大数跨境

سەكراتتىكى خېڭدا: خىڭدانى يەنە قۇتقۇزغىلى بولامدۇ؟

سەكراتتىكى خېڭدا: خىڭدانى يەنە قۇتقۇزغىلى بولامدۇ؟ NepKan
2021-12-08
2
导读:خېڭدا ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ، شۈ جيايىن ئۆزىنىڭ قارىغۇلارچە كېڭەيمىچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن بە
تۇنجى قېتىملىق ئامېرىكا دوللىرى قەرزىنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، خېڭدا بىۋاستە «ICU»غا ئېلىپ كىرىلدى. داچا، ئايروپىلان، پاي ھوقۇقى ساتىدىغان شۈ خوجايىن تۈپتۈز يېتىپ قالدى، ئەمدى تىركەشكۈسى كەلمىدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «شۈ جيايىن ئۆي بىساتىنى سېتىۋەتسە، خېڭدانى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شۈ جيايىن شياڭگاڭ، شېنجېن، گۇاڭجۇلاردىكى ھەشەمەتلىك ئۆيلىرى ۋە شەخسىي ئايروپىلانلىرىنى رەنىگە قويۇپ ساتتى. جۇڭگودىكى ئىلگىرىكى بىرىنچى باي تۇيۇقسىز «بىچارىلىك»نى بازارغا سېلىپ، خېڭداغا كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق كىشىلەرگە: شۈ غوجايىن پۈتۈن كۈچى بىلەن مال-مۈلكىنى سېتىپ، 7 مىليارد يۈەن چىقاردى، دېدى. 
بۇ بىر قاتار مەشغۇلاتلار ئاستىدا، شۈ خوجايىن يەنىلا كاپىتال بازىرىغا «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۈرەك كۈچەيتىش دورىسى» ئۇردى. خېڭدانىڭ زاكاس ئۆيىنى سېتىۋالغان مۈلۈكدارلار يەنە ئۈمىد باغلاشقا باشلىدى. 
ئەمما، ئەمدىلا بىر ئاي بولمايلا، شۈ خوجايىن بىردىنلا ئۆزگىرىپ، ICU دا جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتقان خېڭدا گۇرۇھىغا «سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىق ئۇقتۇرۇشى»نى سۇندى. 


خېڭدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نۆۋەتتىكى يۆتكىلىشچانلىق ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، گۇرۇھىمىز يېتەرلىك مەبلەغكە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتەلمىدى، مالىيە مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىۋاتىدۇ. گۇرۇھىمىز ئومۇمىي مالىيە ئەھۋالىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، بارلىق مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، ئادىل، قانۇن-تۈزۈملەشكەن ئىدىيەگە ئەمەل قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى ھەقدارلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، بارلىق مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئۈچۈن يولغا قويۇشقا بولىدىغان چېگرا سىرتىدىكى قايتا تەشكىللەش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 
بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان كۈنى، شىركىتىمىز بۇ شىركەتنىڭ 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى. گۇرۇھىمىز كېپىللىك ياكى باشقا مالىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئەھۋالدا، ھەقدارنىڭ تەلەپ قىلغان قەرزنىڭ قەرەلى تېز سۈرئەتتە توشۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

鉴于目前的流动性情况,本集团不确定是否拥有充足资金继续履行财务责任。本集团会统筹考虑其整体财务状况,尊重全体利益相关方,秉承公平性、法制化塬则,将积极与境外债权人沟通,为所有利益相关方制定可行的境外重组方案。  于本公告之日,本公司收到要求本公司履行一项金额为2.6亿美元担保义务的通知。在本集团未能履行担保或其他财务责任的情况下,可能导致债权人要求债务加速到期。

牲产队长,公众号:队长手记美元债违约,许家印躺平,恒大还有救吗?
ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يەردە دېيىلگەن «260 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كېپىللىك مەجبۇرىيىتى» رەنىگە قويۇلغان خۇسۇسىي قەرزنىڭ قەرەلى توشقان بولۇپ، ھەقدار ئاساسلىقى چەت ئەل مەبلىغى تەرەپ ئىكەن. سوممىسى كۆپ ئەمەس، شىركەتنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئاران %0.5 ىنى ئىگىلەيدۇ. 
لېكىن، ھازىرقى خېڭداغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، توختامغا خىلاپلىق قىلىش قەرزى قانچە ئاز بولسا ئادەمنى شۇنچە قورقۇتىدۇ. 
ئويلاپ باقايلى، 260 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىسە، خېڭدا يەنە 2 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق ئومۇمىي قەرزنى قانداق قايتۇرۇلايدۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا قائىدە بويىچە، بىر قىسىم زايوم (دوللار زايومى)غا خىلاپلىق قىلسا، باشقا نۇرغۇن زايومدا تېز نەقلەشتۈرۈش (挤兑) ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، زەنجىرسىمان تەسىر پەيدا قىلىدۇ، چەت ئەلدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خېڭدانى ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇرلاشقا ھوقۇقلۇق. 


بۇ قېتىم خېڭدا 260 مىليون دوللارلىق خۇسۇسىي قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ بەلكىم بۇ شىركەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈم ۋە قەرەلى توشقان قەرزنى نەقلەشتۈرۈشنى توختىتىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. نەچچە ئاي بەرداشلىق بەرگەندىن كېيىن، خېڭدا گۇرۇھى ئاخىرى قەرزگە ماھىيەتلىك خىلاپلىق قىلىش باسقۇچىغا كىردى. 

