搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
خىڭدا، يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى!
>
خىڭدا، يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى!
NepKan
2021-12-05
0
导读:بۇ بەلكىم شىركەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈم ۋە قەرەلى توشقان قەرزنى قايتۇرۇشنى توختىتىدىغانلىقىدىن دېرەك ب
يېرىم كېچىدە، چاقماق چاقتى!
خېڭدا، يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى!
كۆچمە كرىزىسقا پېتىپ قېلىپ، يېرىم يىلغا يېقىن جان تالاشقاندىن كېيىن، بۈگۈن (2021-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى) كەچ، خېڭدا شياڭگاڭ سودا بىرژىسىدا ئېلان قىلغان بىر ئۇقتۇرۇشىدا، توختامغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى غۇۋا ئاشكارىلاپ قويدى.
2021-يىلى 9-ئايدىن بۇيان، گۇرۇھىمىز مالىيە مەسلىھەتچىسى ۋە قانۇن مەسلىھەتچىسى بىلەن شىركەتنىڭ كاپىتال قۇرۇلمىسى ۋە يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى باھالاپ، بارلىق يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھەلەر ئۈستىدە ئىزدەندى ھەم چېگرا سىرتىدىكى ھەقدارلار بىلەن داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇردى. نۆۋەتتىكى يۆتكىلىشچانلىق ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، گۇرۇھىمىز يېتەرلىك مەبلەغكە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتەلمىدى، مالىيە مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىۋاتىدۇ. گۇرۇھىمىز ئومۇمىي مالىيە ئەھۋالىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، بارلىق مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، ئادىل، قانۇن-تۈزۈملەشكەن ئىدىيەگە ئەمەل قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى ھەقدارلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، بارلىق مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئۈچۈن يولغا قويۇشقا بولىدىغان چېگرا سىرتىدىكى قايتا تەشكىللەش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان كۈنى، شىركىتىمىز بۇ شىركەتنىڭ 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى. گۇرۇھىمىز كېپىللىك ياكى باشقا مالىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئەھۋالدا، ھەقدارنىڭ تەلەپ قىلغان قەرزنىڭ قەرەلى تېز سۈرئەتتە توشۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يەردە دېيىلگەن «260 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كېپىللىك مەجبۇرىيىتى» رەنىگە قويۇلغان خۇسۇسىي قەرزنىڭ قەرەلى توشقانلىق بولۇپ، شىركەت قەرز ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %0.5 ىنى ئىگىلەيدىكەن، ھەقدارلار ئاساسلىقى چەت ئەل مەبلىغى ئىكەن.
بۇ قېتىم خېڭدا 260 مىليون دوللارلىق خۇسۇسىي قەرزگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ بەلكىم شىركەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈم ۋە قەرەلى توشقان قەرزنى قايتۇرۇشنى توختىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، بۇ شۈ جيايىننى قىلىدىغاننى قىلمىدى دېگەنلىك ئەمەس، ئۇمۇ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆي بىساتىنى، قول ئاستىدىكى مۈلكىنى سېتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ.
(بۇ يەرنى بېسىپ «شۈ جيايىن ئۆي بىساتىنى سېتىۋەتسە، خېڭدانى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)
لېكىن ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، خېڭدا ھازىر نەقلەشتۈرگەن بۇنچىلىك پۇلى، ئۇنىڭ ھېلىقى قەرز تۆشۈكىنى تولدۇرۇشىقىمۇ يەتمەيدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، خېڭدانىڭ ھازىرقى قەرزى تەخمىنەن 1 تىرىليون 950 مىليارد يۈەن بولۇپ، پۇل مۇئامىلە قەرزىنىڭ سوممىسى 600 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.
بۇ پۇللارنى نەگە خەجلەندى؟
كۆپچىلىككە مەلۇم، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، بىر گۈزەل قىز ھەقدار غەزەپلىك تەلەپپۇزدا، خېڭدا ۋە شۈ خوجايىنلارنى روھىي جەھەتتىن قىيناپ سوراق قىلىپ، ئېغىز خۇمارىنى قاتتىق باسقانىدى.
