大数跨境

يول راۋان بولمىغاندا، بۇرۇلۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

يول راۋان بولمىغاندا، بۇرۇلۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ NepKan
2022-01-03
2
导读:كىشىلىك ھايات بىر مەيدان ئويغىنىشتۇر!ۋاقىت ئېقىن سۇغا
كىشىلىك ھايات بىر مەيدان ئويغىنىشتۇر!
ۋاقىت ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ، كەلمەسكە كېتىدۇ، ھاياتلىق سەپىرىدە، بىز جاھاندىكى ئىسسىق-سوغۇقنى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەر خىل ھالەتلىرىنى تېتىپ باقىمىز.
بۇ چاغدا ئاندىن چۈشىنىپ يېتىمىزكى، كىشىلىك ھايات بىر مەيدان ئويغىنىشتۇر.
بۇ جەرياندا ئۈزلۈكسىز ئويغانغاندا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلگىلى بولىدۇ.

01. دائىم ئۆزىنىلا ئويلاش، باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا باھا بەرمەسلىك كېرەك
ئۆيدە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، ئۆينى رەتلەپ قويۇش كېرەك، رەتلىمىسە قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ، ئادەم بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۆزىنى تازىلاپ قويۇش كېرەك، كەمچىلىكلەرنى چىقىرىپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.
خۇددى كۇڭزى ئېيتقاندەك: «ئۆزىنى كۈندە ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش.» ئادەم دائىم ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك، خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش بىر خىل ئاڭلىقلىق، تېخىمۇ مۇھىمى بەلگىلىك تەجرىبىگە ئىگە بولۇش ئېڭىدۇر.
بىر ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ ئويغىنىشى ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى كۆرۈپ يېتىشتۇر.
ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلىك بىر ھېكايە بار:
بىر پارچە دەسمال ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئۈستەلنى سۈرتۈشكە باشلاپتۇ، سۈرتكەنسېرى شۇنچە مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ، دەسمال ناھايىتى خاپا بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا:
ـــ قارىڭە، سىز قانچىلىك مەينەت بولۇپ كەتتىڭىز، ھەرقانچە سۈرتسەممۇ پاكىزلانمايۋاتىسىز.
دەپتۇ.


ئۈستەل پەرۋاسىزلارچە:
-باشقىلارنى پاكىزلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى تازىلاڭ!


دەپتۇ.
دەسمال بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قارىسا، ئەسلىدە ئۆزىنىڭ پۈتۈن بەدىنى مەينەت ئىكەن.


تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەردىن چاتاق چىقىدۇ، ھەممىدىن ئاغرىنىپلا يۈرۈيدۇ، باشقىلاردىن ئاغرىنىشنىلا بىلىپ، سەۋەبىنى ئۆزىدىن ئىزدەپ باقمايدۇ.
كونىلار مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ ھە دېسىلا باشقىلارنى ئەيىبلەپ، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى بىلمەي يۈرمەسلىكى كېرەك.»
پەقەت باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا تىكىلىپ قاراشنىلا بىلىپ، ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ئويلىمىغاندا، ئاسانلا قىلتاققا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ.
چەت ئەلدە بىر داڭلىق رەسسام بار، ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئەزەلدىن بىرلا كۆزى بار.
نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەندە، رەسسام:
-بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت كىشىلەرگە ئادەمنىڭ ئىككى كۆزى بارلىقىنى، ئەمما بىر كۆزىنىڭ سىرتقا قارايدىغانلىقىنى، يەنە بىر كۆزىنىڭ ئىچىگە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
دېگەن.
ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزگە نەزەر سېلىپ، كۆڭلىمىزدىكى داغلارنى ۋاقتىدا بايقاپ ھەم سۈرتۈپ تۇرغاندىلا، قەلبىمىزدىكى پاكىزلىقنى، ساپلىقىنى ساقلىيالايمىز.
خۇددى «ئەقلىيە سۆزلەر»دە: «جىم ئولتۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىش، باشقىلار توغرىسىدا غەيۋەت قىلماسلىق كېرەك.» دېيىلگىنىدەك.
كىشىلىك ھايات قايتا-قايتا ئويلىنىش ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش جەريانىدا ئاندىن تەدرىجىي مۇكەممەللىشىدۇ، كۈنسېرى پۈتۈنلىنىدۇ.


