشى كېرەك.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىسمىنى سۇيىئىستېمال قىلغان ياكى ساختىپەزلىك قىلغان ئۆيلىنىشنى تىزىملاشقا دائىر دېلو، پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پاكىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتى بولۇپ، دېلو ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى قانۇن بويىچە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش ئارقىلىق راست بولۇپ چىقسا، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار ئىسپات-ماتېرىياللارنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.
خەلق ئىشلىرى تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە قاتارلىق تارماقلار چىقىرىپ بەرگەن پاكىتتا بېكىتىلگەن ئالاقىدار ئىسپات، ئەھۋال ئىزاھاتى، ئەدلىيە تەكلىپنامىسى، تەپتىش تەكلىپنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئىسپاتىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېتەكچى پىكىردە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى «ئۆيلىنىشنى تىزىملاشتا ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان ئالاقىدارلارنى بىرلىشىپ جازالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، باشقىلارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، جورىسىنىڭ ئىسپاتى ۋە باشقا كىنىشكا، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ئىشلىتىۋالغانلارنى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ساھەسىدىكى ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان ئالاقىدارلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ جازالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، تۆت تارماق يېتەكچى پىكىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، زىچ ماسلىشىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، بۇ تۈردىكى دېلولارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن. جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ قوللىنىپ، يېتەكچى پىكىرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا توپلاش، رەتلەش، يۇقىرىغا يوللاش كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.

بۇ يەرنى بېسىپ «تۇغۇت باققۇچىلىق مۇلازىمەت توختىمى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىڭ!

«ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» قايسى خىل توختاملار بار؟

2021-12-29

توختام تۈزۈشتە قايسى خىل شەكىللەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ؟

2021-12-28

ئۆي سودىگىرىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدا بەرگەن ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشمىسا

2021-12-29

【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296