لېكىن راست گەپنى قىلغاندا، 2 تىرىليون يۈەن قەرزنى شۈ جيايىن بەتخەجلىك قىلىپ بۇزۇپ چاچسىمۇ، خەجلەپ تۈگىتەلمەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «شىخۇڭ شەھىرىدىكى بىرىنچى باي»نى كۆرگەن، ۋاڭ دويۈ بىر ئايدا 1 مىليارد يۈەن خەجلەشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ خەجلەپ بولالمىغان ئىدى، 2 تىرىليون يۈەننى دېمەيلا قويايلى.
ئۇنداقتا، خېڭدانىڭ پۇلى نەگە كەتتى؟
مەن بۇ يەرلەرنى ئاددىيلا رەتلەپ باقتىم:
1. مەبلەغ سېلىۋاتقان ئەمما تېخى سېتىلمىغان بىنالار (سېتىپ بولالمىغان بىنالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛
2. ئىگىلەپ ياتقان يەر؛
3. مەغلۇب بولغان قوشۇمچە كەسپىلەر؛
4. تىجارەت سېلىنمىسىدىكى مەغلۇبىيەتلىرى؛
ئالدىنقى ئىككىسىدىن يەنە ئازراق پۇل يىغىۋالغىلى بولىدۇ، كەينىدىكى ئىككىسىدە، ھەممىسى سۇغا چىلاشتى دېگەن گەپ.
تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا قانداق ئىشقا ئەڭ پۇل سەرپ قىلىنىدۇ، ئەڭ زىيان تارتىدۇ؟
ئۇ بولسىمۇ مەبلەغ سېلىش، بولۇپمۇ كاللىسى قىزىپ كەتكەندە،
ئەمەلىيەتتە ئاساسلىق تىجارەت كەسپى بىلەن لوگىكىلىق مۇناسىۋىتى يوق
ساھەلەرگە كەلسە-كەلمەس مەبلەغ سېلىش ۋە كۆپ مەنبەلەشتۈرۈۋېتىش، ئاخىرى ئۆزىنى ھالاكەت گىردابىغا سۆرەپ بارىدۇ.
بۇ جەھەتتە، خېڭدا بىڭچۈەن، خېڭدا ئاپتوموبىلى پۇلنى خۇددى ئېقىن سۇغا ئوخشاش سەرپ قىلىپ، زىيان تارتىپ، ئاخىر ئاساسىي كەسپىنىمۇ بۇ ھالاكەتكە سۆرەپ كىردى.
خېڭدانىڭ بۇنداق قالايمىقان مەبلەغ سېلىشى شۈ جيايىننىڭ كارخانا مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بۇنى شۈ جىيايىننىڭ بىر مەيدان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
راست گەپنى قىلسام، بۇ مۇسابىقە مېنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى.
نېمىشقا ئوڭايسىزلىنىپ قالىمەن؟
چۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، بىر توپ كىشىلەر خۇددى كىچىك بالىنى گوللاۋاتقاندەك شۈ جيايىننى ئەركىلەتمەكتە.
پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، شۈ جيايىن ئاساسەن ئورۇن تالاشمىدى، مۇداپىئەمۇ قىلمىدى، ۋاسكېتبولنىمۇ تالاشمىدى، لېكىن پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، ۋاسكېتبول باشتىن-ئاخىر ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ تۇردى.
ئاخىرىدا 60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان شۈ خوجايىن ئۆزىنىڭ قوپال ۋاسكېتبول تېخنىكىسى بىلەن پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر بولغان 30 نومۇرنى ئېلىپ، MVP بولۇپ سايلاندى!
بۇ ۋىدىئوغا قاراپ، خېڭدانىڭ «يالاقچى» مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك قويۇق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، خېڭدانىڭ بۇ خىل« يالاقچى» مەدەنىيىتىگە قارىتا، توردا نۇرغۇن باھالار بار.