02. يول راۋان بولمىغاندا، بۇرۇلۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


كىشىلىك ھاياتتا ئەزەلدىن يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق، پەقەت ھالقىپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان يۈرەكلا بار.
ئۆتكىلى بولمايدىغان يولدىن ئەگىلسىلا ياخشى بولىدۇ، خاتا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئادەم ۋاز كەچسەكلا بولىدۇ.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان كىشىلىك ھايات يولىدا، ئىش ئارزۇنىڭ ئەكسىچە بولۇش نورمال ئەھۋال، كۆڭلىدىكى جاھىللىقنى تاشلاپ، دەل ۋاقتىدا بۇرۇلغاندىلا، ئاندىن مەنزىلگە تېزلا يەتكىلى بولىدۇ.
چەت ئەلدە بىر داڭلىق ئارتىس بولۇپ، بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن ھادىسە تۈپەيلىدىن پالەچ بولۇپ قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئالدىدا، ئۇ بىر يىقىلىپلا ھوشىغا كېلەلمەي، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلغان.
بىر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئېلىپ سىرتقا ساياھەتكە چىقىپ، ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىغا قاراۋاتقاندا، قاتار-قاتار لوزۇنكىلار ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ.
ھەر بىر مۇساپىگە بارغاندا، بىر لوزۇنكا بولۇپ «ئالدى تەرەپتىن بۇرۇلۇش»نى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.
سانسىزلىغان ئالدى بۇرۇلۇشلار ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، شۇ تاپتا ئۇ بىردىنلا ئويغىنىپ، ئۆزى نېمە ئۈچۈن ئارتىسلىققىلا كىرىشىپ قالىدۇ؟ ھاياتىدا يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئۇنىڭ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، رېژىسسور بولۇپتۇ، يەنە تېخى قالتىس يازغۇچى بولۇپ قاپتۇ.
ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇ كىشىلەرگە مۇنداق دېگەن: «بەختسىزلىك يېتىپ كەلگەندە، كىشىلىك ھايات ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالمايدۇ، بەلكى سىز بۇرۇلىدىغان، ئەگىلىدىغان جايغا كېلىپ قالغان بولىسىز، پەقەت سىز بۇرۇلسىڭىزلا، ئاياغ ئاستىڭىزدىكى يولنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.»
تۇرمۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، روھىي ھالەت ئۆزگەرسە، ياخشى-يامان ئۆزئارا ئالمىشىدۇ؛ تەپەككۇر ئۆزگەرسە، ھەممە نەرسە روشەنلىشىدۇ؛ كىشىلىك تۇرمۇش ئۆزگەرسە، پايدىلىنىشقا بولىدىغان پۇرسەتلەر كۆپىيىدۇ.
ئادەمنىڭ بۇ ئۆمرىدە ئەڭ قىيىن بولغىنى ئويغىنىشىدۇر. سىز ھەقىقەتەن سەگەك بولسىڭىز، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ئەگرى يولدا مېڭىشتىن ساقلىنالايسىز، ئازاب ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، بەختكە ئېرىشەلەيسىز.

خەير خوش 2021-يىلى، سالام 2022-يىل!

2021-12-31

2022-يىلىغا قەدەم: نۆلگە قايتىش، قايتا قوزغىتىش، يېڭىلاش

2022-01-02

خەيرلىك كەچ: كۈرەشچان ياشلىق

2021-12-30

ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ : ئەڭ تۆۋەن چەك

2021-12-13

ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى: ئۈچ قەدەملىك ئۇسۇل

2021-12-11

قانداق قىلغاندا ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ

2021-12-10

بالىلاردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش توغرىسىدا

2021-12-08

ئېلان:



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296