大数跨境

تېسلانىڭ پاي چېكىنىڭ باھاسى %90 چۈشۈپ كېتەمدۇ؟

تېسلانىڭ پاي چېكىنىڭ باھاسى %90 چۈشۈپ كېتەمدۇ؟ NepKan
2021-11-19
1
导读:تېسلانىڭ ئەينى يىلى 18650 يۈەنلىك لىتىيلىق باتارېيەنى تاللىشىنى بەك ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ...
ماسك «ئەل رايىغا ماسلاشقان» بولۇپ، بىر ھەپتە ئىچىدە تەخمىنەن 6 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەقلەشتۈردى. تېسلانىڭ پاي چېكى 11 ھەپتىدە ئۇدا ئۆرلەش (680 ئامېرىكا دوللىرىدىن 1243.5 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى) ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەكسىگە قاڭقىپ، بىر مەھەل 1000 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ كەتتى. تورداشلارنىڭ «تەستىق»ى بويىچە ئازايتىش پىلانى ماسك يەنە 10 مىليوندىن ئارتۇق پاي ساتىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ «ماسك: تېسلانىڭ %10 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېتەيمۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)


بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ھايات ۋاقتىمىزدا يېڭى ئېنىرگىيەنىڭ تورۇسىنى كۆرەلمەيمىز، ئەمما بۇ كەلگۈسىدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تېسلانىڭ پاي چېكىنىڭ بۇنچە چوڭ پەرقتە تۆۋەنلىشى بەزىلەرنىڭ يۇقىرى مۆلچەرلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 

داڭلىق بېسىمدارلار ھەتتا تېسلانىڭ پاي چېكىنىڭ %90 چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. تېسلا «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ھەرىكىتى»گە تەۋە بولۇپ، ۋال سترېت كوچىسىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ئۆتمۈشتىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، باھاسى ھەر قانچە چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بىر يىل، يېرىم يىل ئىچىدە قولدىن كەتكەننى قايتۇرۇۋالىدۇ. 

بىرىنچى، «ھايات-ماماتلىق لىنىيەسى»دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يىلىغا 200 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش 
تېسلا 2012-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ Model S نى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان؛ 2015-يىلى 9-ئايدا، 2012-يىلى 6-ئايدا Model X، Model 3 قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن مەيدانغا كەلگەن. 
2017-يىلى، ئۈچ خىل تىپتىكى ئاپتوموبىل جەمئىي 103 مىڭ دانە (بۇنىڭ ئىچىدە Model 3 تىپلىقى 1764 دانە) تاپشۇرۇلۇپ، سېتىش كىرىمى 8 مىليارد 540 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، ساپ زىيىنى 2 مىليارد 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئەينى چاغدا كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ شىركەتنى ياخشى كۆرمەيتتى. 
شاڭخەي «دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت» قۇرۇلۇشى تېسلانى قۇتقۇزۇپ قالدى. 2018-يىلى توختام ئىمزالاندى، 2019-يىلى قۇرۇلۇش باشلاندى، 2020-يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلدى، 3-پەسىلنىڭ ئاخىرىدا يىلىغا 250 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 
2020-يىلى Q3 دا، تېسلانىڭ يەككە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 145 مىڭ ۋە 140 مىڭ دانىغا يېتىپ، ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %76.8، %53.8 بولغان. يەنە 2021-يىلى Q3 دا، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 238 مىڭ، 241 مىڭ بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش نىسبىتى %102 بولغان. 