بۇنداق بىر توپ كىشىلەر بىر ئادەمنى چۆرگىلىتىۋېتىدىغان بيۇروكرات «يالاقچى» مەدەنىيەتنىڭ ئاستىدا مەست بولۇپ كەتكەن شۈ خوجايىن قىلچە لوگىكىلىق ئاساسى بولمىغان بىر دۆۋە كۆپ مەنبەلىك مەبلەغنى خېڭدانىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى دانا تەدبىر دەپ قارىسا، بۇنى نورمال ئەمەس دېگىلى بولمايتتى.
ئاۋارىچىلىك يېرى شۇكى، بۇ خىل كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش خېڭدانىڭ ئۆز مەبلىغىدىن ئەمەس، بەلكى قەرزدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى پىشاڭ قوشۇلغان.
خېڭدا شىركىتى پىشاڭنى تەلۋىلەرچە قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پىشاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەتتا پىشاڭنى تۈگىتىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
2016-يىلى 5-ئايدا «خەلق گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «تۇنجى پەسىلدە چوڭ ۋەزىيەتنى سوراش -- نوپۇزلۇق زاتلار نۆۋەتتىكى جۇڭگو ئىقتىسادى توغرىسىدا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، نوپۇزلۇق زاتلار ئاگاھلاندۇرۇش بەردى:
دەرەخ زىيادە ئۆسۈپ كەتسە بولمايدۇ، پىشاڭ يۇقىرى بولسا مۇقەررەر ھالدا خەۋپ-خەتەر كېلىپ چىقىدۇ.
بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ زېرىكمەي-تېرىكمەي نەسىھەت قىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، خوجايىننىڭ شىددەت بىلەن ئىلگىرىلىشى، شىددەت بىلەن كېڭىيىشى، بىر مەھەل ئوتنى ئۇلغايتىۋەتكەندىكى ئاقىۋەتنىڭ ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۈ خوجايىن ئۆزىنىڭ جاھانكەشتىلىك ئورنىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم ئىكەن، بىر قېتىم ئۇ ھاراقنى تازا ئىچىپ، ھاراقتىن قىزىپ كەتكەندە، ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ، رومكىنى تاشلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئوڭ-سولىدىكىلەردىن: «مەن شۈ جيايىن، قانداق قىلسام مەڭگۈ ياشىيالايمەن؟» دەپ سورىغان.
بۈگۈن خېڭدا خېڭشېڭ كۆرسەتكۈچى تەرىپىدىن شاللاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئارزۇلىرى مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان شۈ جيايىن ئىشنىڭ بېشىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىسىنى پەرەز قىلالمىغان ئىدى.
ئەمەلىيەتتە بىر شىركەتنىڭ خوجايىنى قانداق بولسا، بۇ شىركەت شۇنداق بولىدۇ، بىر كارخانىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ياشىيالايدىغان-ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ خوجايىنىنىڭ ئىشەنچىسىزلىكىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
قارىغاندا، بۇ بىر قانۇنىيەت ئىكەن: ئەگەر بىر
خ
و
جايىن ھەددىدىن ئېشىپ خۇدىنى يوقىتىپ قويۇپ، «سېتىۋېلىش، سېتىۋېلىش، سېتىۋېلىش»، «قوشۇۋېلىش، قوشۇۋېلىش، قوشۇۋېلىش»، «دائىرىلەش، دائىرىلەش، دائىرىلەش»، «چوڭ، چوڭ، چوڭ»، «ياخشى، ياخشى، ياخشى» ئارقىلىق ھەممىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۇ مەغلۇبىيەتكە ئاز قالغان بولىدۇ.
ئەپسۇس، خېڭدا مۇشۇ قانۇنىيەتنىڭ ئىزناسى بولۇپ قالدى!
ئەڭ ئاخىرىدا ئەسەبىيلەرچە پىشاڭ قوشۇپ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، بۇ ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرغان ماشى كەمىرى ئۆزىنىڭ بوينىغا باغلانغان سىرتماققا ئايلاندى!
مەنبە: مۇھىم مالىيە خەۋەرلىرى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
0
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
0
粉丝
0
内容
0