خېڭدا ھايات-ماماتلىق جىددىي پەيتكە كەلدى، خېڭدانىڭ خەۋپ-خەتىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خېڭدا يەر-ئۆي گۇرۇھىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، كارخانىلارنىڭ خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىچكى تىزگىنلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نورمال تىجارەتنى قوغداشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا قوشۇلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ «شۈ جيايىن خېڭدانى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلدى» دېگەن يازمىنى كۆرۈڭ.)

خېڭدانى ئەسلەيدىغان بولساق، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن چوڭقۇر ھاڭغا قەدەم قويدۇق، خېڭدانىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەينەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى ھالىتى بىلەن قانداق ئوخشاشلىققا ئىگە؟ 

مېنىڭ ئالدىدا يازغان «خېڭدا ئاخىرى ۋەيران بولارمۇ؟» دېگەن ماقالەمدە خىڭدانىڭ ئاخىرى يەنە بىر خەينەن ئاۋىياتسىيەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ يازغان ئىدىم. 


بۇلتۇر 2-ئايدا، خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىغا كىرىپ، باشلامچىلىق بىلەن «خەينەن ئۆلكىلىك خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇردى، بۇمۇ ئوخشاشلا خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. 

خىزمەت گۇرۇپپىسى بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن، خەينەن ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھى ۋەيران بولۇپ قايتا تەشكىللەنگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى. خەينەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى تەدرىجىي ھالدا قەرزدارلىقنى قايتا تەشكىللەش ۋە قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشنى باشلىدى. خەينەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قايتا تەشكىللەش لايىھەسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ سابىق باش مۇدىرى چېن فېڭ، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تەن شياڭدۇڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى. 
بۈگۈنكى كۈندە، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش باسقۇچىغا كەلگەندە، خېڭدانىڭ ئاخىرقى ۋەزىيىتى خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن بارغانسېرى يېقىنلاشتى. 
ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل خېڭدا تۇيۇقسىز كىرىزىستا قالغاندىن كېيىن، شۈ غوجايىن بۇ يىلقى ئاقىۋەتنى ئالدىن بىلىپ بولغانىدى. يېرىم يولدىن بۇيان شۈ غوجايىن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىنى قوغداشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىدى. 


شۈ خوجايىن خېڭدا بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ يىل 9-ئايدىن ھازىرغىچە، شۈ خوجايىن ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ چۈشكۈنلۈكنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرىدا ئورنىدىن تۇرالمىدى. 

ئالدى بىلەن، خېڭدانىڭ بايلىق، مالىيە باشقۇرۇش ئىشلىرى كىرىزىستا قالدى؛ 
ئۇنىڭدىن قالسا، سودىگەرلەر بېلىتى بىلەن تەمىنلەش قەرزى ئەۋج ئېلىپ كەتتى؛ 
ئارقىدىنلا مال-بىساتىنى سېتىپ، داۋاملىق خىڭداغا قان بەردى؛
ئاخىرىدا، ئامېرىكا دوللىرى قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى، خېڭدا «سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىق ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى، شۈ جيايىن تىركىشىشتىن ۋاز كېچىپ، تۈز يېتىشنى تاللىدى. 
بىر قەدەم خاتا بولسا، ھەممە قەدەم خاتا بولىدۇ. خېڭدا ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ، شۈ جيايىن ئۆزىنىڭ قارىغۇلارچە كېڭەيمىچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك ئىدى. بۇ قېتىم تۆلىگەن بەدەل بەك كۆپ بولۇپ، شۈ جيايىننىڭ قەد كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتى قالمىدى. تۆگىنى ئۆلتۈرۈپ قويغىنى ئەزەلدىن ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شال پاخىلى بولماستىن، بەلكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈزلۈكسىز يىغىلىپ قالغان جاھىل كېسەللىك بولۇپ، ئاخىرىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدۇ. خۇاتو قايتا تۆرەلگەن تەقدىردىمۇ، بيەن چۆ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، خېڭدانى قۇتقۇزالمايدۇ. 

بىراق خېڭدا ئۆلمەيدۇ، بانكا قەرزى، تەمىنلىگۈچى سودىگەر قەرزى، مەبلەغ سالغۇچى قەرزى، تېخى تاپشۇرۇلمىغان زاكاس ئۆي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە خېڭدا بىلەن شۈ جيايىن مەسئۇل بولىدۇ. 
شۈ جيايىننىڭ تۈز يېتىپ ئارام ئالغۇسى بار، لېكىن بۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس. 
مەنبە: كاپىتان خاتىرىسى سالونىدىن تەرجىمە ئاساسىدا تەييارلاندى.
-----
تەۋسىيە كىتاب: شۆ جاۋفېڭ «ئىقتىساد تەپەككۇرى»
ئەگەر مەزكۇر كىتابنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلېكىتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئوقۇڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
NepKan
竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
内容 0
粉丝 0
NepKan 竭尽为您解忧,关注我们,解您的忧!
总阅读0
粉丝0
内容0