搜索
首页
大数快讯
大数活动
服务超市
文章专题
出海平台
流量密码
出海蓝图
产业赛道
物流仓储
跨境支付
选品策略
实操手册
报告
跨企查
百科
导航
知识体系
工具箱
产业园
更多
找货源
跨境招聘
DeepSeek
首页
>
غەرب ۋە شەرق: كىم مېتا ئالەمدە يېڭىپ چىقالايدۇ؟
>
غەرب ۋە شەرق: كىم مېتا ئالەمدە يېڭىپ چىقالايدۇ؟
NepKan
2021-11-16
2
导读:ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولسا، ئۇ ھالدا مۇۋەپپەقىيەت ئامېرىكىغا ئەمەس، بەلكى جۇڭگوغا بولىدۇ.
ھەپتە ئاخىرىدا تەھرىر بۆلۈمىدىكى كىچىك دوستلار بىلەن ئورتاق تونۇش توغرىسىدا پاراڭلاشتىم، شۇنداقلا ئۇلار ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان مېتا ئالەمنىڭ راۋان ماڭالايدىغان ياكى ماڭالمايدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق.
مەن مۇنداق بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولسا، ئۇ ھالدا مۇۋەپپەقىيەت ئامېرىكىغا ئەمەس، بەلكى جۇڭگوغا بولىدۇ.
گەرچە ئامېرىكا تېخنىكا ۋە مەبلەغ جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرسىمۇ، ئەمما مەدەنىيەت ۋە مەزمۇن ساھەسىدە جۇڭگو مۇتلەق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇنىڭ داۋلىسى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتىنى ئاساس قىلىدۇ.
خۇددى Matrix دىكى تاللاشقا ئوخشاش، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا چىنلىقنى قوغلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى ئۆزىنى ئاساس قىلغان ھېكايە ۋاقىت سىزىقىغا ئىگە بولۇش، يېڭى كائىناتتىمۇ يەنىلا سىنىپى تۆۋەن قاتلامدا يۆتكىگۈچى بولۇش ئەمەس.
غەربنىڭ ئەندىزىسى بويىچە ئىش قىلغاندا، بىرەر ئالەم ئالماشسىمۇ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت يەنىلا ئېھرام ھالىتىدە بولۇپ، رېئال جەمئىيەتتە مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنەلمىگەن يەردە، ئەگەر يەنە بىر ھەقىقىي پاراللېل ئالەم ئىچىدە بولسا، چوڭ ئېھتىماللىق يەنىلا بىر مەغلۇبىيەتچى بولىدۇ.
ئەكسىچە شەرقتىكى جۇڭگو كۆپ مەنبەلىك ئالەم بەرپا قىلىش، مەزمۇن تىجارىتى ۋە تېز سۈرئەتتە خۇشاللىق تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ساھەسىدە ھەر بىر كىشىنى ناھايىتى خۇشال قىلىپ، مۇتلەق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە.
ياۋروپا، ئامېرىكىدا ئەۋج ئالغان خەنزۇچە فانتازىيەلىك روماندىن تارتىپ، Facebook قا خىرىس قىلغان Tiktok غىچە، ھەر خىل ئېغىر يۈرۈشتۈرۈلىدىغان تور ئويۇنلىرىدىن تارتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش كۆتۈرگەن «سىنارىيەدە يوقىتىش (剧本杀)»قىچە، جۇڭگونىڭ ئىختىساسلىقلار زاپىسى غەربنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.
بۇ خىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇش ئەۋزەللىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ چۆكمىلىشىشىنى ئاساس قىلىدۇ.
جۇڭگونىڭ تۇتقان يولى ئاساسىي لىنىيە، سېنارىيەدە ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى چايخانىدىكى مەدداھلىق بولۇپ، تىڭشىغۇچىلارنى «كېيىنكى باب» ئارقىلىق ئەتە داۋاملىق ئاڭلاشقا جەلپ قىلىشقا، ئېغىرلىق مەركىزىنى پېرسوناژلارنى سۈرەتلەشكە، ئوقۇرمەنلەرنى ھەمتۈرتكە قىلىشقا، گۇمانخور قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا قويىدۇ.