كۆلەملىك ئىگىلىك ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تۆمۈر قانۇنىيىتى بولۇپ، تېسلامۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. تېسلا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئىچكى يادروسى گەرچە قاتتىق بولسىمۇ، يىللىق سېتىلىش مىقدارى 100 مىڭدىن ئاشقان 2017-يىلى ئاساسەن زىيانغا ئۇچراپ ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى، يىللىق سېتىلىش مىقدارى 250 مىڭدىن ئاشقان 2018-يىلى ئۈمىد ئۇچقۇنى چاقناپ، يىللىق سېتىلىش مىقدارى 365 مىڭ دانە بولغان 2019-يىلى زىيان تارتىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ %3 كە چۈشتى، يىللىق سېتىلىش مىقدارى 500 مىڭ دانىدىن ئاشقان 2020-يىلى ئاندىن «قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن» بولدى. 
2021-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كالىفورنىيە بازىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 600 مىڭ دانە (بۇنىڭ ئىچىدە Model 3/Y ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 500 مىڭ دانە)، شاڭخەي بازىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 450 مىڭ دانە (ھەممىسى يىلىغا Model 3/Y ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى) بولۇپ، جەمئىي يىلىغا 1 مىليون 50 مىڭ دانە بولغان. 2021-يىلى 10-ئايدا، بىيادى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىنىڭ يەككە ئايلىق سېتىلىش مىقدارى 80 مىڭدىن ئېشىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون دەرىجىگە يەتتى. 
2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، تېسلانىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى 624 مىڭ دانىگە، ساپ پايدىسى 3 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېتىپ، بازار قىممىتى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى.

يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى يوق، توكلۇق موتوسىكلىتنى بىۋاسىتە تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئادەتتە بۇنداق «ئوينىغۇچى»غا يېڭى كۈچ دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. «يېڭى كۈچ» بىلەن ماس كېلىدىغىنى بىيادى، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى، بېيجىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى، گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل گۇرۇھى قاتارلىق «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل»غا باغرىنى كەڭ ئاچقان يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدۇر. بېنىز، BMW، ۋولكسۋاگېن قاتارلىق كارخانىلار يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلىدىن «ئەڭ ئاخىرقى بىر يارماق» تېپىشقا بېرىلىپ، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ «يېنىك ئارىلاشما تىپلىق ۋە 48» بىلەنلا ئالدىماقتا. 
ئەمەلىيەتتە، يىلىغا نەچچە مىليون ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى يولغا قويۇشتا «تەبىئىي ئەۋزەللىك»كە ئىگە: 
بىرىنچىدىن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدا بوغما ھالەت مەۋجۇت ئەمەس؛ 
ئىككىنچىدىن، ئاساسىي قۇرۇلۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، قېلىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنىڭ «نۇرى»نى ئارىيەت ئالغىلى بولىدۇ، تەننەرخنى بىر قەدەر ئاسان كونترول قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى كۈچلەر PPT دىن باشلاپ، ئالدىنقى مەزگىلدە زور زىيان تارتىشى مۇقەررەر ئىدى. 

تېسلانىڭ مۇساپىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، «يىلىغا 200 مىڭ ئاپتوموبىل» ئىشلەپچىقىرىش ھايات-ماماتلىق لىنىيەسى، «يىلىغا 500 مىڭ ئاپتوموبىل» قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇش لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئويۇنچىلىرى ئىچىدە، پەقەت تېسلا بىلەن بىيادى بۇ ئىككى لىنىيەدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يىلىغا بىر مىليون ئاپتوموبىللىق «دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆتكەل»گە كىردى. ۋېيلەي، شياۋپېڭ، لىشياڭنىڭ پەرقى ھەقىقەتەن بەك چوڭ، سېتىلىش مىقدارى «يىلىغا 200 مىڭ ئاپتوموبىل»غا يېقىنلىشىشتىن بۇرۇن دىققەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت كۆپتۈرۈش پۇرسىتىلا بار، مەبلەغ سېلىش قىممىتى يوق. 

ئىككىنچى، ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ سېتىش يولى 
تېسلا مالىيە دوكىلاتى سېتىش مىقدارىنى ئاشكارىلىغاندا، Model X بىلەن Model S نى، Model 3 بىلەن Model Y نى بىرلەشتۈرىدۇ. Model X/S ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلات بولۇپ، ئىقتىدارلىق بولۇشنى ئاساس قىلىدۇ؛ Model 3/Y بولسا «ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق» مەھسۇلاتى بولۇپ، ئاساسلىقى باھا نىسبىتىنى ئاساس قىلىدۇ. 
دەسلەپكى يىللاردا تېسلانىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل تىپى مۇتلەق ئاساسىي ئېقىم ئىدى. 2018-يىلى Q3 غا كەلگەندە، Model 3 نى 56 مىڭغا يەتكۈزۈپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %67 كە يەتكەن (ئەينى چاغدا Model Y تېخى زاۋۇتتىن چىقمىغان)؛ 2019-يىلى Q3 دا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %18 كە چۈشكەن؛ 2021-يىلى Q3 دا، Model 3 / Y دىن تاپشۇرغان ئاپتوموبىل سانى 232 مىڭغا يېتىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %96 بولغان. 


