大数跨境

كىرىزىستا قالغان ليەنشاڭ گۇرۇھى

كىرىزىستا قالغان ليەنشاڭ گۇرۇھى NepKan
2021-11-21
2
导读:بۇ ياردەم بولامدۇ؟ بۇ «كىرىزىس ئاممىۋى مۇناسىۋىتى» ئەمەسمۇ؟ بۇ سىما نەننى «تەسلىم» قىلدۇرۇش ئەمەسمۇ؟


سىما نەن ئۇدا 6 تال سىن تارقىتىپ، ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭلارنىڭ ليەنشياڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى چوڭقۇر قېزىپ چىققان. مەنمۇ  سىما نەننىڭ 6 تال سىنىنى ئالاھىدە كۆرۈپ چىقتىم، مەزمۇن جەھەتتە مىڭدې ئەپەندىنىڭ دەسلەپكى ليەنشياڭ مەسىلىسىنى ئاشكارىلىشى بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن. 


مەنبە:  سىما نەن قانىلى B بېكىتى 

ئېھتىمال مىڭدې ئەپەندىنىڭ تەسىر كۈچى  سىما نەندىن خېلىلا تۆۋەن بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇڭا، ئوخشاش مەزمۇندا  سىما نەن يەنە بىر قېتىم سۆزلىگەندىن كېيىن، پەيدا بولغان كۆپچىلىك پىكرى دولقۇنى مىڭدې ئەپەندىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. 
 سىما نەننىڭ سىن كۆرۈنۈشىدە، ئۇ مىڭدې ئەپەندىنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ليەنشياڭچۇ؟ دەل جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن چىققان دۆلەت كارخانىسى. ئەمما ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىقلارنىڭ كاپىتالى زور دەرىجىدە يۆتكەلگەندىن كېيىن، ليەنشياڭ يۇقىرى قاتلام كونتروللۇقىدىكى پاي چەكلىك شىركىتىگە ئايلانغان.  (بۇ يەرنى بېسىپ «ليەنشياڭ گۇرۇھى نېمە ئۈچۈن بىردىنلا تىل ئىمبارگۇسىغا ئۇچرايدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

بۇ جەريان قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؟ كەمىنىنىڭ بىلىشىچە، بارلىق ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىق ليەنشياڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ كوللېكتىپى قانۇنلۇق ئىكەن. ھەممىسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلانغان. 

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرىدا «داش قازاننىڭ ئېشىنى تەڭ يېيىش» مەسىلىسى مەۋجۇت ئىدى. كۆپ ئىشلىسىمۇ ئاز ئىشلىسىمۇ ئوخشاش، تۆھپىسى بويىچە تەقسىم قىلىنمىسا، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى بولمايدۇ. ليەنشياڭ گۇرۇھى ئەڭ دەسلەپتە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن پېيى %100 كونترول قىلغان بولۇپ، «داش قازاننىڭ ئېشىنى يېيىش» مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت ئىدى. 

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، 1993-يىلى ليەنشياڭ گۇرۇھىمۇ تۈزۈلمە ئۆزگەرتىشنى باشلاپ، ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭ ۋە باشقا ليەنشياڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە %35 پاي ھوقۇقى بېرىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى %20 نى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھېسابلاش ئورنى %45 نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىق كىشىلەر قانۇنلۇق ھالدا ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ %35 پايدا بۆلۈشۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىقلارنىڭ ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ مۈلكىنى قانۇنلۇق ھالدا پىلە قۇرتىسىمان يېيىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىدى. 


