搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
مەركىزى بانكا: تەييارلىق فوندى نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىلىدۇ
>
مەركىزى بانكا: تەييارلىق فوندى نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىلىدۇ
NepKan
2021-12-06
2
导读:تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىس
ئالاھىدە خەۋەر: مەركىزىي بانكا تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى!
ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى مۇقىم تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئېنت تەڭشەشنى قارار قىلدى (%5 لىك ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئىجرا قىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.) بۇ قېتىم تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى %8.4 بولىدۇ.
جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈن قويۇپ بېرىپ (پۇل-مۇئامىلە ئاتالغۇسى) سۇغۇرۇش بىلەن شۇغۇللانماي، ئىچكى-تاشقى تەڭپۇڭلۇققا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى نامىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇپ، دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق ماكرولۇق سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ياخشى ئىشلەپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار، يېشىل تەرەققىيات، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىدۇ.
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى:
1. بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۇقىم پۇل سىياسىتى يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
جاۋاب: مۇقىم پۇل سىياسىتى يۆنىلىشى ئۆزگەرمىدى. بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش پۇل سىياسىتىنىڭ دائىملىق مەشغۇلاتى بولۇپ، قويۇپ بېرىلگەن بىر قىسىم مەبلەغ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن قەرەلى توشقان ئوتتۇرا مەزگىللىك قەرز قولايلىقى (MLF)نى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ. خەلق بانكىسى نورمال پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، كەلكۈن قويۇپ بېرىپ (پۇل-مۇئامىلە ئاتالغۇسى) سۇغۇرۇش بىلەن شۇغۇللانماي، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
2. بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قانداق ئويلىشىش كېرەك؟
جاۋاب: بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى مەقسەت دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تېخىمۇ ياخشى قوللاشتىن ئىبارەت.
بىرىنچىدىن، ھەرىكەتچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللايدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم مەبلەغ مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەبلىغىدىن پائال پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
ئۈچىنچى، بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەبلەغ تەننەرخىنى ھەر يىلى تەخمىنەن 15 مىليارد يۈەن تۆۋەنلىتىدۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يەتكۈزۈشى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
3. بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ قويۇپ بېرىلىدۇ؟
جاۋاب: بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش بولۇپ، %5 لىك ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئىجرا قىلغان قىسمەن ناھىيەلەردىكى قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن سىرت، باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا قارىتا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش بويىچە باھالاشقا قاتناشقان كۆپ ساندىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، كىچىك شىركەتلەرنى قوللاش (يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) قاتارلىق باھالاش ئۆلچىمىگە يەتكەن، سىياسەت نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئەڭ ئېتىبار بېرىلگەن ئامانەت پۇل ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتە جەمئىي 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئىقتىساد تورى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296