تېسلا بارلىق ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى ۋە تەننەرخىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ھەربىر خىل ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئومۇمىي پايدا نىسبىتىنى ھېسابلاپ چىقالماي، پەقەت سۈپەت ئانالىزى قىلالايدۇ.

2018-يىلى Q3 دا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ تاپشۇرۇلۇش سانى %33 نى ئىگىلىگەن، يەككە ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش باھاسى، يەككە ئاپتوموبىلنىڭ تەننەرخى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 70 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، 52 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، يەككە ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي پايدىسى 17 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئومۇمىي پايدا نىسبىتى %25 بولغان. 

2021-يىلى Q3 دا، ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل تىپىنىڭ تاپشۇرۇلۇش سانى ئاران % 4نى ئىگىلىگەن، يەككە ئاپتوموبىل باھاسى، يەككە ئاپتوموبىل تەننەرخى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 48 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، 33 مىڭ 800 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىگەن، يەككە ئاپتوموبىل ئومۇمىي پايدىسى 14 مىڭ 600 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئومۇمىي پايدا نىسبىتى %30 كە يەتكەن. 
گەرچە يەككە ئومۇمىي پايدا سوممىسى %16.6 ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما تاپشۇرۇلۇش سانى %187 ئاشقان. 2021-يىلى Q3 دا، تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ ئومۇمىي سېتىش پايدىسى 3 مىليارد 520 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2018-يىلى Q3 دىكىدىن %139 ئاشقان. 


تېسلانىڭ يۇقىرى مەھسۇلات بىلەن بازار ئېچىش تاكتىكىسى توغرا. 
بىر تەرەپتىن، «يېڭى كۈچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چەكلىك، «قىسقۇچپاقا يەيدىغان (ئالاھىدە يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، قىممەت مەھسۇلاتنى سېتىۋالالايدىغان--نەپكاردىن)» خېرىدارلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس. 

يەنە بىر تەرەپتىن، كۆڭۈل قويۇپ نەپسلەنگەن، نۇرغۇن «قارا پەن-تېخنىكا» مۇجەسسەملەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنى يولغا قويۇپ، ياخشى ماركا ئوبرازىنى تىكلىگىلى بولىدۇ. شىركەت مۇقىم پۇت تىرەپ تۇرالىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، يەنە «مەنپەئەتدار» مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. ئىستېمالچىلار «بەستلىك» تېسلانى سېتىۋالالايدىغانلىقىنى بايقاپ، خۇشاللىق بىلەن ھەميانىغا قول ئۇزىتىدۇ. 
ۋېيلەي ئالدى بىلەن 500 مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى ES8 نى بازارغا سالدى، بۇ تېسلانىڭ تەپەككۇرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش. 

لېكىن كۆلەملىك ئىگىلىك ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ پولاتتەك قانۇنىيىتى، كۆلەملەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ سېتىش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك ماركىلاردىن فارارى، بىنلى، بۇگادى قاتارلىقلار ناھايىتى تەستە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەچكە، تويوتا ۋە ۋولكسۋاگېن بۇ كەسىپنىڭ داڭلىقلىرىغا ئايلانغان. ماسكقا ھەممىسى ناھايىتى ئېنىق ئىدى. 

