大数跨境

ئۆيلىنىش، تۇغۇت دەم ئېلىشى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار

ئۆيلىنىش، تۇغۇت دەم ئېلىشى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار NepKan
2021-11-23
1
导读:پۇقرالار ۋە ئىككىنچى قېتىم ئۆيلەنگەنلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۈچ كۈنلۈك ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىدىن بەھرىم
يېقىندا، بىر تورداش خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش تاختىسى»دا سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىچۈەندە ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى پەقەت ئۈچ كۈن، ياشلارنىڭ ئۆيلەنگۈدەك ۋاقتى يوق».

18-نويابىر، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت بېكىتكەن ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى ئۈچ كۈن بولۇپ، ھازىر دۆلەت ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى تۈزۈمىنى تەڭشەۋاتىدۇ، مۇۋاپىق پەيتتە ئەڭ يېڭى ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى سىياسىتى ئېلان قىلىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ توي مۇراسىمى ۋە شېرىن ئاي ساياھىتى ئۆتكۈزۈشىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، نۇرغۇن جايلاردىكى تورداشلار ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتنىڭ تەڭشىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2015-يىلى 27-دېكابىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان، بۇ يېڭى قانۇندا كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈشكە ئىلھام بېرىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر چىقىرىۋېتىلگەن. «كېچىكىپ ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى» بىكار قىلىنىشتىن ئىلگىرى، دۆلىتىمىزنىڭ «ئۆيلىنىش قانۇنى» ۋە «پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: 
قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆيلىنىش يېشىغا توشقان تۇنجى ئۆيلەنگەن پۇقرالار ۋە ئىككىنچى قېتىم ئۆيلەنگەنلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۈچ كۈنلۈك ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ كېچىكىپ ئۆيلەنگەنلەر 15 كۈنلۈك كېچىكىپ ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ (بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۈچ كۈنلۈك ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ ئۆيلەنگەن ئىككى تەرەپ بىر جايدا خىزمەت قىلمىسا (تۇرۇشلۇق ئورنى بىر جايدا بولمىسا)، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپنىڭ ئىدارىسى يەنە بىر تەرەپ تۇرۇشلۇق جاينىڭ يىراق-يېقىنلىقىغا قاراپ، ئايرىم سەپەر دەم ئېلىشى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ. 

نۇرغۇن جايلار ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى، تۇغۇت دەم ئېلىشىنى تەڭشىدى

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 11-ئايغىچە، نۇرغۇن جايلار نوپۇس، پىلانلىق تۇغۇت نىزامىنىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە تۇغۇت بېقىش دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش، «بالا بېقىش دەم ئېلىشى»نى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويغان. 


بالا بېقىش دەم ئېلىشى 
جياڭشى ئۆلكىسى، سىچۈەن ئۆلكىسى ۋە گۈيجۇ ئۆلكىسىدە پەرزەنتلىرى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەر يىلى ئون كۈنلۈك بالا بېقىش دەم ئېلىشى بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بالا بېقىش دەم ئېلىشى تەسىس قىلىشنى ئېنىق بېكىتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھەر يىلى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلىرى بار ئاتا-ئانىلارغا 10 كۈنلۈك بالا بېقىش دەم ئېلىشى بېرىشىنى، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىش ھەققىنى تولۇق بېرىشىنى بەلگىلىگەن. 
سەنشى ئۆلكىسى بەلگىلىگەن بالا بېقىش دەم ئېلىشى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، «بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا پەرزەنتلىك بولغان ھەمدە پەرزەنتى ئۈچ ياشقا توشمىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىدارىسى ئۇلارغا ھەر يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 كۈن بالا بېقىش دەم ئېلىشى بېرىدۇ. نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن پەرزەنت ئۈچ ياشقا توشمىغان بولسا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېيىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى بالا تەربىيەلەش ھەققى تارقاتسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. 
ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى 
جياڭشى ئۆلكىسى ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىنى 15 كۈن ئۇزارتقان (جەمئىي 18 كۈنگە يەتكۈزگەن)، ئەنخۇي ئۆلكىسى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن قىلىش ئاساسىدا، ئۇنى يەنە 10 كۈن ئۇزارتقان. 
تۇغۇت دەم ئېلىشى 
جياڭشى ئۆلكىسى تۇغۇت دەم ئېلىشىنى 30 كۈن ئۇزارتقان (188 كۈنگە يەتكۈزگەن)، ئەرلەرنىڭ تۇغۇت بېقىش دەم ئېلىشىنى 15 كۈن ئۇزارتقان (جەمئىي 30 كۈن بولغان).
جياڭسۇ ئۆلكىسى تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە تۇغۇت بېقىش دەم ئېلىشىنى قىسمەن تەڭشىگەن، ئايال تەرەپنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن تۇغۇت دەم ئېلىشىدىن باشقا، ئۇزارتىپ دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ 30 كۈندىن كەم بولمايدىغانلىقى، ئەر تەرەپنىڭ تۇغۇت بېقىش دەم ئېلىشى 15 كۈندىن كەم بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 
جىلىن ئۆلكىسى تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە تۇغۇت بېقىش دەم ئېلىشى كۈن سانىغا قارىتا كونكرېت بەلگىلىمە چىقارمىغان، پەقەت «سىياسەت بويىچە پەرزەنت كۆرگەن ئەر-خوتۇنلارغا بېرىلىدىغان تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە تۇغۇت بېقىش دەم ئېلىشى مۇكاپات تەرىقىسىدە ئۇزارتىلسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈپ چىقىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.
----
ئېلان:


پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.

دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0