ئىككىنچى قەدەمدە، 1997-يىلى، ليۇ چۈەنجى بېيجىڭ ليەنشياڭنىڭ 0 مۈلكىنى شياڭگاڭ ليەنشياڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىش شىركىتىگە كىرگۈزۈپ، ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا ليۇ چۈەنجى يېتەكچىلىك قىلغان. ئەسلىدە ليەنشياڭ خىزمەتچىلىرى ئىگە بولغان پايدا بۆلۈشۈش ھوقۇقى بۇ قېتىمقى پاي تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا پاي ھوقۇقىغا ئايلانغان. 
شۇنىڭ بىلەن خىزمەتچىلەر پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇش كومىتېتى %35 پاي ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ليەنشياڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى زور سالماقنى ئىگىلىگەن. بۇ چاغدا ليەنشياڭ يەنىلا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قولىدا ئىدى. ئەمما ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭ دۆلەت كارخانىسىدىكى خادىمدىن دۆلەت كارخانىسىنىڭ پاي چېكىگە ئايلانغان.
ئۈچىنچى قەدەم، 2009-يىلى ليەنشياڭ گۇرۇھى فەنخەي گۇرۇھىنى كىرگۈزگەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەت پەن-تېخنىكا پاي كونترول شىركىتى ٪29 پاي ھوقۇقىنى، 2 مىليارد 755 مىليون يۈەنلىك تۆۋەن باھادا فەنخەي گۇرۇھىغا سېتىپ بەرگەن. نېمە ئۈچۈن دۆلەت پەن-تېخنىكا پاي كونترول شىركىتى %29 پاينى تۆۋەن باھادا فەنخەي گۇرۇھىغا سېتىپ بېرىدۇ؟ 


بۇ ئىش باشقا بىر ھېسابلاش ئورنىنىڭ رەھبىرىگە چېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى زېڭ ماۋچاۋ. لېكىن، زېڭ ماۋچاۋ نېمە ئۈچۈن بۇ ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان سودىغا قوشۇلىدۇ؟ بۇ كىشىلەرنىڭ ھىيلىسى ھەقىقەتەن بەك يۈكسەكلىككە يەتكەن. (بۇ يەرنى بېسىپ «ليۇ چۈەنجىنىڭ خاتالىقى قەيەردە؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!)

2012-يىلى، فەنخەي گۇرۇھى %8.9 پاي ھوقۇقىنى بېيجىڭ ليەنخېڭ يۇڭشىنغا پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇش سۇپىسى قىلىپ سېتىپ بەرگەن. ليەنخېڭ يۇڭشىننىڭ پايچېكلار تىزىملىكىدە زېڭ ماۋچاۋ، ياڭ يۈەنچىڭلار بار ئىدى. مۇشۇنداق بىر قېتىملىق سودا ئارقىلىق زېڭ ماۋچاۋ، ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىق كىشىلەر ليەنشياڭ گۇرۇھىغا ئەگرى سىزىق بويىچە پاي قوشۇپ، ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ پايچىكىگە ئايلانغان. 
ئەگەر بۇنى چۈشىنەلمىسىڭىز، چۈمۈلە پۇل مۇئامىسلىسىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش دېلوسىدا، كەمىنە «جاۋ ۋېي، خۇاڭ يۇلۇڭ، شى يۈجۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن كاپىتال» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يازغان. بۇ ماقالىدە، جاۋ ۋېي، خۇاڭ يۇلۇڭ، شى يۈجۇلارنىڭ چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسىنى قانداق قىلىپ ئەگرى سىزىق بويىچە پاي قوشقانلىقى تەپسىلىي سۆزلەنگەن. (بۇ يەرنى بېسىپ «كاپىتال ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمىغان شياۋ يەنزى ۋە ما يۈن» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ!) 


زېڭ ماۋچاۋ، ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىقلارمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ليەنشياڭ گۇرۇھىغا پاي قوشقان. ليۇ چۈەنجى ھەقىقەتەن «پوپ» دېگەن نامغا مۇناسىپ، بۇ بىر يۈرۈش ئەگرى سىزىق بويىچە پاي قوشۇشتىن ئىبارەت، ھېيلە-مىكىر ئۇسۇلى ئارقىلىق نۇرغۇن شاگىرت تەربىيەلىگەن. 

ئۈچىنچى قەدەم تاماملانغاندىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىلكىدىكى پاي چېكى تۆۋەنلەپ %36 كە چۈشكەن، ليۇ چۈەنجى، زېڭ ماۋچاۋ، ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىقلار تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا پەيدا بولۇپ، ئاستا-ئاستا كۆپەيگەن، لۇ جىچياڭنىڭ فەنخەي گۇرۇھى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قۇدرەتلىك تاشقى كۈچكە ئايلانغان. بۇ يەرگە كەلگەندە، ھەممە نەرسە يەنىلا قانۇنلۇق ئىدى. 