ئۈچىنچى، تىجارەت كىرىمىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقى 
جۇڭگو ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى 4S دۇكان ئەندىزىسىنى قوللانغان بولۇپ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە پايدا ئېلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك (ئىش ۋاقتى خىراجىتى، «پارچە-پۇرات نىسبەت»). تېسلا بولسا «ئالاقە تورى تەپەككۇرى»نى قوللىنىپ، ئۆزى قۇرغان مۇلازىمەت مەركىزىدە «بىۋاسىتە سېتىش» بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، تېسلا يەنە ئۆزى دەرىجىدىن تاشقىرى زەرەتلەش تۈۋرۈكى قۇرۇپ، ھەقلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاشكارا ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، تېسلا جۇڭگودا 100 مۇلازىمەت مەركىزى، 800 زەرەتلەش پونكىتى قۇرۇپ، 310 شەھەرنى قاپلىغان، 1700 زەرەتلەش تۈۋرۈكى بار ئىكەن. 

تېسلا يەنە ئېنېرگىيە ساقلاش ۋە فوتوۋولتلۇق توك چىقىرىشقا كىرىشكەن، ئاۋسترالىيە، كالىفورنىيە ئىشتاتلىرىغا لىتىيلىق باتارېيەلىك ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلمىسى ئورناتقان. 
بۇنىڭ بىلەن تېسلانىڭ ئۈچ تۈرلۈك كىرىمى بار بولدى: ئاپتوموبىل (ئىجارە ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مۇلازىمەت، توك چىقىرىش، زاپاس ئېنېرگىيە. 

2017-يىلىدىن بۇيان، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %82~%87 ئارىلىقىدا داۋالغۇپ تۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە توكسىكلىت سېتىش تىجارەت كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىردىنبىر موتور بولۇپ قالدى. 
2018-يىلى، توكسىكلىتنىڭ سېتىلىش كىرىمى 17 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %107 ئاشقان، تىجارەت كىرىمىدىكى نىسبىتى %86.3 كە يېتىپ، تىجارەت كىرىمىنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %82.5 كە يېتىشىگە تۈرتكە بولغان. 
2019-يىلى، توكسىكلىتنىڭ سېتىش كىرىمى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى %13 كە چۈشۈپ، تىجارەت كىرىمىنىڭ %84.7 ىنى ئىگىلەپ، تىجارەت كىرىمى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاران %14.5 ئاشقان. 
2020-يىلى، توكسىكلىتنىڭ سېتىلىش كىرىمى 26 مىليارد 200 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى %31 كە ئۆرلىدى، تىجارەت كىرىمىدىكى ئۈلۈشى %86.4 كە يەتتى، تىجارەت كىرىمىنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتى %28.3 بولدى. 
2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، توكسىكلىتنىڭ سېتىلىش كىرىمى 30 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئاشتى، تىجارەت كىرىمىدىكى نىسبىتى %86.6 كە، تىجارەت كىرىمىنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتى %73.6 كە يەتتى. 


تېسلانىڭ تىجارەت كىرىمىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى بار، مۇلازىمەت كەسپى زىيان تارتىش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، كىشىنى «ئويلاندۇرىدۇ»غىنى بولسا، ئېنېرگىيە ساقلاش ۋە توك چىقىرىش كەسپى بەلكىم «تۇيۇق يول» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 

تۆتىنچى، مۇلازىمەتتە زىيان تارتىش ھالىتىنى تارايتىشنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە 
تېسلا بىۋاسىتە سېتىش ئەندىزىسىنى قوللانغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن «باشقىچە يول تۇتۇپ يېڭىلىق ياراتقان»، يەنە بىر تەرەپتىن دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش مەزگىلىدە داڭلىق ماركا چاقىرىق كۈچى كەمچىل بولغانلىقتىن، سىرتنىڭ مەبلىغىنى كىرگۈزۈپ، 4S دۇكىنى تىجارىتى قىلىشى قىيىن بولغان. 
2018-يىلى تېسلانىڭ مۇلازىمەت كىرىمى 1 مىليارد 390 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، ئومۇمىي زىيان 490 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، زىيان نىسبىتى %35.2 كە يەتكەن؛ 2019- يىلى مۇلازىمەت كەسپىدە ئومۇمىي زىيان 540 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئومۇمىي زىيان نىسبىتى% 24.4كە قىسقاردى؛ 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئومۇمىي زىيان 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئومۇمىي زىيان نىسبىتى %4.5 بولدى. 
2018-يىلىدىن بۇيان، تېسلانىڭ مۇلازىمەت ئومۇمىي زىيىنى %45 تىن ئېشىپ، زىياننى تۈگىتىشىگە ئاز قالدى. بۇ ۋېيلەي ئىنتىزار بولغان ۋەزىيەت. 