شۇڭا، جۇڭگونىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى دولقۇن ئۈزۈلمەيدۇ، كېچىكىپ قانائەتلىنىش ناھايىتى قىسقا.
ياۋروپانىڭ تۇتقان يولى سەرخىللار لۇشيەنى، سەھنە ئەسىرى كائىناتىنىڭ ئوردا سەھنە ئەسىرىدىن كېلىپ چىققان سەنئەتكارلىرى، سېلىنچا قويۇش ۋە قاتلاممۇ قاتلام ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئاخىرىدا توقۇنۇشنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن، شۇڭا ئۈزلۈكسىز يىغىلىپ توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا مايىللاشقان.
شۇڭا، غەربنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان، كېچىكىپ قانائەتلىنىش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان.
شەرق بىلەن غەربنىڭ كېچىكىش تۇيغۇسى جەھەتتىكى پەرقى «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ ئاممىنى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردى، «غەرب ياسىمىچىلىقى» بولسا مەدەنىيەت توپىغا تەسىر كۆرسەتتى.
مەسىلەن، جۇڭگو تور ئەدەبىياتىدا «چوشقىنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ يولۋاسنى يېيىش»، «نەسىللىك ئات ئارقا سارىيى»، «يەر تېرىپ تەتۈر ھۇجۇم قىلىش» قاتارلىق ئەڭ Low بولغان مىكىرلىرى چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن غەرب ياشلىرى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ، كېچىچە تۈنەپ چىقىدۇ.
ئوخشاشلا، غەربنىڭ «شياۋ شېنكېنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنىشى»، «شىندلېر تىزىملىكى» قاتارلىق كىنولىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا زىددىيەتلەر ئۇرغۇپ چىققان ھەمدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.
ئەكسىچە، ئامېرىكا تىياتىرى «زەھەر چەككۈچى» گەرچە كىلاسسىك بولسىمۇ، لېكىن كېچىكىپ قانائەتلىنىش بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، دۆلەت ئىچىدە قىزغىن دولقۇن قوزغىيالمايدۇ؛ «كىچىك دەۋر» كىنو بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە سەرخىللار توپى تەرىپىدىن قاتتىق ھاقارەتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن كىچىك بازار ياشلىرىنىڭ پىسخىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ.
ئېنىقىنى ئېيتقاندا، مېتا ئالەمنىڭ كەلگۈسىدە يېڭىش-يېڭىلىشى دەل سەرخىللار لۇشيەنى بىلەن خەلق لۇشيەنىنىڭ زادى كىمنىڭ غەلىبىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا باغلىق.
بۇنىڭغا قارىتا، كەمىنىنىڭ قارىشىچە، Facebook دوغا تىككەن مېتا ئالەم گەرچە دەسلەپكى مەزگىللەردە بەزى پۇلدار سەرخىللار ئارقىلىق ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى ھالىتى چوقۇم خەلق لۇشيەنىدىكى جۇڭگودا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.
چۈنكى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سەھنە ئەسىرىنىڭ تۆۋەن قاتلام لوگىكىسى زىددىيەتلەرنىڭ كۈچىيىشى، پېرسوناژلارنىڭ ھەممىسى ۋەقەلىكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.
جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ سەھنە ئەسىرى چايخانىنىڭ مەدداھلىقىدىن بارلىققا كەلگەن «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» بولۇپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ ۋەكىللىك تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
رېئاللىق يېتەرلىك توقۇنۇش تۈرىدىكى ھەرىكەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، كەلگۈسىدىكى مېتا ئالەم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ھېس قىلالايدىغان ئورنىغا دەسسىتىش تۇيغۇسىغا موھتاج.
چاتما ئەندىزىدىكى ھەجۋىي رەسىم قاتارلىق ئاز ساندىكى ئېقىملار (مەنۋېي)دىن باشقا، غەربنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىدىكى باش پېرسوناژلار ھەمىشە ئادەتتىكى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنارىستلار ۋەقەلىكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئاساسلىق پېرسوناژلارنىڭ ئەقلىنى قۇربان قىلىدۇ.