ئاخىرىدا، ليۇ چۈەنجى تۆتىنچى قەدەمنى باشلاپ، ليەنشياڭنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشنى ئىلگىرى سۈردى. ليەنشياڭ پاي چېكىنى بازارغا سالغاندا، مۇقەررەر ھالدا دەسلەپكى پاي چەكلەرنىڭ پاي ھوقۇقىنى سۇيۇلدۇرىدۇ. شۇڭا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پاي ھوقۇقى سۇيۇلدۇرۇلۇپ پەقەت %29.1 لا قالغان. %30 تىن ئارتۇق پاي ھوقۇقىغا ئىگە پايچىكلار گۇرۇھنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. لېكىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پاي ھوقۇقى ئاران %29.1 ى قېلىپ، بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان. 



29.1%، 30% تىن پەقەت %0.9 پەرقلىنىدۇ، بۇ %0.9 پەرق جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ليەنشياڭ گۇرۇھىغا بولغان سۆز قىلىش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. ئەكسىچە، ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار كوللېكتىپىنىڭ ئىلكىدىكى ليەنشياڭ پاي ھوقۇقى %44 كە ئۆرلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە فەنخەي گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپى پۇل مۇئامىلە ۋە ئۆي-مۈلۈك كەسپى بولغاچقا، كومپيۇتېر كەسپىنى بىلمەيتتى، شۇنداقلا بۇ پاسكىنا سۇغا چىلىشىشنى خالىمايتتى، شۇڭا ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلىش ھوقۇقى پۈتۈنلەي ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. 
يۇقىرىدىكى تۆت قەدەمنى مېڭىپ بولغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى %100 دۆلەت كارخانىسى ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭ قاتارلىق ئاز ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار كونترول قىلىدىغان پاي تۈزۈمى چەكلىك شىركىتىگە ئايلانغان. بىز 30 نەچچە يىل بۇرۇن ليۇ چۈەنجى قاتارلىق كىشىلەرنى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پىلانلاپ بولغان دېسەك بولمايدۇ، بىز پەقەت ئۇلار دەۋرنىڭ يوچۇقىغا دەسسەپ تۇرۇپ، ليەنشياڭدىن ئىبارەت بۇ دۆلەت مۈلكىنى يۆتكەش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن تاماملىدى دېيەلەيمىز. 


بۈگۈنكى كۈندە، بىز بىر دۆلەت كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ تەدرىجىي ھالدا 100 مىليارد يۈەنلىك بازار قىممىتى بار دۆلەت كارخانىسىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسىغا ئايلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بىراق، ليۇ چۈەنجى ئالاھىدە دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈلمە ئۆزگەرتىشىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، پۇختا كاپىتال مەشغۇلاتى ئارقىلىق دۆلەت مۈلكىگە قانۇنلۇق ۋارىسلىق قىلىشنى تاماملىدى. 

بۇ بىر قاتار مەشغۇلاتلار ئاساسەن مۇكەممەل. لېكىن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى ماھارەت دەپ بىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى يۆتكەيدىغان دەللال كاپىتالىستلارنى «مىللىي كارخانىچى» ياكى «جۇڭگو سودا پىشۋاسى» دەپ قاراپ، ئۆز چۆنتىكىگە زىيادە چوغ تارتقان، ئەكسىچە ئۆزىنى «ۋەتەننى سۆيۈش روھى» كۈچلۈك دەپ جار سېلىشى، تولىمۇ يۈزسىزلىكتۇر. 

 سىما نەننىڭ ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭلارنىڭ كاپىتالىنى يۆتكەش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن، ليۇ چۈەنجى ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوچۇق خەت يېزىپ، بارلىق ليەنشياڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ شان-شەرىپىنى بىرلىكتە قوغداشقا چاقىرىق قىلغان. 


كەمىنىنىڭ قارىشىچە، ليۇ بوۋاي ئوبيېكىتنى خاتا تونۇپ قاپتۇ.  سىما نەننىڭ پاش قىلغىنى ليەنشياڭ ئەمەس، بەلكى ليۇ چۈەنجى، ياڭ يۈەنچىڭ، دۆلەت مۈلكىنى يۆتكىگەن ليەنشياڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى شۇنداقلا «ئەگرى سىزىق بويىچە پاي قوشۇش» ئارقىلىق پەردە ئارقىسىدا ليەنشياڭ پاي چېكىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھېسابلاش ئورنىنىڭ رەھبىرى ئىدى. 

ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلامدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق. قانداقلا بولمىسۇن، سىلەر پۇلنى بۆلۈشۈپ، پاينى يۆتكىگەندە، بىر موچەن تەقسىم قىلمىدىڭلار، ليەنشياڭنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلام خىزمەتچىلىرىدىن بىر كىشىگىمۇ بۆلۈپ بەرمىدىڭلار. ياڭ يۈەنچىڭ يىلىغا 100 مىليون يۈەن يىللىق مائاش ئالغاندا، لىيەنشىياڭنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسىنى بىر ۋاخ تاماق يېيىشكىمۇ تەكلىپ قىلىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ليەنشياڭنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە زادى قانچىلىك مەخپىيەتلىك بارلىقىنى بىلىشكە قىزىقىدۇ ئەلۋەتتە. 
ليەنشياڭنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ۋاقىتتا، سىز پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتىڭىز. بۈگۈنكى كۈندە، سىز تىل ئاڭلىغاندا، ليەنشياڭ گۇرۇھىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر سىزنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىڭىز بولۇپ قالدى شۇنداقمۇ؟ بەختتىن سىز بەھرىمەن بولۇڭ، قىيىنچىلىق بولسا ليەنشياڭ ئوتتۇرىغا چىقسۇن، بۇ تولىمۇ نومۇسسىزلىق ئەمەسمۇ؟ 
ئىشلار ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ليۇ چۈەنجى بىلەن ياڭ يۈەنچىڭ بىر ئايال كاتىپىنى ئەۋەتىپ،  سىما نەننى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، بىرلىكتە ۋەتەنپەرۋەر ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا، ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلارنىڭ لېكسىيە سۆزلىشىگە ۋە قىزىل ساياھەت تۈرلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى مەسلىھەتلىشىشنى ئېيتقان. ئادەتتە ليەنشياڭنىڭ بۇلارغا ياردەم بېرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ چاغدا تۇيۇقسىز  سىما نەن بىلەن بۇ «ۋەتەنپەرۋەر ئالىملار» ۋە «قىزىل ساياھەت»نى مەسلىھەتلەشكۈسى كېلىپ قاپتىغۇ؟ 

بۇ ياردەم بولامدۇ؟ بۇ «كىرىزىس ئاممىۋى مۇناسىۋىتى» ئەمەسمۇ؟ بۇ سىما نەننى «تەسلىم» قىلدۇرۇش ئەمەسمۇ؟ ئايال كاتىپ بولسا ساھىبجامال ھىيلىسى، زىياپەت بولسا «خۇڭمېن زىياپىتى»، ياردەم بولسا «شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى»دۇر. 
بىراق، سىما نەن ناھايىتى سەگەك. بۇ چاغدا، بۇ «خۇڭمېن زىياپىتى»گە بېرىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بارسا، ناۋادا « قىلتاق»قا چۈشۈپ قالسىچۇ؟ 

مەنبە: سىما نەننىڭ يازمىسى

ليۇ چۈەنجىنىڭ كاپىتالىنى يۆتكەش تېخنىكىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن دوستلىرىم بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىممۇ ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ ئادوۋكاتلىق خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. بەزى دوستلار قورقۇپ كېتىپ ۋاز كەچتى، لېكىن بەزى دوستلار قاتتىق قول بولۇشنى تاللىدى. 
ئارقا سۇپىدا بەزىلەر دائىم مەندىن ئەگەر NGO تەشكىلاتى ماڭا پۇل ئۇرۇپ بەرسە مېنىڭ قوبۇل قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىمنى سورايدۇ؟ 
بۇ يەردە كەمىنە كۆپچىلىككە ئېنىق قىلىپ ئىپادە بىلدۈرۈپ قويۇشۇم كېرەككى: ئەگەر مەھسۇلاتنى كېڭەيتىش، ماركىنى تەشۋىق قىلىش بولسا، قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولسا، مەن ئالىمەن. ماڭا تۇرمۇش كېرەك. 
لېكىن ۋىجدانىمغا خىلاپ «قارا پۇل»، «ۋەتەن ساتقان تاماق» بولسا، مەن ھەرگىز قوبۇل قىلمايمەن. 
ئۆزتاراتقۇلاردىمۇ ئەدەپ-ئەخلاق بولۇشى كېرەك. بۇ خىل ئەخلاقتا چىڭ تۇرۇش، تۆۋەن چەك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنى قوغداشتۇر. 
مەنبە: ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
ئېلان:

پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.


بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.


دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 296
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读206
粉丝0
内容296