تېسلا مۇلازىمىتىدە زىيان تارتىش ھالىتىنى تارايتىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە.
ئالدى بىلەن، پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر مۇلازىمەت زىيان تارتسا، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېسلا ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ۋېيلەي دەل مۇشۇ خىل كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئەگەر مۇلازىمەت ئارقىلىق پۇل تاپقىلى بولسا، پايدا ئۈزۈلمەيدۇ. 

ئىككىنچىدىن، ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بىلەن خېرىدارلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدۇ. ئەنئەنىۋى كارخانىلار ئۈچىنچى تەرەپ سېتىش ئارقىلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، تېسلا ئابۇنىچىلار بىلەن «بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، ئالما، شياۋمىغا ئوخشاش ھەم قاتتىق ماتېرىيال ساتىدۇ ھەم «خېرىدارغا ئېرىشىدۇ»، بۇنىڭ بىلەن «پۇل يولى» چەكسىز بولىدۇ. 
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تېسلانىڭ يۇقىرى مۆلچەر قىممىتىنىڭ ئاساسى بار. 

بەشىنچى، ئېنېرگىيە ساقلاش كەسپى بەلكىم بىر ئاچا يول بولۇشى مۇمكىن 
تېسلانىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش كەسپى كالىفورنىيە شتاتىدىن باشلانغان. دەسلىپىدە، جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە ئادەم ئەۋزەللىكى بىلەن، ئومۇمىي پايدا نىسبىتى بويىچە توكلۇق ئاپتوموبىل كەسپىنى بىۋاسىتە قوغلىغان. 
يۇرتتىن ئايرىلىش ۋە كۆلەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، زاپاس ئېنىرگىيە كەسپىنىڭ ئۈنۈمى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى. 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئېنېرگىيە ساقلاش كەسپىدە 78 مىليون دوللار زىيان كۆرۈلۈپ، زىيان نىسبىتى %3.7 بولغان. 


تېسلانىڭ ئەينى يىلى 18650 يۈەنلىك لىتىيلىق باتارېيەنى تاللىشىنى بەك ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ.
بىرىنچىدىن، تېخنىكىسى يۈكسەك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلگەن، ئىشەنچلىك، ئۇنى ئېلىپ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ؛
ئىككىنچىدىن، ئېنېرگىيە زىچلىقى يۇقىرى. تەننەرخىگە كەلسەك، ئۇنىڭ يۇقىرى ئىشلىتىلىش دەرىجىسىگە بەرداشلىق بەرگىلى بولىدۇ، لېكىن پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى «لىتىيلىق باتارېيە» يولىغا باشلىغىلى بولىدۇ. 
بۈگۈنكى كۈندە ئېلېكتىروموبىل (电动车)نىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان جۇڭگودا، لىتىيلىق باتارىيەنىڭ سىڭىش نىسبىتىمۇ ئاران %9 بولۇپ، 2021-يىلىلا لىتىيلىق باتارىيەنىڭ يۇقىرى ئېقىم ماتېرىيالىنىڭ تەننەرخى %300 ئاشقان. 
لىتىينىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى موللۇق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، لېكىن ئىقتىسادىي ئېچىش قىممىتىگە ئىگە بايلىقى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە «جەنۇبىي ئامېرىكا لىتىي ئۈچ بۇلۇڭى» ۋە غەربىي ئاۋسترالىيەگە مەركەزلەشكەن. تەخمىنەن ھېسابلىغاندا، پۈتۈن دۇنيادا مۇۋاپىق تەننەرختە قازغىلى بولىدىغان لىتىيغا ئىككى مىليارد ساپ ئېلېكتىرىك ئاپتوموبىل سەپلىگىلى بولىدۇ. ئەگەر پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى سېتىلىدىغان يېڭى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىگە لىتىي باتارېيەسى ئىشلىتىلسە، پەقەت 20 يىللا يېتىدۇ. لىتىي باتارېيەسى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش لايىھەسى ئەمەس! 

