دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، توردا شەخسنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىنىش، ئەپ دېتاللار دائىم ئابۇنىچىلارنى ھوقۇق بېرىشكە مەجبۇرلاش، ھوقۇق بەرمىسە ئىشلەتكىلى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا 14-نويابىر «تور سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى» دېيىلىدۇ) توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى.
شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشنى قانداق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؟
«پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەخسلەر مۇلازىمەتتە زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلاردىن باشقا ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلسا، سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلغۇچىلار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلسا ياكى شەخسنىڭ مۇلازىمەتنى نورمال ئىشلىتىشىگە كاشىلا قىلسا بولمايدۇ. سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:
◆شەخستىن مۇلازىمەت تۈرى بويىچە شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى ماددىلار ئارقىلىق ماقۇللۇقىنى ئېلىشقا بولمايدۇ؛
◆شەخسنىڭ بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرى، دىنىي ئېتىقادى، ئالاھىدە سالاھىيىتى، داۋالىنىش-ساغلاملىق ئۇچۇرى، پۇل مۇئامىلە ھېساباتى، سەپەر خاتىرىسى قاتارلىق نازۇك شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا شەخسنىڭ ئايرىم ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك؛
◆14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك؛
◆مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاش، ئىستېمالچىنىڭ تەسىراتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى مەھسۇلات يارىتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، شەخسلەرنى شەخسىي ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلۇش جەھەتتە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ؛
◆ئازدۇرۇش، ئالداش، مەجبۇرلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشقا بولمايدۇ؛
◆ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى مۇلازىمەتلەرنى باغلاش، قوشۇلۇشىنى تۈركۈملەپ ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن شەخسلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى تۈركۈملەپ تەمىنلىشىگە قىزىقتۇرۇش ۋە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ؛
◆شەخسلەر قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەندىن كېيىن يەنە توختىماستىن قوشۇلۇشىنى ئىلتىماس قىلىشقا، مۇلازىمەتنى نورمال ئىشلىتىشىگە كاشىلا قىلىشقا بولمايدۇ.
«پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىشلەتكۈچى مۇلازىمەتنى توختىتىش ياكى شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىر تەرەپ قىلغۇچى 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىشى ياكى ئىمزاسىز بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەت سانلىق مەلۇماتلارنى تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىپ قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋى مەنپەئەت ياكى شەخس، تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە بولغان تەسىرى ۋە مۇھىملىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، سانلىق مەلۇماتلار ئادەتتىكى سانلىق مەلۇمات، مۇھىم سانلىق مەلۇمات، يادرولۇق سانلىق مەلۇمات دەپ ئايرىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى سانلىق مەلۇماتتا ئوخشاش بولمىغان قوغداش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى App ياكى ئولتۇراق رايون خوجىلىق بۆلۈمى ئابۇنىچىلارنى چىراينى پەرقلەندۈرۈشكە مەجبۇرلىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلغۇچىلار بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ شەخسىي سالاھىيەتنى ئىسپاتلىماقچى بولسا، زۆرۈرىيەت ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن خەۋپ-خەتەرنى باھالىشى كېرەك، چىراي، قەدەم ھالىتى، بارماق ئىزى، رەڭدار پەردە، ئاۋاز ئىزى قاتارلىق بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلەرنى شەخسىي سالاھىيەتنى بېكىتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى قىلىشقا، شەخسنى ئۆزىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ.
تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ
شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى بەلگىلەنگەندىن باشقا، «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلغۇچىغا كۆپ تەرەپلىمە تەلەپلەر قويۇلۇپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا سانلىق مەلۇماتلارنى قانۇنسىز سېتىشىغا ياكى باشقىلارغا قانۇنسىز بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلاش ياكى باشقا قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن قولغا چۈشۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ باشقىلارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ.
«پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلغۇچىلار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، ئوغرىلىنىشى، ئۆزگەرتىلىشى، بۇزۇۋېتىلىشى، يوقاپ كېتىشى، قانۇنسىز ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. مۇھىم سانلىق مەلۇمات ياكى 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ئاشكارىلىنىش، بۇزۇلۇش، يوقاپ كېتىش قاتارلىق سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، سانلىق مەلۇماتنى بىر تەرەپ قىلغۇچى بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بېرىپ سەككىز سائەت ئىچىدە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك تور ئۇچۇر تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا ۋەقەگە ئالاقىدار ئاساسىي ئۇچۇر، جۈملىدىن بۇنىڭغا چېتىلىدىغان سانلىق مەلۇمات سانى، تۈرى، مۇمكىنچىلىك تەسىرى، قوللانغان ياكى قوللانماقچى بولغان بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قاتارلىقلارنى دوكلات قىلىشى كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى ئۇيغۇرچە سالونىدىن ئېلىندى.