بىراق، شەرق يازغۇچىلىرى ئاساسلىق شەخسلەرنىڭ پىسخىك ھەرىكىتىنى ناھايىتى مۇكەممەل لايىھەلەپ، ئوقۇرمەنلەردە ئوخشاش روھىي ھالەتنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر بىر ئوقۇرمەننى باش پېرسوناژغا باشلاپ كىرەلەيدىغان قىلىدۇ ھەم كىيىم-كېچەكلىرىنى ئۆلچەپ بىر يۈرۈش لايىھە تۈزۈپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنى تەتۈر ھۇجۇمغا ئېرىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
كىم ياخشى، كىم ناچار؟ بۇنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.
شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل پەرقنىڭ ئارقىسىدا جۇڭگونىڭ پۇرسىتى بار.
ئەمما، سانائەت دەۋرىنىڭ تەدرىجىى ھالدا بىزدىن ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالۋاستى دۇنياسى (魔兽世界) قاتارلىق بىرلىككە كەلگەن دۇنيا قاراش ئويۇنلىرىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى مۇقەررەرلىككە ئايلىنىپ، ئىشلەشتىمۇ بۇرما مىخ بولۇشنى خالىمايدىغان ياشلار قانداقمۇ ئويۇندا بۇرما مىخ بولۇشنى خالىسۇن؟
كەلگۈسىدە ياشلار ئۆزىگە تەۋە سەھنە ئەسىرى ۋە ئۆزى ئىگە بولالايدىغان زېمىنغا مۇھتاج بولىدۇ.
بۇ دەل شەرقنىڭ ئەۋزەللىكى.
ھەتتا بۇ قۇرۇلمىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئالەملەر ئارىسىدىمۇ ئۆزئارا باغلاشتۇرۇلۇپ، بىر قاتار ئاجايىپ-غارايىپ قوشۇمچە نۇسخىلار ۋە ھاسىلىي بۇيۇملار (مەسىلەن، غەربكە ساياھەت، ئەۋلىيالار قىسسىسى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان تور يېزىقى)نى شەكىللەندۈرىدۇ.
خۇددى بىز ئۆمرىمىزدە ئوقۇپ تۈگىتەلمەيدىغان تور ئەسەرلىرىگە ئوخشاش، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز دوۋيىن، ئويناپ تۈگىتەلمەيدىغان سىنارىيەدە يوقىتىش قاتارلىق بۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ھەر بىرى قۇرۇلمىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان مېتا ئالەمنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر بىر قاتناشقۇچىغا ئۇنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، ھەر قايسى كائىناتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھالەتلىرىنى تولۇق ھېس قىلدۇرىدۇ.
بۇ دەل جۇڭگونىڭ كېيىن يېتىشىپ چىقىشىدىكى ئاساسى.
بىز ھەر بىر دەۋردىكى مېتا ئالەمنى ئەسلەپ ئۆتسەك بولىدۇ، 3G دەۋرىدىكى بوشلۇق تور ماقالىسى، 4G دەۋرىدىكى دوۋيىن tiktok ئېقىم تاراتقۇسى، 5G دەۋرىدە پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان مەۋھۇم سىنارىيەدە يوقىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى كۈچلۈك بولغان جۇڭگونىڭ ھەممىسى جەڭ ئېلان قىلغىلى بولمايدىغان ئەۋزەللىكنى نامايان قىلدى.
ئېھتىمال، جۇڭگولۇق خوتۇن ئالغان زاكېربېرگ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قاتتىق دېتال ئارقىلىق يرىپ چىققان مېتا ئالەم ئاخىر جۇڭگولۇق قېيىنئاتىسىغا تىكىپ بەرگەن توي كىيىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
مەنبە: جېڭشىتاڭ سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.
----
ئېلان:
پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا بۇ فىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.
دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!
【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容
296
粉丝
0
关注
在线咨询
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读
206
粉丝
0
内容
296