لىتىي، كوبالت، نىكېل، مانگاندىن ياسالغان ئېنېرگىيە باتارېيەسى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈچۈن قانچىلىكىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ مەلۇم تەتقىقات ئاپپاراتى يەنە نىڭدې دەۋرى 2060-يىللىق ئېنېرگىيە ساقلاش كەسپىدىن كىرىدىغان كىرىمنى پەرەز قىلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا يەنە لىتىينىڭ بار-يوقلۇقىنى كىم بىلسۇن! 

ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان خىمىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنىڭ %90 ىگە لىتىي باتارېيەسى ئىشلىتىلىدۇ. بايلىق بوغما ھالىتىدىن باشقا، لىتىيلىق باتارېيەنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاشقا ئىشلىتىلىشىدە يەنە ئىككى چوڭ توسالغۇ بار: 
1. بىخەتەرلىكى \ ئىشەنچلىكلىكى. ھاۋا بەك سوغۇق بولسا، ساقلانغان توك مىقدارى «يوقىلىدۇ»؛ ھاۋا بەك ئىسسىق بولسا، پارتلاپ كېتىشى مۇمكىن. توكلۇق ئاپتوموبىل، توكلۇق ۋېلسىپىتنىڭ پارتلاپ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىش مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. 2021-يىلى تېسلانىڭ ئاۋسترالىيە ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى ئېغىرلىقى 13 توننا كېلىدىغان لىتىي باتارېيەسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئۈچ كۈن ئوت كەتكەن؛ يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە، پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىدە پارتلاش يۈز بەرگەن ۋە ئوت ئاپىتى ھادىسىسى 26 قېتىمغا يەتكەن. مەسىلە شۇكى، پۈتۈن دۇنيادا ئاران بىر قانچە ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى بار، پارتلاش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى. 

بەزىلەر يېقىلغۇ گاز، توكمۇ مۇتلەق بىخەتەر ئەمەس، لىتىيلىق باتارېيەنىڭ پارتلاپ كېتىش خەتىرىنى ئېيتماي تۇرايلى، دەپ قارايدۇ، لېكىن جايلار توكسىكلىتقا ئۆي ئىچىدە توك قاچىلاشنى بەس-بەستە چەكلىدى، يېقىلغۇ گاز، توك ئىشلىتىشنى مەنئى قىلمىدى! 

2. دەۋرىي ئۆمرى بەك قىسقا. زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ قۇرۇلغان ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى (دەۋرىي ئۆمرى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان تۆمۈر فوسفات لىتىيلىق باتارېيەنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ) ھەر كۈنى بىر قېتىم توك قاچىلانسا، ئون يىل، سەككىز يىلدىلا تۈگىشىدۇ.
تېسلانىڭ لىتىي باتارېيەسىنى تاللىشىدا تارىخىي مۇقەررەرلىك بار، لېكىن لىتىي باتارېيەسى چوقۇم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش لايىھەسى ئەمەس. 

ئەگەر ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش لايىھەسى ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق باتارېيە بولسا، يىللىق سېتىلىش مىقدارى 1 مىليوندىن ئاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېسلا، بىيادى شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشقا تەمىنلىگۈچى سودىگەر بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماسك، ۋاڭ چۈەنفۇنىڭ مىجەزىدىن قارىغاندا، ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق باتارېيەنى ئۆزى ياساپ چىقالايدۇ. ئۇ چاغدا جاپالىق بولغىنى نىڭدې دەۋرى بولۇپ قالىدۇ. بۇ خۇددى ئىقتىدارلىق يانفون شاھى نوكىيانىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون دەۋرىگە كىرەلمىگىنىگە ئوخشاش ئەھۋالدۇر. 
قىسقىسى، تېسلا 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدۇ، لېكىن ھازىر ئەمەس. 
مەنبە: خۇچۇ ئەپى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
----
ئېلان:


پەرزەنت تەربىيەسى ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم تېما، قانداق قىلغاندا ئوماق پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى بولسا ھەر بىر ئاتا-ئانىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلە ۋە ھاياتلىق ئىمتىھانىدۇر!
پەرزەنت تەربىيەسى چوقۇم تەبئىيلىكنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش خاتالىقىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئوماق پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق!
مەن بىر ئىشقا ھەيران، مەن ئەسلىدە «باشقا بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، چوقۇم سۆزلۈكلەرنى ئاۋۋال بۇنى مۇنداق دەيمىز، ئاۋۇنى ئۇنداق دەيمىز دەپ ئۆز تىلىمىزدا چۈشەندۈرگەندە ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.» دەپ قارايتتىم، ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى چىقىش جەريانى مېنىڭ بۇ خىل تونۇشۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئوغلۇم كىچىكىدىن باشلاپلا تېخى تىلى چىقماستا، كۈندە دۆلەت تىلىدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرەتتى، مەن بۇنى چۈشەنمىسە قانداق كۆرگۈسى كېلىدىغاندۇ دەپ ئويلاتتىم. بارابارا ئوغلۇمنىڭ دۆلەت تىلىدىن تەبىئيلا ساۋادى چىقىپ قالدى. ھازىر ئوغلۇم گەرچە ئەمدىلا يەسلىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەت تىلى ساۋادى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن ۋاقتىمدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بولۇپ ھازىر ئوغلۇم قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن، دۇكان-تاللا بازارلىرىغا كىرگەندە دۇكاندىكى مال ساتقۇچىلار بىلەن... ئىشقىلىپ دۆلەت تىلىدا پاراڭلىشىشتا مېنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇڭا تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئەسلى بالا مەلۇم بىر تىلنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن داۋاملىق شۇ تىلدىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ بەرسە شۇ تىلدا تەبىئىيلا ساۋادى چىقىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئوغلۇمغا ئېنگلىز تىلىدىنمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، بالىلارغا ناھايىتى ماس كېلىدىغان، دۇنياغا كەڭ تارقالغان بىر يۈرۈش بالىلار ئىنگلىز تىلى فىلىمىنى سېتىۋېلىپ بالامغا كۈندە شۇنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم، ئوغلۇمدا ئوخشاشلا تەبىئىيلا ئېنگلىز تىلىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولۇپلا قالماي، ھازىر سۆزلۈكلەرنى ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا نېمە دەيدۇ؟ ماۋۇنى ئېنگلىز تىلىدا مۇنداق دەمدۇ؟ دەپ سوراپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇنىڭدىن باشقا تېخى يېشىغا توشمىغان قىزىممۇ ھازىر بۇنى شۇنداق بېرىلىپ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى. كارتوندىكى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر قىزىمنىمۇ كۈلدۈرۈپ، ناھايىتى تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئىككى بالامدا ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كارتونلارنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھرلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.


بۇنىڭدا بىرىلىش شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەقىقىي ئادەم + كارتون شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىزىقارلىق مۇبالىغە قىلىنغان، بالىلار بىلىپ-بىلمەيلا ئىنگلىز تىلىدا سۆزلۈك توپلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ.


دىققەت:
بۇ فىلىملەرنى مەن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ ئىزدەپ، ئاخىرى يەنە ھەقلىق سېتىۋالغان فىلىملەر، بۇ فىلىملەرنى ئىككى بالامغا (بىرسى 4 ياش، بىرسى تېخى ئەمدى 10 ئايلىق بولغان) قويۇپ بېرىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلارغا ھەمبەھرلەپ بېرىشنى ئويلاشتىم ھەم 511 قىسىم كارتوننى چۈشۈرۈۋېلىشىڭىزغا پەقەت 59 يۈەن ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلدىم، ئەجىرلىك ئىشلار داۋام ئېتەر، شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەلۋەتتە، ھەق تۆلىمەيمەن دېسىڭىز توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى يەنە كېلىپ بىراقلا 511 قىسىم كارتونغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقىڭىز ۋە جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ قارار قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ!



【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0